«سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك، ۋەسلىڭگە زار ئۇ ئاشىقلار ئېھتىمال....» ھېلىقى قايسىدۇر بىر كارتوندىكى بۆرىنىڭ گىتتار چېلىپ ئېيتقان ناخشىسى ئۈندىدارنى بىر ئالدىغۇ، بۇ تونۇش ئاھاڭ چوقۇم ئېسىڭىزدە...
Sardor Mamadaliyevنىڭ ئاۋازىنى ئۇنچە ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ ئۇنىڭ خېلى كۆپ ناخشىلىرىنى تېكىست مۇناسىۋىتى بىلەن ئاڭلايتتىم. تېكىستلىرى ئاجايىپ يېقىملىق ئاڭلىناتتى، بولۇپمۇ «سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك» دېگەن ناخشىسنى پات - پاتلا غىڭشىپمۇ قوياتتىم.. كېيىن، بۇ شېئىرنىڭ مېنىڭ نەزىرىمدىكى گىگانت شائىر مۇھەممەد يۈسۈف قەلىمى ئاستىدىكى لىرىكا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاھ... ۋاھ... تېخىمۇ ئاشىق بولدۇم... ھۇزۇرلىنىش يۈزىسىدىن ئېلىپ كەلدىم

سۇ پەرىمۇھەممەد يۈسۈف (ئۆزبەكىستان)
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك،
ۋەسلىڭگە زار بۇ ئاشىقلار ، ئېھتىمال،
ئالدىڭدا تىز چۆكۈپ يىغلار، ئېھتىمال،
لېكىن سادىق بولالمايدۇ مېنىڭدەك.
ئالدانما يار، ئالدامچىلار مىكرىگە،
مەلەك بولما بىۋاپا ئىشىق شەھرىگە،
ئۇلار سېنى بىر باسسا بەس باغرىگە،
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك.
يولۇڭ كېسىپ ئۆتسەم ئۆزۈم خىجالەت،
يىراقتىن بىر سېنى كۆرسەم كۇپايەت،
بىر نىگاھىڭ ئۆزى ماڭا ئىنايەت،
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك.
جېنىڭغا جان بولمايمەنۇ، سۆيىمەن،
يېنىڭغا بىر كەلمەيمەنۇ، سۆيىمەن،
ئىسمىڭنى ھەم بىلمەيمەنۇ، سۆيىمەن،
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك.
سەن كۆكتىكى ساھىپجامال، ھۆر - پەرى،
كۆك كۆلدىكى تىنىپ قالغان سۇ پەرى،
مۇھەممەدنىڭ كۆڭلىدىكى دىلبىرى،
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئېلمۇرە غەيرەت
|