ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 722|ئىنكاس: 18
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئىسىم ۋە تەخەللۇسلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا






مۇھەممەتجان توختى      
(ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە يۈرچى يېزا،يۈرچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى )

ئوت يۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت 23يىل ياشاپ توققۇزيىل ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ بىراق ئۇ،‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ‹‹يىللارغا جاۋاب››،‹‹خىيالچان تىلەك››،‹‹ چىمەنگۈل ››،‹‹چىن مودەن››،‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ›› …قاتارلىق شېئر ،فىلىيەتون،ئوپىرا،دىرممىلىرى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى.ھەم ئىجادى ھاياتىدا لۇتۇن،ل.مۇتەللىپ،قاينام ئۆركىشى،سەنئەت خۇمارى قاتارلىق ئىسىم،تەخەللۇسلارنى ئىشىلىتىپ شۇدەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئۇنداقتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ئىسىم ۋە تەخەللۇسلارنى نېمە زۆرۈريەت ۋە سەۋەبلەر بىلەن ئىشلەتكەن .تۆۋەندە مەن بۇ،توغرۇلۇق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.
لۇتۇن-لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۇرۇق دۇنيا غا كۆز ئاچقاندا،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنۇڭغا ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى لۇتپۇللا ئىدى.ئەمما بۇئىسىم ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە‹‹لۇتۇن››دەپ قوللۇنىلدى.ئۇ،دەسلەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدا،كېيىنچە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەر ئارىسىدا ۋە بارا-بارا ئۇمۇملىشىپ ساۋاقداشلىرى،تەڭتۇش ئەل-ئاغاينىلىرى ھەتتا لۇتپۇللا ئارىلىشىدىغان ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىق زىيالىلارمۇ ئۇنى ئاتايدىغان خاس ئىسىمغا ئايىلىنىپ كەتتى.لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ بۇئىسىمنى بەزى شېئىر مىسرالىرى ئارىسىدا ئىشلەتكەن بولۇپ،بۇئىسىم ‹‹مىللەتچىلەرگەزەربە››دېگەن شېرىدا مۇنداق كەلگەن.
‹‹ئەي لۇتۇن!
ئۇيغۇر ئېلى باغىدا
ئۆزمىللىتىڭنى يارات،
باشقىلارغا قاراپ كۆزئالايت››
دەپ ئۆگەتمەكچى ماڭا
قارا كۈچ،قارانىيەت،
ئۆچلۈك سالماقچى كۆڭلۈمگە…
ياق!…مەن ئالدانمايمەن پەقەت…

بۇئىسىمنىڭمۇ لۇتپۇللانىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر قەلبىدە يادلىنىپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشى، تىيانشاننىڭ جەنۇپ، شىمالىغا كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن ئەلقەم ئەختەم،مۆمىن مۇھەممىدى، تۇرسۇن ئەرشىدىن… قاتارلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىز ، ‹‹لۇتۇن››ماۋزۇسىدىكى ئەسلىمە،ھېكايە،پوۋىست ، شېئىرلىرى بىلەن كەڭرى مەيدان ۋە ئىللىق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولسا.يېقىندا يەنە،ئۈرۈمچىدە،‹‹لۇتۇن خەلىق ئارا سودا چەكلىك شىركىتى›› قۇرۇلۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن‹‹لۇتۇن››ماركىلىق سائەتتىن 365نى بازارغا سالدى.بۇنىڭ بىلەن‹‹لۇتۇن››دېگەن بۇئىسىمنىڭ ماركالىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى،سىرتىغا كەڭ تارقىلىشىغا شارائىت ھازىلاپ بەردى.
ل.مۇتەللىپ-بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادى پالىيىتىدە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىسىم بۇ ئەسلىدىكى ئىسىم فامىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،لۇتپۇللا بۇ ئىسىمنى بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىدا قوللاندى ھەم بۇ ئىسىم بىلەن‹‹ يىللارغا جاۋاپ››،‹‹مۇھەببەت ھەم نەپرەت››قاتارلىق ئۆلمەس شېئىر داستانلىرىنى ئېلان قىلدى.
لۇتپۇللا ئەينى چاغدا ئوقىغان مەكتەپلەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغائاتىسىنىڭ ئەمەس، چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىدىغان بولغاچقا لۇتپۇللامۇ بۇ،تەسىر تۈپەيلى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھېزىمنى ئەمەس چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپنى فامىلە قىلىپ قوللانغان .ھەم چەتئەللەرگە ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ مۇشۇئىسىم بىلەن تۈنۈلغان.
قاينام ئۆركىشى-بۇ لۇتپۇللامۇتەللىپ ئىجادىيەتتە پىشىپ يىتىلىۋاتقان ھەم ئىجدىمائىي پالىيەتلەردە قايناق بىر باسقۇچقا كىرگەن مەزگىلىدە قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللامۇتەللىپ بۇتەخەللۇسنى 1939-يىلدىن1945-يىلغىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇلاردا ياشىغان چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتكەن.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن يېقىن دوسلاردىن بولۇپ1941-يىلى نويابىردا ئۇلار تەخەللۇس ئالماشتۇرغان.لۇتپۇللامۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىمگە‹‹ئۆتكۈر››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.ئۆتكۈر ئەپەندىم بولسا،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە‹‹قاينام››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.بىراق لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹‹قاينام››غا‹‹ئۆركىشى››نى قوشۇپ ‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى قازاقىستاندا ياشاپ ۋاپات بولغان ئەخمەتجان روزى ئۆزىنىڭ‹‹ ل.مۇتەللىپ ۋە مەن››دىگەن ئەسلىمىسىدە‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن. تەخەللۇس توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ .لۇتپۇللامۇتەللىپ روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگەتەرجىمان بولۇپ قەشقەرگە بارغاندا،قەشقەرنىڭ بىرچەت رايۇنىغا چۈشۈپتۇ شۇرايۇندا ناھايىتىمۇ تېزئاقىدىغان بىردەريابولۇپ،ئاجايىپ قايناملىرى بار ئىكەن .قاينام سۇلىرىنىڭ ئۆركەشلىرى دەرەخ بويى ئۆركەشلەپ تۇرىدىكەن.شۇ قاينامنى كۆرۈپ لۇتپۇللا ئۆزىگە‹‹قاينام ئۆركىشى››دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپتىكەن. ( كىروران ژورنىلىنىڭ2007-يىللىق3-سانى)
گەرچە لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ‹‹قاينام ئۆركىشى››تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،لىكىن بۇتەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقالغان. مەرھۇم يازغۇچى،مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى،ئىجادىي پالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىئوگىرافك رومانى ‹‹قاينام ئۆركىشى›› گەلۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەخەللۇسى بولغان قاينام ئۆركىشىنى ماۋزۇقىلغان بولۇپ جەمئيەتتە بەلگۈلىك تەسىز قوزغىدى ھەم بۇ تەخەللۇسنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقىلىشىغا ھەم قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
سەنئەت خۇمار-بۇ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلنىڭ ئاخىرىدىن1943-يىلنىڭ باشلىرىغىچە يازغان ئەدىبىيات-سەنئەتكەدائىر بەزى ئوبزور،ماقالىلىردا قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلى روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە تەرجىما بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قەشقەر سەھنىلىرىدە ئوينىلىۋاتقان، ‹‹چىمەنگۈل››دىراممىسىنى كۆرۈپ، بۇ، دىراممىنىڭ ئوينىلىش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىق،كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە‹‹چىمەنگۈل سەھنىدە››ناملىق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى يازىدۇ . بۇ،ماقالە ھەم دىرامما ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇش مەقسىتىدە‹‹ سەنئەت خومار ››دېگەن تەخەللۇس بىلەن شۇچاغدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ.كېيىن بۇ،تەكشۇرۈش ئەترىتىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، بۇ، گېزتنىڭ‹‹ ئەدەبىيات گۈلزارى››بېتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ھەم گېزىتتە ،ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ‹‹تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى››،‹‹سەنئەتكە مۇھەببەت››…قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ.بۇماقالىلارنىڭمۇ ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىماي‹‹سەنئەتخۇمار›› تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىدۇ.گەرچە ‹‹سەنئەت خۇمار›› دېگەن بۇ،تەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىدەك كىشىلەر ئارىسىدا ئۇمۇملىشىپ كېتەلمگەن بولسىمۇ ،لىكىن ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى،ئاشىقانە مۇھەببىتىنى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن بەلگۈلۈك ئىلمىي قىممەتكە ئىگەئىكەنلىگى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرياللار
1. تۇرسۇن ئەرشىدىن: ‹‹تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز››شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنەشىرياتى 1994-يىلى 10-ئايدانەشىر ى.
2.شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى:1997-يىللىق 4-سانى.
   
                                                      مەنبە:تور دۇنياسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2شۆھرەت +25 بايلىق +25 تۆھپە +25 يىغىش سەۋەبى
ئاي بەرگى + 10 + 10 + 10
مېھرىيە + 15 + 15 + 15 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-26 14:03:33 | ئايرىم كۆرۈش
ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ شائىر، دراماتورگ ۋە رەسسام بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ چۈنجى رايونى (ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى) چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كېلىپ، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرلىرىدىن «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك»، «تەسىراتىم»، «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، «يانار تاغلار» قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە «كۈرەش قىزى»، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «چىمەنگۈل»، «تاھىر-زوھرە» قاتارلىق درامىلارنى يازغان. بۇلاردىن تاشقىرى يەنە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «ئەجەل ھودۇقۇشىدا»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» دېگەن داڭلىق فېليەتونلىرى، «تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت» دېگەن ئىلمىي ماقالىلىرى بار. لۇتپۇللا يەنە «داۋانلار ئاشقاندا» دېگەن روماننى يېزىشقا باشلاپ، ئۇنىڭ 11 بابىنى يېزىپ تۈگەتكەن. ئەپسۇسكى، بۇنىڭ قوليازمىسى ھازىرغىچە تېپىلمىدى.

لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.

لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە بەش يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇپ تاماملىغان. 1936-يىلى غۇلجىدىكى رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، رۇس تىلىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماستىن، رۇس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشقان. گىمنازىيىدىكى ئوقۇش ھاياتى داۋامىدا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن. بىلىمى چوڭقۇرلاشقان.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1937 - يىلدىن باشلاپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى سېپىگە قەدەم قويدى. 1938-يىلى ئەينى ۋاقىتتا «ئىلى گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شائىر ئەنۋەر ناسىرى بىلەن تونۇشۇش لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئىجادىيەتتىن باشقا «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قىزغىن قاتنىشىپ جەمئىيەتتە تېزلا تونۇلدى.

شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرت، مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

1944-يىلى غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاب سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ، لۇتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا، گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە قامىغان، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىيلەرچە قەتلە قىلغان. كېيىن كىشىلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتىنى ئەۋرەز كارىزىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ-تاراپ ئاقسۇ شەھىرى ئاق مەسچىتىنىڭ ئارقىسىدىكى (ھازىرقى شياڭگاڭ بازىرىنىڭ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر، ئەدىب بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازادلىقى، تىنچلىقى، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت. بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1939 - يىلى كۈزدە گىمنازىيىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت مەركىزى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى - چېن تيەنچيۇ، ماۋزېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلار، ماۋدۇن (شېڭ يەنبىڭ) قاتارلىق ئىلغار يازغۇچىلار ئۈرۈمچىدە زور تەسىرگە ئىگە ئىدى. بۇ يەردىكى دارىلفۇنۇن، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يەنئەندىن كەلگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلار دەرس ئۆتەتتى. «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالاقە باغلاش جەمئىيىتى»، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئازاد رايونلاردىن كەلتۈرگەن كۆپ مىقداردىكى ئىلغار كىتاب، دەرسلىك - ئوقۇشلۇقلار، گېزىت - ژۇرناللار زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى ئىدى. گېزىت - ژۇرناللاردا، مەرىپەت مۇنبەرلىرىدە ئىلغار ئەدەبىيات - سەنئەت مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تىغ ئۇچى دەل فاشىزمغا، فېئودالىزمغا ۋە جاھالەتكە قارشى قارىتىلغانىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ مەكتەپتە غەيرىتى تولۇپ تاشقان، تىرىشچان، روھلۇق - جۇشقۇن بىر ياش سۈپىتى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا تونۇلدى. ئۇنىڭ ئىلھام بۇلىقىدىن قايناپ چىققان «قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر - جاھان»، «ئازادلىق تويى»، «باتۇر يىللار»، «جۇڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇقى»، «مۇخەممەس»، «ماي ناخشىسى»، «كەل يېڭى يىل»، «چوڭ قەھرىمان ئويغاندى» قاتارلىق ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا تارقالدى. ئۇ بۇ شېئىرلىرىنى ئۆز ئىجادىي ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ھالدا، «قاينام ئۆركىشى» تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدى. شائىر يەنە «يېتىپ بارىدۇ»، «ئازادلىق كۈرەش» قاتارلىق بىر مۇنچە ناخشا تېكىستلىرىنىمۇ يازدى. بۇ تېكىستلەر ئاھاڭغا سېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار مارشى سۈپىتىدە شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە جاراڭلىدى.

1943-يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭدا كومپارتىيىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئىنقىلابقا قارشى تەتۈر ئېقىم قوزغىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئەزالىرى، ئىنقىلابىي، ئىلغار زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تونۇلغان تالانتلىق ياش ئىنقىلابىي شائىر ل. مۇتەللىپمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىدى. ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن چەتلەشتۈرۈلدى، تىياتىرخانىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقى مەنئى قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، شۇ يىلى 9 - ئايدا «خىزمەت يۆتكەش» باھانىسى بىلەن ئاقسۇغا ھەيدەلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار كۈچلەردىن يىراقلاشتۇرماقچى، ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولغانىدى. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، ل . مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى مەزگىلى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ جۇشقۇن، ئىنقىلابىي، سەمەرىلىك يىللار بولدى. ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلاب ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش راسا كەسكىنلەشكەن بۇ يىللاردا ئۇ ئاقسۇدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى سۈرگۈن قىلىنىپ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى ۋە ئابدۇللا داۋۇت قاتارلىق ئىلغار زىيالىيلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى. ئۇ ئەنە شۇ ئىلغارلار سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بىر جەڭچى ئىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قەتئىي قوللىغان ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇرەسسەسىز كۈرەش ئېلىپ بارغانىدى. ئۇ «ئاقسۇ گېزىتى» دە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات بېتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەر سانىدا دېگۈدەك ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇردى. ئۇ 1944-يىلى يازغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شېئىرى «شائىر ھەققىدە مۇۋەششەھ» دە شائىرغا خىتاب قىلىپ ئارقىلىق خەلقنى «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» قىلىشقا چاقىرغان بولسا، 1944-يىلىنىڭ يېڭى يىلىدا ۋە 1945-يىلنىڭ باشلىرى يازغان، ئىجادىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك» شېئىرلىرىدا كۈرەش _ ھاياتنىڭ مەنبەسى، كىشىلىكنىڭ ئالىي خىسلىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى، ئازاد رايونلار ۋە ئۈچ ۋىلايەتتىن ئىبارەت «يورۇق بۇرجەكلەر» دىن خەلققە بېشارەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلق ئازادلىقى يولىدا يەڭ تۈرۈپ مەيدانغا چىققانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇ ئاقسۇدا يەنە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما تىياتىر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن قاتنىشىپ بەزى دراما، ئوپېرالارنى يازدى، سەھنە ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشتى ۋە رېژىسسورلۇق قىلدى، بەزى تىياتىرلاردا ئۆزى رول ئېلىپ چىقتى، ناخشا تېكىستلىرى يازدى، دېكوراتسىيىلەرنى ئىشلىدى. مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا خالىس تەربىيىچى بولدى، ئۇلارغا ناخشىلار ئۆگەتتى. قىسقىسى، ئۇ ئاقسۇغا كەلگەن چېغىدا ئېيتقان: «بىزنىڭ تالىشىدىغىنىمىز - مەنسەپ، شۆھرەت ئەمەس، پەقەت مەدەنىيەت _ مائارىپ» دېگەن سۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ھارماي-تالماي تىرىشتى.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ 23 يىللىق قىسقا ھايات مۇساپىسىدە پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ۋەتىنى، خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى، 14 يېشىدىلا ئەدەبىياتقا قەدەم قويغان بۇ ياش تالانت ئىگىسى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيىتىنى يۈزەكىيلىكتىن چوڭقۇرلۇققا، ئابستراكتلىقتىن كونكرېتلىققا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئىجادىيەت يولىنى ئاچتى. ئۇ بارماق ۋەزىن ۋە چاچما شېئىردىن ئىبارەت ئەركىن شەكىلنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى بولغان تىل ۋاسىتىسىنى قوللىنىش جەھەتتە يېڭىچە ئەدەبىي تىلدا يېزىشنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى ساپ، ساددا، راۋان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ، شائىر ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا بەدىئىي تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تالانت ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانىدى.

ئازادلىقتىن كېيىن خەلق ھۆكۈمىتى شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىر ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى، جۈملىدىن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1956 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شائىرنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدى؛ شۇ يىلى بېيجىڭ يازغۇچىلار نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا «مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» توپلىمىنى چىقاردى؛ 1959 - يىلى ئۇنىڭ شېئىرلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلا شېئىرلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلدى، كېيىن بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىمۇ تەرجىمە قىلىندى. 1981 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى شائىرنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» ناملىق توپلىمىنى ئۇيغۇر تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلدى؛ 1982 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى«ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ تولۇقلانغان توپلىمى» نى نەشر قىلىپ، بۇ توپلامغا شائىرنىڭ ئالتە پارچە شېئىرىنى كىرگۈزدى؛ 1983 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى - «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»نى نەشر قىلدى.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ھەقىقەتەنمۇ، 40-يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى جەھەتتىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇشقا مۇناسىپ.

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-26 14:08:26 | ئايرىم كۆرۈش
لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى ۋە بەدىئى داۋانلىرى
لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىبلوگىراپىيەسى

تولۇق ئىسىم – فامىلىسى: لۇتپۇللا ھېزىم مۇتەللىپ
ئومۇملاشقىنى:                  لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ئەركىلەتمە ئىسمى:           لوتۇن
تەخەللۇسى:                     قاينام ئۆركىشى
قىسقارتىلما ئىسمى :           ل. مۇتەللىپ
خاراكتېرى:                      چىقىشقاق، قىزغىن، ئوچۇق – يورۇق، شوخ
كىملىكى:                          شائىر، يازغۇچى، درامماتورگ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، تەرجىمان، رەسسام،      مۇزىكانت، ئورۇندىغۇچى، قابىل تەشكىلاتچى، ئىنقىلاپچى  
تۇغۇلغان ۋاقتى:               1922- يىلى 11- ئاينىڭ 16 -كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى:               قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى چونجى يېزىسىنىڭ سايبويى مەھەللىسى.
ۋەتەنگە قايتقان ۋاقتى:    1931- يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان.
دەسلەپكى تەربىيە:          قازاقىستان، ئالمۇتا ئۇيغۇر رايونى باشلانغۇچ مەكتەپ ( پۈتتۈرمىگەن )
باشلانغۇچ تەربىيە:           (؟)1931- 1935 غۇلجا شەھىرى تاتار مەكتىپى
ئوتتورا مەكتەپ  :           1935 – 1939 غۇلجا شەھىرى رۇس گىمنازىيىسى
ئالى تەربىيە:                  شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ( 1939- 1942 )
پراكتىكا خىزمىتى :         تەرجىمانلىق، 1941 – يىلى يازدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى توپوگراپىيە ھەم ئاسترونومىيە جەھەتتە تەكشۈرۈش ئۆمىگىگە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا بەلگىلەنگەن.
تۇنجى خىزمىتى:           مۇھەررىر، ل. مۇتەللىپ سوۋېت مۇتەخەسىسلىرىگە تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ قايتىشىغا شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىغا خىزمەتكە بۆلۈنگەن. ۋاقتى: 1942- يىلى 2- ئايدىن 1943 – يىلى 9- ئايغىچە.
تۆھپىسى:                    شىنجاڭ گېزىتى ئەدەبىيات بېتىنى ئىنقىلابىي ئەدەبىياتنىڭ ئوچىقىغا ئايلاندۇرغان. « ئەدەبىيات گۈلزارى » سەھىپىسىنى تەسىس قىلغان.
ئاخىرقى خىزمىتى:      مۇھەررىر، ئاقسۇ گېزىتى ئىدارىسى. ۋاقتى 1943 – يىلى 11- ئايدىن 1945 – يىلى 9- ئايغىچە.
تۆھپىسى:                  ئاقسۇ گېزىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىنقىلاۋىي گېزىتكە ئايلاندۇرغان، « جەنۇپ شامىلى » بېتىنى تەسىس قىلغان.
ۋاپاتى:                   1945 – يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى
شەرەپلىرى:             ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلاۋىي قۇربان



ل. مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى ئۇ رەسمىي ئەسەر ئېلان قىلغان 1937- يىلىدىن باشلىنىدۇ. 1937- يىلى تۇنجى ئەسىرىدىن ئۇنىڭ ۋاپاتىغىچە بولغان ۋاقىتنى ھىساپلىساق ئۇنىڭ ئارانلا 8 يىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ 8 يىل ۋەتىنىمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان 8 يىلدۇر. شۇڭا لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاھاڭىنىڭ جاھانگېرلىككە قارشى كۈرەشنىڭ تېمىسى ۋە روھى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.


ل. مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلدى. مەۋجۇت رىئاللىقتىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى، تەقدىرى، ئارزۇ – ئارمانلىرى ياش شائىرنىڭ ئىجادىيەت سوبېكتىنىڭ يېتىلىشى ۋە تاۋلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيىتىدە مىللىي تۇرمۇش ۋە مىللەت ئىستەكلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە چېنىقتۇرىشىنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى تېما ۋە مەزمۇن دەل ئۆز خەلقىنىڭ رىئاللىقى ۋە كۈرەشلىرىدىن كېلىدۇ.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇب ۋە بەدىئى گۈزەللىكلىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىنكى، كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنى سېترولۇق قاتلاملىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ تاتار باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر – چېچەنلىكى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، بولۇپمۇ تىل – ئەدەبىيات جەھەتتىكى تالانتى باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تاتار ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى لۇتپۇللانىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىجادىيىتىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدىكى ئەمگەك – تەبىئەتكە باغلانغان كىشىلىك قىممەت قارىشى، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ يارقىن دېتاللىرىدىن جەمىيەتنى ھەجۋى قىلىش ئۇسلۇبى ئابدۇللا توقاي قاتارلىق تاتار ئەدىپلىرىنىڭ تەسىرىدىن كەلمىگەن دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1936- يىلى تاتار مەكتىپىنى تۈگىتىپ رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا كىردى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەكتەپلىرىگە تەقلىد قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى، لېنىن، سىتالىن ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلاتتى. خەلقارا ئېقىم مەسىلىلىرى پورۇلتارىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ شەرھىلىنەتتى. ئەدەبىياتتا رۇس يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەر تونۇشتۇرۇلاتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ۋاقىتتا پوشكىن، لېرمونتوۋ، ماياكوۋېسكى، چىخوۋ، گوركىي قاتارلىقلىقلارنىڭ رۇسچە يېزىلغان ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى ۋە بىۋاستە ئوقۇپ چىقتى.

بۇ مەزگىلدە لۇتپۇللا ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى رەسمىي باشلىغان بولۇپ، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە مەرۇپ سەئىدى، خېلىل ساتتارى، ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىقلاردىن شېئىرىيەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۈگىنىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئەنۋەر ناسىرىنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. شۇڭا لۇتپۇللا « مېنىڭ شېئىرلىرىم ئۇنىڭ ( ئەنۋەر ناسىرى ) شېئىرلىرىغا باغلانغان قويۇق مۇھەببەت ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن » دىگەن ئىدى. بۇ يەردە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىكى تېماتىك ئىدىيە ۋە ئۇسلۇب ۋەزنىنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشمۇ لۇتپۇللا شېئىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتىكى ۋاستىلىق بىر يولدۇر.

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جوڭگو خەنزۇ ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىشى ئۇنىڭ گىمنازىيە دەۋرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇ رۇس گىمنازىزىيىسىدە رۇس كىلاسسكلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە لۇشۇن، ماۋدۇن، تىئەن جيەن قاتارلىقلارنىڭ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى، بۇ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىيىۋىي مەزمۇن ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى لۇتپۇللا مۇتەللىپكە زور تەسىر كۆرسەتتى. 1939- يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە كەلگەندىن كېيىن تارىخىي رىئاللىق ۋە جوڭگو ئىنقىلاۋىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ۋەزىپىسىنى چۈشىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ چاغلاردا مەكتەپلەردە سىياسىي، ئىدىيىۋىي، نەزەرىيىۋىي خىزمەتلەرنى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆتەيتتى. يازغۇچى ماۋدۇن، سەنئەتكار جاۋدەن قاتارلىقلار مەدەنىيەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياپون جاھانگىرلىگىگە قارشى ئەدەبىيات – سەنئەتنى، ماركىسىزىم – لېنىنىزىملىق ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلاتتى. ئەمەلىيەت جەھەتتە كوچا تىياتىرلىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي تەربىيىلىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ لۇشۇننىڭ بوينىغا شارپا ئوراپ، قولىغا كىتاپ تۇتۇپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ تۇرغان پورتىرىتىنى سىزغانلىقى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىدىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە مىسال بولسا كېرەك.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىدە كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىنى كۆرۈش مۈمكىن. لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ مەنە جەھەتتە ئوچۇق، كەسكىن، بەدىئىلىك جەھەتتە گۈزەل نەپىس بولغان ئۇسلۇبى شائىرنىڭ 1940- يىلىدىن كېيىنكى شېئىرلىرىدا تۇراقلىشىشقا باشلىدى. ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتنىڭ ۋەزىن ۋە ئۇسلۇبى، تېما ۋە مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلغان، ئاۋانگارت بولغان شائىر بۇ مەزگىلدىن باشلاپ شېئىرلىرىنىڭ شەكلىدە مىللىلىككە قايتىش، مەزمۇندا ئۆزلۈكنى قېزىشنى ئادا قىلدى.


ل. مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكلىرى

لۇتۇن دەۋرى: 1937- يىلىدىن 1939 – يىلىغىچە. قىسقا- قىسقا، ئەمگەك ۋە تەبىئەتنى مەزمۇن قىلغان لىرىك شېئىرلارنى يازدى. تېماتىك ئىدىيىسى ھەقىقەتنى، دېموكىراتىيەنى ئىزدەش، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى مەدھىيىلەش، مىللەتچىلىكنى تەنقىد قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۇرغۇتۇپ، ياپون جاھانگېرلىككە قارشى تۇرۇش. ئۇسلۇبى: ئوچۇق – يورۇق، ئاددىي- ساددا،قىزغىن، ئويناق، تەبىئىى، راۋان. بۇ دەۋردىكى شېئىرلىرى  ئويناق، تەبىئى، راۋان، ھەم رومانتىزىملىق پۇراققا باي بولۇپ، شائىرنىڭ چاپچىپ تۇرغان ئوتلۇق، جۇشقۇن ھىسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلىدى.  مەسىلەن: « كۆكلەم ئىشقى »، « كۈرەش ئىلھامى »، « جوڭگو »، « ئەپەندى بولماق »، « چوڭ كۈرەش قوينىدا »، « ئىشلە دىخان ئاكا ».

قاينام ئۆركىشى دەۋرى: 1939- يىلىدىن 1943- يىلىغىچە. بۇ دەۋردە قىسقا سىياسىي لىرىكىلارنى يېزىپلا قالماي، داستان، نەسىر، درامما، فېليەتون، ئەدەبىيات – سەنئەت نەزىرىيىسىگە ئائىت بىرمۇنچە ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. بۇ دەۋردە شائىر شېئىرلىرىغا سىياسىي كۈرەش ئېڭى تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى. ئۇنىڭ سىياسىي لىرىكىلىرى جۇشقۇن، ئېنىق ۋە كەسكىن بولۇپ، دەسلەپكى شېئىرلىرىدىكى رومانتىك ئوبرازچانلىقنىڭ ئورنىنى ئاستا- ئاستا ئوتلۇق ۋە قان – ياشلىق ئىجتىمائىي مۇھىت كارتىنىلىرى ئىگەللىدى. مەسىلەن: « قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر – جاھان »، « جوڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇغى »،« مۇخەممەس »، « يانار تاغلار »، « ياشلىق ئۈگەن ».

ئۆزلۈك دەۋرى: بۇ 1943 – يىلى كۈزدىن 1945 – يىلى كۈزگىچە. شائىرنىڭ ۋەتەنپەرلىك تۇيغۇسى كۈچىيىش بىلەن بىرگە ئىجادىيەتتە ساددا قىزغىنلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي، پىشقان سەنئەتكارغا خاس تەمكىن، ئېغىر – بېسىقلىق شەكىللەندى. ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتە مەنە جەھەتتىن ئوچۇقلۇق، كەسكىنلىك، چوڭقۇرلۇق، بەدىئىلىك جەھەتتىن نەپىس، گۈزەللىككە قاراپ تەرەققى قىلدى. شائىرنىڭ بۇ چاغدىكى شېئىرلىرىدا لىرىك تۇيغۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، شائىر شېئىرلىردىكى لىرىك قەھرىمان دەۋرنىڭ تاشقى كۈرەش چاقىرىقلىرىغا قىزغىن ئىشتىراك قىلغۇچىدىن، دەۋر روھىنى لىرىك مەننىڭ چىن ھىسسىياتى ۋە ئېستېتىك ئىگەللىشىدىن ئىبارەت ئىجادىيەت مۇساپىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىدى. مەسىلەن: « يىللارغا جاۋاپ »، « تەسىراتىم »، « خىياچان تىلەك ».

مەنبە: نوھ تور خاتىرىسى

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-26 14:09:38 | ئايرىم كۆرۈش
قارا تۈندىكى چاقماق- لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا

غالىب بارات ئەرك


لۇتپۇللا مۇتەللىپ 20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدا چاقماق كەبىي چاقناپ قارا تۈننى يورۇتقان ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر ، ئۇ ئاران 23 يىللار ياشىغان بولسىمۇ ، تەبىئىي تالانتى بىلەن كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى (شېئىر ، دىراما، فىليەتون ...) خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيەسىگە ئائىت ماقالىلىرى ، سىزغان رەسىملىرى ۋە ئوپېرالاردىكى رول ئېلىش سەنئىتى تېخى تەتقىق قىلىنمىغان بولسىمۇ ، ئىجادىي ئەمگەكلىرى خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم يەنى 1980 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا دەرسلىك كىتابتىكى «ياشلىق ئۆگەن» ، «يىللارغا جاۋاب»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇشقان ئىدىم . مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلىشىپ ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىدا بارلىققا كەلگەن بۇ دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن يۇقارقى ئەسەرلەردىن چاقناپ تۇرغان ئىدىيە ، جەڭگىۋارلىق مېنى تولىمۇ جەلب قىلغان ئىدى. دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان مەندەك سەھرا بالىسى ئۆتمۈش ، كونا جەمئىيەت توغرىسىدا خەۋەرسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن ، خىيالى دۇنيانى رېئاللىق ئورنىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىدىم. 1983 – يىلى مەرھۇم ئابدۇللا تالىپ يازغان  بىيوگىراپىك رومان «قاينام ئۆركىشى»نى ئوقۇتقۇچى تاغامدىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ ، ئۆتمۈش تارىخىمىز توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىپ رېئاللىققا يۈزلەنگەن ئىدىم . مانا شۇندىن بېرى ل. مۇتەللىپ قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يىغىپ ئۇنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشماقتىمەن.
ل . مۇتەللىپ توغرىسىدا ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەتلەر خېلى كۆپ بولدى. قازاقىستاندا گ . ئاۋۇتۇۋا خانىمنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجتىمائىي مىراسى» تېمىدا دوكتۇر نامزاتى دېسىرتاتسىيەسىنى ياقلىغانلىقى مەلۇم. ئېلىمىزدىن تۇرسۇن ئەرشىدىن ل . مۇتەللىپ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى ھەمدە «لوتۇن»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» ، «تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «ل . مۇتەللىپ» دېگەنگە ئوخشاش 8 – 9 كىتابىنى جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلدى . مۆمىن مۇھەممىدى يازغان «شاۋقۇن»  (رومان) ، ژۇرنالىست ئەيسا يۈسۈپ يازغان «ئاقسۇدا 1945- يىل» (تارىخىي قىسسە) قاتارلىق كىتابلارمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە ئاتالغان. قازاقىستانلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەدىب خىزمەت ئابدۇللىن يازغان «لۇتپۇللا» ناملىق دىرامىسى سەھنىلەردە ئوينالغان. ئېلىمىزدە يەنە ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» نامىدا فىلىم ئىشلەنگىنلىكى توغرىلىق ئۇچۇرلار بار . رايونىمىزدا ئۇنىڭغا ئاتالغان ناخشا – قوشاقلارمۇ ئېيتىلىپ كەلمەكتە . ل. مۇتەللىپ ئەسەرلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن توپلام قىلىنىپ ئېلىمىز ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، ئۆزبېك ، رۇس تىللىرىدا نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . ئۇ ئىجادىيەتلىرى بىلەن، ش ئۇ ئا ر دا تۈزۈلگەن ئەدەبىيات تارىخلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالدى ھەمدە ئۇنىڭغا «1930- ۋە 1940 – يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىللىرىدىن بىرى»  

، دەپ باھا بېرىلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن،  يېڭى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، 1956 – يىلى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى رەئىس ماۋزېدوڭ ئىمزا قويغان (شىنجاڭ 2 – نومۇرلۇق) «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بېرىلگەن شەرەپنامە» بېرىلگەن. «ئىنقىلابىي كۈرەشتە شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان»   . ل . مۇتەللىپ توغرىلىق خېلى كۆپ ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ ، تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىدىن باشقىلىرى  ئاساسەن ئەدەبىي ئەسەرلەر بولدى. تۇرسۇن ئەرشىدىن كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتىنى ناھايىتى تەپسىلىي يورۇتۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە ئاپىرىن ئيتىمىز. مۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ چاۋشىڭ رەقەملىك كۇتۇپخانىسى (超星数字图书馆) دە مۇشتەرىيلەرنىڭ كۆرۈشىگە قويۇلغان، ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئارخىبلىرىدىن 1957 – يىلى 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تەرجىمە قىلىنغان بىر خەنزۇچە قوليازما ماتېرىيالنى كۆرۈپ ، ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىشلاردا بولدۇم. بۇ ماتېرىيالنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈشلەر ھەمدە گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىدىن قالغان ئارخىبلار ئاساسىدا يېزىلغانلىقىدا شۈبھە يوق. مانا ، ئىنقىلابىي شائىرنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 65 يىل ، مۇشۇ مەنبە قوليازمىنىڭ ھازىرلارنىغىنىغىمۇ 53 يىل بوپتۇ.   «دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق» دەيدۇ دانالار. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە يىلىنى يۇقارقى ئىشەنچىلىك يازما ئاساسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى بۇرچ دەپ قارىدىم.
ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان ل . مۇتەللىپنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقانلىقتىن، ئاقسۇدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» شۆبىسىگە باش مۇھەررىر دېگەن نامدا سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ ۋاقىت قانخور جاللاد شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئىلغارلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە ساداقەت بىلدۈرگەن ۋاقىت ئىدى. 1942 – يىلى 8 – ئايدا جياڭ جېشىنىڭ خانىمى سوڭ مېيلىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كەلگەن جۇ شاۋلياڭ ، ۋۇ جوڭشىنلار بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەلتۆكۈس ئۈزدى. شىنجاڭدا ئىشلەۋاتقان سوۋېت مۇتىخەسىسلىرىنى ۋە قۇمۇلنى ساقلاۋاتقان قىزىل 8 – پولكنى شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەسلىدە ئۆزىنى كومۇنىزىمچى دەپ نىقابلاپ كەلگەن شېڭ شىسەي سوۋېت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن ، گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى ، گەرچە شېڭ شىسەينىڭ داۋاملىق مىللىتارىسلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش نىيىتىدە بولسىمۇ ، گومىنداڭنىڭ جيۇچۇەندە تۇرۇشلۇق 19 – گۇرۇپپۇۋاي ئارمىيەسىنىڭ قۇمۇلغا كىرىشى بىلەن بۇنداق ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم قالدى. 1943- يىلى 1- ئاينىڭ 16 – كۈنى گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىرقىسى قايتىدىن رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، شائىر نىمشېھىت يازغاندەك ، ھەر بىر كىشىنى 8 – 10 دىن ئىشپىيون ماراقلايدىغان، ئىشپىيونلارنىڭ ھەتتا دىلىڭىزدىكىنىمۇ يازالايدىغان   دەرىجىگە يەتكەن ، ھەممە يەرنى ئاق تېرورلۇق قاپلىغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان شائىر ، پائالىيەتچان ياش ل . مۇتەللىپنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ ئاقسۇغا نامدا خىزمىتى يۆتكەلگەن، ئەمەلىيەتتە پالانغان. ئۇ كېچىككەندىمۇ 1943 – يىلى 11- ئايدا ئاقسۇغا يېتىپ بېرىپ ئىشقا چۈشكەن، بۇنى ئۇنىڭ شۇ يىلى 11 – ئايدا ئاقسۇدا يازغان «ھەسەن – ھۈسەن» دېگەن شېئىرى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇدا گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ كۈچى ئاشقان ، ئۇلار ھەر قايسى ئىدارە – جەمئىيەت ۋە يېزا قىشلاقلارغىچە گومىنداڭ پىرقىسىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئىپىيونلۇق تورىنى يايماقتا ئىدى. ئىدارە – جەمئىيەتلەردىكى ماركىسىزىمغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى يىغىۋېلىش بىلەن بىرگە ، «كومۇنىزىم دىننىڭ دۈشمىنى» دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنى تارقىتىپ، مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن كومۇنىستىك ئاڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچقان ئىدى. گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئىشپىيون – جاسۇسلىرىنى 4 - 5 ھەسسە كۆپەيتىپ ، چوڭراق ناھىيەلەردە 500دىن ، كىچىكرەك ناھىيەلەردە 300 دىن ئاشۇرۇۋەتكەن. مەكتەپلەردىكى سوۋېتتا بېسىلغان دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلەش بىلەن بىرگە ئىلغار پىكىرلىك ياشلار ۋە سودىگەرلەرنى تۇتۇش، قاماشنى جىددىيلەشتۈرۈىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى، شۇ ۋاقىتتا گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى چىققانلاردىن ئاقسۇدا يۈسۈپجان توختى ھاشىموف، تەۋەككۇل يۈسۈپ ، ھەسەنوف، ھامۇتقارى، مەمتىمىنجان؛ تۆمۈر ئوچاق ياسايدىغان يۈسۈپجان، تىككۈچى سادىق ئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ناھايىتى مۇھىم پاكىتلاردۇر. تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ قايتقان ، بەزىلىرى سوۋېتقا سودا ئىشلىرى بىلەن چىقىپ قايتقانلار ئىدى. يەنە سوۋېت بىلەن سودا ئالاقىسى بار  سادىق ھاجى ،   ئۇچتۇرپانلىق مەمتىلى ، تۇراخۇن خەلىپەت ، ئىبراھىم   سەلىمجان (قىرغىز) ، ئۇندىن باشقا سوۋېتتىن كەلگەن ئىمىن روزىيۇف ، ئابدۇللا قاتارلىقلارمۇ تۇتۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەت سادىق ھاجى ، تومۈر ئوچاق ياسايدىغان يۈسۈپجان، توختى ھاشىموف، ھامۇتقارى، مەمتىمىنجانلاردىن باشقىلىرى 1945 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن .
مەن كۆرگەن يۇقارقى يازما مەنبەدە 1943- يىلى 6 – ئايدا ل. مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى گېزىتخانىغا باش مۇھەررىرلىك (تۇرسۇن ئەرشىدىن ياردەمچى مۇھەررىرلىك ، دەپ يازغان) خىزمىتىگە ئىبەرتىلگەن ، دېيىلگەن. شائىر ئەرمىيا ئېلىنىڭ 1970 – يىلى 7- ئاينىڭ 7 – كۈنى يازغان «مەن ئەرمىيانىڭ تەرجىمىھالى»دا يېزىلىشىچە ، 1942 – يىلى 5 – ئايدا ئاقسۇ «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرى تۇرسۇن ياسىننى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىپ ، بۇ گېزىتخانىدە ئۆزى يالغۇز قالغان. «1943 – يىلى 9 – ئايلاردا ئۈرۈمچىدىن ل . مۇتەللىپنى تۇرسۇن ياسىننىڭ ئورنىغا تەھرىر قىلىپ ئەۋەتتى. 1945 – يىلى 3 – ئايغىچە ل . مۇتەللىپ بىلەن بىرگە ئىشلىدۇق»   . مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ل . مۇتەللىپ ئاقسۇغا 1943 – يىلى 9 – ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 10 – ئاينىڭ باشلىرىدا يېتىپ بېرىپ خىزمەتكە چۈشكەن بولسا كېرەك . ئۇ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا كەلگىچە بولغان يولدا جاي ناملىرى ۋە ئىجتىمائىي  تۇرمۇشنى ئۆگەنگەن ھەمدە سەپەر ھاسىلاتلىرىدىن «يۇلغۇنلۇقتا» ناملىق ھىكايىسىنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ ئاقسۇدا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن «ئاقسۇ گېزىتى»دە «جەنۇب شامىلى» ناملىق بەتنى تەسىس قىلىپ ، ئاپتورلارنى ئويۇشتۇرۇپ ، گېزىتنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق» قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەسەرىلىرىدىن بىر قىسمىنى شۇ بەتتە ئېلان قىلىنغان. ل . مۇتەللىپ ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ، ئىجادىيەتچىلەرنى ئۇيۇشۇتۇرۇش ھەم يېتەكلەش جەھەتتىن خېلى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ قالماستىن ، سانايى نەفىس ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ «غېرىب – سەنەم» ، «تاھىر – زۆھرە» ... قاتارلىق ئوپېرا – دىرامىلارنى سەھنىلەشتۈرگەن ۋە رېژىسسور، دېكراتسىيە ئىشلىگۈچى ، رول ئالغۇچى بولغان. ياشلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ «غېرىب – سەنەم» ئوپېراسىنى ئاقسۇ ۋە ئونسۇ  سەھنىلىرىدە كۆپ قېتىم ئوينالغان ، ئۆزى يەنە غېرىبنىڭ رولىنى ئالغان . سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقيىتى ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، زىيالىلار ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ئۆسۈشى ساقچى ئىدارىسىنىڭ نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولغان. ئەمەلىيەتتە ، ل . مۇتەللىپ ئاقسۇغا يۆتكەلگەندە، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى تارماقلىرى ئۇ توغرىسىدا توپلىغان نۇرغۇن ماتېرىياللىرىنى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىغا يوللىغان بولغاچقا، ئىزچىل نازارەت قىلىپ كېلىنگەنىدى. ل . مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت ، ئىش – پائالىيەتلىرىگە بولغان نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسى نازارەتچىلەرنى كۆپەيتكەن ، كۆپەيتىلگەنلەر ئىچىدە ئاقسۇ گېزىتخانىسىدىن x (ئۇنىڭ شۇ تارىخىي شارائىتتا قانداق سەۋەب بىلەن ساقچىلارغا مەلۇمات يوللىغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ ، شۇڭا ئۇ كىشىنىڭ نام شەرىپىنى تىلغا ئېلىشنى لايىق كۆرمىدۇق ، گەرچە ئۇنىڭ قىلمىشى ل . مۇتەللىپ ئۆلىمىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولغان دېمىسەكمۇ، بۇ بۇ ئىشلىرى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى قاراداغ بولۇپ قالدى) ، ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسىدىن كەلپىنلىك ئىمىن نىياز ، گېزىتخانىدىن يەنە يۈسۈپ قارى بار بولۇپ، يۈسۈپ قارىدىن باشقىلار كۆز – قۇلاق بولۇپ مەلۇمات يوللاپ تۇرغان. يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە كۇچارلىق ئابلىمىت بۇرۇن دائىملا ل . مۇتەللىپنىڭ ئارقىسىدىن پايلىغان. ئاياللارنىڭ ئىچىدىن مەسۇمبەگنىڭ خوتۇنى (ل . مۇتەللىپ تۇرغان ئۆينىڭ ئېگىسى) مەرىخان ، ل . مۇتەللىپنىڭ خوتۇنى سوپىيە بايىزلار ئۇنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، دائىم ساقچى ئىدارىسىگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان. X نىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەخپىي نامى ”ئەپەندى “ ، ئىمىن نىيازنىڭ بولسا ” تېلىگىرامما“ ئىدى. يۈسۈپ قارى ماتېرىيال يوللىمىغانلىقتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ھەمدە ل . مۇتەللىپلەر بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن. دارىلمۇئەللىمىننىڭ 24 – سىنىپىدا ل . مۇتەللىپ بىلەن بىرگە ئوقۇغان ، كېيىن ئاقسۇ ساقچى ئىدارەسىدە ئىشلىگەن ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئەسلىشىچە ، شۇ چاغدا گېزىتخانىدە ”ئەپەندى“، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىدا ”كاڭجيەن “ (ياسىن ئەزىز) ، جەمئىيەتتە ”گاڭبى “  (ھېكىم نۇر) قاتارلىقلار ل . مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىشتىن بۇرۇن ، ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى ئىبەرتكەن «ل . مۇتەللىپنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئايرىم دېلوسى»غا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ○1. ئېيتماق ھاجەتكى ، تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندىنىڭ سوپىيە بايىز ۋە باشقىلاردىن ئىگەللىشىچە، ئۇلار توي قىلىپ «ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيسوفىيە ساقچى باشلىقى مېڭ دوڭچاۋ تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تېرگاۋ قىلىندى. بۇ ئىش ل . مۇتەللىپتىن يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. چۈنكى دەل ئەنە شۇ چاغلاردا گومىنداڭ ساقچى رازۋېدچىكلىرىنىڭ ل . مۇتەللىپ ئۈستىدىكى نازارىتى كۈچەيتىلگەنىدى .سوفىيە ساقچى باشلىقىدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنۇچلۇق ھەم دەھشەتلىك كىشىنىڭ تەھدىتى ، ئالداپ ئازدۇرۇشلىرىدىن تولىمۇ يۈرەكزادە بولدى . ئۇنىڭ ل . مۇتەللىپ ئۈستىدىن مەلۇمات بېرىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋە بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ ، يۈرىكى ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى  ○2. ل . مۇتەللىپ بىلەن توي قىلغاندا سوفىيە بايىز ئاران 16 ياشتا بولۇپ ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەھدىت ۋە بېسىمى ئاستىدا ل . مۇتەللىپ توغرىسىدا ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللىغان. ل . مۇتەللىپ بىلەن سوفىيە بايىزنىڭ تويى ئەرمىيا ئېلىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ، ل . مۇتەللىپكە ئۇيغۇر ئويۇشمىنىڭ باشلىقى قادىر ۋاڭ ، سوفىيە بايىزغا ئەرمىيا ئېلى ئاتا بولغان ، بۇ تويمۇ ساقچى ئىدارەسىنىڭ سۈيقەستلىرى (ئۇنى كېچە كۈندۈز نازارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن) سىڭگەن ھالدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. ل . مۇتەللىپ بىلەن سوفىيە بايىزنىڭ تويىنىڭ ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ساقچى ئىدارەسىدە ئىشلىگەن ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئەسلىشى بويىچە ئالغاندا، ل . مۇتەللىپنىڭ ھەر بىر ئىش – ھەرىكىتى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدىن ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىگە يوللىنىپ تۇرغان ، ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىدىن سىلەر پەقەت كۈندۈزدىكى ئىش ھەرىكىتىنىلا نازارەت قىلىپسىلەر ، ئۇنىڭ كېچىدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر ، شۇڭا كېچىسىمۇ نازارەت قىلىڭلار دېگەن يوليۇرۇقىغا ئاساسەن ئاقسۇ قىزلار پىداگوگىكا مەكتىپىدىن سوفىيە بايىزنى نامزاتلىققا تاللىغان. سوفىيە بايىز شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن بايىز تۇردىنىڭ قىزى بولۇپ ، ھېكىم نۇر تونۇشتۇرغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە لۇتپۇللانى كۆپ قېتىم توي قىلىشقا دەۋەت قىلغان . ل . مۇتەللىپ توي قىلغۇدەك پۇلى يوقلىقىنى ئېيتسا ، ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىپ ، پۇل ئېلىپ كېلىپ تويۇڭغا ياردىمىم دەپ بەرگەن   ○3 . ئومۇمەن ئالغاندا ، ل . مۇتەللىپ سوفىيە بايىز بىلەن توي قىلغاندىن باشلاپ كېچە – كۈندۈز ئىدارە ، تالا – تۈز ۋە ئۆيىدە نازارەت قىلىنىپ تۇرغان.
ل . مۇتەللىپ ھەققىدىكى ماتېرىيال بىۋاسىتە گومىنداڭ  ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە بۆلۈم باشلىقىغا يوللىنىپ تۇرغان. ل . مۇتەللىپنىڭ خوتۇنى سوپىيە بايىز بىۋاسىتە ساقچى باشلىقى مېڭ دوڭچياۋغا يەتكۈزگەن ۋە بىۋاسىتە ئۇنىڭدىن كۆرسەتمە ئالغان ، گاۋ فۇتوڭ تەرجىمانلىق قىلغان. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسى ل . مۇتەللىپنى 1944- يىلى 5 – ئايدا تۇنجى قېتىم تۇتۇپ ھەپتە قامىغاندىن كېيىن قويۇۋەتكەن.
ل . مۇتەللىپلەر «غېرىب – سەنەم» ئوپېراسىنى سەھنىلەشتۈرگەندىن كېيىن كەڭ ئاۋامنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ، شۇڭا كۇچار قاتارلىق ناھىيەلەرگە بېرىپ قويماقچى بولغان ، غېرىبنىڭ رولىنى ئالغان  ل . مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇش پۇرسىتىدە قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن  ساقچى ئىدارىسى، گېزىتخانەنىڭ خىزمىتى ئالدىراش دېگەننى باھانە قىلىپ ناھىيەلەرگە بېرىشىغا يول قويمىغان، كېيىن ئۇنى ساقچى ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەنجى لېيىتنات (شاۋۋېي) دەرىجىلىك مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن ۋە ساقچى فورمىسى بەرگەن. ل . مۇتەللىپنىڭ قانداقلارچە ساقچى ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالغانلىقى توغرىلىق ئىمىن ئاقۇپ ئەسلەپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ دوڭچاۋنىڭ خەنزۇلار مۇھىتىدىن ئېلىنغان بىر ئۇزۇن ھېكايىنى سۆزلەپ دەرھال ھەپتە ئىچىدە سەھنە ئەسىرى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغانلىقى (نەق مەيداندا پىچانلىق ئىمىن ئاقۇپ ، تۇرپانلىق مۇھەممەد ئەرشىدىن ، قەشقەرلىك قاسىم ۋە تەرجىمان زۇنۇن قاتارلىقلار بار)، ئۇنىڭ ئەتىسى يۇقارقى ھېكايىنى «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دېگەن تېمىدا سەھنە ئەسىرى قىلىپ يېزىپ كەلگەنلىكى ، مېڭ دوڭچاۋنىڭ مەمنۇن بولغانلىقى ، ئۇندىن كېيىن ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ «ل . مۇتەللىپ  8 يىللىق قاماققا ئېلىنسۇن» دېگەن بۇيرۇقىنى كۆرسىتىپ ، ئەگەر ساقچى ئىدارەسىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىگە يېتەكچىلىك قىلسا قاماققا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۇنى ماقۇل كەلتۈرگەن  .  ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ دوڭچياۋ ئۆز ئېغىزى بىلەن ل . مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە ئويۇن قويغىلى بېرىشتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتقان. زومىڭ (زۇنۇن) ۋە دوڭ گۇاڭكەيلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ ساقچى ئىدارىسىدە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىسى بېرىلگەن بولسىمۇ، بۆلۈمگە بېرىپ ئىشلىشىگە يول قويۇلمىغان. ل . مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە بېرىپ ئوپېرا قويۇشىغا يول قويۇلمىغان ، لېكىن  ساقچىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىگە قويۇپ، ئەتراپىغا جاسۇسلانى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ماتېرىيال توپلىغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتالمىش ئارتىسلار جاسۇس بولۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ، شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىشقا ، ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىشىپ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ زىيادە نازارەت قىلىپ تۇرغان . ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئارتىس نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جاسۇسلاردىن بەزىلىرى ھەتتا ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشقا يەنى مۇھەببەتلىشىشكە ئورۇنغان ، دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق ئېتىپ يېيىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئازدۇرۇشقا ئورۇنغان، لېكىن ل . مۇتەللىپ ئۇلارغا نورمال مۇئامىلە قىلىپ تاپتىن چىقىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان. كېيىن ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ زىناخورلۇق ياكى تاپتىن چىققان ئىشلىرىنىڭ بار يوقلىقىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ناشايان قىلمىشى بايقالمىغان. ل . مۇتەللىپنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇ ھەقتە ماتېرىيال يىغقان ئارتىس خوتۇن – قىزلاردىن خەرنىسا (ئېردېشىڭ)، زورەم (سۇزوپېي)، زۆھرە (زولىجەن)، خەيىرنىسا (خەيلىشىڭ) ، ھاۋاخان، ئايشەم، دۆۋلەتخان ، ئايتۇرسۇن ، گۈلسۈم ، روزىخان قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشلىرى ل . مۇتەللىپنىڭ روھىيىتىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكتىن ، بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ رېپىتسىيە ئىشلىرىغا كۆپ قاتناشمىغان ، ئىككى يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ  ئۇيان – بۇيان مېڭىپ يۈرگەن ، بەزىدە مۆيدىن جۈجاڭ دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ساز چالغان.
1944 – يىلى 10 – ئايدا «تاھىر – زۆھرە» ئوپېراسىنى رېپىتىس قىلىشقا باشلىغان، 11- ئايدا بىر تەرەپتىن رېپتىس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېكراتسىيەسىنى سىزغان. بۇ ئوپېرا 12- ئايدا سەھنىدە ئوينالغان ، ل . مۇتەللىپ تاھىرنىڭ رولىنى ئالغان. دىرامىنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقتىن ئاۋات ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىگىمۇ بېرىپ ئورۇنلانغان.
ل . مۇتەللىپ قاتارلىقلار  گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاشقان زۇلمىنى ئاغدۇرۇپ خەلقنى پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرۇش ، جۇڭگو دېمكىراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا يېقىندىن ماسلىشىپ ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ، 1945 – يىلى 4 – ئايدا دوستلىرى بىلەن «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» دېگەن تەشكىلاتنى قۇرغان. مۇنىردىن خوجا تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان ، بۇ ۋاقىتتا ل . مۇتەللىپ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغانلىقتىن سىرتتىن ياردەم قىلغان . ل . مۇتەللىپ 5 – پولكتىكى ئودىلكوم (ئوتدىلىنىيە كومانىدىرى ، بەنجاڭ) ئوسمان (ۋۇجەنگوڭ) قاتارلىق بەزى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنى تەشكىلاتقا تارتقان. ئوسمانجان ل . مۇتەللىپ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ، ئۆز - ئارا دوستلاشقان. ل . مۇتەللىپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قۇرغان گومىنداڭغا قارشى تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغان – خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ، ئەمما ئىلتىماس يېزىپ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئىچىدە ئەزا كۆپەيتىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇ پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنى تونۇشتۇرغان. مۇسا ئەلى (قازاق) تەشكىلاتقا كىرىپ ئۇزۇن بولماي قولغا ئېلىنىپ ئۈلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7 – ئايدا ئوسمانجان ئۆز ئوتدىلىنىيەسى بىلەن مۇزداۋاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ يەنە خاچېڭ (ئودىلكوم) ئوتدىلىنىيەسى قاتارلىق 6 ئوتدىلىنىيە مۇزداۋاندا تۇراتتى، ئوسمانجان خاچېڭغا كۆپچىللىك بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىپ ، سىزنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە ، مېنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە كىشىلىرىم بار ، بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتىرەيلى ، دەيدۇ ، لېكىن خاچېڭ رەت قىلىدۇ . مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئوسمانجان يەنە خاچېڭغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىبىنى بەرگەن بولسىمۇ رەت قىلغان. ئۇلار يەنە مۇز داۋانغا ئىبەرتىلگەن بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، ئوسمانجان بىر ئەسكەرنى مىللىي ئارمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئىبەرتكەن، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ باي ناھىيەسىدە قارىبەگ دېگەن باۋجاڭ تۇتۇۋېلىپ گومىنداڭ ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەنچىڭ ئۇنى سوراق قىلغاندا ، ئۇ قورقماستىن ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ ، ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ كاللاڭنى ئالغىلى ماڭغان ، ھازىر سەن مېنى تۇتىۋالدىڭ ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل، دېگەن.  بۇ ۋاقىئەلەر 1945- يىلى 8 – ئايدا بولغان. 8- ئاينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا كەلگەندە ئوسمانجان ئوتدىلىنىيەسىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن .
ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى پىلان نىشانى بولغان تەشكىلات بولۇپ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئازاتلىق ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ ، خەلقنى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى، شۇنداقلا پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەد قىلغان . ئۇلار ئىنقىلابىي ئىدىيەگە ئىگە ياشلارنى تەشكىلاتقا قوبۇل قىلغان ، بۇلاردىن يۈسۈپجان ، تەۋەككۇل ، يۈسۈپجان ئابدۇكېرىم ، ئارىپوف قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يۈسۈپجان باي ناھىيە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ، ئۇيۇشمىدىكى ھامۇت ئەزىزنى ، ھامۇت ئەزىز  ھاكىم ھېكىم نۇرنى قوبۇل قىلغان. ھامۇت ئەزىز ئۇيغۇر ئويۇشمىسىغا باشلىق ۋاقتىدا  ھاكىم ھېكىم نۇر ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىدى.  ھاكىم بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن  ساقچى 2 – بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خا يىۋېنغا مەلۇمات يوللىغان .”مەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىندىم ، مەن سىلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمەن، مەن ھاكىم بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىدىم ، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرگەندىكىن ماتېرىيال توپلاپ سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرسەم “، دەپ دوكلات يازغان. كېيىن بۆلۈم باشلىقى خا يىۋېن ئۇيغۇرچە بىر پارچە خەت يېزىپ، ياسىن ئەزىزدىن ئىبەرتىپ بەرگەن. خەتتە ”سىز ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرسىڭىز بولىدۇ ، دائىم بىزگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇڭ، قانچىلىك پۇل لازىم بولسا بېرىمىز“، دېيىلگەن ئىدى. ياسىن ئەزىز خەتنى  ھاكىمنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارغاندا ،  ھاكىم ئابدۇللا داۋۇت، ھەمىت ئەزىز ، يۈسۈپجان قاتارلىقلارنى تەكلىب قىلىپ شاراپ ئىچىۋاتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يۈسۈپجان يالغاندىن مەست بولۇۋېلىپ كارۋاتتا ياتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز  ھاكىم قۇيۇپ بەرگەن بىر رومكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، يېنىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا  ھاكىممۇ چىقىپ ساقچى ئىدارىسىىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ياسىن ئەزىزگە ”ماڭا پۇل لازىم ئەمەس، مەندە پۇل بار ، پەقەت خىزمەت قىلدىم، ئازىراق كۈچ چىقاردىم، مۇندىن كېيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ، مۇندىن كېيىن سىز بىر ئادەملا كېلىڭ ، باشقىلار كەلمىسۇن ، بولمىسا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىمىز “، دېگەن. شۇندىن كېيىن  ھېكىم نۇر دائىم ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان ، ئۇ يوللىغان مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:
1)        تەشكىلات قۇرۇش توغرىلىق مۇزاكىرەنىڭ مەزمۇنى
2)        تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىدىغان ۋاقتى ۋە ئورنى (قىزىل كۆۋرۈكنىڭ سىرتىدىكى ئورمانلىق)
3)         تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەھۋالى ، تەشكىلاتنىڭ نامى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ، جۈملىدىن تەشكىلاتنىڭ ”ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى “ ئىكەنلىكى ، مۇنىردىن خوجىنىڭ سېكىرىتار، ئابباسوف يۈسۈپجاننىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى ، كەسىف ئىۋان (رۇس)نىڭ كاتىب ،  ئۆزىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ، ئوسمان مۇھەممەد تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى ، ئابدۇللا داۋۇتنىڭ تارىخ تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى ، بۇ تەشكىلاتقا سىياسىي جەھەتتىن ل . مۇتەللىپنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى ، يەنە ئابدۇللا روزىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان.
4)        يەنە مۇشۇ تەشكىلاتتىكى 5 – پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنىڭ ئەھۋالى
5)         تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىپ ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش قاتارلىق سىياسىي ئەھۋاللار.
6)          15 كۈن ئۆتكەندە ساقچى ئىدارىسىغا مەلۇمات يوللاپ ، ئۇلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەۋەب قىلىپ ، 11 ~ 12 ياشلاردىكى سىڭلىسى پاتەمنى تونۇشتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن ماتېرىيال يوللىغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى ، 1 – قېتىم يىغىن ئاچقانلىقى ، تەشكىلاتنىڭ پىلانى ، يىغىنغا بۆلۈم باشلىقلىرىدىن باشقا مال دوختۇرخانىسىنىڭ ئادىمى ئېلى ئاخۇن ، يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان.  ھاكىم ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، تەۋەككۈل يۈسۈپ قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان، قادىر ئېلى (ئەرمىيا ئېلىنىڭ ئىنىسى)نى تېپىپ خىزمەت پىلانىغا ئىمزا قويدۇرغان.
«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ باشتىكى ئەزالىرى ل. مۇتەللىپ ، مۇنىردىن خوجا ، (سېيىت) ئابباسوف، يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ھۈسەيىنوف، ئوسمانجان مۇھەممەت ، ئەلى ئاخۇن (مال دوختۇرى)، مۇسا ئەلى (مال دوختۇرى)، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۈسۈپوف، ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، ئىۋان، قادىر ئېلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىددىن ئاخۇن ، مەۋلانجان تۇردى، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم ، ئوسمان يۈسۈپ .
ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىدىكى ئەزالارنىڭ قولغا ئېلىنىشى  
          «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى بەلگە قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلار بىر قانچە تۈركۈمگە بۆلۈپ قولغا ئېلىنغان. ئەڭ ئالدى بىلەن مۇسا ئەلى ، 2 – قېتىمدا ل . مۇتەللىپ ، 3 – قېتىمدا بىلال ئەزىزى ، 4 – قېتىمدا مۇنىردىن خوجا ، 5 – قېتىمدا باشقا ئەزالار قولغا ئېلىنغان . «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدا ، مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى بولۇۋالغان ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ قورچاق ھاكىمى ھېكىم نۇر ئالاھىدە «چوڭ خىزمەتلەرنى» ئىشلىگەن . ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەشكىلاتنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە ، ئۇلارنى قولغا ئالىدىغان پەيتنىمۇ بېكىتىپ مەلۇم قىلغان . يۇقارقى تۆھپەلىرى ئۈچۈن 20 مىڭ سوم مۇكاپات ئالغان . ھېكىم نۇر ئۆزىنىڭ خائىنلىقىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سېزىپ قېلىنىشىدىن قورقۇپ ئۆزىنىمۇ قولغا ئېلىشنى تەلەپ ، ئەۋزەل شارائىتلىق تۈرمىدە بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك يېتىپ ، ئۆزىنى نىقابلاپ ، تارىخنىڭ سورىقىدىن قاچماق بولغان بولسىمۇ ، «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» بولغانلىقتىن تارىخنىڭ سورىقىدىن قۇتۇلالمىغان ۋە ئازادلىقتىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. يۇقارقى ماتېرىيالدا «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ئەھۋالى قىسقىچە بايان قىلىنغان.
ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بىر يېرىم ئاي بولغاندا 5- پولكنىڭ مال دوختۇرى مۇسا ئەلى قولغا ئېلىنغان . 7 – ئايدا ل . مۇتەللىپ قولغا ئېلىنغان . 3 – قېتىمدا ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىلال ئەزىزى ساقچى ئىدارىسىدە بىر قانچە كۈن نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىلال ئەزىزىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىكى ئەھۋال مۇنداق:  ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ  خادىمى ئۆمەر بىلال ئەزىزگە ” ئىككىمىز ئىلگىرى ساۋاقداش ئىدۇق ، شۇڭا بۇرۇندىنلا تونۇشىمىز، ئىلگىرى ھەممىمىز ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق، ھازىر نۇرغۇنلىغان يولداشلىرىمىز قولغا ئېلىندى. بىز دائىم ل. مۇتەللىپ بىلەن ئىنقىلاب مەسىلىلىرىنى سۆزلىشەتتۇق، ھازىر ئۇ قولغا ئېلىندى، سەنمۇ ئويغۇنىشىڭ كېرەك، بۇ ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆر“ ، دەپ 4 -5 پارچە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنى بەرگەن، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ژۇرناللارنى ساقچى ئىدارەسىگە تاپشۇرۇپ بىر پارچە ماتېرىيال يېزىپ ئىلگىرى خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتسا ، ساقچى ئىدارەسىنىڭ ئۇنى قولغا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلال ئەزىزى ماتېرىيال يېزىپ ژۇرناللار بىلەن بىرگە ساقچى ئىدارەسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئاقسۇ ساقچى ئىدارەسىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ نازارەت قىلىپ 10 نەچچە كۈندىن كېيىن قولغا ئالغان.
8 – ئايدىكى بىر يەكشەنبە كۈنى  ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارەسىگە كېلىپ ئۇلارنى تۇتىدىغان ۋاقىتنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان ، شۇندىن كېيىن ساقچى ئىدارەسىنىڭ باشلىقى كوناشەھەر ناھىيەسىگە چىقىپ ئىنقىلابىي ياشلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق قىلغان . ھېكىم نۇر نۇرغۇن ئادەمنى ئاشكارىلىغان . ساقچى ئىدارەسىنىڭ باشلىقى مۇئاۋىنىنى ئىبەرتىپ ياردەملەشتۈرگەن.  ھېكىم نۇر ئۇلارغا ”سىلەر ماڭغاندا مەندىن يىراقراق يۈرۈڭلەر، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇنىردىن خوجا ساتراچخانىدا چاچ ياسىتىۋېتىپتۇ ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى ، ئەگەر ئۆيىدە بولمىسا قاۋاس ساتراچخانىسىغا بېرىپ قاراپ باقايلى ، سىلەر ئەۋۋەل بېرىپ ساتراچخانىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭلار ، مەن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر ئەگىشىپ كىرىڭلار ، ئاۋۋال ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى قولغا چۈشۈرۈڭلار ، شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام “، دېگەن. يۇقارقى  گەپلەرنى ئېيتىپ بولۇپ ھېكىم نۇر ئاۋۋال مۇنىردىن خوجانىڭ ئۆيىگە ، ئۇندىن كېيىن قاۋاس ساتراچخانىسىغا بارغان. ساتراچخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن قول ئاستىدىكىلەرگە ” مەن ئۇنى چىققىلى قويماي تۇتۇپ تۇرىمەن، سىلەر مۇنىردىن خوجانىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاختۇرۇڭلار ،  ئەگەر خىزمەت پىلانىنى تاپالىساڭلار دەرھال ئېلىۋېلىڭلار ، ئۇندىن كېيىن ئامال قىلىپ ئۇنى تۇتىمىز “ . ھېكىم نۇر يۇقارقى ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن ساتراچخانىغا كىرىپ كەتكەن . ساقچى ئىدارىسىدىكى زۇنۇن (زومىڭ) ، ياسىن ، نىيازۇف، ھىمىتلار مۇنىردىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئاچقۇچى بىلەن ئۇنىڭ قۇلۇپىنى ئاچماقچى بولغان ، لېكىن ئېچىلمىغانلىقتىن كالتەك تېپىپ كېلىپ قايرىپ ئاچقان. ئۇلار مۇنىردىن خوجىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى تېپىپ چىقىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن زۇنۇنغا بەرگەن . ئۇلار يەنە بېرىپ مۇنىردىن خوجىنى قولغا ئالغان ۋە ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇنى سوراق قىلغان. سوراقتا ”سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلدۇق ، سىلەرنىڭ تەشكىلاتىڭلارنىڭ خىزمەت پىلانىغىمۇ ئېرىشتۇق، تەشكىلاتىڭلارنىڭ ئەھۋالى يېزىپ چىق “ ، دەپ ئۇنىڭغا بىر ۋاراق قەغەز بەرگەن. مۇنىردىن خوجا ھېچنەرسىنى يوشۇرۇپ قالماستىن يېزىپ چىققان ، شۇندىن كېيىن ئۇ قاماققا ئېلىنغان . مۇنىردىن خوجا قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن  ساقچى ئىدارىسى قالغان ياشلارنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن . ئادەم تۇتۇشقا بارغانلار - ياسىن ئەزىز، شىن باۋشەن ، مىجىت، لىن يۈشەن ، ياڭ شۈنخەيلەر دەرھال  قوراللىنىپ بېرىپ ئۇلارنى تۇتقان . ياسىن ۋە شىن باۋشەنلەر  يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ئوسمان مۇھەممەد، ئېلاخۇن دوختۇر، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنى تۇتقان. يەنە بىر توپ كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئىبەرتىلىپ ئابدۇللا ئارىپۇف ، تەۋەككۇل يۈسۈپۇف، ئىبراھىم ئىدرىس ، ئابدۇرەھىم ئەھمەد قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ قارا ماشىنا بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ قامىغان. ھېكىم نۇر ئەينى چاغدا ساقچى باشلىقىغا ”مېنىمۇ قاماڭلار ، بولمىسا ئۇلار مەندىن گۇمانلىنىدۇ ۋە سالاھىيتىم ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، جاسۇس دېگەن قالپاقنى كەيگۈم يوق “ ، دېگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىپ ياسىداق ئۆيگە قامىغان ۋە خوتۇنىنىمۇ ئېلىپ كىرگەن، سىرتتا بولسا ئۇنىمۇ قولغا ئاپتۇ دېگەن گەپ تارقالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ياخشى شارائىتتىن بەھرىمەن بولغان ھەمدە 20 مىڭ سوم مۇكاپات ئالغان. 1945 – يىلى 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى مىللىي ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن «تۈرمىدىن چىققان»، ئۇنىڭغا كەنجى لېتنات (شاۋۋېي) ئۇنۋانى بېرىلىپ ساقچى ئىدارىسى 2 – بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان.
ياش ئۇچقۇنلار ئىتتاقى تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلارنى تۇتقۇن قىلىش 1945 – يىلى 5 – ئايدا باشلىنىپ 8 – ئايدا تاماملانغان، ئۇلار تۈرمىگە ئاپىرىلغاندا ھەممىسىگە ئىشكەل سېلىنغان، پەقەت ل . مۇتەللىپكىلا كىشەن سېلىنمىغان، ياشلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغىمۇ كىشەن سېلىنغان. ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ھەممىسى بىر كامېرغا سولانغان ، لېكىن ل . مۇتەلىپ 3 كىشى بار ئايرىم كامېرغا سولانغان ، لېكىن ئۇ 3 كىشى ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئادىمى ئەمەس ئىدى، شۇنداقلا بۇ 3 كىشىنىڭ نېمە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ل. مۇتەللىپ تۈرمىدە دائىم گۇندىپايلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن «غېرىب – سەنەم» ، «تاھىر – زۆھرە» ئوپېرالىرىدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇ تۈرمىدىمۇ خېلى كۆپ ئەسەرلەر يازغان. ئىنقىلابىي ياشلار يىراق – يىراق كامېرلارغا قامالغان بولغاچقا ئۆز – ئارا خەۋەر ئېلىشالمايتتى ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنقىلابىي ھېكايىلەر تارقىلىپ تۇراتتى. ئۇ ھېكايىلەردە جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك ، پەسكەشلىكلەر قامچىلىنىپ سوتسىيالىزىم تەشۋىق قىلىنغان . ئابدۇللا روزى، بىلال ئەزىزى، يۈسۈپجانلارمۇ دائىم ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتقان. ئۇلارنى ھەر كۈنى شامالداشقا ئېلىپ چىققاندىمۇ ئۆز – ئارا كۆرۈشۈشكە يول قويۇلمايتتى، ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا بېشىغا خالتا كىيگۈزۈلەتتى. كېيىن ئۇلار پات – پات سوراق قىلىنغان. ئۇلارنى سوراق قىلغان  سوراقچىلار: ۋۇ شاۋبىن ، خايۈۋېن ، ھەسەنبېك، ما باۋيىڭ ، لى چېڭگۇي ، ئاۋۇت ، ۋاڭ زىجاڭ .
ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى
«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرىنى يادرو قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلار ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن .  دانالار  «ئىلان ئۆلىدىغاندا بەك چاقىدۇ» دېگىنىدەك ، مىللىي ئارمىيە ۋە پارتىزانلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان گومىنداڭچىلار خەلق ئوغلانلىرىدىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان. مەن پايدىلانغان يۇقارقى مەنبەدە 1 – قېتىم مىللىي ئارمىيە ئاقسۇ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاننىڭ ئەتىسى گۇگۇمدا ، يەنى 1945 – يىلى 9 – ئاينىڭ 8 – كۈنى قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ ، ئۆزلىرى تۇتۇپ قامىغان ئىنقىلابىي ياشلاردىن بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەن.
9– ئاينىڭ 8 – كۈنى گۇگۇمدە ۋۇ شاۋبىن ، ۋاڭ زىجاڭ ، دۇ كاڭكەي ، خايۈۋېن، زۇنۇن (زومىڭ) ، ياسىن رۇزى، ۋۇ جىڭشەن، شىن باۋشەن، نىياز، لى خېفېڭ ، ياڭ شۈنپېي ، ما دېفۇ، جاڭ جاۋجى ، لىن شاۋشەن ، ياۋ شىخەن ، شاۋ چېڭياۋ ، لۇ چاڭگو ، شى يۈسەي ، لى چېڭگۇي ، ما باۋيىڭ ۋە 2 – بۆلۈمنىڭ خېلى كۆپ ئادەملىرى ئىنقىلابىي ياشلارنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان . ئۇلار تۈرمىگە كەلگەندىن كېيىن تۈرمە باشلىقى گۇەن ۋېيلۇ ، ئابدۇللا سادىقلارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن ۋۇ شاۋبىن قولىغا بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ ” يۇقۇرىدىن تېلىگىرامما كەلدى“ دېگەن . ئۇ ئۈستەلنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان ، سول يېنىدا خا يۈۋېن ، ئۇنىڭ يېنىدا دوڭ گۇاڭكەي؛ ئوڭ يېنىدا زۇنۇن (زومىڭ) ، ۋاڭ زىجاڭ قاتارلىقلار، سىرتتا يەنە نۇرغۇن ئادەم ئولتۇرغان. شۇ ۋاقىتتا ۋۇ شاۋبىن تۈرمە باشلىقى گۇەن ۋېيلۇ ، ئابدۇللا سادىقلاردىن ”ئازگاللار كولىنىپ بولدىمۇ؟ “ ، دەپ سورىغان. تۈرمە باشلىقى كولىنىپ بولغانلىقىنى دوكلات قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھەممە ھازىرلىق پۈتكەندىن كېيىن، لى شيۇپىڭ ، ياڭ سۈيپېي ، (يەنە بىرەيلەننىڭ ئىسمى تۇتۇق بولغاچقا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى) قاتارلىقلار تۈرمە باشلىقىغا ياردەملىشىپ ئادەملەرنى باغلىغان.  ۋۇ شاۋبىن تىزىملىككە قاراپ ئىسمىنى ئوقۇشقا باشلىغان. ئىسىملىك بويىچە تۇنجى قېتىم يۈسۈپجان باغلىنىپ ۋۇ شاۋبىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن ، ۋۇ شاۋبىن ”بۈگۈن ساڭا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىمىز“، دەپ جاكارلىغان ، زۇنۇن تەرجىمە قىلغان. ۋاڭ زىجاڭ پاختا ياكى رەخت تېپىپ ئېغىزىغا كەپلەپ قويۇشنى ئېيتقاندىن كېيىن، پاختا تېپىپ كېلىپ ئېغىزىغا تىقماقچى بولغاندا، يۈسۈپجان تىققىلى قويمىغان ، ساقچىلار باش كۆزلىرىگە مۇشتلاپ پاختىنى ئېغىزىغا كەپلىگەن، شۇندىن كېيىن ۋۇ شاۋبىن ئۇنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى غالچىلار ئۇنى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. جاللاتلار يۈسۈپجاننى ئازگالنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەن. شۇندىن كېيىن ئارىپۇف، قادىر ئېلى ، يۈسۈپجان، ئوسمانجان مۇھەممەد، ئوسمان ھاسىم ، ھۈسەيجان ھاپىز داموللا، ئابدۇللا روزى ، مۇسا ئەلى ، ئېلاخۇن ، ئابدۇللا داۋۇت ، مۇنىردىن خوجا، ھەسەنۇف، ئىبراھىم ئوبۇل، سىجالىددىن ئاخۇن قاتارلىقلار بىردىن – بىردىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىت دەل مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى قورشىۋالغان 2 – كۈنى ئىدى، ئۇلار ئازگالنىڭ ئەتراپىغا چىراق ياققان ئىدى، سىرتتا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بەزىدە ئوق باشتىن ئۇچۇپ ئۆتەتتى ، ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتاتتى.
گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ 2 – قېتىملىق قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللاردا ل . مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزىلەرنى بەلگە قىلغان ھالدا 1945 – يىلى 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى بولغان ، دەپ قارىلىدۇ . بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق ماتېرىياللاردا ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىدىغان قاراشتىن ئىبارەت. شۇنداقتىمۇ قىسمەن ماتېرىياللاردا بەزى پەرقلەر بار ، مەسىلەن : شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش –  تەھرىرلەش كومېتىتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»دە 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە بولغان ۋەقەلەردە 7 – كۈنى ئاتلىق پارتىزانلارنىڭ ئاقسۇنى قورشىۋالغانلىقىنى ، ئەتىسى ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ، ئاقسۇنى ساقلاۋاتقان قوشۇن جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەمدە ل . مۇتەللىپ باشلىق 28 ياشنى ئۆلتۈرگەنلىكى يېزىلغان   ○1. بۇ ماتېرىيال شەكسىزكى تۇنجى تۈركۈمدە قىرغىن قىلىنغان ياشلارنى كۆرسەتكەن . ئەمما قولۇمدىكى ماتېرىيالدا ل . مۇتەللىپلەرنىڭ 8 – سېنتەبىر ئەمەس، 18 – سېنتەبىرمۇ ئەمەس ، 21 – سېنتەبىر گۇگۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى يېزىلغان. ئەندى 18 – سېنتەبىر كۈنى دېگەن قاراشنىڭ مەنبەئىينى سېلىشتۇرۇپ ، قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇشۇ ھەقتە ماتېرىيالى بار قېرىنداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر ، ئەلۋەتتە.
9 – ئاينىڭ 21 – كۈنى  گۈگۈمدە جاۋ خەنچىڭ ساقچى ئىدارىسىگە كەلگەن ، كېيىن ۋۇ شاۋبىن نىياز ، لى زىپىڭ ، ياڭ شۈنپېي، جاۋ چېڭدې قاتارلىقلارنى باشلاپ كەلگەن . شۇندىن كېيىن زۇنۇن ، ھەسەن ئەزىز ، خايۈۋېن قاتارلىق 2 – بۆلۈمدىكى نۇرغۇن ئادەملەر كەلگەن . ۋۇ شاۋبىن ل . مۇتەللىپنى كۆرسىتىپ قاماللاپ كەلگەنلەرگە چىڭ تۇتۇشنى جېكىلىگەن ھەمدە ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىغان. ل . مۇتەللىپ ئېلىپ چىقىلىشى بىلەن ئابدۇللا سادىق ئۇنى تانا بىلەن باغلىغان ، ئۇندىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. ل . مۇتەللىپنى ئېلىپ چىقىپ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۈكۈنۈشكە بۇيرۇغان ، بۇ ۋاقىتتا ل . مۇتەللىپنىڭ چىرايى سارغايغان ، چاچلىرىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى، بۇ ۋاقىتتا زۇنۇن (زومىڭ) ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغان بولۇپ ، ل. مۇتەللىپ ئۇنىڭ كۆزىگە مىقدەك قادىلىپ قارىغان.  بۇ ۋاقىتتا باشقىلار بىلال ئەزىزىنى ئېلىپ كېلىشكە كېتىشكەن. ل . مۇتەللىپ زۇنۇندىن ”مېنى ئېلىپ چىقىپ نېمە قىلىدۇ؟“، دەپ سورىغان. ئۇ، ”مەنمۇ ئۇقمايمەن، سېنى قويۇپ بېرەمدىكىن “، دېگەن، ئەمما ل . مۇتەللىپ بېشىنى چايقىغان. بۇ ۋاقىتتا بىلال ئەزىزى ئېلىپ چىقىلغان ، ئارقىدىن ئىۋان ، ئابباس قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ل . مۇتەللىپنىڭ قېشىدا يۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغان. بىر دەمدىن كېيىن جاۋ خەنچىڭ چىقىپ ئۇلارغا ” بۈگۈن سىلەر ئۆلتۈرۈلىسىلەر “ ، دېگەن ھەمدە ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن قولىنى شىلتىغان. نىياز ئۇلارنى تىللىغانلىقتىن مىلتىقنىڭ پەينىكى بىلەن ئۇرۇلغان. بۇ ۋاقىتتا ل . مۇتەللىپ ئارقىسىغا قاراپ سەل ئاستا ماڭغان، نىيازنى مىلتىق پەينىكى بىلەن ئۇرغانلار تامنىڭ تۈۋىگە بېرىپ ، ئۇلارنى رەت بولۇپ يۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغان . بۇ ۋاقىتتا جاۋ خەنچىڭ مۇئاۋىنى لى چاڭچىڭغا ئېتىش بۇيرۇقىنى بەرگەن . لى چاڭچىڭ يان قورالىنى چىقىرىپ بىر – بىرلەپ ئاتقان. بۇ ۋاقىتتا ۋۇ شاۋبىننىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىككى رۇس ياشنى ئاتقان ، بىراق ھېچكىم ئۇ ئىككى ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرەلمىگەن ئىدى، ئۇلار  جاللاتلار تەرەپكە كەلگەندە لى چاڭچىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن . كېيىن جاۋ خەنچىڭ بۇيرۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى سېپىل سىرتىغا تاشلىۋېتىشنى بۇيرۇق قىلىپ قايتىپ كەتكەن . ئابدۇللا سادىق ۋە گۇەن ۋېيلۇلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى سېپىلنىڭ سىرتىغا تاشلىۋەتكەن. پەقەت بىلال ئەزىزىگە ئوق تەگمەي ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ياتقانلىقىنى بايقىغان گۇەن ۋېيلۇ كەتمەن بىلەن چاناپ ئۆلتۈرگەن. شۇ ۋاقىتتىكى تۈرمىدە ئوتدىلىنىيە باشلىقى بولغان غەنى مەھمۇدنىڭ ئېيتىشىچە ، ل . مۇتەللىپ ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن «تاھىر – زۆھرە» ئوپېراسىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتقان . كېيىن ئۇنى ئاشخانىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ تىزلاندۇرۇپ ، جاۋ خەنچىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ۋاقىتتا ل . مۇتەللىپ ”قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل، ل . مۇتەللىپ ئۆلسىمۇ ، مېنىڭ يەنە ئەسەرلىرىم بار، ئادەم ئۆلسىمۇ ئۇنىڭ نامى ئۆچمەيدۇ “، دېگەن.  ئۇ يەنە كۆككە قاراپ ، ”قۇياش ، سەن پۈتكۈل ئالەمگە نۇرۇڭنى چاچساڭمۇ مېنى يورۇتمىدىڭ ، سەن مېنىڭ ئۆلگەنلىكىمگە ئىسپات بولغىن ، مەن ئۆلسەممۇ مېنىڭ روھىم ئۆلمەيدۇ “، دېگەن ، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى ئېتىش بۇيرۇقى بېرىلگەن . ل . مۇتەللىپ ئاشخانىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ تىزلاندۇرۇلغاندا ، يېنىدىكىلەر باشقىلارنى ئەكەلگىلى كەتكەندە ، زۇنۇنغا قاراپ ”سەنلەر ساتقىنلار ، سىلەر پەقەت مۇشۇنداقلا قىلالايسىلەر ، ئۇندىن باشقا نېمە قىلالايتتىڭلار “، دېگەن غەزەپ بىلەن. باشقىلار ئېلىپ كېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن ، ئېلى مەھمۇدنىڭ ئېغىز  ئىقرارى ئوقۇلغان بولۇپ، خاچېڭ ۋە ئەلى مەھمۇدلارمۇ ئاڭلىغان. خېچېڭ بۇ ھۆججەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن . ل . مۇتەللىپلەر ئېتىلغاندا ، خاچېڭ بىلەن جاۋ خەنچىڭ سېپىل ئۈستىگە كۆرۈپ تۇرغان.
مەرھۇم ئەرشىدىن تاتلىق قاتارلىق پىشقەدەملەرنىڭ ئەسلىشىچە ، 1945 – يىلىدىكى سېنتەبىر ئايلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئىنقىلابىي ياشلاردىن 300 دىن ئارتۇق كىشى قەتىل قىلىنغان ، بۇلار «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرىلا بولۇپ قالماستىن ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ھېساشلىق قىلغان ، ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەسلىمىلەردە يېزىلىشىچە، ئۇچتۇرپان ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈشۈن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭچىلار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن تۇراپ قارى، ئىبراھىم مۆمىن ، ئۆمەر قاسىم ، سىيىت ئابباس، ئارتۇق ئابباس، ئابدۇللا ياقۇپ ، ئابلا ئىبراھىم قاتارلىق 16 ياشنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيەسى ئىلگىرى كېيىن باي ، ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلغان ، كېيىن قولدىن بېرىپ يەنە قايتىدىن ئىگەللىگەن ئىدى. ئۈرۈمچى تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغانلىقتىن ، يۇقىرى قوماندانلىق شىتابىنىڭ بۇيرۇقىنى ئالغان مىللىي ئارمىيە 1945 – يىلى 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى مۇزارت ئارقىلىق ئىلىغا قايتىپ كەتكەن . مىللىي ئارمىيەنىڭ قايتىپ كېتىشى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ خەلقتىن قىساس ئېلىشى ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ بايلىق توپلىشى ئۈچۈن ، شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ ، يەنە بىر تۈركۈم گۇناھسىز ئاممىنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىغا پۇرسەت بەرگەن.
مىللىي ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن ، گومىنداڭ ئارمىيەسى ئاقسۇ ۋە كوناشەھەردىكى مىللىي ئارمىيە تۇرغان ، ئۇلارغا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى تۇتۇپ ، مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆيۋاقىسىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن . شۇ قېتىم گومىنداڭ ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە ساراي ئاچقان سەلەي ئاخۇن ، مەھمۇد ھاجى ئوغلى ئابدۇقادىرخان قاتارلىقلار ئېتىلغان، كونا شەھەردە خېلىل قاتارلىقلارنى تۇتقان. نۇرغۇن كىشىلەرنى مىللىي ئارمىيەگە ياردەم قىلغان دەپ چارۋىلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. مەسىلەن: موللا توختى بەگنىڭ بارلىق مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، مۆيدىن ئاقساقال، سالى ئاخۇن ؛ كوناشەھەردىكى ھېكىم ئاخۇن ، يۇنۇس بەگ، سايىت قارىھاجى، ئابلىز جۇرۇن، كېرىم خۇيجاڭ ، تۇردى شاڭزوڭلارنىڭ بارلىق مۈلكى ۋە چارۋىلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆزلىرىنى قولغا ئالغان ۋە كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەن. قاراشەھەردىن توشۇپ كېلىنگەن 500 دەندىن ئارتۇق بۇغداينى مىللىي ئارمىيە ئىستىمال قىلىۋەتكەن دەپ ، ئاقسۇدىن باشقا يەرگە يۆتكەپ ئاپىرىپ، جاۋ خەنچىڭ ۋە ۋۇ شاۋبىنلار  سېتىۋەتكەن.
ل . مۇتەللىپ 20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئاسمىنىدا چاقناپ ئۆتكەن يورۇق يۇلتۇز ئىدى ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ل . مۇتەللىپ «گومىنداڭچى» دېگەندەك ناملاردا قارىلانغان ئىدى . يېقىنقى يىللاردا بەزى ۋالاقتەككۈرۈپلىرىمىز ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا تىزلىنىپ نىجالىق تىلىگەنلىكىنى ، ئەخلاقىي جەھەتتىن تاپتىن چىققان ، شاللاق ياش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقانلىرىدا يۈرۈكۈم ئېچىشىپ ، كۆڭۈل خاتىرەمگە گۇمان چۈشكەن ئىدى. يۇقارقى مەنبە ماتېرىيالنى كۆرگەندىن كېيىن ئەمدىلا  20 ياشلارنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ل . مۇتەللىپنىڭ تەبىئىي تالانتى ، ئىنسانىي خىسلىتى ، جەسۇرلۇقى قەلب كۆكىمدە پارلىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلىتى ، ئەخلاقىي پەزىلىتى ، ئەدەبىي تالانتى ، ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن قابىللىقى بىلەن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىدىدۇر.
مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2011-يىلى 2-سان

8

تېما

134

يازما

1184

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 120
يازما سانى:
134
تىللا:
990
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-23
5#
ۋاقتى: 2015-4-26 15:22:26 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشككۇر ، بىز ئاتاقلىق يازغۇچى شائېرىمىز لۇتپۇللا موتەللىپنى يۇزەكى چۇشىنىپ كەلگەنلەر كۆپ ئېدۇق ،سىز نىڭ بۇ يازىمىڭىز بىز گە لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ھەقىقى چۇشىنىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز تىخىمۇ ئاشتى ھەم يورىدى،  بۇ مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ۋە مىراسلىرى بىزگە مەنىۋى بايلىق بولۇپ كەلدى ، بىز بۇ مەرھۇمغا چىن كۆڭلىمىزدىن ھۆرمەت بىلدۇرمىز ھەم ئېئىزىنى باسىمىز .

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-4-26 17:04:21 | ئايرىم كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز جانىم ئۇزاق-ئۇزاق زامانلار يوقىغىنىڭىزغا چۇشلۇق قۇرۇق قول كىتمەپسىز ھە ھى ھى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-4-26 17:06:19 | ئايرىم كۆرۈش

لۇتپۇللا مۇتەللىپ —يىللارغا جاۋاپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-4-26 18:13:19 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ، كېرەك بۇلىۋاتقان مەزمۇنلار ئېدى ، دەل ۋاقتىدا مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەكلا يوللاپسىز جانىم .
لوپتۇللا مۇتەللىپنىڭ بىر كىتاۋى بار ئېدى ، شۇ كىتاۋىمنى يوقۇتۇپ قويغانتىم . ئۇ كىتاپتا ئۇنىڭ ھەمە ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان ياخشى كىتاپ ئېدى .

0

تېما

26

يازما

152

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 760
يازما سانى:
26
تىللا:
95
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
31 سائەت
ئاخىرقى:
2015-9-13
9#
ۋاقتى: 2015-4-26 19:54:52 | ئايرىم كۆرۈش
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىش - ئىزلىرى ئادەمگە ھەقىقەتەنمۇ تەسىر قىلىدۇ ... داۋاملىق ئېسىل تېمىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !!!
ئوقۇغۇچى ، سەلكىن سۈزۈك فىلىم مۇنبىرى مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىسۇن !!!

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-4-26 23:51:15 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك   ئىسىل  تىما  ئېلىپ كەپسىز ،ئەجىرىڭىزگە  تەشەككۈر .كۆپ بىلىمگە  ئىگە قىلدىڭىز ،  تېتىملىق  تىمىلىرىڭىز  مۇنبەردىن  ئۈزۈلمىگەي .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:10 , Processed in 0.161255 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش