ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

2016-يىللىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

53

يازما

901

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 352
يازما سانى:
53
تىللا:
731
تۆھپە:
39
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
14 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-14
2016-يىللىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى




بۇ يىللىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلىش 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى باشلىنىپ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ ، بۇ يىللىق  تولۇق كۇرۇس،ماگىستىر ۋە دوكتۇرا تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلىش بىرلا ۋاقىتتا بولىدۇ .بۇ يىللىق ئىلتىماس قىلىشمۇ بۇرۇنقىدەك توردا ئېلىپ بىرىلدىغان بولۇپ ،ئىلتىماس قىلىش ھەقسىز بولىدۇ( ھەرگىزمۇ باشقىلارغا پۇل تۆلەپ قىلغۇزماڭ) .
ئىلتىماس قىلغۇچىلار بۇرۇنقى ئالغان مائارىپى ۋە بۇندىن كىيىنكى ئالدىغان مائارىپىغا ماس بولغان ئوقۇش مۇكاپاتىدىن پەقەت بىرنىلا تاللاپ ئىلتىماس قىلالايدۇ .
تۈركيەدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇنىۋىرستېتلارنىڭ دەرس پىروگرامما  تىلى تۈركچە ،ئەمما بەزى ئۇنىۋىرستېتلارنىڭ دەرس پىروگرامما تىلى ئىنگىلىزچە ۋەياكى فىزانسۇزچە تىللاردا بولىدۇ . يۇقارىقى تىللاردا مائارىپ ئالماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تىللاردا ئالغان خەلقئارالىق ئىمتىھاندىكى نەتىجىلىرى بولۇشى كىرەك .چەتئەل تىللىرىدا دەرس بېرىدىغان  مەكتەپلەر ۋە پىروگراممىلارنىڭ جىقى GRE, GMAT ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش خەلىقئارالىق نەتىجىلىرىنى ئىلتىماس قىلىشنى ئالدىنقى شەرتى دەپ بىكىتىدۇ .ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا تاللىغان ئۈنىۋرىستېتلار ۋە پىروگراممىلارنىڭ شەرتلىرىگە دىققەت قىلىشى ۋە شەرتلەرگە ئاساسەن تاللىشى كىرەك .ئەگەر دەرسنى 100% ئىنگىلىزچە ئالىمەن دىگەن دوستلارنىڭ قولىدا چوقۇم خەلىقئارالىق ئىنگىلىزچە ئىمتىھانلاردا ئىرىشكەن نەتىجىسى ياكى كىنىشكىسى بولىشى لازىم .ئەگەر خەلقئارالىق نەتىجىسى بولمىسا 100% ئىنگىلىز تىلدا دەرس ئالدىغان كەسىپلەرگە تىزىملاتماسلىقىنى ئەسكەرتىمىز .
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تاللانغان ۋە تۈركچە سەۋىيە سىناش نەتىجىسى بولمىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ (ئىنگىلىزچە ۋەياكى فىرانسۇزچە دەرس بىرىدىغان مەكتەپكە تاللانغانلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)
1 يىل تۈركچە ئۈگىنىش مەجبۇريىتى بار. ئەگەر تۈركچە بىلمىسىڭىز تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىن چوقۇم 1 يىل تۈركچە ئۈگىنىشىڭىز ۋە يىل ئاخىرىدا ئالغان ئىمتىھاندىن ئۆتىشىڭىز كىرەك .


ئوقۇش مۇكاپاتتا بىرىلدىغان تەمىناتلار


1. ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتى (تۇلۇق كۇرۇس 600 لىرا ،ئاسپىرانت 850 لىرا ،دوكتۇرا 1200 لىرا )

2. ئۈنىۋىرسىتتىكى ئوقۇش ھەققى

3. 1 يىل تۈركچە ئۈگىنىش  ھەققى

4. ھەقسىز ياتاق

5. تۇنجى قتىملىق كىلىش ۋە ئەڭ ئاخىرىقى قىتىمقى كىتىش ئايىرۇپىلان بېلىتى

6.  ساغلاملىق سۇغۇرتىسى


ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى


1 . تولۇق كۇرۇسقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن



‹1› تۈركىيە سىرتىدىكى بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشى كىرەك (ھازىر ۋەياكى بۇرۇن تۇرك پۇقراسى بولغانلار ئىلتىماس قىلالمايدۇ )

‹2› ئىلتىماس قىلغان تۈردە تۈركىيەدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە تىزىملاتمىغان بولىشى كىرەك .

‹3› تولۇق  ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ۋە ياكى بۇ يىل 6-ئايدا پۈتتۈرىشى كىرەك

‹4› تولۇق كۇرۇسقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن يىشى 21 دىن كىچىك بولىشى كىرەك (1995-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈندىن كىيىن تۇغۇلغان بولىشى كىرەك)

‹5› 3 يىللىق نەتىجىسى بولىشى كىرەك (تىببىي كەسىپلەرگە ئوتتۇرچە نەتىجىسى 90% تىن يۇقىرى بولىشى ،باشقا كەسىپلەرگە 70% يىن يۇقىرى بولىشى كىرەك)

‹6› ئوقۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئاغرىقى بولماسلىقى كىرەك .



2 . ماگىستىر ۋە دوكتۇرا تۈرىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن


‹1› تۈركىيە سىرتىدىكى بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشى كىرەك (ھازىر ۋەياكى بۇرۇن تۇرك پۇقراسى بولغانلار ئىلتىماس قىلالمايدۇ ).

‹2› ئىلتىماس قىلغان تۈردە تۈركىيەدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە تىزىملاتمىغان بولىشى كىرەك .

‹3› ئەڭ ۋاقچە بولغان 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 30 كۈنىگەن قەدەر تولۇق كۇرۇس ۋە ياكى ئاسپىرانت ئوقۇشىنى پۈتتۈرىشى كىرەك.

‹4› ماگىستىر تۈرى بويىچە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن يېشى 30 دىن تۆۋەن بولىشى (1986-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈندىن كىيىن تۇغۇلغان بولىشى )، دوكتۇرا تۈرى ئۈچۈن 35 ياشتىن تۆۋەن بولىشى(1981-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كىيىن تۇغۇلغان بولىشى ) كىرەك .

‹5› مۇناسۋەتلىك نەتىجە سىستىمىسىدىكى ئوتتۇرچە نەتىجىسى 75% بولىشى كىرەك .

‹6›  ئوقۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئاغرىقى بولماسلىقى كىرەك .


ئىلتىماس قىلىشتا لازىم بولغان ماتىرىياللار


تولۇق كۇرۇسقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن

1. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋەياكى ئاخىرىقى سىنىپتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپات ۋە ياكى دىپلۇمى

2. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئالغان دەرسلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىدىغان نەتىجە قەغىزى( بۇ نەتىجىلەردە چوقۇم مەكتەپنىڭ كۈچكە ئىگە تامغىسىبولىشىكىرەك)

3. كۈچكە ئىگە كىملىك (پاسپورت ،نوپۇس دەپتىرى ،كىملىك )

4. بىر پارچە رەسىم


ماگىستىر ۋە دوكتۇرا تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ؛


1. باكلاۋۇر ياكى  ماگىستىرلىقتا  ئالغان دىپلۇم  ياكى بولمىسا ئەڭ ئاخىرىقى سىنىپتا ئوقۋاتقانلىقىنى كۆسىتىدىغان ئىسپات

2. باكلاۋۇرلۇقتىكى  ۋە ياكى ماگىستىرلىقتىكى  نەتىجە قەغىزى (ئالغان دەرسلىرى ۋە نەتىجىلرىنى كۆرسەتكەن بولىشى ۋە مەكتەپ تەرىپىدىن تامغا ئۇرۇلغان بولىشى كىرەك )

3. كۈچكە ئىگە بولغان كىملىك ئۇچۇرى (پاسپورت ،كىملىك  قاتارلىقلار )

4. رەسىم


ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى

1. ئۆزىڭىزنىڭ بىر دانە ئىلخەت ئادرىسى(email) بولىشى كىرەك (ئەگەر ئىلخەت ئادرىسىڭىز بولمىسا بىردانە ئىلخەت ئادرىسنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىڭ )

2. تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپات تورىغا كىرىسىز (ئادرىسى :www.turkiyeburslari.gov.tr )

3. توردا ئىلتىماس قىلىش بېتىنى ئاچىسىز( توربەتنىڭ ئاچسىڭىز Apply Now   ۋەياكى Başvuru دىگەن خەت بار يەرنى باسسىز )

4. ئەڭ ئاۋۋال ئەزا كىرىش رايۇندىن سىستىمىغا ئەزا بولىسىز (ئەزا بولماي تۇرۇپ سىستىمىغا كىرەلمەيسىز ، ئەزا بولغاندا چوقۇم ئۇچۇرلىرىڭىزنى توغرا كىرگۈزۈڭ )

5. ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلدىكى  مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئالدىرىماي بىر قىتىم ئوقوپ چىقىڭ .

5. سىستىمىغا ئەزا بولغاندىن كىيىن ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى توشقۇزسىز .

6. يوللاشقا تېگىشلىك ماتىرىياللارنى سىستىمىغا يوللايسىز.

7. پۈتۈن ئۇچۇرلارنى توشقۇزۇپ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن تاپشۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مەشخۇلاتنى ئاخىرلاشتۇرىسىز.(بۇ مەشخۇلاتنى چوقۇم ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ۋە ھەممە نەرسىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن قىلىڭ ،ئەگەر بالدۇر قىلۋەتسىڭىز كىيىن خاتا يېزىلىپ قالغان يەرلەر بولسا ئۈزگەرتەلمەيسىز .)

8. ئىلتىماس قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن نەتىجىلەرنىڭ چىقىشىنى ساقلايسىز.



تور بىكىتىمىز ئىلتىماس قىلىش توغۇرسىدا ئايرىم سىن دەرسلىك تەييارلايدۇ ، ئىلتىماس قىلالمىغان دوستلارنىڭ بولسا سىن دەرسلىكتىكى ئۈلگە بويىچە ئىلتىماس قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر ئىلتىماس قىلىشقا دائىر چۈشەنمىگەن ئورۇنلار، سوئاللار بولسا بۇ تىمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم سورىسىڭىز ۋە مەسلىھەت ئالسىڭىز بولىدۇ .

ئەسكەرتىش : ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس سىن دەرسلىكى ئىشلەنگەن بولۇپ ھەقلىق تارقىتىلىدۇ. ئەگەر ئىلىشنى خالايدىغانلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ . دەرسلىك باھاسى 10 يۈەن بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن.



تېزىملتىشتا دىققەت قىلدىغان ئىشلار ؛

ئامال بار تېزىملىتىدىغان چاغدا ئىسمىڭلارنى پاسپورتتىكى بىلەن ئوخشاش قىلىپ يىزىڭلار ، ئەگەر پاسپورتىڭلار يوق بولسا ئامال بار خەنزۇچە ئىسىمنىڭ پىنيىنچە يېزىلىشىنى توغرا قىلىپ يازساڭلار بولىدۇ . پاسپورت بىجەرگەن چاغدىمۇ پىنيىنچە قىلىپ يازىدۇ .买买提.玉苏普 بولسا MAIMAITI YUSUPU شەكلىدە يېزىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .چۈنكى سىلەرگە كىلدىغان قۇبۇل قىلىش چاقرىقى ،بىلەت ۋە باشقا ئۇچۇرلار سىلەرنىڭ تېزىملاتقاندا يازغان ئىسمىڭلار بويىچە كەلگەچكە ۋاقتى كەلگەندە يازغاندىكى ئىسىم بىلەن پاسپورتتىكى ئىسىم ئوخشاش بولمىسا ئۇلار بەزەن ئىشلارنى قىلىشقا ئۇنمايدۇ .ئۇ ۋاقتى كەلگەندە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپات بىردىغان ئورگانغا تىلفۇن قىلىپ ئۇچۇرىڭىزنى ئۈزگەرتىشكە توغرا قىلىدۇ ... شۇڭا بۇ ئاۋارچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن  بىشىدىلا توغرا قىلىپ مىڭىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .


ئىلتىماس قىلىش بېتى

https://tbbs.turkiyeburslari.gov.tr




تەييارلىغۇچى ئىزدەن تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-14 11:21:55 | ئايرىم كۆرۈش
قېنى ماۋۇ ياخشى پۇرسەتكەن قېرىنداشلىرىم . مەندە ئۇنداق تالانت يوقكەن .تۈرۈكچىنى ئەمدى نەچچە ئېغىزنى ئۆگەندىم .

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-14 12:45:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئىزدەن بۇرادىرىمىز ئوقۇغۇچى مۇنبىرى بولغانغا خاس ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىق بولغان تىمىلارنى يوللاپ مۇنبەرداشلىرىمىزنى خۇشال قىلىۋاتىدۇ . مەن  ئوقۇغۇچىلىرىمىز نامىدىن ئىزدەن تورىغا ۋە ئىزدەنگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن .  ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تىمىلاردىن ياخشى پايدىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-3-15 16:25:42 | ئايرىم كۆرۈش
پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس ، تىرىشقانلارغا  مەنسۈپ .
مانا پۇرسەت كەپتۇ ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بارلار  تىزىملىتىڭلار  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-3-15 19:32:03 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ خىل بەخىتتىن خېلى بەكلا يىراقكەنمەن. ئەمما تۈركىيەگە راستنىلا چىقىپ باققۇم بار.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:26 , Processed in 0.129377 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش