ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 258|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىتوتلار( ئۆزخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چېچەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-3 23:14  

1
خىيالپەرەس

ئورۇن: ھويلا
قاتناشقۇچىلار: ئىككى ئاكا ئۇكا ۋە ئىككى دوختۇر

ئا: دەستە- دەستە كىتاپ ماتىرياللار ئىچىدە ھېلى بىر نەرسە ئوقۇيدۇ. ھېلى بىر نەرسە يازىدۇ.
ب: ئۇكام ئەتتىگەندىن بىرى سېنى ئىزدەۋاتىمەن. نەگە كەتتىڭ دەيمەن.
ئا: نىمانداق ۋىتاستەك چىرقىرايسەن، نەگە كېتەتتىم. بىر دۇنياۋى تەتقىقات تىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. ئەمدى بېرىلىپ بىر ئشلەي      دەۋاتسام سەت ۋارقىراپ ئىلھامىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتىڭ. .
ب: شۇنداقمۇ، ھە دىگىنە ئۇكام بۈگۈن يەنە قانداق يېڭى تىما ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىسەن.
ئا: مەن ھازىر ‹‹ تاماقنى كۆپ يىگەندىن ئاز يىگەن ياخشى .ھەر كۈنى يەتتە سائەت ئۇخلاش سالامەتلىككە پايدىلىق›› دىگەن تىمىدا تەتقىقات تىمىسى تەييارلاۋاتىمەن.
ب: ھەي ئۇكام سەن بۇ توغرىسىدىكى ماقالەڭنى تۈنۈگۈن يېزىپ پۈتتۈرۇپ دۇنيا گېزىتىگە ئەۋەتمىدىڭمۇ؟
ب: ھە شۇنداقمۇ مەن بۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئالى جاناپلار ئۇنتۇغاق كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق بولسا مەن پىيادە يول ماڭغاندىن ئاتلىق ماڭغان ياخشى ›› دىگەن تىمىدا بىر باش ماقالە يازاي.
ئا: ئۇكام سەن تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا بۇ توغرىسىدا يازغان ئۇچىرىكىڭنى رايونىمىزدىكى بىر نۇقتىلىق ژورنالغا ئەۋەتتىڭغۇ؟
ب: راستىنلا شۇنداقمۇ مەن بۇ تۈردە خەلقىئارا سەۋيىگە يېتىپ بوپتىمەن. ئەمدى سەل كاللامنى ئارام ئالدۇرسام بولامدۇ نىمە؟
ئا: ئەلۋەتتە. ئەمدى ئازراق ئارام ئېلىشىڭ كېرەك.
ب: ھە شۇنداق. ياق ئاكا، خەلىقنىڭ، مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئادەم ئۈچۈن خىزمەتنىڭ ئۆزى دەپ ئېلىش. ماڭا دەخلى قىلما مەن ئىشلىشىم كېرەك.
ئا: قارا ئۇكام، ھاۋا سەل ناچار تۇرىدۇ، قارىغاندا يامغۇر ياغىدىغان ئوخشايدۇ. بەلكىم كەلكۈن كېلىشىمۇ مۆمكىن، شوڭا ئىككىمىمز بىللە چىقىپ ئازراق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشلەپ قويساق قانداق؟
ب:  شۇنداق يامغۇر ياغسا يەر-زىمىن قايتىدىن ياشىرىدۇ. بۇ خۇشاللىق ئىشكەن، بۇ خۇشخەۋىرىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا قانداق سۆيۈنچە بەرسەم بولار توختا مەن قاراپ باقاي نىمە باركىن؟
ئا: ئۇكام سۆيۈنچەڭنىمۇ بېرەرسەن. ئەمما ھازىر مەن بىلەن چىقىپ ئازراق ئىشلىشىپ بەرگىن، خامىنىمىز سۇدا قالمىسۇن.
ب: بولىدۇ. ئاكا يۈرە، مەن سەن بىلەن بىللە ئىشلەيمەن. خاماننى كەلكۈندىن مۇداپىئە قىلايلى . يۈرە( ئۇلار ئىككى قەدەم ماڭىدۇ. ئەمما ب: بىر ئىشنى ئېسىگە ئېلىپ مېڭىشتىن توختىۋالىدۇ)
ب: توختا ئاكا، تۇيۇقسىز كاللامغا بىر يېڭى تىما كېلىپ قالدى. مەن ھازىرلا تۇتۇش قىلمىسام بولمايدۇ.
ئا: خامانلىقنى قانداق قلىمىز.
ب: خاتىرجەم بول. مەن خامانلىقتا دىگەن تىمىنى ئەتىدىن قالدۇرماي ساڭا تاپشۇرىمەن.
ئا: (چىداپ بولالماي غەزەپلىنىدۇ) قارا بۇ ساراڭنى ئەتتىگەندىن بىرى گەپ قىلسام بىر تىيىنغا ئالمايدا ( ئۇكىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ) ھەي ساراڭ، ئەمدى بولا، ھازىر چىقىپ ئاۋۇ خاماننى كەلكۈندىن مۇداپىئە قىلايلى دەۋاتىمەن. نىمانداق قىلىسەن؟
ب: ئاكا ساڭا نىمە بولدى. سەندە تۇيۇقسىز جىددىلىشىش كېسلى بار ئىكەن. توختا مەن ھازىرلا كىتاۋىمغا قاراپ بۇ كېسىلىڭگە داۋا قىلاي. (ئۇ شۇنداق دەپ شىرە ئۈستىدىكى كىتاپلارنى ئاختۇرۇشقا باشلايدۇ)
ئا: ئەمدى سەۋىر-تاقىتىم توشىتى.( ئۇ يېنىدىن تىلفۇنىنى ئېلىپ نۇمۇرنى باسىدۇ) ۋەي روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىمۇ ئۆيىمىزدە بىر روھى كېسەل بار ئىدى. ئۇنىڭغا زادىلا ئامال قىلالمىدىم. قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار دەمسىز؟ ئۇ ئۆزىنى داڭلىق ئالىم، تەتقىقاتچى دەپ ئويلايدۇ. قالايمىقان نەرسىلەرنى يازىدۇ. توختىماي كىتاپ كۆرىدۇ. ھە بولىدۇ. دەرھال كېلىڭلار ئەمسە، ئادىرىسما ، ئادىرىسىم باھار يولى   13-نۇمۇر. بولىدۇ. ئەمسە چاققانراق كېلىڭلار. خوش ( ئۇ تىلفۇننى قويىدۇ ئاندىن ب غا قاراپ) ئۇكام خاپا بولما مەندىمۇ باشقا ئامال قالمىدى. (ئۇ چىقىپ كېتىدۇ)   
ب: (پۈتۈن دىھقىتى بىلەن بىر نەرسىلەرنى يېزىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا تىلكامىرا ۋە مىكرافون تۇتقان ئىككى كىشى ئىشكنى چېكىدۇ. ب ئىشىكىنى ئاچىدۇ. كىرگەن ئىككى كىشى ب بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ)
س: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز؟
ئا: سىلەر كىم بولىسىلەر؟
سى: بىز مۇشۇ شەھەرلىك تىلىۋىزىيە ئىسانسىنىڭ مۇخبىرلىرى بۈگۈن سىزنى مەخسۇس زىيارەت قىلغىلى كەلدۇق.
ئا: زىيارەت قىلغىلى، نىمىشقا ئەمدى؟
د: ھە.... (س ئۇنىڭ گېپىنى دەرھال تارتىۋالىدۇ.)
س : مۇنداق گەپ قاراڭ، سىزنىڭ ئۆتكەندە يازغان بىر ماقالىڭىز، ژورنالغا بېسىلغاندىن كىيىن جەمئىيەتتە زور ئىجابى تەسىر قوزغىدى. شوڭا سىزنى ئالاھىدە زىيارەت قىلماقچىمىز.
ئا: ھە شۇنداقمۇ؟ قايسى ئەسىرىمدۇ-ئۇ. ھە بوپتۇ. ئۇنداقتا زىيارىتىمزنى باشلايلى. (د تىلكامىرانى ئا غا توغرىلايدۇ. )
س: ھە ئالدى بىلەن سىزدىن سوراپ باقسام بۇندىن بۇرۇن قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان.
ئا: ئالىم بولۇشتىن بۇرۇن دەمسىز؟
س: ھە . شۇنداق
ئا: مەن مۇشۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى لاياقەتلىك پۈتتۈرۈپ باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ئالغاندىن كىيىن ئاۋۋال ئەنگىلىيەگە ، ئارقىدىن يەنىمۇ ئۆرلەپ كىرىيەگە بېرىپ ئوقۇشنى ئويلىغاندىم. ئەمما تەقدىر مەن بىلەن قېرىشىپ قالدى. مەن بەخىتكە قارىشى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم. كىيىن ئۆزلىكىمدىن ئۈگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ مەخسۇس كۇرىس ئۇنۋانى ئالدىم. ئەسلىدە ئىنژىنىر بولغۇم بار ئىدى. ئەمما بولالماي قالدىم. مانا ھازىر كەسپى ئالىملىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.
س: سىز ئەگەر ئىنژىنىر بولالىغان بولسىڭىز قانداق قۇرلۇشلارنى لاھىيلەپ قانداق نەرسىلەرنى كەشىپ قىلاتتىڭىز؟
ئا: ئەگەر مەن ئىنژىنىر بولالىغان بولسام. چاقى يوق ماشىنا، قاناتسىز ئايرۇپلان، ئۆگزىسى بوق بىنا ياسىغان بولاتتىم. ھەتتا رولى يوق تىراكتۇر لاھىيلىشىممۇ مۆمكىن ئىدى.
( ئىككى مۇخبىر بېشىنى چايقايدۇ.)
س: سىز ھازىر قايسى خىلدىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسىز؟
ئا: مەن ھازىر داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئەلىشر نەۋائىنىڭ، جاھانغا مەشھۇر خىمىيە ئالىمى ئامىتا باچاننىڭ، شائىر پەيلاسۇپ، شىۋاسشنگىرنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ تاشقىى ھالىتىم ۋە روھى قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىپ پۇرچاق ئەپەندىگە ئوخشاش سالاپەت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن.
س: سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن يەنە قانداق پىلانلىرىڭىز بار؟
ئا:  مەن تىرىشىپ ئۈگىنىپ چوقۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋيىسىگە يېتىشكە تىرىشىمەن. يەنە پات-ئارىدا بەشىنچى پەسىل ناملىق 115قىسىملىق تارىخى رومانىمنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزورىغا سۇنماقچى. ئاندىن يەنە...
س: توختاڭ، مالال كەلمىسە بىزگە يازغان ئەسەرلىڭىزنى كۆرسىتەمسىز؟
ب: ئەلۋەتتە بولىدۇ. ( ئۇ شىرەنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىر مۇنچە ماتىرياللارنى ئايرىيدۇ) مانا بۇ ‹‹ تىلىۋۇزۇرنى يەتتە مىتىر ئارلىقتىن كۆرسە كۆزىگە زىيانسز›› دىگەن ماقالە. مانا بۇ ‹‹ يالغانلارغا تولغان بۇ دۇنيا ››ناملىق شىئىرىم. بۇ
س: توختاڭە ، يالغانللارغا تولغان بۇ دۇنيا دىگەن شىئىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق قانداق.
ب: بۇ شىئىرنى تىلىۋۇزۇردا كۆرسىتەمسىلەر؟
س: توغرا. بىز بۇ شىئىرىڭىزنى تۆت يۈز، 400 -500- قاناللاردا نەق مەيداندا تارقىتىمىز.
ب: ئۇنداق بولسا ئوقۇي. ( ئۇ شىئىرىنى ئوقۇشقا باشلايدۇ)
شىئىر يالغانلارغا تولغان بۇ دۇنيا. ئاپتۇرى مەن.

دۇنيا كۆتۈر يالغانلىرىڭنى،
ئالدانمايمەن ئەمدى سۆزۈڭگە،
گول بولمايمەن سۇخەنلىرىڭگە،
ياشايمەن. مەردۇ-مەردانە.

ماڭا بەردىڭ، بىر تاياق.
ئۇ ئۆلچەيمىش ياخشى ياماننى،
تەمەيىم يوق يۈز يىل ياشاشتىن،
ھامان بىر كۈن ئۆلۈپ كېتىمەن.

پۇراقسىز گۈل بولغاندىن كۆرە،
قاقشال دەرەخ بولغان مىڭ ئەۋزەل.
ئەمدى يالغان سۆزلىمە بولدى.
يالغان سۆزدىن راست سۆز مىڭ ئەۋزەل

د: قالتىس شىئىركەن جۇمۇ بۇ  
س: گەپ قىلماي تۇر. ( ب غا قاراپ) بۇ شىئىرىڭىز تولىمۇ يىرىك بىر ئەسەر بوپتۇ. مەن دەيمەن. سىز مۇشۇ چوغسىز كاۋاپ پۇشۇرۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقسىڭىز كەلگۈسىدە جەزمەن زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىڭىز مۆمكىن جۇمۇ.
ب:  راست دەيسىز . مەن پات ئارىدا قىشلىق كالتە ئىشتان مودىلى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن . سىزچە قانداق؟
س: ياخشى ئويلاپسىز ( بوشراق ئاۋازدا ) ۋاھ قىقىزىل ئىكەنغۇ بۇ ( ئۇ  سەل يانغا ئۆتۈپ تىلفۇنىنى ئېلىپ نۇمۇرنى باسىدۇ) سىز     توغرا دەپسىز . ئۇكىڭىزدا راستىنلا ئېغىر دەرىجدىكى روھى نورمالسىزلىق بار ئىكەن، بىز ئۇنى ئەپكېتىپ داۋالايمىز . سىزنىڭچە قانداق؟ رەھمەت دىمىسڭىزمۇ بولىدۇ. خوش ئەمسە ( ئۇ تىلفۇننى قويىدۇ.)
ئەمسە مۇنداق قىلايلى، شۇ تاپتا نۇرغۇنلىغان ئادەم سىزنىڭ نوتۇقىڭىزنى ئاڭلاش ئۈچۈن سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ. بېرىپ ئۇلارنى بىلەن كۆرۈشۈپ قويامسىز؟
ب:قەلىمىمنى ئېلىۋالسام بولامدۇ؟
س: قانداق قىلىسىز؟
ب: مەستانىلىرىمغا ئىمزا قويۇپ بەرمەمدىم.
س: بولىدۇ. ياخشىراقنى ئېلىۋېلىڭ. سىياسى تۈگەپ قالمىسۇن يەنە.
ب: ئەمسە كەتتۇق يۈرۈڭلار.
د: توختاڭلار . مېنى ساقلاپ تۇرۇڭلار. ( ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرىدۇ. ئۇلار سەھنىدىن چۈشىدۇ)   

2

تەھرىر ئىشخانىسىدا



قاتناشقۇچىلار: مۇھەررىر ۋە شائىر
ئورۇن: تەھرىر ئىشخانىسى.

ئا: بىر ماتىريالىنى كۆرۈپ بىر يەرلىرىنى تۈزىتىپ ئولتۇرىدۇ.
ب: قولىدا بىر تۇتام ماتىريالنى كۆتۈرۈپ ئىشخانىنىڭ ئىشكنىچېكىدۇ ‹‹  گوم. گوم .گوم. گوم››
ئا: ھە، كىرىڭ.(ئۇيەنىلا قولىدىكى ماتىريالغا قاراپ ئولتۇرىدۇ)
بئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)
ئا: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام(ئورنىدىن تۇرىدۇ) قېنى كېلىڭ ئولتۇرۇڭ.
ب: رەھمەت( ئۇ ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئامىن دەپ دۇئاغاقول كۆتۈرىدۇ ئا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قول كۆتۈرىدۇ)
ئا: سىز بىرەر ئىش بىلەنكەلگەنمىدىڭىز يا؟
ب : تەھرىر ئەپەندىم . ئىشىم بولمىسا بۇ يەرگە كېلىپ بېشىمنامايىش تولاپ قالمىدى مېنىڭ شۇ ئىشىم ئىشم بولغاچقا كەلدىم-دە.
ئا: ھە شۇنداقمۇئەمسە....
ب: ئالدى بىلەن سىزدىنبىر ئىشنى سوراپ باقايمۇ؟
ئا: سوراڭە.
ب: سىز مېنى تونۇمسىز؟
ئا: ھەم ھەيران، ھەمبىئارام بولغان ھالدا) ياق مەن سىزنى تونۇيالماي قالدىم. سىز كىم؟
ب: مانا مۇشۇنداق يېرىڭلار بار ئەمەسمۇ؟ بىزلەر كېچىلىرىتاتلىق ئۇيقۇمىزدىن ۋاز كېچىپ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يېزىپ سىلەرگە ئەۋەتىمىز.ئەمما سىلەرچۇ ئىشخاناڭلاردىن چىقاي ئولتۇرۇپ ئۆزۈڭلارنىڭ يازغۇچىشائىرلىرىڭلارنىمۇ تونۇمايسىلەر؟
ئا: ھە شۇنداقمۇ كەچۈرۈڭ كەچۈرۈڭ. مەن راستىنلا سىزنىتونۇيالماي قاپتىمەن. ئەپۇ قىلىڭ. مانا ھازىر تونۇشساقمۇ كېچىكمەيمىزغۇ؟
ب: ھە بوپتۇ، چوڭلار بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، سورىماسلىقئەيىپ دەپتىكەن. ھېچ ۋەقەسى يوق. تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئا: ھە بولىدۇ. ئوبدانبىر تونۇشىۋالايلى.
ب: ( گېلىنى قىرىپ قويۇپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۋىتىپ) مەن مۇشۇخېلى ئۇزۇندىن بىرى سىلەرنى قوللاپ،قۇۋەتلەپ باش چۆكۈرۈپ ئەسەر يېزىپ سىلەرگە  ئەۋەتىۋاتقان يىتۈك شائىر. ئالىم ، پەيلاسۇپ،جامائەتئەربابى يانتاقى بولىمەن.
ئا: ھە؟ يانتاقى ،قايسىيانتاقى ؟
ب: قارىغاندا سىزبىلمەيدىغان ئوخشايسىز. مەن باھادىرنامە، جاللات خېنىم، ئەنجانباي، كۆمۈرچى بالا
ب: قاتارلىق يىرىكئەسەرلەرنڭ ئاپتۇرى.
ئا: ھە؟ ( ھەيرانقالىدۇ)
ئەمەس بەلكى ‹‹كېچىسى چۈش كۆرۈشنىڭ ئەھمىيتى ››
‹‹ نامراتلىق قانۇنغا خىلاپ›› ‹‹ يوپۇرماقلارتارىخى ››قاتارلىق ئىلمى ماقالىلەرنىڭ شۇنداقلا، ‹‹ ئېشەكلەرگە مەدىھيە›› ‹‹ ئاھجېىنىم مايمۇن›› قاتارلىق لىرىك شىئىرلارنىڭ مۇئەللىپى يانتاقى بولىمەن.
ئا:  ھە تونۇدۇم.تونۇدۇم. سىزنى ئەمدى تونۇۋالدىم. سىز ھېلىقى تاققا-تۇققا نەرسىلەرنى يېزىپ بىزنىئاۋارە قىلىدىغان چالا ساراڭ.
ب:   نىمە دەيسىز؟
ئا:  ھە مەن سىزنىيىتۈك، قەلىمى ئۆتكۈر، زىھنى ئوچۇق شائىر دەۋاتىمەن.   
ب:  ئەمدى ئېسىڭىزگەكەپتىمەن-دە .  سىزگە دىسەم خەلقىمىزدەشۇنداق بىر ئومۇمى ئىللەت باركى ئۇ بولسىمۇ سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپقالىدىغان.
ئا:  ھە ئەپەندىمشۇنداق قىلىپ بۈگۈن ئىشخانىمىزغا مۇبارەك قەدىمىڭىز يېتىپ قاپتۇ،تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا بەرمەمسز؟
ب: تولىمۇ توغرا گەپ قىلدىڭىز . تەھرىرلەر يازغۇچىلارنىڭتەكلىپ پىكىرلىرىنى قۇبۇل ئۈزلۈكسىز تىرىشقانىدىلا ئاندىن ژورنالنىڭ تىراژى يۇقىرىكۆتۈرىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى پۇل تاپالايدۇ.
ئا: تازا بىر جاۋۇلداق ئاداشمۇ نىمە بۇ ) ئەپەندىم ۋاقىت سەلقىس ئىدى. شوڭا گەپ بولسا چاققانراق دەۋەتسڭىز ئوبدان بولاتتى.
ب: قارىغاندا سىز تۇرمۇشتا تولىمۇ ئالدراڭغۇ ئوخشايسىز.سىزگە دىسەم ئۇلۇغلىرىمىز. ئالدراڭغۇلۇق شەيتاندۇر›› دىگەن.
ئا: ياق مەن ئالدىراڭغۇئەمەس. ئەمما ۋاقىت سەل قىس ئىدى.
ب: بىلىمەن. ھازىر ھەممە ئادەم راھەت پاراغەتكە بېرىلىپكەتتى. دىسەم-دىمىسەم سىزمۇ قايسىدۇر بىر ئولتۇرۇش، قايسىدۇر. يىغىلىش. قايسىدۇر.بەزمە مەشرەپلىرىڭىزگە مېڭىشقا ئالدىراپ تولىمۇ بىتاقەت بولۇپ كېتىۋاتىسىز؟ ئەممابىلىشڭىز كېرەككى ئىنسان ئۈچۈن راھەت پاراغەتكە ئەيدىستىنمۇ خەتىرى چوڭ بولغان.نىجىس كېسەللىكتۇر.
ئا: بولىدۇ. قاراڭ مەنمۇ ئالدرىماي. سىزمۇ ئەزمىلىك قىلمايگېپىڭىزنى چاققانراق دىگەن بولسىڭىز. مانا قاراڭ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپقالدى. بىر دەمدىن كىيىن تېخى بىر يىغىن بار ئىدى.
ب: سىز قارىغاندا مېنى چۈشەنمەيۋاتقان ئوخشايسىز. مەنتۇرمۇشتا تولىمۇ سالماق ئادەممەن. ئەمما سىز بۇنداق ئالدىراۋاتقان يەردە مەنمۇگېپىمنى تىزرەك دەپ يولۇمغا ماڭسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمسە نەق گەپنىقىلىشامدۇق؟
ئا: بولسا شۇنداققىلىلى. بۇنداقتا سىزمۇ ماڭا ياردەم قىلغان بولىسىز؟
ب: باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ياخشى خىسلەتتۇر. بۇنىڭئېغىزغا ئالغىچىلىكى يوق. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم ئىككى ھەپتە بۇرۇن مەن بۇبۆلۈمگە ئىككى پارچە ئىسىل شىئىرى ئەسىرىمنى ئەۋەتكەن ئىدىم. ئەمما ھازىرغىچەئېلان قىلىنمىدى. مەن بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەي دەپ كەلگەندىم.
ئا: ھە شۇنداقمۇ ئۇقايسى ئەسەرلەر بولغىيتى؟
ب: مانا سىلەر مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىسىلەر ئەمەسمۇ؟بىز شائىرلار مېڭىمىزنىڭ قېتىغىنى سىياھ قىلىپ ئەسەر يېزىپ چوڭ ئۆمىد بىلەنسىلەرگە ئەۋەتىمىز ئەمما سىلەر بولساڭلار ئۇ ئەسەرلەرگە قاراپمۇ قويماستىن ئەخلەتساندۇقىغا تاشلايسىلەر.
ئا: كەچۈرۈڭ ئۇنداق ئىش يوق. مەن ئەسەرلەر تىزىملىكىگە قاراپباقاي. ئەسىرىڭىزنىڭ تىمىسى نىمتى؟ ( ئۇ ماتىرياللارنى ئاختۇرىدۇ.
ب: كۆمۈر لىرىكىسى
ئا: ھە مانا بۇيەردىكەن.( ماتىريالنى ئېلىپ ئۈستەلگە قايتىپ كېلىدۇ.  
ب: ئەھۋالدىن قارىغانداقاراپمۇ قويماپسىز-دە بۇ ئەسىرىمگە.
ئا: ياق بىز قاراپقويغان. لىكىن شۇ ژورنالغا بەرگۈدەك ئەمەسكەن. شوڭا ...
ب:  نىمە ژورنالغا بەرگۈدەك ئەمەسكەن. بۇ قانداقگەپ بۇ دىگەن مېنىڭ ھاياتىمدا يازغان ئەڭ ئەڭ نادىر ئەسىرىم تۇرسا،
ئا: ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن ژورنىلىمىزنىڭ ئەسەر تەلىپى سەليۇقىرقى شوڭا ....
ب: خانغا يارىغان ئېشىم تازغا يارىماپتۇ دەپ خېلى خېلىيەرلەرگە يارايدىغان ئەسەر سىزگە يارىمىدى دەڭ.
ئا: شۇنداقمۇ مۇنداق قىلايلى . سىز مۇشۇ دىداكتىكئەسىرىڭىزنى مۇشۇ يەردە بىر ئوقۇپ بېرىڭ . بىز ئورتاق مۇھاكىمە قىلىشىپ باقايلى.
ب: ئەسەرنى يۇلۇپ ئېلىپ) بولىدۇ ئوقۇپ بېرەي. ئوبدان ئاڭلاپ تۇرۇڭ جۇمۇ.
ئا: بولىدۇ. پۈتۈندىھقىتىم بىلەن.
ب: گېلىنى قىرىپ قويۇپئوقۇشنى باشلايدۇ.
شىئىر : كۆمۈر لىرىكىسى.ئاپتۇرى مەن ( يانتاقى)
كۆمۈر ئۆزى قاپقارا،
ئەمما ئىسسىق بېرىدۇ.
شۇ كۆمۈرنى ھەر كۆرسەم،
يارىم ئېسىمگە كېلىدۇ.
( ئۇ تەھرىرگە قارايدۇ)
ئا: قولىدا شەرەتلەپ)ئوقۇڭ ئوقۇڭ داۋاملىق . ھە...
ب: گېلىنى قىرىپداۋاملىق ئوقۇيدۇ)
تاغدىن چىققان كۆمۈردەك،
مىھرى ئىسسىق ئەي يارىم.
سەن يايرىمنى بىر كۆرسەم،
يىراققا كېتەر دەردىم.
ئا: ياخشى ياخشىداۋاملىق ئوقۇڭ ھە .
ب: (داۋاملىق ئوقۇيدۇ)
بىر ياغلىق كۆمۈر ئالدىم.
قەددى چىنار يايرىمغا،
مەنمۇ كۆيدۈم كۆمۈردەك،
يار كەلسەڭچۇ قېشىمغا.
(ب ئا غا قارايدۇ)قانداق بولامدىكەن يا؟
ئا: مەن تازا چۈشىنەلمەيقالدىمغۇ  بۇ شىئىرنى ؟
ب : نەرىنىچۈشىنەلمىدىڭىز. شۇنداق ئوبدان چىقتىغۇ؟
ئا: باشقا گەپنى دىمەي تۇرايلى. سىز بۇ شىئىردا كۆمۈرگەمەدىيە ئوقۇماقچىمۇ ياكى يارىڭىزغىمۇ؟
ب: سىز شۇنىمۇ چۈشىنەلمىدىڭىزمۇ؟ مەن بۇ تىمىدا يارنىكۆمۈرگە ئوخشاتتىم. كۆمۈرنىڭ ئۆزى كۆيسىمۇ باشقىلارغا ھارارەت ئاتا قىلىدىغانخىسلىتىنى يارغا ئوخشاتتىم. بولماپتىما؟
ئا: بوپتۇ. بوپتۇ. ياخشى قىپسىز. ئەمما شۇ بايا دىگەندەك بۇشىئىرلىرڭىزنى ژورنالغا باسالمايمىز قاراڭ. ئەمما سىزگە يەنە پۇرسەت بار. بۇنىڭدىنكەسپىڭىزگە ئائىت كىتاپ-ژورناللارنى كۆپرەك كۆرۈپ، قەلىمىڭىزنى پۇشۇرۇپ، ياخشىراقئەسەرلەرنى يېزىپ كەلسىڭىز ژورنالغا بەرسەك بولىدۇ. شوڭا ھازىرچە قايتىپ...
ب: ماڭا قاراڭ، سىز قوغلاشقا بۇنداق ئالدىرىماڭ دەيمەن. بۇشىئىرلىرىم سىزگە يارىمىغان بولسا مانا ھازىر قولۇمدا بىر نەچچە پارچە شىئىرتۇرۇپتۇ. مانى كۆرۈپ بېقىڭە ئەمسە. ( ئۇ قولىدىكى بىر نەچچە ۋاراق قەغەزنى ئا    غا تەڭلەيدۇ)
ئا: ھە بۇ قىلغنىڭىزمۇ ياخشى بوپتۇ. قېنى بىر ئوقۇڭە. بۇشىئىرنىمۇ بىر ئاڭلاپ باقاي.
ب: ئەمسە ئوقۇپ باقايما؟
ئا: بولىدۇ ئوقۇڭە.
ب: ما شىئىرنى قاراڭيانتاققا مەدىيە ئوقۇپ يازغان ئوبدان ئاڭلاڭ ھە؟
ئا: بولىدۇ. بولىدۇ.
ب: باشلىدىم ئەمسە
  يانتاققا مەدىيە، ئاپتۇرى يانتاقى.
  سورىساڭلار ئىسمىمنى،
  چۆلدە ئۆسكەن يانتاقمەن.
تەبىئەتتۇر ئۆز ئانام،
ئۇنىڭ ئىشقىدايانغانمەن.
سۇ بولمىسا ئايدا بىر،
قۇرىمايمەن كۆكلەيمەن.
پەقەت يامغۇر بولسىلا،
باراقسانلاپ ئۆسكەيمەن.
ب: مانا بۇ شىئىرغۇ سىزگە يارىغاندۇ، مانا كەم –كۈتىسىز.يېزىلغان ئەسەر دە بۇ.
ئا: مانا بۇ شىئىرخېلى ياخشى يېزىلىپتۇ. يامان ئەمەس. يەنىچۇ؟
ب: يەنىما يەنە ھە بار ...بار .. يەنە مۇشۇ يارنى كۈيلەپيازغان بىر پارچە ناخشا تېكىستى بار شۇنى ئوقۇيما ئەمسە.
ئا: بولىدۇ. يارنىكۈيلەپ يازغان شىئىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقىلى.
ب: ئەمسە ئوقۇدۇم. ( ئۇ گېلىنىقىرىپ قويۇپ شىئرنى باشلايدۇ)
شئىر بىۋاپا .ئاپتۇر دىمسەممۇ بىلىسىلەر ھەقىچان.
يايرىم سېنىكۆرەلمەي،
قىينىلىپ يۈرۈپ كەتتىم.
ۋىسالىڭغا يىتەلمەي.
دەردىڭدە ئۆلۈپ كەتتىم.
ئەگەر يەنە كەلمىسەڭ.
مەن مەلەڭگە بارىمەن.
ئاتا-ئاناڭ بەرمىسە،
ئىچ-قارنىنى يارىمەن.
ئا: توختاڭ. توختاڭ. ھەي بۇ قانداق تېكىست  ئەمدى كۈيۈپ كەتتىم ئۆلۈپ كەتتىم. قارنىڭنىيارىمەن، ئۆتتۈرىمەن دەپمۇ ناخشا بولامدۇ دەيمەن.
ب: مانا قاراڭ بۇچۇ يېڭىچە بىر ئۇسلۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقىبىر قىسىم شائىرلار مانا مۇشۇنداق شىئىرلانى كۆپ يازىدىكەن . ناخشىچىلارمۇمۇشۇنداق شىئىرلارنى ناخشا قىلىپ ئېيتىپ ئوت چىقىرۋىتىدىكەن شوڭا... مەنمۇيازدىمغۇ؟
ئا: يازغىنىڭىزغۇ بوپتۇ. ئەمما بۇ ئۆلدۈم، كۆپتۈم. قارنىڭنىيارىمەن. دەپ بۇنداق يازسىڭىز. بولامدۇ دەيمەن.
ب: تەھرىر ئەپەندى سىز بىلمەيدىغان ئوخشايسىز. مۇشۇ يېقىندىنبىرى ناخشىچىلار كۆيدۈم پىشتىم. ئاق بولدۇم قاق بولدۇم. دەپ ناخشىلارنى تولائيتىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇنداق ناخشىلارنى كىشىلەر بەك ياقتۇرۇپئاڭلايدىكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىنرەك بولۇپ ئۆلدۈم. پىچىۋىتىمەن.قارنىڭنى يېرىۋىتىمەن. دەپ يازسام ناخشا قىلىپ ئوقۇلغاندىن كىيىن باشقىلار تېخىمۇياقتۇرامدىكىن دەپ مۇشۇنداق يازدىمغۇ؟
ئا: ما گېپىڭىز توغرا دىمىسىمۇ بەزى ناخشىچىلار مۇشۇ كۆيدۈمپىشتىم. ئاشىق بولدۇم. ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ. خەق بىلەن كەتتىڭ. تېنىۋالدىڭ،يېنىۋالدىڭ دەپ بىر ناخشىلارنى ئېيىتقىلى تۇردىكى ئەيھانناس ئەيھانناس.
ب: تەھرىر ئەپەندى ما گەپنى توغرا دىدىڭىز. مەن دەيمەن.مۇشۇنداق لاۋزا ناخشىلارنى جىق ئوقۇغىچە بۇ ناخشىچىلار ۋەتەننى ، ئاتا –ئانىنى،مىھىر-مۇھەببەتنى، چىن سۆيگۈنى ، ۋاپادارلىقنى تەسۋىرلەپ بىر ناخشىلارنى ئېيىتسانىمە بولىدىغاندۇ دەيمەن.
ئا: بۇ جەھەتتە كۆز قارىشىڭىز خېلى ئىلغاركەن. ئەمدى ئۆزگېپىمىزگە كەلسەك سىز ھازىر قايتىپ كېتىڭ. ماتىرياللارنى كۆپرەك كۆرۈپ يازغانئەسەرلىرىڭىزنىڭ سان –سۈپىتىنى ياخشى كۆتۈرۈپ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ كەلسىڭىز.تەھرىر بۆلۈمىمىمىز سىزنى قارىشى ئالىدۇ. شۇنداق قىلامدۇق؟  
ب: مۇھەررىر ئەپەندى باياتىندىن بىرى قارىسام سىز مېنى سەلمەنسىتمەيۋاتىسىز. ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىقى بىر پارچە شىئىرىم قالدى . بۇنى بىرئوقۇپ باقاي ، ئەگەر بۇ شىئىرىممۇ يارىمىسا ئاندىن مەن قايتىپ كېتەي سىزچە قانداق؟
ئا: بولىدۇ. ( ئىچىدە ) مېنى ئاۋارە قىلمايدىغانلا ئىشىڭىزبولسا ئوقۇڭە.
ب: نىمە دىدىڭىز؟
ئا: ھېچنىمە شىئىرىڭىزنى ئوقۇڭ دىدىم شۇ.
ب: ئەمسە ئوقۇيمۇ؟
ئا: قېنى تۈزۈت قىلمايلا....
ب: (شىئىرنى باشلايدۇ) شىئىر
ئىچىمدىكى ئاۋازلار .
-ئانا گۇگۈم پەردىسى
يېيىلماقتا كەپىگە.
ئالتۇن قوياش غىپپىدە-
نەگە كەتتى دىگىنە؟
ئا:   (ئۇنىڭغاشۈھبىلىك قاراپ تۇرىدۇ)
-ئالتۇن قوياش كەتمىسە،
كېچە قانداق كېلىدۇ.
سەن ئىزدىگەن يۇلتۇزنى،
ئاسمان قانداق بېرىدۇ.
ئا: توختاڭ
ب: نىمە، نىمە دەيسىز؟
ئا: توختاڭ دەۋاتىمەن. بولدى ئوقۇماڭ.
ب: نىمە بولدى. بىر ئوبدان كىتىۋاتىدىغۇ؟
ئا: سىز قانداق ئادەم ھە؟
ب: مەن ھېچقانداق ئادەم ئەمەس، ئەر كىشىغۇ؟
ئا: سىز كىمنى ئەخمەق قىلىۋاتىسىز؟
ب: نىمە بولدى مۇھەررىر ئەپەندى؟
ئا: سىز ھازىر كىمنىڭ شىئىرىنى ئوقۇۋاتىسىز؟
ب: ئۆزۈمنىڭ، نىمە بولدى.
ئا: بۇ شىئىرنى راستىنلا ئۆزىڭىز يازغانما؟
ب: شۇنداق.
ئا: قاراڭ . بۇ شىئىر شائىر جاسارەت جاپپارنىڭ ‹‹ تارىم››ژورنىلىنىڭ 2014 يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان ئىچىمدىكى ئاۋازلار ناملىق شىئىرىغۇ.سىز بىزنى كالۋا دەپ ئويلامسىز؟
ب: نىمە ... سىز...
ئا: نىمە سىز... بىز... باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆز پېتىئوغىرلاپ كېلىشتىن خىجىل بولسىڭىزچۇ؟
ب: شۇنچە كونا ژورنالدىن كۆچۈرسەممۇ بىلىۋاپتا. مۇھەررىرئەپەندى بۇ ئەسلى...
ئا: سىز يەن نىمە دىمەكچى . بولدى قايتىپ كېتىڭ، كۆپرەككىتاپ كۆرۈپ، شىئىر يېزىشنى كۆپرەك مەشىق قىلىپ ئاندىن ئالدىمغا كېلىڭ . قانداق؟
ب: مۇھەررىر ئەپەندى سىز سەل ساقلاپ تۇرسىڭىز سىرىتقاچىقىپلا كىرەي.
ئا: نىمىشقا، يەنە نىمە قىلماقچى.
ب: مەن ھېچنىمە قىلماقچى ئەمەس، شۇ يېڭى چىللىغان خورازدىنئىككىنى، ئەمدىلا مەڭزى ئاقارغان تەيگو مېكىياندىن ئىككىنى ئالغاچ كەلگەندىم.ئەككىرەي دەيمەن.
ئا: ئۇلارنى ئەككىرىپ قانداق قىلماقچىسىز؟
ب: ئۇلارنى سىزگە ئەكەلدىم.
ئا: مەن قانداق قىلىمەن.
ب: ۋاي سىز دۆتمۇ يا؟قانداق قىلاتتىڭىز، خورازنى بوغۇزلاپ بەرسىڭىز، ئايالىڭىز ئاخشاملىققا داپەنجىقورۇپ بېرىدۇ. مېكىيانلار تۇخۇم تۇغسا لەغمەنگە ئۈلگۈرىدۇ شۇ...
ئا: ھە؟ سىز مۇشۇنىمۇقىلىق دەپ قىلدىڭىزمۇ؟ سىز مۇشۇ ئىككى چىچقاق توخۇنى بەرسەملا ھەممە ئىش پۈتىدۇدەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟
ب: راست دەيسىزمۇھەررىر، مەن ئىككى تال توخۇ بىلەنلا ئىش پۈتمەيدىغانلقىنى بىلىپ ئوڭ يانچۇقۇمغالىققىدە پۇل سېلىپ كەلدىم. ئەمسە مېڭىڭە، سىز ئوبدان بىر مىھمان قىلاي. ktw غاكىرەمدۇق، سائۇنناغىمۇ ، ياكى بىرەر دىباغا كىرەمدۇق. قېنى مېڭىڭە.
ئا: ۋاي نىمانداق قلىسىز دەيمەن.
ب: ھېچقانداق قىلمىدىمغۇ؟
ئا: ماڭا قاراڭ. مەن سىزنىڭ بۇنداق نەرسىلىرىڭىزگە مۇھتاجئەمەسمەن. ئەڭ ياخشىسى قايتىپ كېتىڭ.
ب: ئە مۇھەررىر مۇنداق قىلامدۇق-يا.
ئا: يەنە قانداق قىلىمىز.
ب: سىز ئەسەرلىرىمنى ئېلان قىلىپ بېرىڭ. توخۇلارنىمۇ مەنئەكىتەي، رىستۇران دىبالارغىمۇ بارمايلى، ماڭا كارتا نۇمۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ . مەن
نەق پۇللا ئۇرىۋىتەي قانداق؟
ئا: ھەي ، نىمانداق ئەخلاقسىز ئادەمسىز؟ ماڭا قاراڭ بىزيازغۇچىلاردىن پۇل ئالمايمىز. ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلساق ئۇلارغا قەلەم ھەققىبېرىمىز. سىزگە تەكلىۋىم. سىز شائىر بولىمەن، شىئىر يازىمەن دىگۈچە، ئالدى بىلەنراۋرۇس بىر ئادەم بولىڭە قانداق. يىغىنىم بار ئىدى ، مەن ماڭغاچ تۇراي ئەمسە خوش .
( مۇھەررىر چىقىپ كېتىدۇ)
ب: (ئۆزىگەغودۇرايدۇ) گۆھەر ياتىدۇ ساندا، تونۇمىساڭ نىمە پايدا دەپ نىمانداق قىلىدۇ. ماقارا قورساق مۇھەررىر، بوپتۇ. بۇلار ئېلان قىلمىسا گېزىت-ژورنال دىگەن كۆپقۇ، مەنبېرىپ شۇلارنى ئىزدەپ باقاي،
( ب سەھنىدىن چۈشىدۇ ، ئا ب ئىككىسى تاماشىبىلارغا سالامبېرىدۇ)

3

مەسلىھەت سوراش
ئورۇن:  يول ئۈستى.
قاتناشقۇچىلار: ئىككى ئاغىنە.
( ئا بېشنى قاشلاپ يول ئۈستىدە تۇرغاندا ب يېنىدىن ئۆتۈپقالىدۇ)
ئا: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم( ب نىڭ قولىنى سىقىپ كۆرىشىدۇ)
ب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش،
ئا: گەپ قىلمىسام كۆرمەسكە سېلىپ قارىماي ماڭىسەن، ئەمدىزورلاپ كۆرۈشۈپ قويسام ئەمدى ئەھۋال سورامسەن؟
ب: نىمە بولدى ئاداش، كۆرمەي قاپتىەن شۇ...
ئا: ۋاي كۆرمەيسىلەر ئاداش ، كۆرمەيسىلەر. تىچلىق چاغداھەممىڭڭلار بەك كۆرىسىلەر، باشقا كۈن چۈشكەندە بولسا ئاغىنە باللىنىڭ ھېچقايسىڭلاركۆرمەيسىلەر.
ب: ئاداش نىمە بولىدى. شۇ دىمەمسەن، شۇنچە قاخشغىدەك بېشىڭغانىمە كۈن كەلدى.
ئا: ئاداش ئۆزۈڭ بىلىسەن، يېقىندىن بىرى ئاياغ مەھەللىدىكىئارزىگۈل دىگەن قىز بىلەن ئارلىشىۋاتقاندىم ئەمەسمۇ؟
ب: قايسى ئارزىگۈلنى دەيسەن ئاداش؟
ئا: ھەي ھېلىقى قاسىم ياغاچچىنىڭ كىچىك قىزى ئارزىگۈلچۇ؟
ب: ھەي سەن تېخى بىر ئاي ئىلگىرىلا يۇقىرى مەھەللىدىكىساۋۇتكامنىڭ قىزى بىلەن يۈرىۋاتقان ئەمەسمىدىڭ، قاچانلاردا ئارزىگۈل بىلەن تېپىشىپقالدىڭ.
: ئاغىنە قايسى زامان دەيمەن بۇ، قىزلارنىڭ تولىلىقىداھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز دەيمەن.
ب: سەن ئۈچۈن-زە قىزلار پايپاقنىڭ ئورنىدا ئىكەن-دە .
ئا: دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى شۇ تۇرسا ئاداش قانداق قىلىمىزدەيسەن؟
ب: ھەي ئاداش قۇشقاچتەك شاختىن-شاخقا ئاتلاپ يۈرگىچە بىر قىزبىلەن مۇقىم ئارلىشىپ توي قىلساڭ بولمامدۇ؟
ئا: ئاداش بۇ جەمئىيەتتە شاختىن شاخقا قونۇپ ئويناۋاتقانيالغۇز مەنلا ئەمەسقۇ، قىزلارمۇ شۇنداققۇ؟
ب: قايسى قىزلار شۇنداقكەن؟
ئا: ھەي ئاغىنە جاھان نەدە، سەن نەدە. ساڭا دىسەم ئۆتكەندەبىر قىز بىلەن تونۇشقاندىم. ئۇ خېلى سەمىمى قىزكەن. مەندىن ھېچقانداق گېپىنىيوشۇرمايتى دىگىنە. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن نەچچە مۇھەببىتىڭىز بار دىسەم، سىز 17-سىدەيدۇ قارا. راست گەپ قىلىڭچۇ دىسەم، خاپا بولماڭ ئەمسە، سىز 21-سى دەيدۇ؟
ب: ئاشۇ قىزنىڭ راستىنلا 21 مۇھەببىتى بارمىكەن.
ئا: راست ئوخشايدۇ. ئاغىنە . قېشىدا پاراڭلىشىپ يېرىم سائەتتۇرسام ئون قېتىم تىلفۇن كېلىپ بولدى. ئاڭلاپ تۇرسام بىرىسى ھاماڭ دەيدۇ، بىرىسىجېنىمما دەيدۇ. يەنە بىرسى قەدىرلىكم دەيدۇ. قورقۇپ كېتىپ شۇ ھامانلا ئايرىلىپكەتتىم.
ب: ھە. شۇنداق قىلىپ ئارزىگۈلنى تاپتىڭ. ئۇنىڭ نەچچەمۇھەببىتى باركەن سورمىدىڭمۇ؟
ئا: نىمانداق گەپ قىلىسەنوي. ئۇ دىگەنچۇ تېخى بوسۇغىدىنپۇتىنى ئېلىپ باقمىغان قىز. تۇنجى مۇھەببىتى ئەلۋەتتە مەن بولىمەن-دە.
ب: ئۇنداقتا ھازىرسېنىڭ قانچە مۇھەببىتىڭ بار ؟
ئا: شۇ بار-يوق تۆتى باتى. ئارزىگۈلنى دەپ باشقىلار بىلەنئايرىلىپ كەتكەن. لىكىن ھازىر ئارزىگۈل مەندىن ئايرىلىپ كېتىمەن  دەيدۇ.
ب: نىمىشقا ئەمدى؟
: ئۇ شۇ بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى بىلىپ قاپتۇ. سىزدەك ئادەم بىلەنئارلىشالمايمەن.  بەك سۇيۇقكەنسىز دەيدۇشۇ.
ئا: ۋاي بىر كۆڭلۈڭنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنى ئىشەندۈرسەڭ بولىدىغۇ؟
ب: چۈشەندۈردۈم ئۇنىمدى.
ئا: ھە راست. سەن قەسەم قىلىشقا ئۇستىغۇ؟ قەسەم قىلساڭبولمامدۇ؟
ب: ۋاي قىلىپ باقتىم. قەسەم قىلسام قەسەمخور ئادەم خەتەرلىككېلىدۇ دەپ تۇرىۋالدى.
ئا: ئېسىمدە قېلىشچە ئۆتكەندە بىر قىز سەن بىلەن ئايرىلىپكەتمەكچى بولغاندا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئوڭ بىلىكڭنىكېسىۋالغاندىڭ. يا بۇ قېتىم سول بىلىكىڭنى كېسىۋالامسەن-يا؟
ب: چاقچاق قىلمىغىنە ئاداش، مەن ئەستايىدىل سۆزلەۋاتىمەندەيمەن.
ئا: ئاغىنە مەنمۇ-شۇ ساڭا ئامال تېپىشىپ بېرىۋاتىمەن. ھەتوغرا. ئالدىنقى يىلى بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۇنى دەپ چاشقان دورىسىئىچىۋالغاندىڭ . بۇ ئامالنى قىلىپ باقامسەن-يا.
ب: ۋاي چاقچاق قىلمىغىنە ئاداش . بىزدىمۇ ئازراق ۋىجدان بارجۇما، بىرەر قىزنى دەپ ئۇنداق قىلىپ يۈرمەيىمىز.
ئا: ياخشىغۇ. ئۇنداق بولسا ئۇ قىز ئايرىلىپ كېتەيلى دىگەنبولسا ئايرىلىپ كەتسەڭلا بولدىكەنغۇ. سەندەك كېلىشكەن يىگىتكە قىزلا دىگەن كۆپقۇ؟
ب: ھەي بۇ نىمە دىگىنىڭ ھە؟ مەن ئايرىلىپ كەتسەم ئۇنىڭ بىلەنئۆزۈڭ ئارلىشاي دىگەنمىيا؟
ئا: ياق ئاداش، مېنىڭ لايىقىم بار. خۇدا خالىسا بىرەر ئايئىچىدە توي قىلىپ ئەل-يۇرىتقا چاي بېرىمىز. دەۋاتىمىز.
ب: ھەي ئاغىنە ساڭا دىسەم ئۇنداق ساراڭلىقنى ھەرگىز قىلما جۇمۇ.
ئا: نىمىشقا؟
ب: ئاغىنە سەن بىر گەپنى ئاڭلىمىغانمۇ؟
ئا: قايسى گەپنى؟
ب: توي قىلمىساڭ تالادا قالدىڭ . توي قىلدىڭ بالادا دىگەنگەپنى.
ئا: ئەمدى بالادا قالىدىكەنمىز دەپ مەڭگۈ توي قىلمايئۆتەمدۇق؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاداش توي قىلىپ بەختىلىك ئائىلە قۇرساڭ ھاياتىڭنىڭئاندىن ھاياتىڭنىڭ مەنىسى بولمامدۇ؟
ب: مەن توي قىلماسلىق كېرەك دىمىدىم. ئەمما بەك بالدۇر تويقىلىۋېلىپ بىر ئۆيگە باغلىنىپ قالساق ۋاي تاڭ جۇمۇ.
ئا: ما گېپىڭ بولمىدى ئاداش، توي قىلىش. ئائىلە قۇرۇش،ئەۋلاد قالدۇرۇش. ئۇنى تەربىيلەش دىگەن بۇ ئىنساننىڭ ئەقەللى بۇرچى ئەمەسمۇ؟ ئەگەرئۆيگە باغلىنىپ قالىمەن دەپ ھېچكىم توي قىلمىسا، سەن بىلەن بىز نەدىن پەيدابولىمىز ، سۇڭۋۇكۇڭدەك تاشنىڭ ئارىسىدىن چىقامدۇق –يا؟
ب: ئۇنداق دىگىنىڭ بىلەن ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭمەسئۇليتى ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ياشلار بۈگۈنى توي قىلىپ ئەتىسى ئاجرىشىپبۇ ئىشنى بىر كەسىپ قىلۋالدى ھازىر. شوڭا ئادەم توي قىلىشتىن قورقىدىكەن.
ئا: بۇ گېپىڭمۇ بىر ھېساپتا توغرا. ئەمدى توي بولغان ئىكەن.ئەلۋەتتە ئاجرىشىش بولدۇ. ئەمما خۇددى سەن دىگەندەك ھازىر مۇشۇ توي قىلىپئاجرىشىشنى كەسىپ قىلىپ مال-دۇنيا يىغىۋاتقان قىزلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. تولا خوتۇنئېلىپ خوتۇن قويۇپ بېرىپ. ئاتا-ئانىسى تاپقان ۋەج- ئوقەتنى بۇزۇپ –چېچىۋاتقانياشلارمۇ خېلى باركەن. ئەمما بۇ ئىشلار ھازىر بارا-بارا ئوڭشىلىۋاتىدۇ. ئاداش .شوڭا سەن ئاشۇ ئارزىگۈلگە كۆڭۈل توختاتقان بولساڭ. قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇنىڭغا تويتەكلىۋى قوي. ئەگەر ئۇ قوشۇلسا ئاتا-ئاناڭنى ئەۋەتىپ توي تەييارلىقىنى قىل. يۈگۈريېتىم ئىشلىرىڭغا مانا مەن بىر قوللۇق قارىشىمەن. باغىقىڭنى تارقىتىمەن. غەم قىلماجۈرە.
ب: مەنغۇ شۇ ئارزىگۈلگە كۆڭۈل توختاتتىم. ئەمما ھەلقىلىنمىغان ئازراق مەسلە بار. شوڭا...
ئا: قانداق مەسىلە بار. دىگىنە ھەل قىلغىدەك بولسا ھەلقىلايلى.
ب: ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئۇنى شەھەردىكى خېلى چوڭ بىرئاشخانىغا تەكلىپ قىلدىم. بىر ئوبدان تاماق يىدۇق. ئارقىدىن توي تەكلىۋى قويسامرەت قىلىۋەتتى. كىيىن يېقىن بىر ئاغىنسىدىن ئەھۋال ئۇقسام. ئۇنداق پېتى، پىخسىقبالا بىلەن توي قىلمايمەن، دىگۈدەك.
ئا: ئۇ كۈنى زادى نىمە ئىش بولغان.
ب: مەن ئويلاپ باقاي ھە؟ ئېسىمگە كەلدى. ئۇ كۈنى مەنئارزىگۈلگە تىلفۇن قىلدىم. بىز كۆرۈشتۇق. ناھايتى كەلسە شۇ ئۇنىڭغا‹‹ چېچىڭىنى سەلكەستۈرۈپلا ۋەتسىڭىز. ئايگۈلگە ئوخشاپ قالىدىكەنسىز ›› دەپتىمەن. شۇنىڭغا شۇنچەخاپا بولۇش كېتەمدۇ دەيمەن. شۇنچىلىك قايناپ كەتتى.
ئا: ھەي سەن ساراڭما؟
ب: ياق نىمە بولدى.
ئا: ئەقلىڭ بولسا بىر قىزنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قىزنىڭ گېپىنىقىلىپ ئاق قاق دىمەيسەن دەيمەن. ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلمەمدۇ؟ ئايگۈل دىگەن  كىمتى؟
ب: كىم بولاتتى. بۇرۇنقى قىز دوستۇم.
ئا: نىمىدەپ ئۇنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈردۈڭ دەيمە.
ب: شۇ كاللىدا نىمە بولسا ئېغىزدىن شۇ چىقدۇ دەپ سۆزلەپقاپتىمەن شۇ.
ئا: شۇنىڭغىلا ئۇ خاپا بولدىما؟ ئۇ قىز ئۇنداق يېنىكتەكقىلمايتىغۇ؟
ب: شۇ ئۇنىڭغا ئانچە خاپا بولۇپ كەتمىگەن ئارقىدىن بىر دەمماڭغاندىن كىيىن. سىز مېنى زادى قانچىلىك ياخشى كۆرىسىز دىگەنتى. مەن ‹‹ مەن سىزنىپاتىمەدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىمەن›› دەپتىمەن. شۇنىڭغا ئاچچىقى كەلدى.
ب: پاتىمەن دىگەن كىمتى؟
ئا: ئۇ دىگەن شۇ. مەمەت ياغاچچنىڭ قىزى بىلەن ئارلىشىشىتىنبۇرۇنقى ئارلاشقان قىزىم ئىدى شۇ.
ئا: نىمە ئۇنىڭ قېشىدا باشقا قىزلارنىڭ گېپىنى قىلىسەندەيمە.
ب: شۇ...
ئا: سەنمۇ چۇ . ئاغزىڭنىڭ بوغقۇچى يوق بىر ئاداشكەنسەن.شۇنداق دىسەڭ قانداق قىز چىداپ يېنىڭدا يېنىڭدا تۇرىدۇ دەيمەن.
ب: ئارزىگۈل چىداپ تۇردى.
ئا: ھە؟ سۆزلە. ئاندىنچۇ؟
ب: ئاندىن يەنە بىر دەم ماڭغاندىن كىيىن بىز توي قىلغاندىنكىيىن مەن سىز ئۈچۈن زادى قانچلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىمەن دىگەندى. مەن ... مەن ...
ئا: ھە ، نىمە دىدىڭ.
ب: لەيلىگۈلدىنمۇ مۇھىم دىدىم شۇ .
ئا: لەيلىگۈلمۇ سەن ئارلاشقان قىزمىدى؟
ب: ھەئە.
ئا: ھەي بۇ مەھەللىدە سەن گەپ قىلمىغان قىز قالماپتۇ-دەئەمسە. ھۇ لاۋزا.
ب: شۇنىڭ بىلەن...
ئا: ھە؟
ب: ئاشخانىغا كىردۇق.
ئا: ئاشۇ قىز يەنە سەن بىلەن ئاشخانىغا كىرىدىما زادى .
ب: ھە كىردى. ئاندىن .
ھە: توخۇ گۆشىگە ئامراقكەن ، توخۇدىن بىرنى بۇيرۇتتۇق، گۆشيەۋاتقان چاغدا بىر پارچىسى گېلىمغا تۇرۋېلىپ ئوسال قىلدى.
ئا: يۇتۇۋەتسەڭ بولمامدۇ؟
ب: بوغۇزۇمدىمۇ بىر پارچە گۆش بار ئىدى.
ئا: ئەمسە قولۇڭغا ئېلىۋالساڭ بولمامدۇ؟
ب: ئىككى قولۇمدا بىردىن-ئىككى پارچە گۆش بار ئىدى.
ئا: ھەي. ئەمسە يىمەي تۇرساڭ بولمامتى؟
ب: ھېلىقى قىزنى ھەممىنى يەپ بولامدىكىن دەپ ئەنسىرەپبولمامدۇ؟
ئا: ماڭە ۋە لاۋزا، مۇشۇ ھالىڭغا تېخى توي قىلىمەن .مۇھەببەتلىشىمەن دەپ يۈردۈڭمۇ؟
ب: ئاخىرىدا ئورنىمىزدىن تۇرايلى دەۋاتساق، قىستاپ كېتىپ.
ئا: (كىنايىلىك قاراپ) ئىس قويدۇم-دە. (كۈلۈپ سالىدۇ) توۋاتوۋا.. ئادەم ئۆلمىسە نى گەپلەرنى ئاڭلايدىكەن-دە ھە ھە ئاندىن قانداق بولدى.
ب: پۇل تۆلەي دەپ قارىسام پۇلۇم يەتمەي قېلىپ ...
ئا: تاماقنىڭ پۇلىنى قىز تۆلىدى.
ب: شۇ...
ئا: ھەي بىر قىزنى مىھمان قىلىمەن دەپ چىققان ئادەم يېنىڭغائازراق بىر پۇل سېىلىپ قويساڭ بولمامتى؟
ب: پۇل سېلىپ چىققان زىبا تىلفۇن قىپتىكەن. تىلفۇنۇمغا پۇلجالاپ قويسىڭىز دەپ شۇ....
ئا: ساڭا ئاغىنە ، ئەمدى زادىلا تاقىتىم قالمىدى. ھەيئۆزەڭنىڭ ھالىڭ شۇ بولغاندىكىن قىزلاردىن رەنجىپ يۈرمەي ئىشىڭنى قىلە ئاداش.
ب: شۇ ئىش مۇشۇ دەرىجىگە يەتتى. لىكىن مېنىڭ ئارزىگۈلدىنزادىلا ۋاز كەچكۈم يوق. تۈنۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كەچۈرۈم سوردۇم.
ئا: ئۇ يەنە سەن بىلەن كۆرۈشتىما؟
ب: ئەلۋەتتە. ئۇ مېنى راستىنلا ياخشى كۆرىدۇ.
ئا: ( قاتتىق ئۇھسىنىپ) بىر ياخشىغا بىر يامان دەپ سېنىمۇياخشى كۆرىدىغان ئادەم بار ئىكەن-دە. ھە شۇنداق قىلىپ ئەمدى قانداق مەسلىگە دۇچكەلدىڭ.
ئا: قىزغۇ ھېساپتا ماقۇل بولغان بولدى. ئەمما-زە . ئائاتا-ئانىسى قوشۇلماي تۇرىدۇ.
ب: نىمشقا قوشۇلمايدىكەن . سەۋەبىنى بىلدىڭمۇ؟
ئا: نىمە دەيتى. يا بىرەر كەسپى، يا جانغا ئەسقاتقۇدەكھۆنىرى يوقكەن. كىيىن قىزىمىزنى قانداق باقىدۇ دەپ بولمامدۇ؟
ب: توغرىغۇ، دىمسىمۇ خوتۇن كىشى دىگەن پۇل خەجلەيدۇ، كىيىم-كىيىدۇ. بېرىش- كېلىشلىرى بولدۇ. ئاغرىق-سىلاقلىرى بولدۇ. ئۇنىڭغا پۇل كېرەكبولىدۇ. قۇرۇق ياخشى كۆرۈشكە بىر نەرسە كەلمەيدۇ-دە .
ئا: ماڭاۋاي سەنمۇ ئاقماس گەپ قىلماي. شۇ ئىش مۇشۇنداق. شوڭاسېنى بىرەر ئامال تېپىشىپ بېرەمدىكىن دەپ مانا مەسلىھەت سوراۋاتىمەنغۇ؟
ب: ماڭا قارا ئاغىنە، دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئاتا-ئانا ئۆزقىزىنىڭ، ئۆز ئوغلىنىڭ بەخىتىسىز بولۇپ قېلىشنى، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان نان قېپىبىلەن توي قىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. بۇنىڭغا مەندە ئامال يوق.
ئا: ئۇنداق دىمەي بىر يول كۆرسەتكىن. سەندىن خۇش بولۇپقالاي.
ب: ماڭا قارا ، ئەھۋالدىن قارىغاندا قىز سېنى راستىنلا ياخشىكۆرىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنداق بولغاندىكىن، سەنمۇ بىر ئەخلاقىڭنى تۈزەپ، يامانئىللەتلىرىڭدىن يېنىپ، سۇيۇقلىقنى تاشلاپ باشقىدىن ئادەم بول. قىزنىڭئاتا-ئانىسىنى تەسىرلەندۈر. شۇ چاغدا ئھتىمال ئىشلىرىڭ ھەل بولۇپ كېتىدۇ.
ئا: بۇ نىمە دىگەن گەپ، بۇ قانداق مەسلىھەت بولدى ئەمدى؟
ب: ھە ، قارىغاندا سېنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق پىلانىڭ بارئوخشىمامدۇ؟
ئا: مەن ... مەن..
ب: ھە دىگىنە تىلىڭنى چاينىماي گاچ گەپ قىلە،
ئا:  مەن ئۇنى ئېلىپقاچايمىكىن دىگەن،
ب: ( قاتتىق غەزەپلىنىپ) پوق يەپسەن. ھەي ئاشۇ قىز سېنىڭكەينىڭدىن ماڭارمۇ ھە؟
ئا: ئۇقمايمەن، دەپ باقمىدىم.
ب: سېنىڭ كەينىڭدىن ماڭدىمۇ دەيلى . ئاخىرى قانداق بولماقچى.
ئا: شۇ توي قىلىمەن.
ب: توي قىلىش شۇنداق ئاسانما. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئونسەككىز، يىگىرمە يىلنىڭ ياقى ئارزۇلاپ ئامانلاپ باققان قىزىنى ساڭا شۇنداق ئاسانلابېرەمدۇ.
ئا: ئەمسە قانداق قىلىمە.
ب: مەن ساڭا دىدىمغۇ، ئاۋۋال خۇيلىرىڭنى ئۆزگەرتىپ باشقىدىنئادەم بول. قىز ساڭا ئىشەنسۇن ، كۆڭۈك توختاتسۇن. قىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى سەندىن سەلخاتىرجەم بولسۇن. ئاندىن ئىشلىرىڭ يۈرۈشمەمدۇ؟
ئا: شۇنداق قىلامدىم.
ب: شۇنداق قىل ، باشقا ئامال يوق. ئەپقاچىمەن دەپ قالايمىقانئىشلارنى قىلىدىغان بولساڭ، يېنىكرەكى ئۆزۈڭنىڭ ھەم قىزنىڭ يۈز ئابرۇيىنى يەرگەئۇرغان بولىسەن، ئېغىرراق بولغاندا تۈرمىگە كىرىپ ئەدىۋىڭنى يەيسەن. تۈرمىدەياتقۇڭ بارمۇ-يا؟
ئا: توۋا دىگىنە ئاداش . تۈرمە دىگەن خالىغاندا كىرىپ –چىقىدىغانمىھمانخانا بولمىسا يا؟
ب: ياخشى، ئەقىدە قىلساڭ، كۆيۈنسەڭ، ياخشى قىلىقلىرىڭ بىلەنئۇلارنىڭ كۆڭلنى ئالساڭ. مۇراد –مەخسىدىڭگە ھامان يېتىسەن.
ئا: ما گەپلىرىڭىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى. ئەتەقىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھازىر مەن بىر سوۋغات ئېلىشىم كېرەك، يۈرە، مەن بىلەنبازارغا بىللە بېرىشىپ بەرگىن.
ب: ھە ما گېپىڭ بولىدۇ. ئەسلى مۇھىم بىر ئىش بىلەنماڭغاندىم. ئاۋۋال سېنىڭ ئىشىڭنى ھەل قىلىۋىتەي ماڭە كەتتۇق.
(ئۇلار سەھنىدىن چۈشىدۇ)  


