ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 427|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تەنتەربىيە، سەنئەت نەتىجىسى كېلەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

136

يازما

1469

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 13
يازما سانى:
136
تىللا:
1242
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2014-7-26

كۆيۈمچان ئەزا

تەنتەربىيە، سەنئەت نەتىجىسى كېلەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدۇ

ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا 2014 – يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. لايىھەدە، تەنتەربىيە، سەنئەت پەنلىرىنىڭ ئىمتىھان نومۇرى 150 قىلىپ بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەنتەربىيە ئىمتىھانى 100 نومۇر، سەنئەت ئىمتىھانى 50 نومۇرنى ئىگىلەيدۇ. بىراق، سەنئەت ئىمتىھانىنىڭ نومۇرىنى ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسىگە كىرگۈزۈش ئېنىق بېكىتىلمەي، شارائىتى يار بەرگەن جايلاردىن پائال سىناق قىلىش تەلەپ قىلىندى.
    19 – فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر تەنتەربىيە، سەنئەت پەنلىرىنىڭ ئىمتىھان نومۇرىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىگە قوشۇشنى بېكىتكەن، ئەمما سەنئەت ئىمتىھانىنىڭ نومۇرى ئومۇمىي نەتىجىگە كىرگۈزۈلمىگەن. سەنئەت ئىمتىھانىنىڭ نومۇرى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئومۇمىي نەتىجىگە رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، 2015 – يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت ساپاسىنى باھالاش ۋە باھالاش نەتىجىسىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەشتىكى پايدىلىنىش ئاساسى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئوقۇغۇچىلار سەنئەت ئىمتىھانىدا مۇزىكا ياكى گۈزەل سەنئەتتىن بىرنى تاللىسا بولىدىكەن.
    بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى(خەنزۇ تىلى)، فىزىكا، خىمىيە، تارىخ، ئىدىيە – ئەخلاق، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت پەنلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن، فىزىكا بىلەن خىمىيە، تارىخ بىلەن ئىدىيە – ئەخلاق ئىمتىھانىدا بىرلەشمە ئىمتىھان سوئالى چىقىرىلىدىكەن، تارىخ بىلەن ئىدىيە – ئەخلاق ئىمتىھانىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە ئائىت مەزمۇنلار(‹‹شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى››نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىرگۈزۈلىدىكەن

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
زۇلپەرى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2014-2-21 19:20:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىمىنى كۆرۈپ قايغۇرۇش ياكى خۇش بولۇشنى بىلمىدىم ، بۇ مىنىڭ تەقدىرىمنى بەلگىلەيدىغان ئىشلار ...
مەن ئۆتكەن يىلقىدىن پەرۋاسىز يۈرگىنىم بىلەن ئۆتكەن يىلى قەتتى قورىقمىغان ئىدىم ئىمتىھاندىن .
مانا ئەمدى سەل ئەنسىرەۋاتىمەن ، يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن كۈن ساناشلار باشلىنىدۇ .
ئاھ خۇدا ، يولۇمنى ئوچۇق قىلغايسەن .

باھا سۆز

ئوڭۇشلۇق بوپ كىتەر.........  ۋاقتى: 2014-2-21 19:23

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-2-21 19:22:35 | ئايرىم كۆرۈش
ئىشقىلىپ تەنتەربىيە قوشۇلۇپتۇ ، مىنىڭ كاللام ئىشلىمىسىمۇ خۇدايىم بۇيرىسا پۇت قولۇمنى ئىشلىتىشنى بىلىمەن .
بىراق تەنتەربىيە قوشۇلغىنى بىلەن مەكتەپلەرنىڭ نۇمۇر سىزىقىمۇ بىراقلا ئۆرلەيدۇ ھەقاچان ..

باھا سۆز

كاللىڭىزمۇ خېلى ئىشلەيدۇ سىزنىڭ ،دىمىگەن بىلەن ھى ھى ھى....  ۋاقتى: 2014-2-21 19:24
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:38 , Processed in 0.133256 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش