بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت-ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-3 01:40
يۇلتۇزغا خىتاپ
ئاپتۇرى:دىلدوس ئابدۇرېھىم خىياللار سۈردۈممەن ئاسمانغا قاراپ.
نىگارىم ۋەسلىنى يۇلتۇزدىن سوراپ،
ئەي يۇلتۇز كۆردىڭمۇ نىگار ۋەسلىنى.
ئەسلىدىم نىگارنى گۈللەرنى پۇراپ، يۇلتۇزلار ئۈنسىزلا جىمىرلار ماڭا.
جاۋاپ يوق بىر خىللا قارايدۇ ماڭا،
مەن يەنە ئۇنىڭغا قىلدىم بىر خىتاپ.
ئەي يۇلتۇز نىگاردىن خەۋەر بەر ماڭا. جىمجىتقىنە ھەمرادۇر ماڭا يۇلتۇزلار.
نە ئۈچۈن نىگاردىن بەرمەيدۇ بايان،
ئەجەپمۇ قىينىدى نىگار ئوتلىرى،
شۇ يار ئۈچۈن چەككەن ئازاپ ئۆزۈمگە ئايان، بىر خىللا جىمىرلار ئاسماندا يۇلتۇز،
ئەي يار يۈرۈيسەن نەدە چاچلىرى قۇندۇز،
سېنى ئويلاپ مەن ھەر كۈنى شۇنداق،
ئارام يوق قەلبىمگە كېچە يا كۈندۈز، مەن يەنە يۇلتۇزغا قىلدىم بىر خىتاپ،
يۇلتۇزمۇ جاۋاپسىز كەتتىغۇ تاراپ،
مەنمۇ ئامالسىز تۇردۇم ئورنۇمدىن،
سورىغايمەن نىگارنى بىراۋنىڭ يولىنى توراپ ئەسكەرتىش:بۇ مېنىڭ تۇنجى يازمام بولغاچقا دېگەندەك ياخشى چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن،
دوسىتلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەم قىممەتلىك تەكلىپ -پىكىرلىرىنى
ئايىماسلىقىنى تىلەيمەن. |