4



روھى كېسەل 2
قاتناشقۇچىلار:  ئىككى روھى كېسەل ۋە ئىككى دوختۇر.
ئورۇن:    بازار.
( ئىككى دوختۇر سەھنىگەچىقىپ ئۇلارنى ئىزدەيدۇ)
ئا: ھەي بۇ ئىككى ساراڭ نەگىمۇ كەتكەندۇ دەيمەن. ئادەمنىبىكاردىن بىكارغا ئىزدىتىپ.
ب: ۋاي تاڭەي. ئەجەپ ھېرىپ كەتتىما، بۇ كۆپچىلىكتىن سوراپباقامدۇق-يا؟
ئا: شۇنداق قلىلى ، كۆرگەنلەر بارمىكىن.
ب: كۆپچىلىك ئىككى روھى كېسەلنى كۆردۈڭلارمۇ؟
ئا: كۆپچىلىك ئۆزنى t w بازار پىروگىراممىسىنىڭ دىكتۇرلىرىدەۋالغان ئىككى ساراڭ دوختۇرخانىدىن قېچىپ كەتتى. كۆرگەنلەر بولسا ئېيتپ بېرىڭلار.بىز تېپىۋالايلى.
ب: كۆرگەنلەر بارمۇ؟
ئا: بولدى. ماڭا باشقا ياققا بېرىپ قاراپ باقايلى.
ب: مەن بەك ھېرىپ كەتتىم. سەل تۇرۇپ ئىزدەيلىچۇ؟ ( ئۇ ئۇھدەپ ئولتۇرۋالىدۇ)
ئا: ئۇنداق بولسا مەنمۇ ھېرىپ كەتتىم قورسىقىممۇ ئاچتى.يۈرە. ئالدىدىكى ئاشخانىغا كىرىپ قورسىقىمىزنى بىر تويغۇزىۋېلىپ ئاندىن ئىزدەيلى.( ئۇلار سەھنىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئارقىدىن رەتلىك كىيىنگەن ئىككەيلەن سەھنىگەچىقىدۇ. ۋە ئۇيان –بۇيان قارايدۇ.
ئا: ئاداش، بۇ ساراڭ دوختۇرلاردىن ئاخىرى قۇتۇلغانئوخشىمامدۇق؟
ب: ھەي . قۇتۇلغان ئوخشايمىز. بۇ ساپساق ئادەمنى ساراڭ دەپقوغلاپ يۈرىيدىغان ساراڭلاردىن.
ئا: ئۇنداق بولسا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەھسۇلاتىمىزنىسېتىۋالامدۇق.
ب: بولىدۇ. ھېلىقى ئىككى ساراڭ كېلىپ بولغىچە بىر دەم بازارقىلايلى.
ئا: ئەمسە باشلايلى.
ب  : بۈگۈنپىروگىراممىمىزغا قانداق ياخشى سوۋغاتنى ئېلىپ كەلدۇق.
ئا :  بۈگۈنكىپىروگىراممىمىزغا ئۆزى سۈپەتلىك ، باھاسى ئەرزان ، چىدامچانىلىقى دەھشەت كۈچلۈك،يۇقىرى تىېخنىكا بىلەن ئىشلەنگەن،ئىنىرگىيە تىجەيدىغان، مۇھىت بۇلغىمايدىغاندەھشەت ماركىلىق تۈگمە،
ب: بۇ تۈگمىنىڭ مەشغۇلات تەرتىپى تولىمۇ ئاددى بولۇپ گۈلدىن–گۈزەل بەرنا قىزلىرىمىزنىڭ چىۋەر چاققانلقىنى نامايان قىلىشقا ئوبدان سەھنەبولالايدۇ. يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز قولىڭىزغا دەرھال تىلفۇننى ئېلىڭ-دە ئىكرانئاستىدىكى نۇمۇرغا تىلفۇن قىلىڭ.
ئا: بۇ تۈگمىنىڭ يەنە قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار، كۆپچىلىكبىلەن تەڭ ئورتاقلىشامدۇق.
ب:  بولىدۇ، بىزئەزەلدىن تۈگمە قادىغاندا يىپ بىلەن يىڭنە ئىشلىتىپ كەلگەن، بۇ ئىش قارىماققائاددىدەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ. تېخىمۇمۇھىم بولغىنى شۇكى بۇ ئىش تەرتىپىدە خەۋىپ خەتەر ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ گۈزەلخانىم قىزلارنىڭ شۇنداقلا مەدەنى ئەرلەرنىڭ قوللىرىنى زەخمىلەندۈرۇپ قويىشىمۆمكىن.
ئا: ئەمسە بۇ تۈگمىچۇ؟
ب: بۇ تۈگىمىنى قاداش تولىمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئىش. بۇ تۈگمىنىقاداش ئۈچۈن يىپ يىڭنە ئشلىتىش ھاجەتسىز.
ئا : ئەمسە بۇ تۈگمىنى قانداق قادايدىغاندۇ.
خادىم: بۇ تۈگمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھېدىلىكى شۇ يەردىكى بۇتۈگمىگە ئالاھىدە بولغان بىرخىل يېلىم ئىشلىتىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئاسان. ( ئۇكۆرىستىدۇ)
ب :  ۋاھ راستىنلائاسانكەن. بىراق ھەركەت جەريانىدا چۈشۈپ كېتەمدۇ قانداق؟
ئا : بۇ سۇئالنى تولىمۇ توغرا سوردىڭىز. ئەمما بۇنىڭدىنئەندىشە قىلىش تامامەن ھاجەتسىز، چۈنكى بۇ تۈگمىنى بىرلا قېتىم چاپلىغاندىن كىيىنئۇنىڭ تارتىش كۈچى تەخمىنەن ئون يەتتە توننىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ ئۇنى تارتىپئاجرىتىش ئەسلا مۆمكىن ئەمەس.
ب : بۇ تۈگمىنىڭ ئىشلىتىش ۋاختى ئۇزۇن بولۇپ بىلا قاداپقويسىڭىز تاكى شۇ كىيىم ئۆزى يىرتىلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغانغا قەدەرسۈپىتىدە سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە ھەقىسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. يۇقىرى تېخنىكا،ئەلا مۇلازىمەت، يەنە نىمىگە ئىككلىنىسز . قولىڭىزغا تىلفۇننى ئېلىپ ئىكرانئاستىدىكى نۇمۇرلارغا تىلفۇن قىلىڭ.  
ئا:  ئەمدى بارلىق خېرىدارلارقىزىقىدىغان مۇھىم بىر نۇقـتا قالدى. ئۇ بولسىمۇ بۇ تۈگمىنىڭ باھاسى.
ب : توغرا مەھسۇلاتنىڭ باھاسى تولىمۇ مۇھىم. ئۇنداقتا پەرەزقىلىپ بېقىڭە، دەھشەت ماركلىق بۇ تۈگمىنىڭ باھاسى زادى قانچە پۇلدۇ؟
ئا:  مېنىڭچە 20000يۈۋەن.
ب: قىممەت بولۇپ كەتتى. يەنە بىر قېتىم پەرەز قلىپ بېقىڭە.
ئا: 14000 يۈۋەن.
ب: يەنىلا قىممەت بولۇپ كەتتى.
ئا: 8000 يۈۋەن بۇ تۈگمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى بولسا مېنىڭچەھېچقانچە قىممەت ئەمەس توغرىمۇ؟
ب : دىگنىڭىز توغرا. ئەمما كۆپچىلىككە يەنە بىر خۇشخەۋەرشۇكى بۇ تۈگمىنىڭ       پىروگىراممىمىزدىكىسېتلىش باھاسى ئارانلا 4999يۈۋەن .
ئا:  مانا تۆۋەن باھادىگەن. ئاز پۇل خەجلەپ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىلغار تېخنىكىدا ئىشلەنگەن دەھشەتماركىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق تۈگمىگە ئىرىشىشىنى خالايدىغان دوستلار قىلچەئىككىلەنمەستىن قولىڭىزغا تىلفۇننى ئېلىڭ-دە ئىكران ئاستىدىكى نۇمۇرغا تىلفۇنقىلىڭ.
ب :  سىز بايا كۆپئىقتىدارلىق دىدىڭىز. بۇ تۈگمىنىڭ يەنە قانداق ئالاھىدە ئىقتىدارى باردۇ؟
ئا:   ھۆرمەتلىككۆرۈرمەنلەر بۇ تۈگمىنىڭ بىز يۇقىرىدا ئېيىتقاندىن باشقا يەنە ئەڭ چوڭ بىرئالاھىدىلىكى شۇكى .
ب : بۇ تۈگمىنى يەنە تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىشقىمۇبولىدۇ.
ئا:  ئەر-ئاياللارباراۋەرلىكى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىشتىن ھېرىپ چارچاپ قايتىپ كەلگەنئايالىڭىزنى يەنە تاماق ئېتىشكە بۇيرۇمسىز؟
ب : بەزى ئەرلەر نىمىدىگەن باغرى تاش؟ ( ئۇ يالغاندىن كۆزيېشى قىلىدۇ)
ئا:   بۈگۈن بىزيۈرەكلىك ھالدا خانىم قىزلارغا شۇنداق دىيەلەيمىزكى. سىلەر ھازىردىن باشلاپ ئىشتىنھېرىپ-چارچاپ قايتىپ كەلگەندىن كىينكى تاماق ئېتىش باش قېتىنچىلىقىدىن تامامەنقۇتۇلدىڭىز.
بۇتۈگمىنى قايناق سۇغا چىلاپ بەش مىنۇت قويسىڭىز ھېچ قانچە كۈچ سەرىپ قىلمايلا ئېسىلبىر ۋاق تاماققا ئىرىشەلەيسز.
ئا: سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار بۇ تۈگمىدىن زادى قانداق ئېسىلتاماق چىقىدۇ.
ب:  كۆپچىلىكئاللىقاچان بىلىپ بولدى. ئۇ بولسىمۇ چۆچۈرە. ۋە جۇۋاۋا.
ئا: بۇ گەپنى ئاڭلاپ راستىنلا كۆك چۆچۈرىسى سېغىنىپ قالدىمجۇمۇ.
ب: نىمىگە قاراپ تۇرىسىز، قولىڭىزغا تىلفۇننى ئېلىڭ-دە قىلچەئىككىلەنمەستىن ئىكران ئاستىدىكى نۇمۇرغا تىلفۇن قىلىڭ.
ئا :  سىز بىزنىڭمۇلازىمىتىمىزدىن جەزمەن راز بولىسىز.
ب : سىز پەقەت بىرلا تىلفۇن بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چىداملىق،ئەڭ سۈپەتلىك، ئەڭ ئەرزان، مۇھىت بۇلغىمايدىغان، ئىنىرگىيە تىجەيدىغان كۆپئىقتىدارلىق تۈگمىگە ئىرشىسىز.
ئا: بۇ تۈگىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭ بىلەن تۈگىدىمۇ؟
ب: ياق . بۇ تۈگمىنىڭ دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇردىغان يەنەبىر ئالاھىدىلىكىنى بىز تېخى ئېيىتمدۇق. ئۇ بولسىمۇ...
ئا: بۇ تۈگمىنىڭ دورلىق ئالاھىدىلىكى.
ب : ئۇنداقتا بۇ تۈگمە قايسى خىلدىكى كېسەللەرگە شىپابولىدىغاندۇ؟
ئا: ھەيران قالارلىق سىر ھازىر ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇبۇ تۈگمە.
ب : ھەر خىل سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسەللىكلىرىگەئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ. بۇنىڭ سىرى زادى نەدە؟
ئا : چۈنكى بۇ تۈگمىگە ئىشلىتىلگىنى دېڭىز يۈزىدىن 47654مىتىر ئىگىزلىكتىكى ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىۋېلىنغان ئالاھىدە ماتىريال بولۇپ يۇقىرىدەرىجىدىكى داۋالاش قىممىتىگە ئىگە.
ب : ئۇنداقتا بۇ تۈگمە پەقەت يۈرەك كېسەللىكلىرىگىلا شىپاقىلامدۇ؟
ئا:  بۇ تۈگمە كۆپقۇتۇپلۇق داۋالاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ چاپان كۆينەكلەرنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتكەنچاغدا بۆرەك، جىگەر، قوۋۇرغا قاتارلىق رەئىسى ئەزالارنى داۋالىسا، تۈگمىنى ئەتكەنچاغدا بولسا يۈرەك، ئۆپكە،     ئاشقازان،قاتارلىق ئەزالارغا كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت قىلىدۇ.
ب:  پەقەتلا 4999يۈۋەنگە مانا مۇشۇنداق كۆپ ئىقتىدارلىق تۈگمىنى سېتىۋېلىش ھەقىقەتەنمۇخۇشاللىنارلىق ئىش.
ئا : ئۇنداقتا بۇ تۈگمىنى يەنە قەيەرلەردىن سېتىۋېلىشقابولىدۇ.
ب : كۆپ ئىقتىدارلىق، دەھشەت ماركىلىق بۇ تۈگمىنىرايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن تاللاپ سېتىۋېلىڭ.سېتىۋالغاندا دەھشەت ماركىسىغا دىھقەت قىلىڭ.
ئا :  ئەگەر سىز ئۆزئورنىڭىزدا، ئۆز ئۆيىڭىزدە تۇرۇپلا دەھشەت ماركىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق بۇ تۈگمىنىسېتىۋالماقچى بولسىڭىز، قولىڭىزغا تىلفۇننى ئېلىڭ-دە ئىكران ئاستىدىكى نۇمۇرلارغاتىلفۇن قىلسىڭىز. ئىشىك ئالدىڭىزغىچە يەتكۈزۈپ بېرىمىز. پوچتا ھەققى ئېلىنمايدۇ.
(دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىرسىئۆزلىرىنى ئىزدەپ كېلىۋاتقان ئىككى دوختۇرنى كۆرۈپ قېلىپ يەنە بىرسىگە شەرەتقىلىدۇ)
ب :   ھەي ئا ئىكىكى ساراڭ يەنە كەلدى. قانداققىلىمىز.
ئا:    ئەمسەقاچامدۇق
ب:    قاچايلى:
ئا:    سېتىۋالىدىغانلار تىلفۇن قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار جۇمۇ......
دوختۇر ئا : ھەي توختاش، دەيمەن. توختاش.
دوختۇر ب:  ھەيساراڭلار توختاش دەيمەن.

ھازىرچە تۈگىدى. داۋامىنى كىيىن يوللايمەن.


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ھۆرمەتلىك دوستلار. يېقىندىن بىرى سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ مۇنبەرگە كىرەلمەي قالدىم. بۈگۈن ئەرزىمسىمۇ بۇ سوۋغىلارنى ئالغاچ كەلدىم. ياقتۇرشىڭلارنى ئۆمدى قىلىمەن. ئۆمىد قىلىدىغىنىم ( ئەمەلىيەتتە ئۇنداق دىگۈچىلىكى يوق) بۇ تىمىلارنى قالايمىقان ئشىلەتمەسلىكڭلارنى سورايمەن.

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-3 23:21:12 | ئايرىم كۆرۈش
سوۋغىڭىزغا  ، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىمۇ  ئېپ كەلگەن تىمىڭىزغا   كۆپ  رەھمەت .
  بىر   كۆرگەن ئادەملا  بۇنىڭغا قانچىلىك ئەجىر  سىڭگەنلىكنى  پەرەز قىلالايدۇ  ..  قالغىننى  تەپسىلى ئوقۇپ  ئاندىن پىكىر بېرەي   ھازىر   بەك  ئالدىراپ  قالدىم ،   "  بەخىت  قوينىدا  "  دىگەن ئەسىرىڭىزنىڭمۇ ئاخرى با  تېخى

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-4 18:02:08 | ئايرىم كۆرۈش
سىنارىيەنى ياخشى يىزىپسىز  ، گەپ - سۆزلىرى دەھشەت قاملىشىپتۇ  .
قاملاشتۇرۇپ ئوينىسا  خىلى ياخشى  ئىتوت  بولغۇدەك  .
مۇشۇ سىزدىكى ئىلھامنىڭ بىر پىرسەنتى مەندە بولغان بولسا   دەپ كىتىمەن بەزىدە  .
بەخىت قوينىدا    نىڭ ئاخىرىنى  ئىتىزارلىق بىلە كۈتىمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 21:26:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 18:02
سىنارىيەنى ياخشى يىزىپسىز  ، گەپ - سۆزلىرى دەھشەت قاملى ...

سزگە خۇش خەۋىرىم شۇكى ئەمدى خەتەرلىك ئويۇن ۋە بەخىت قوينىدا دىگەن ئىككى تىمىنى قايتىدىن يازىمەن.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:54 , Processed in 0.144740 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش