ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 745|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پاختا قىممىتى ۋە دىھقان مىھنىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

96

يازما

326

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 710
يازما سانى:
96
تىللا:
230
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
48 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-8 18:16  

                                               پاختا قىممىتى ۋە دىھقان مىھنىتى
                                                   (كۈزۈتىش ھەم مۇلاھىزە)
بىر پاختىكار دىھقاننىڭ نەچچە ئون يىللىق كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى موللاشسىمۇ،ئالدىنقى يىللىرىدا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى بۇ يىلغا كىلىپلا ئېچىنىشلىق زىيانغا قامىلىپ قالدى.ھەرقانداق دىھقاندىن سورىسىڭىز،ئەڭ كەينىدە پاختا ساتقان پۇلنى ئېلىپ،ناھايىتىمۇ بىچارە ھالەتتىكى خاتىمىسىنى ئاڭلايسىز.چۈنكى،مورىغا ئوتتۇرا ھىساپتا كەلگەن زىيان ھەركىمنىڭ يۈرىكىنى چاقىدۇ.ھىساپلاپ كۆرۈڭ:ئۇرۇق 75يۈەن،يۇپۇق80يۈەن،ئوغۇت350يۈەن،دىھقانچىلىق دورىسى200يۈەن،سۇ ھەققى250يۈەن،ئەمگەك كۈچى 200يۈەن موشۇ بۇيىچە بولغاندا بىرمو كېۋەزنىڭ چىقىمى 1515يۆەن بولىدۇ.ئەگەر تەگۈزۈش پۇلى تەخمىنەن 650يۆەن دەپ، تاۋار يەرپۇلى600يۆەن(بۇ پۇل بەزى جايلاردا ئوخشاش ئەمەس)نى ئەكەلسىڭىز جەمى 2765يۆەندە توخدايدىكەن.
         ئۇنداقتا دىھقاننىڭ بۇ يىلقى پايدىسى زادە قانچە؟
         بۇ يىل يۇرتىمىز كىپىزىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ،دىھقان پايدىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.بۇ يىللىق بىرلىك مەھسۇلات ھەرجايدا مورىغا  ( 330~100)كىلوگىرام ھەتتا 50كىلوگىراممۇ بولغان.بۇ ئالدىنقى يىلغا نىسبىتەن تەخمىنەن 100كىلوگىرام تۆۋەن بولدى دىگەن گەپ...نۆۋەتتە چىگىتلىك پاختىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھىساپتا بىركىلوگىرامى5.56يۆەن بولۇپ،ئەڭ يۇقىرى بولغاندا مۇرىنىڭ ساپ پاختا پايدىسى48.5*5.56=1834.8يۆەن بولغان.شۇنداق قىلىپ،ساپ پاختا پايدىسى مورىغا قىزىل رەقەملىك1834.8-2734=-930.2يۆەن بولغانلىقى كىشىنى چۈچىتىدۇ...دىھقان نەچچە مو يەردىن تەخمىينەن قانچىلىك زىيان تارتىقان؟بۇنى ھەرقايسىڭلارغا ئېكىسنى ئىگىرىككە يانداپ تەڭلىمە ياكى تەڭلىمىلەر سىستىمىسىدا چۈشىنىشىڭلارغا قويدۇم.
        ھىلىمۇ دۆلەت،تۇراقسىز بازارنىڭ ئولجىسى بولغان دىھقانغا تولۇقلىما سىياسىتىنى يولغا قويۇپتۇ.لىكىن بۇ نىمىگە دال بۇلا...دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسىنى كۈتكەندىمۇ،بۇ يىلقى تولۇقلىما قانچىلىك،قاچان بىرىدۇ،شۇ تولۇقلىمىنى بەرگەن بىلەن بۇ دىھقان كۆز ئالدىدىكى زىيان قىسمىقىدىن قۇتلۇپ كىتەلەمدۇ يوق...بۇلارنى ئويلىغان دىھقانغا ئېتىز-ئېرىقى شاتلىققا تولغان بوستانلىق ئەمەس،قاباھەتلىك چۈشى بولۇپ قالغان...نىمە ئۈچۈن بىرقانچە يىل ئىلگىرى يەر تېرىش پايدا ئېلىپ كەلگەن بولسا،لىكىن ئەمدىلىكتە زىياننىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالىدۇ؟كوڭزى،زامانغا باققان دانادۇر-دىگەندەك،بۇنى بىز بىرقانچە تەرەپتىكى خۇلاسىگە دۆڭگىمەيمۇ ئامالىمىز يوقتەك قىلىدۇ.
        (1)بۇ يىل پاختىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى ئومۇمىيۈزلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن.
ھاۋا رايى سەۋەپلىك مەيلى شىمال ياكى جەنۇپ بولسۇن كۆپلىگەن پاختا رايونى  تەسىرگە ئۇچىراپ،ئەلا سۈپەتلىك پاختا يەرلىرىنىڭ مو بىرلىك مەھسۇلاتى ئالدىنقى يىلدىكى 400كىلوگىرامدىن330~100كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغان...شۇنىڭ بىلەن مو بېشىدىكى بىرلىك مەھسۇلات P~.5گىچە تۆۋەنلەپ كەتكەن.
          (2)پاختا سۈپىتى ناچارلىغان.
تەبئى ئاپەت پاختا سۈپۈتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ،دىھقانلارغا مۆلچەرلىگۈسىز  ئىقتىسادى بالا-قازا ئەكەلگەن.يۇرتىمىزدا كېۋەز مايسىنىڭ ئۆسۈشتىن توختاپ پاختا يىتىلىدىغان كۈنلەر 9~8-ئايلار،بۇ ئايلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى يوقۇرى تىمپۇراتىرا داۋاملىششى ئۇزۇن...دەل مۇشۇ سەۋەپلىك تالالىق پاختىنىڭ تالاسى ئۆزگۈرۈپ27~26مىللىمىتىر ئەتراپىدا كۆرۈلۈپ قالىدۇ،بۇنىڭدىن ئىشىلتىش قىممىتى 7.5~5.3ئارلىغىدا ئايرىپ چىقىلغان يىپ ،توقۇمچىلىق ئىشلىرىغا ماسلاشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.يەنە سۈنئى ئاپەت،ۋاقىتلىق زاپاس ساقلاش ۋاقتى ئېشىپ كەتكەن دىھقانچىلىق ئىشلەتمىلىرىنى ئىشلىتىش،قەرەلىدە سۇ قويالماسلىق...بۇ ئامىللارمۇ سۈپەتكە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ.دىھقانلار پاختا تېرىغاندا كۆپ ھاللاردا ئازغىنە مەھسۇلات مىقتارىغا ئەگەشمە،ساپ پاختا نىسبىتى يوقۇرى بولغان ئورۇقنى سېلىپ،سۈپىتىگە پۈتۈنلەي سەل قارايدۇ.مۇھىت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن كارى بولماي پايدىنىڭ كۆزى بولغان سۈپەت كۆزىگە بىراقلا توپا ئۇرىدۇ.
        (3)پاختا باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى،ئۆتۈش تەس بولغان خەتەرلىك جىلغىغا ئوخشاپ قالغان.
بۇ يىل يۇرتىمىزپاختىسى كىلوگىرامى5.2~5.1يۆەن بىلەن بازارغا كىرگەن.گەرچە باھا 6يۆەن بىلەن ئازغىنە ئۆرلىگەن بولسىمۇ،بىراق پاختا زاۋۇتلار ئۇزۇن تالالىق قىممىتى يوقۇرى پاختا كىرگۈزۈشنى ئۆلچەم قىلىۋېلىپ ،يەنىلا نۇرغۇن دىھقان پاختىسىنى ھېچ بولمىغاندا دىرىدىمۇ ساتالمىغان.مەسىلەن:رايونىمىزنىڭ پاختىسى داڭلىق،ئەسلىدە ئەڭ يوقۇرى باھا نوقتىسى كىلوگىرامى17يۈەن ئىدى.ھالبۇكى بۇ يىل بۇ باھادىكى پاختا كىلوگىرامى 5يۆەندىكى باھا پاخاللىقىدا داۋان ئاشالماي،دىھقاننى بۇ باھاغا قىستاپ ھاڭ لىۋىگە ئىتتىرىپ قويغان...ھازىر كىلىپ يۇرتىمىز پاختىسىدىكى رەھمەت خۇشاللىق شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان دىھقانلارنىڭ ئاچچىق زىيىنىغا  چۈشكەن كۆز-يېشى بولۇپ قالدى.شۇڭا بۇ ھالەت دىھقانلارنىڭ ئۆز يىرىدىن قېچىپ،بىردەم بولسىمۇ بۇ قاباھەتلەك چۈشتىن ئويغۇنۇش ئىستىكى،ئىچىگە سىغدىلىپ قالغان يۈرەك سۆزى بولۇپ قالغان.ئاخىرىدا سىز دىھقاندىن قايتا داۋاملىق پاختا تېرىش كىرەكمۇ-يوق؟دەپ سورىسىڭىز،گەرچە كېۋەزدىن مىھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ چوقۇمكى،ئۇلارنىڭ بىئاراملىق بىلەن كېۋەز دىگەن بۇ نەرسىدىن سۆز ئېچىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىسىز.ئەمما نىمىلا دىمەيلى دىھقان ئۆز مىھنىتى ئۈچۈن پۈتۈن دېققىتىنى دۆلەت تولۇقلىما سىياسىتىگە قارىتىپ،بۇ يىلقى تولۇقلىمىنىڭ بالدۇراق بىرىلىشىنى ،كىلەر يىللىق تولۇقلىما ئۆلچىمىنىڭ بالدۇرراق ئىلان قىلىنىشىنى كۈتمەكتە.
          رەتلىك تىزىلغان مىس پۇرچاق بېسىمغا بەرداشلىق بىرىپ ،زەربىدىن يىمىرلىمىگەندەك،بەلكىم باقتىكار دىھقاننىڭ مىھنىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالسا كىرەك.
      
           پايدىلانما:جوڭگۇ پاختا تورى،2015-يىلدىكى پاختا توغرىسىدىكى ماقالىلەر.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
رەۋزى تۈسسەفا
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-12-8 18:07:52 | ئايرىم كۆرۈش
نىمە بۇ پاقتا دىگەن؟مۇشۇ سۆزىڭىز ماقالىڭىزدە نەچچە يەردە تەكرارلىنىدىغاندۇ؟مۇشۇ بىر سۆزنى ئۆگەرتىمەن دەپ مىنىڭ قانچىلىك ۋاقتىم كىتەر؟تېما يوللىغانلارمۇ دىققەت قىلىپ تەھرىرلەپ يوللىساڭلار،تېماڭلار سۈپەتلىك چىقسا بولامامدۇ؟
باشقۇرغۇچى بولغان گۇناھقا :باشقۇرغۇچىلار مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپسىلەر....دەپ سۆزلەپ كىتىشىڭلار بارتېخى.
.................................................................
ئەلۋەتتە بۇ پەقەت تېما ئىگىسىگە قارىتىلىپلا دىگەن گەپ ئەمەس.ياخشى بولغاندا ھەممە ياخشى .بىرەرسى "ما ئىشىڭ بولماپتۇ "دىگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئەمەس شۇ كۈنىلا مۇنبەرنى باشقا كىيىدىغان يولداشلارمۇ باركەن ئارىمىزدا قايسى كۈنى يوللاپ قويغاندا بىر قېتىم ئوقۇغان ئىدىم.ئۆزۈم بۇ ساھەدە ساۋاتسىز بولغاچ "چۈشەنمىگۈچىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق"دەپ ئويلاپ سىزگە گەپ قىلمىغان ئىدىم.يۇقىرىدا گېپىم ئېغىركەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

0

تېما

107

يازما

454

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 951
يازما سانى:
107
تىللا:
347
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
107 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-8 18:19:17 | ئايرىم كۆرۈش
پاختىنى ئەرزان دەيسىز ، مەن تۇيۇمغا يوتقان كۆرپە قىلغىلى پاختا سېتۋالدىم بەكمۇ قىمەتسېتۋالدىم قاسماق پاختىنى پاختا تاپالماي ۋۇ قۇيۇمچى چوكان . ئاپام  ئاچاملا ئۆز قۇلىمىز بىلەن تىكىپ بىرىمىز دەپ تۇرۋالمىغان بولسا تەيارنى ئالاتىم تەياسى ئەرزانكەن بولمىسا .
    بىزمۇ بۇرۇن پاختا تېرىيتۇق  لىكىن ھازىر ھاۋا بالدۇر سوۋىغاشقا پاختا تېرىماس بولدۇق . شۇڭا پاختىنىڭ ھازىرقى بازار باھاسىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن .
   
باشقىلارغا ئەمەس بىرىنچى بۇپ ئۆزۈمگە ئىنساپ ، ئىمان تىلەي .

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-8 18:31:28 | ئايرىم كۆرۈش
زەمزەم يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 18:19
پاختىنى ئەرزان دەيسىز ، مەن تۇيۇمغا يوتقان كۆرپە قىلغى ...

بۇيىلقى باھا چۈشۈپ كەتتى دىيىشىۋاتىدۇ كىملا بولسا ،بىچارە دىھقانلار.........
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

0

تېما

107

يازما

454

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 951
يازما سانى:
107
تىللا:
347
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
107 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
5#
ۋاقتى: 2015-12-8 18:37:29 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 18:31
بۇيىلقى باھا چۈشۈپ كەتتى دىيىشىۋاتىدۇ كىملا بولسا ،ب ...

پاختىلا ئەمەس دىېھقانلار تېرىغان  زىرائەتنىڭ ھەمىسنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى . مەنغۇ بۇ يىل دېھقانچىلىقتىن پايدا ئالمىدىم دىسەممۇ بۇلدۇ .  نىم بۇپ كىتىپ باردىكىن تاڭ.....؛
باشقىلارغا ئەمەس بىرىنچى بۇپ ئۆزۈمگە ئىنساپ ، ئىمان تىلەي .

5

تېما

176

يازما

541

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 928
يازما سانى:
176
تىللا:
365
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-2

كۆيۈمچان ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-12-8 18:55:28 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ  يىل پاختىغا   قارىغاندا    باشقا   زىرائەتلەرنىڭ   پايدىسى  يامان  ئەمەس.  لىكىن  زە  پاختىغا  تولۇقلىما   بەرگەب تەقدىردىمۇ   زىيان  مانا مەن  دەپلا تۇرىدۇ.
سەن ئوزۈڭنى  جاھاندا بىر سانىساڭ  ، بىلىپ قال بىزمۇ ئككى ئەمەس.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-12-8 19:13:33 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يىل  پاختا  ، ياڭاق  ...ئىشقىلىپ دىھقانچلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى .  سودىگەرلەرمۇ سودىسىنىڭ بۇلتۇرقىنىڭ يىرىمىدەك بولغانلىقىنى سۆزلەۋاتىدۇ .
بۇ يىل بازاردا مىۋە - چىۋىمۇ بەك ئەرزان ، ئاتۇشنىڭ ئۈزۈملىرى بەك تۆكمە بولۇپ كەتتى ، بۇرۇنلاردا  تاپماق تەس ئىدى .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-12-8 22:19:46 | ئايرىم كۆرۈش
زەمزەم يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 18:19
پاختىنى ئەرزان دەيسىز ، مەن تۇيۇمغا يوتقان كۆرپە قىلغى ...


ۋۇھاھا....ھا....ھا.... نىمانچە  قىزىقارلىق   گەپ  قىلسىز  ھەي  .  

، مەن تۇيۇمغا يوتقان كۆرپە قىلغىلى پاختا سېتۋالدىم بەكمۇ قىمەتسېتۋالدىم قاسماق پاختىنى پاختا تاپالماي ۋۇ قۇيۇمچى چوكان . ئاپام  ئاچاملا ئۆز قۇلىمىز بىلەن تىكىپ بىرىمىز دەپ تۇرۋالمىغان بولسا تەيارنى ئالاتىم تەياسى ئەرزانكەن بولمىسا .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

0

تېما

107

يازما

454

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 951
يازما سانى:
107
تىللا:
347
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
107 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
9#
ۋاقتى: 2015-12-9 08:10:21 | ئايرىم كۆرۈش
قاھىرە يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 22:19
ۋۇھاھا....ھا....ھا.... نىمانچە  قىزىقارلىق   گەپ  قىلسىز  ھە ...

شۇ ئويلاشمايلا يېزىپتىمەن ......كۈلمەڭە .
باشقىلارغا ئەمەس بىرىنچى بۇپ ئۆزۈمگە ئىنساپ ، ئىمان تىلەي .

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-12-9 12:51:58 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يىل دېھقانلارغا زىيان خېلىلا ئېغىر بولماقتا. بىزنىڭ يۇرتتا بۇغداي، قوناق، ياڭاقلارنىڭ باھاسى چۈشكەندىن سىرت قوينىڭ باھاسى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. بۇلتۇر 7 مىڭ يۈئەنگە ساتقان  ياڭاقلىرىمنى بۇ يىل 3000 يۈئەنگە سېتىۋەتتىم، ئامال يوق.
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:48 , Processed in 0.138161 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش