ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 226|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر (4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

                                                    ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر (4)
                ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى، ساغلاملىق ۋە يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى ھەققىدە
    -مەملىكەتلىك يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى   تەتقىقاتى رەھبەرلىك گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى،
                   پروفىسور   خوڭ جاۋگۋاڭنىڭ جوڭنەنخەيدە سۆزلىگەن لكسىيىسى (داۋامى)

                                              4- ساغلاملىقنىڭ تۆت ئاساسىنى بىلىۋېلىش كېرەك
            يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان كېسەللەردە ئىچكىي ئامىلنىڭ سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، نىلا تەشكىل قىلىدۇ. ى تاشقى ئامىلدىن بولىدۇ.  شۇڭا ھەرخىل كېسەللىكلەرنى تاشقى ئامىل ئارقىلىق تىزگىنلەپ، ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئازايتقىلى بولىدۇ.  ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچى ئۆز قولىڭىزدا.  تاشقى ئامىلنى مۇنداق تۆت جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش،  لايىقىدا ھەرىكەت قىلىش،  تاماكىنى تاشلاپ، ھاراققا چەك قويۇش،  روھىي جەھەتتە تەڭپوڭلۇقنى ساقلاش.
                                                      بىرىنچى: مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش كېرەك
              ئادەم ئوزۇق بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم. مۇۋاپىق ئوزۇقلانغاندا، ئادەمنىڭ ئورۇق- سىمىزلىكى، خولىستېرىننىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكى، قاننىڭ قويۇق-سۈيۈقلىقى نورمال بولىدۇ. ئۇنداقتا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش دىگەن نىمە؟ بۇنى مۇنداق ئىككى جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچىسى، بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش. ئىككىنچىسى، قىزىل،  سېرق، يېشىل، ئاق،  قارا.  بۇ ئىككى جۈملە سۆزنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلىشىمىز لازىم.  مىنىڭچە بۇ ئىككى جۈملە سۆز ھازىرقى دۇنيادا ئىلمىي، مۇۋاپىق ۋە ياخشى ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىدۇر. تۆۋەندە بۇلارنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
          (1) «بىر» دىگىنىمىز:  كۈندە بىر خالتا كالا سۈتى ئىچىش كېرەك، دىگەنلىكتۇر. جوڭگولۇقلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىدا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلار بولسىمۇ، لېكىن كالتىسىي كەمچىل، جوڭگولۇقلارنىڭ دە كالتىسىي كەمچىل. كالتىسىي يىتىشمىسە مۇنداق 3 خىل ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ: بىرىنچىسى، سۆڭەك ئاغرىيدۇ، سۆڭەك بوشاپ كېتىدۇ، سۆڭەك ئۆسۈپ قالىدۇ، بەل ۋە پۇت ئاغرىيدۇ، ياشانغانلار تولا غەم يەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىشقىلىپ ھەممە يېرى ئاغرىيدۇ؛  ئىككىنچى، دوك بولۇپ قالىدۇ، بارغانسىرى پاكارلىشىپ، يىگىلەپ كېتىدۇ. چوڭايغانسىرى دۈمچەك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ؛  ئۈچىنچى، سۆڭەك ئاسانلا سۇنۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، داۋالانغىلى كەلگەن بىر بىمار تولا يۆتىلىدىكەن، يۆتەلسە گېلى ئاغرىيدىكەن، كېيىن يۆتەلمىسىمۇ ئاغرىيدىغان بولۇپ قاپتۇ.  ئۇ ئۆپكە راكى بولۇپ قالغان ئوخشايمەن، دەپ تەكشۈرتۈپتۇ.  رېنتىگېن نەتىجىسىنى كۆرگەن دوختۇر چۆچۈپ كېتىپتۇ، ئەسلىدە ئۇ يۆتىلىۋەرگەچكە  ئۈچ تال قۇۋۇرغىسى سۇنۇپ كەتكەنىكەن.  ئۇ بالنىستا ياتقاندىن كېيىن ئاغرىق  ئازابىدىن ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلەلمىگەن، كېيىن بىرەيلەن ئۇنى ئۆرۈپ قويىۋاتقاندا، يەنە بىر تال قۇۋۇرغىسى قاراس قىلىپ سۇنۇپ كەتكەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇستىخانلىرى بوشاپ كەتكەنىكەن.  شۇڭا كالتىسىي يىتىشمىسە، يۇقىرىدا دىگەندەك 3 چوڭ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن كالتىسىي يىتىشمەيدۇ؟ ئادەتتە ئادەم كۈنىگە 800 مىللىگرام كالتىسىيغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يىمەك- ئىچمىكىمىزدە ئاران 500 مىللىگرام كالتىسىي بار، كۈنىگە بىر خالتا كالا سۈتى ئىچىشنى داۋاملاشتۇرساق بۇ بوشلۇق تولىدۇ.  كالا سۈتىنى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئىچكەن ئەڭ مۇۋاپىق؟ بىر ياشقا كىرگەندىن باشلاپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئىچسە بولىدۇ. چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بويى ئىگىز ھەم تىنى ساغلام كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار كالا سۈتىنى كۆپ ئىچىدۇ. ياپونىيىلىكلەرنى مىسالغا ئالساق، 1937-يىلى ياپونلار جوڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندا «ياپون پاكارلىرى» دىيىلەتتى. لېكىن ھازىر ياپونيىلىكلەردە ئۆزگىرىش چوڭ، ئوخشاش ياشتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ياپونىيىلىك بالىلارنىڭ بۇيى بېيجىڭلىق بالىلاردىن ئېشىپ كەتتى، ئۇلار گۋاڭدوڭ، فۇجيەنلىكلەردىنغۇ جىق ئىگىز.  بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ سەۋەب ناھايتى ئاددى. 2-دۇنيا ئورۇشىدىن كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۈندە ھەقسىز بىر خالتا كالا سۈتى ئىچكۈزگەن.  مۇشۇ سەۋەبتىن ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بۇرۇنقىلاردىن ئىگىز، ھازىر ئۇلار جوڭگولۇقلاردىن ئىگىز. شۇڭا ياپونىيەدە «بىر خالتا كالا سۈتى بىر مىللەتنى گۈللەندۈردى» دەيدىغان سۆز بار.  مۇتەخەسىسلەر ئەنگىلىيىدىكى دارىلئېتامدا مۇنداق بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغان: ئاساسلىق ئوزۇقى ئوخشاش بولغان يىتىم بالىلارنى ئىككى گورۇپپىغا بۆلۈپ، A گورۇپپىدىكىلەرگە كۈندە بىر خالتا كالا سۈتى بەرگەن، B گورۇپپىدىكىلەرگە كالا سۈتى بەرمىگەن. شۇنداق قىلىپ بالىلار 15 ياشقا كىرىپ دارىلئېتامدىن ئايرىلىدىغان چاغدا بويىنى ئۆلچەپ كۆرگەندە، كۈندە بىر خالتا كالا سۈتى ئىچكەن بالىلارنىڭ بويى كالا سۈتى ئىچمىگەن بالىلارنىڭكىدىن 2.8 سانتىمېتىر ئىگىز چىققان.  تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، كالا سۈتى ئىچكەن بالىلارنىڭ تېرىسى سۈزۈك، كۆزى نۇرلۇق، چاچلىرى پارقىراق، مۇسكۇللىرى چىڭ، ئەقىللىق چوڭ بولغان. خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلەرگە: قېنى تاللىۋېلىڭلار، دىگەندە، كالا سۈتى ئىچىپ چوڭ بولغان بالىلار ئالدىن تاللانغان. مانا بۇنىڭدىن كالا سۈتى ئىچىپ چوڭ بولغان بالىلار بىلەن كالا سۈتى ئىچمەي چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقىنى، بىر خالتا كالا سۈتى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن بوي ئىگىزلىكى، تەن ساغلاملىقى، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ئەقىل-پاراسەت جەھەتتىن ئوخشاش بولمىغان نەتىجىنى كالتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىر كۈندە 2 خالتا كالا سۈتى ئىچكەنلەر 4.8 سانتىمېتىر ئۆسكەن. كالا سۈتىنى قايسى ۋاقىتتا ئىچكەن ياخشى؟ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچكەن ياخشى.  بالىلارنىڭ بويى كۈندۈزى ئۆسمەيدۇ، ئۆستۈرۈش ھورمىنى كېچىسى ئاجرىلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كالا سۈتىگە بىر تابلىت ۋىتامىن C بىلەن بىر تابلىت مۇرەككەپ ۋىتامىن B نى قوشۇپ ئىچكۈزسەك، بالىنىڭ بويى ئىگىز بولۇپلا قالماي، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ، زۇكام، ئانگىنا،  ئۆپكە ياللۇغى،  ئىسمىداپ قېلىشقا  ئوخشاش كېسەللىكلەردىن خالىي بولىدۇ، تېنى ساغلام بولىدۇ. دىمەك، بىر خالتا كالا سۈتى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ئىچىدىغان ۋىتامىن C بىلەن ۋىتامىن B نى قوشۇپ ھىسابلىغاندىمۇ بىر يۇەن ئەتراپىدا پۇل خەجلىنىدۇ.  ھەممىگە ئايانكى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يالغۇز پەرزەنتلىرىگە بەك كۆيۈنىدۇ، لېكىن قانداق كۆيۈنۈشنى بىلمەيدۇ.  بەزىلەر بالىلىرىغا قالغاچ ئۇۋىسى، تاشپاقا جەۋھىرى، قانداقتۇ ئامېرىكا ئادەمگىياھى، ھەسەل جەۋھىرى دىگەندەك ھەرخىل قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئېلىپ بېرىدۇ. كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار، ئەمەلىيەتتە نەدىمۇ ئۇنچىلىك كۆپ قالىغاچ ئۇۋىسى بولسۇن.  ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچىدىكىسى چوشقا تېرىسى بولۇپ، تاشپاقا جەۋھىرىنى ھەددى-ھىسابسىز كۆپتۈرىۋەتكەن،  قاراڭلار ئۇنىڭ نامىنىڭ چىرايلىقلىقىنى. مەلۇم تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى بىر زاۋۇت توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە: بۇ زاۋۇت ئىككى تاشپاقا بېقىپ، 300 دىن ئارتۇق تاشپاقا جەۋھىرى ياسىدى، تاشپاقا جەۋھىرى ياساپ بولغاندىن كېيىن، تاشپاقا يەنىلا ھايات قالدى، دىگەن. بۇ قانداقمۇ مومكىن بولسۇن؟ شۇڭا، قۇۋۋەت دورىلىرىغا ئۇنچىلىك كۆپ پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوق،  ئەمەلىيەتتە كالا سۈتىگە ۋىتامىن C بىلەن مۇرەككەپ ۋىتامىن B نى قوشۇپ ئىچسىلا بولدى. لېكىن جوڭگولۇقلارنىڭ كۆپۈنچىسى كالا سۈتى ئىچسىلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ قېتىق ئىچسە بولىدۇ، قېتىق ئىچكۈسى كەلمىسە، پۇرچاق سۈتى ئىچسىمۇ بولىدۇ. لېكىن پۇرچاق سۈتىدىن ئىككى خالتا ئىچمىسە بولمايدۇ. بىر خالتا پۇرچاق سۈتىدە بىر خالتا كالا سۈتىنىڭ يېرىمىچىلىك كالتىسىي بار. ئەگەر كالا سۈتىنى ئىچمىسىڭىز، قېتىقنىمۇ ئىچمىسىڭىز، پۇرچاق سۈتىنىمۇ ئىچمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىشنى كۈتۈشتىن باشقا چارە يوق. چۈنكى ساغلاملىق ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئىشى،  ساغلاملىق ئالدىدا ھەممە ئادەم باپباراۋەر. ساغلام ياشاش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلسىڭىز، ساق-سالامەت ياشايسىز، ساغلام ياشاش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، جاجىڭىزنى يەيسىز. پادىشاھ، خاقان بولسىڭىزمۇ يەنىلا پۇقرالاردىن بالدۇر تۈگەيسىز. چۈنكى ساغلام ياشاش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق  قىلدىڭىزدە. ساغلاملىق ئالدىدا ھەممە ئادەم باپباراۋەر دىگەن بۇ قانۇنىيەت مال-دۇنيا ۋە مەنسەپ-مەرتىۋە تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.  بىزنىڭ بۆلۈمگە بىر بايۋەتچى كېسەل كۆرسىتىشكە كەلدى، ئۇنىڭ 150 مىليۇن يۇەن پۇلى بار بولۇپ، بىر شىرىكەتنىڭ باش لېدىرى ئىكەن. ئۇ 38 ياشقا كىرىپتۇ، يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈش كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ. ئۇ كەڭ دائىرىلىك يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا، يۈرەك مۇسكۇلى ناھايتى نىپىزلەپ كېتىپتۇ. ئادەتتە يۈرەك مۇسكۇلى نورمال بولغاندا 10 مىللىمېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ يۈرەك مۇسكۇلى ئاران 2 مىللىمىېتىردىن ئارتۇقراق، يەنى قېلىن قەغەزچىلىك كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئەھۋالى ناھايتى خەتەرلىك، يۆتەلسە بولمايدۇ، يۆتەلسە ھەم سەللا كۈچىسە يۈرىكى يېرىلىپ كېتىشى مومكىن ئىدى. شۇڭا ئۇ يۆتىلىشكىمۇ، تەرەت قىلغاندا ئىنجىقلاشقىمۇ پېتىنالمايدىكەن،  يول ماڭغاندا ھاسسىغا تايىنىپ ناھايتى ئېھتىيات بىلەن تەم-تۇم ماڭىدىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن: «ئويلاپ تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان ئىشلار بارمۇ؟» دەپ سورۇدۇم، ئۇ: «تەڭرى ماڭا نىمىشقا مۇنداق ئادالەتسىزلىك قىلىدىغاندۇ، مەن شىرىكەتتە قالتىس ئادەم ئىدىم، باشقىلار 38 ياشتا ئەمەس، 78 ياشقا كىرىپمۇ كېسەل بولمايۋاتقان يەردە، مەن نىمە ئۈچۈن 37 ياشقا كىرىپلا بۇنداق جانغا زامىن بولىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولىمەن، نىمىشقا مىنى بۇنچىۋالا نەس باسىدۇ...» دەپ زارلاندى. مەن ئۇنىڭغا: «مىنىڭچە تەڭرى ئەڭ ئادىل، تەبىئىي قانۇنىيەت ئوخشاش، دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار ئادىل بولمىسىمۇ، ئەمما تەڭرى ئادىل، سىزنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشىڭىزدىكى سەۋەب ناھايتى ئاددى. ۋېكتۇرىيە خىتابنامىسىدا : ساغلاملىقنىڭ تۆت چوڭ ئاساسى-مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، لايىقىدا ھەرىكەت قىلىش، تاماكا تاشلاش ۋە ھاراققا چەك قويۇش، روھىي جەھەتتە تەڭپوڭلۇقنى ساقلاش، دەپ كۆرسىتىلگەن.  سىز بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىپسىز...» دەپ چۈشەنچە بەردىم. تەكشۈرەيلى دەپ ئۇنىڭ قېنىنى ئالساق، دەرھال ئۇيۇپ قالدى. قېنى بەك قويۇق ئىكەن، بۇ قاننى 8 سائەت قويۇپ قويساق، قاننىڭ ئۈستىدە قېلىن بىر قەۋەت ماي ھاسىل بولدى، قاندا ماي تەركىبى بەك يۇقىرى ئىكەن. ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 94 كىلوگرام، بەل ئايلانمىسى بىر مىتېردىن ئارتۇق كېلىدىكەن. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش دىسە، بۇ بايۋەتچە كۈندە كاتتا زىياپەتلەردە ئېسىل نازۇ-نېمەتلەرنى يەۋەرگەن، ئۇ مۇۋاپىق ئوزۇقلانمىغان، لايىقىدا ھەرىكەت قىلىش دىسە، ئىشىكتىن چىقىپلا ھەشەمەتلىك ماشىنىلاردا ئولتۇرغان، ھەتتا 2-قەۋەتكىمۇ لېفىت بىلەن چىققان. تاماكىنى تاشلاپ، ھاراققا چەك قويۇش دىسە، كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەككەن، ھەرۋاق تاماقتا ھاراق ئىچكەن. روھىي جەھەتتە تەڭپوڭلۇقنى ساقلاشقا كەلسەك، بۇ بايۋەتچىنىڭ يېنىدا بىر نەچچە قىز كاتىپ يۈرسە، بۈگۈن قىز كاتىپنىڭ قولىنى سىلاپ يۈرسە، ئەتىسى يەنە ئاشنىسىنىڭ قولىنى سىلاپ يۈرسە، يۈرىكى تېز سوقماي، قان بېسىمى ئۆرلىمەي نىمە بولماقچى؟ يېنىغا ئېسىۋالغان يانفۇن، چاقىرغۇلىرى كېچە- كۈندۈز توختىماي سايراپ تۇرسا، كۆڭلى ئارام تاپالامدۇ؟ پايدا ئالسا ھاياجانلىنىپ، زىيان تارتسا جىددىيلىشىپ يۈرسە، روھىي جەھەتتە تەڭپوڭلۇقنى ساقلىيالامدۇ؟ ساغلاملىقنىڭ تۆت چوڭ ئاساسىنىڭ ھەممىسىگە ئومۇمىيۈزلۈك قارشى يول تۇتقان تۇرسا، يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولماي يەنە نىمە بولماقچىدى؟ بۇ تەڭرىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئادىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. «بولسا سىزدە ساغلاملىق ئېڭى، باردۇر سىزگە ساغلاملىق بېغى» دىگەنلىك دەل مۇشۇ ۋەجىدىندۇر.
        ‹2› «ئىككى» دىگىنىمىز: 250 گرامدىن 350 گرامغىچە بولغان كاربون سۇ بىرىكمىسى دىگەنلىكتۇر،  بۇ 300 گرامدىن 400 گرامغىچە بولغان ئۇن تامىقىغا تەڭ كېلىدۇ. 300 گرامدىن 400 گرامغىچە دىگىنىمىز مۇتلەق ئەمەس. مەسىلەن، بەزى ياشلارنىڭ، بەزى جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ ئىشى ناھايتى ئېغىر،  بىر ئولتۇرۇشىدا بىر يېرىم جىڭ تاماق يەيدۇ. بەزى ئاياللارنى ئالساق، ئۇلار سىمىز، يەنە كېلىپ قىلىدىغان ئىشى يىنىك بولغاچقا، 200 – 300 گرام ئەمەس، 100 گرام تاماق يىسىلا تويىدۇ، تاماقنى تېزگىنلىگەندە بەدەن ئېغىرلىقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، بۇ بىر ياخشى ئۇسۇل. ھازىر ئورۇقلىتىش دورىلىرى ناھايتى كۆپ، ئەمەلىيەتتە ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىشلەتمەي تاماقنى تېزگىنلەش كېرەك. كۆپچىلىك ئاڭلىدىمىكىن؟ ئىتالىيىلىك داڭلىق ناخشىچى پاۋاروتىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 151 كىلوگرام ئىكەن، دوختۇر: ئېغىرلىقىڭىزنى 90 كىلوگرامغا چۈشۈرگەن بولسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق ئىدى، دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. ئۇ تاماقنى تېزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بىز مۇنداق بىر بىمارنى داۋالىغانتۇق: ئۇنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.49 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 99 كىلوگرام كېلەتتى. بىز ئۇنىڭغا  يۇقىرقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ كۈندە 150 گرام تاماق بەردۇق. بىرىنچى ئېيىدا كۈندە 125 گرامدىن تاماق بەردۇق. نەتىجىدە بىر يىلدا 33 كىلوگرام ئورۇقلىدى. دىمەك تاماقنى تېزگىنلىگەندە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. يېقىندا تىببىي مۇتەخەسىسلەر ئورۇقلاش توغرىسىدا «تاماقتىن بۇرۇن ئىچسەڭ كۆكتاتلىق شورپا، بولىسەن ساغلام ھەم زىلۋا» دىگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئورۇقلاشتىكى  ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. گۋاڭدوڭلۇقلار بۇنىڭ ياخشى ۋە ئەمەلىي مىسالى. تاماقتىن بۇرۇن ئەگەر كۆكتات شورپىسى بولمىسا، بىر قاچىغا كۆكتات قورۇمىسىدىن ئازراق بۆلۈۋېلىپ، ئۈستىگە قايناق سۇ قويۇپ كۆكتات شورپىسى قىلىپ ئىچسىڭىز ئىشتىيىڭىز تۇتىلىدۇ.  شىماللىقلار، بولۇپمۇ بېيجىڭلىقلار، شەرقى شىماللىقلار، شىمالى جوڭگولۇقلار تاماقتىن كېيىن كۆكتات شورپىسى ئىچىمىز، شورپىنى ئىچكەنسىرى سەمرىيمىز. بۇنداق قىلىش ئىلمىي ئەمەس ھەم توغرا ئەمەس. تاماقنى تويغىچە يەپ شورپا ئىچسىڭىز، ئاشقازىنىڭىز كېڭىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا تاماقتىن كېيىن شورپىنى قانچە جىق ئىچسىڭىز، شۇنچە سەمرىيسىز، تاماقتىن ئىلگىرى ئىچسىڭىز ساغلام ھەم زىلۋا تۇرىسىز. ئورۇق ئادەم سەمرىيمەن دىسە ، تاماقتىن كېيىن كۆكتات شورپىسى ئىچسە، سىمىز ئادەم ئورۇقلايمەن دىسە تاماقتىن ئىلگىرى كۆكتات شورپىسى ئىچسە بولىدۇ.
         (3) «ئۈچ» دىگىنىمىز:  ئۈچ خىل يۇقىرى ئاقسىللىق يىمەكلىك ئىستىمال قىلىش، دىگەنلىكتۇر.  ئادەم گۆشسىز تاماق يەۋەرسە بولمايدۇ، ئاقسىل كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ياكى ئاز بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ. ئاقسىللىق يىمەكلىكنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلغان ياخشى، كۈندە 50 گرام قارا گۆش ياكى بىر تۇخۇم ۋە ياكى 100 گرام دۇفۇ ياكى 100 گرام بېلىق گۆشى ۋە راك ياكى 150 گرام توخۇ-ئۆردەك گۆشى ۋە ياكى 25 گرام سېرىق پۇرچاق ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.  مەسىلەن، ناشتىدا بىر تۇخۇم يىسە، چۈشتە گۆش ئارىلاشتۇرۇلغان كۆكتات قورۇمىسى يىسە، كەچتە 100 گرام دۇفۇ ياكى 100 گرام بېلىق گۆشى يىسە بولىدۇ.  ئاقسىل ھەدىدىن ئارتۇق بولۇپ كەتسە بەدەنگە زىيانلىق. نىمىشكە؟ كۆپلىگەن ئامىنو كىسلاتاسى سۈيدۈك ئارقىلىق بۆرەككە تەسىر قىلىدۇ، ئاقسىل ھەددىدىن ئارتۇق كۆپىيىپ كەتسە، ئۈچەي يوللىرىدا زەھەرلىك ماددىلار كۆپىيىپ كېتىدۇ،  ئاقسىل بەك ئاز بولسىمۇ بولمايدۇ. ئاقساقال خەي دىڭ ئاقسىل يىتىشمىگەنلىكتىن، نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۇنىڭ تومۇرىغا ئامىنو كىسلاتاسى ئوكۇلى ئورۇپ داۋالاپ ساقايتتۇق. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇن تامىقىدىن پەرىز تۇتۇپ، ئوزۇقلۇق يىتىشمەي قازا قىلدى. ئاقسىل بىلەن ئاشلىقنى ئىستىمال قىلىشتا نىسبەت مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئادەمنىڭ 32 چىشى بارلىقى ھەممىگە ئايان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 4 ئېزىق چىش گۆش يىيىشكە ئىشلىتىلىدۇ، 28 ئۇتتۇر چىش تاماق ۋە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەم كۈندە گۆشلا  يەۋەرسىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى سىز يولۋاس ئەمەستە، يولۋاسنىڭ ھەممە چىشى ئېزىق چىش، شۇڭا ئۇ گۆشلا يەيدۇ. مانا بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى.  ئۇنداقتا قانداق ئاقسىل ئەڭ ياخشى؟ بېلىق تۈرىدىكى ئاقسىل ئەڭ ياخشى. ئالياسكا، جۇشەن تاقىم ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلەر بېلىق گۆشىنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ. بېلىق گۆشىنى قانچە كۆپ يىسە قان تۇمۇرلار شۇنچە يۇمشايدۇ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلى  قاتارلىق كېسەللىكلەر شۇنچە ئازىيىدۇ. ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى سېرىق پۇرچاق. پۇرچاق ئاقسىلى ساغلاملىق يىمەكلىكى بولۇپلا قالماي، ھەرخىل ئاياللار كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ. جوڭگودا ئاياللار 50 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ناھايتى ئوبدان تۇرىدۇ. 50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تۇرمۇش سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب نىمە؟ ھەيىز كېسىلىش مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك.  ھەيىز كېسىلىش مەزگىلىدە ئاياللار تۇرۇپلا تەرلەيدىغان، تۇرۇپلا ناھايتى ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ، مانا بۇ ھەيىز كېسىلىش مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا كۆرسەتكەن تەسىرى.  چەتئەللىك ئاياللارچۇ؟ ئۇلار ھىچنىمە بولمايدۇ. ئۇلار 70 ياش، 80 ياشقا كىرسىمۇ ئوبدانلا تۇرىدۇ. چەت ئەللەردە 80 ياشتىن ئاشقان مومايلار ئۆيدىن چىقسىلا ماشىنا ھەيدىيەلەيدۇ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە بېرىپ سۇ ئۈزەلەيدۇ. جوڭگولۇقلار ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. نىمە ئۈچۈن 50 ياشتىن ئىلگىرى ياخشى تۇرۇپ، 50 ياشقا كىرگەندىن كېيىن تېزلا سەمىرىپ كېتىدۇ، قان بېسىمى ئۆرلەپ، سۆڭىكى بوشاپ، تېزلا مومايغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ چۈنكى بىزدە فىزىئولوگىيىلىك ئانىلىق ھورمۇنىنى تولۇقلاش يېتەرلىك ئەمەس. چەت ئەللەردە ھازىر DVA نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. پۇرچاقتا مانا مۇشۇنداق ئانىلىق ھورمۇننىڭ رولى بار، بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ ھەيىز كېسىلىش مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسىلىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
          (4)«تۆت» دىگىنىمىز: تاماقتا قارا ئاشلىقمۇ، ئاق ئاشلىقمۇ بولۇش، تاماق تاتلىقمۇ، تۇزلۇقمۇ بولۇپ كەتمەسلىك، دىگەنلىكتۇر. كۈندە مەيلى ئۈچ ۋاخ، تۆت ۋاخ ياكى بەش ۋاخ تاماق يەيلى، قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ،  ھەپتىدە  ئۈچ،  تۆت ۋاخ قارا ئاشلىق يىيىش كېرەك.  قۇناق، تاتلىقياڭيۇغا ئوخشاش قارا ئاشلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يىسە، ئوزۇقلۇق مۇۋاپىق بولىدۇ.
    تۆۋەندە قورساقنى بەك تويغۇزۇۋەتمەسلىك ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ ئۆتىمەن. كۆپچىلىك: قورساقنى بەك تويغۇزۇۋەتمىگەندە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر قائىدە. بۇ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، جوڭگودىن چەتئەلگىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە قوللىنىلغان، ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. جامائەتچىلىك ھەقىقى ئېتىراپ قىلغان ئۆمۈرنى ئوزارتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى-تۆۋەن كالورىيىلىك يىمەكلىك بىلەن ئوزۇقلىنىپ، قورساقنى چالا تويغۇزۇشتۇر. پادىشاھ چىن شىخۇاڭغا ئوخشاش قېرىماسلىق دورىسىنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق.  ئامېرىكىدىكى ئالىملار مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: ئۇلار 100 مايمۇننى قانچىلىك يىسە شۇنچىلىك يىمەكلىك بېرىپ باققان. يەنە 100 مايمۇننىڭ قورسىقىنى بەك تويغۇزۇۋەتمەي، چالا تويغۇزۇپ باققان. نەتىجىدە ئون يىلدىن كېيىن ، قانچىلىك يىگۈسى كەلسە شۇنچىلىك يىگەن 100 مايمۇننىڭ كۆپۈنچىسى سەمىرىپ، جىگىرىنى ماي قاپلاپ، 50 ى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولۇپ ئۆلگەن. چالا تويغۇزۇپ باققان 100 مايمۇننىڭ ئاران 12 سى ئۆلگەن، قالغانلىرى ھازىرمۇ بار ئىكەن. كۆزىتىش ئارقىلىق، ئوزاق ياشىغان مايمۇنلارنىڭ ھەممىسى چالا تويغۇزۇپ بېقىلغان مايمۇنلار ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.  قورساقنى بەك تويغۇزۇۋەتمەسلىك ھەقىقەتەن ناھايتى مۇھىم. جوڭگو تىبابەتچىلىكىدە، ساغلام بۇلاي دىسەڭ نەپسىڭنى يىغ، دەيدىغان گەپ بار، بۇ گەپ ناھايتى ئورۇنلۇق. ئامېرىكىدا داڭلىق بىر مۇتەخەسىس بار، ئۇ 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە يازغان، جوڭگوغا كېلىپ لىكسىيە سۆزلىگەن. بىر قېتىم لىكسىيە سۆزلەپ بولۇپ: 21-ئەسىرگە كىرەي دىدۇق، ھەممىڭلارنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەرگە مۇھىم ئىككى كەلىمە سۆزنى ھەدىيە قىلاي، ئۇ ھەرقانداق دورىدىنمۇ شىپالىق،  بۇ ئىككى كەلىمە سۆزنىڭ بىرى،  قورساقنى چالا تويغۇزۇش، يەنى تاماق يىگەندە قورساق تويۇپ كۆز تويمىغاندا ، دەرھال داستىخاندىن قولىنى يىغىش؛  يەنە بىرى، بىناغا چىقىش، پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، دىگەن. دۇنيادا ئەڭ ياخشى ھەرىكەت پىيادە مېڭىشتۇر. ئەمەلىيەتتە نورمال ھەرىكەت قىلىش دىئابىت كېسىلى، يۈرەك، مېڭە، قان تۇمۇر كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
            (5)«بەش» دىگىنىمىز: 500 گرام كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋە دىگەنلىكتۇر. كۆپچىلىك: ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قاتتىق ئازاب راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش. قانداق قىلغاندا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ يېڭى كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش-راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى ئۇسۇلدۇر. يېڭى كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىلەردە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەت بار،. خېنەن ئۆلكىسىدە لىنشيەن دىگەن بىر ناھىيە بار، ئۇ دۇنيا بۇيىچە قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولىدىغانلار ئەڭ كۆپ جاي ئىدى. كېيىن بۇ ناھىيىدىكىلەر ۋىتامىن، يېڭى كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىشنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولىدىغانلار كۆرۈنەرلىك ئازايغان. دىمەك، يېڭى كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىنى داۋاملىق يەپ بەرسە، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.  بىر، ئىككى، ئۈچ،تۆت، بەش دىگىنىمىز مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت.
            قىزىل، سېرىق، يېشىل، ئاق، قارا دىگىنىمىز نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
          (1)«قىزىل» دىگىنىمىز: كۈندە بىر تال شوخلا يىيىش دىگەنلىكتۇر. قارىسام بۇ يەردە ئولتۇرغانلار ئىچىدە ئەرلەر كۆپ ئىكەن، مەن ئەرلەرگە كۈندە بىر تال شوخلا يىيىشنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.  ئەرلەر كۈندە بىر تال شوخلا يىيىشنى داۋاملاشتۇرسا، مەزى بېزى راكى كېسىلىنى 45 پىرسەن ئازايتقىلى بولىدۇ. چۈنكى شوخلا ماينى پارچىلايدۇ. سالامەتلىكى ياخشىلار ئازراق قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن كۆپ ئىچسە بولمايدۇ. ئازراق ھاراق ئىچىپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق، ھاراقنى كۆپ ئىچىش نۇرغۇنلىغان بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇرمىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ P ى، قاتناش ھادىسلىرىنىڭ I ى، ئادەتتىكى بىمارلارنىڭ % ى ھاراق ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھاراق بالايى-ئاپەتنىڭ مەنبەسى، لېكىن ھاراقنى ئازراق ئىچكەن ياخشى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھاراقنى قانچە ئاز ئىچسە شۇنچە ياخشى، دىگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېسىلى يوقلار، جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولمىغانلار ئازراق قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. روھىي كەيپىياتى تۆۋەن كىشىلەر ئازراق قىزىلمۇچ يەپ بەرسە روھىي كەيپىياتى كۆتىرىلىدۇ، قىزىلمۇچ روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ، ئەنسىزلىكنى يىنىكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
          (2) «سېرىق» دىگىنىمىز: سېرىق رەڭلىك كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىش دىگەنلىكتۇر. جوڭگولۇقلاردا كالتىسىي ۋە ۋىتامىن A كەمچىل. كالتىسىي بىلەن ۋىتامىن A كەمچىل بولسا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ بالىلار ئاسانلا زۇكام بولۇپ ئىسمىداپ قالىدۇ، بادام بېزى ياللۇغلىنىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلار ئاسانلا راك كېسىلى ۋە ئارتېرىيە قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ كۆزى تورلىشىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىدۇ. ۋىتامىن A نى تولۇقلىسا، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ تۈرلۈك كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، ياشانغانلارنىڭ كۆزى تورلاشمايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. سەۋزە، تاۋۇز، تاتلىقياڭيۇ، قۇناق، كاۋا، قىزىلمۇچ قاتارلىق كۆكتاتلاردا ۋىتامىن A كۆپ بولىدۇ.
       (3) «يېشىل» دىگىنىمىز: ئىچىملىكلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئىچىملىك چاي. چاينىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە يېشىل چاي ئەڭ ياخشى، يېشىل چاينى ئىچسە ئادەم ئوڭاي قېرىمايدۇ، ئىچكەنسىرى ياشىرىدۇ. بىر قېتىم مەن فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ۋۇيىشيەن تېغىغا بارغاندا، چايچى دېھقان: بىزنىڭ چېيىمىزنى ئىچسىڭىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىز، دىدى. نىمىشقا؟ دەپ سورىسام، چايچى دېھقان: بۇ چاي بەك ياخشى، يۇرتىمىزدا مۇشۇ چاينى ئىچىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر ناھايتى كۆپ، دىدى. مەيلى ئۇ نىمە دەپ تەرىپلىسە تەرىپلىسۇن، داۋاملىق يېشىل چاي ئىچسە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق، يۈرەك، مېڭە، قان تۇمۇر، ئۆسمە، ئارتېرىيە قېتىش ۋە دىئابىت قاتارلىق كېسەللىكنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار.
              (4) «ئاق» دىگىنىمىز: ئۇ ئارپىخان(سۇلۇ)  ئۇنى  ( 燕麦 ) يەنى ئارپىخان(سۇلۇ) يامىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى ساچىر خانىمنىڭ خولېستېرىنى ناھايتى يۇقىرى بولۇپ، دورا يىمەي، ئارپىخان(سۇلۇ) بولكىسى يەپ ساقايغان. گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پېشىۋاسى چېن لىفۇ 101 ياشقا كىرىپتۇ. ئۇ كۈندە ئەتىگەندە ئارپىخان(سۇلۇ) ئومىچى ئىچىدىكەن. بېيجىڭدا نۇرغۇن كادىرلار ۋە بىمارلار كۈندە ئەتىگەندە ئارپىخان (سۇلۇ) ئومىچى ئىچىدۇ، مەنمۇ كۈندە ئەتىگەندە 100 گرام ئارپىخان ئومىچى ئىچىمەن. ئارپىخان ئومىچىنى ئاساسىي يىمەكلىك قاتارىدا ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. ئارپىخان ئومىچى ئىچسە، خولېستېرىن ۋە نتروگلىتسېرننى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە دىئابىت كېسىلىگە، مېڭە قان تۇمۇرلىرىغا، ئورۇقلاشقا ۋە چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بولۇشى قاتارلىقلارغا پايدىلىق. ھازىر ساختا، ناچار بۇيۇملار ناھايتى كۆپ. تاماكا، ھاراق،دورا، ئادەم ۋە دىپلوملارنىڭمۇ ساختىسى بار. ئارپىخاننىڭمۇ ساختىلىرى كۆپ. ھەقىقى ياخشى ئارپىخان جوڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئىشلەنگەن «شىجۋاڭ  世壮     » ماركىلىق ئارپىخان(سۇلۇ)، ئۇ جوڭگودىكى 990 خىل ئارپىخان ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان ئەڭ ياخشى ئارپىخان ھىسابلىنىدۇ.
             (5)«قارا» دىگىنىمىز: ئۇ قارا مورنى كۆرسىتىدۇ. قارا مور(قارا قېرىنقۇلاق) بەك ياخشى نەرسە، ئۇ قاننى سۈيۈلدۈرىدۇ. بايا مىسال قىلغان بايۋەتچىگە ئوخشاش قېنى بەك قويۇقلىشىپ كەتكەن بىمارلار قارا مور يىسە تازا باب كېلىدۇ.  قارا مورنى يىگەندىن كېيىن قان سۈيۈلىدۇ، ئاسانلىقچە مېڭە قان نۇكچىسى كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولمايدۇ. ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان جىمىغۇرلۇق كېسىلى (مېڭىسى ئىشلىمەسلىك-خاتىرىسىنى يوقۇتۇش) نۇرغۇن قىل قان تۇمۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ. چوڭ قان تۇمۇرى تۇيۇقسىز توسۇلۇپ قالسا، ئادەم پالەچ بولۇپ قالىدۇ، چوڭ قان تۇمۇرى يېرىلسا، مېڭىگە قان چۈشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆپۈنچە قاننىڭ بەك قويۇقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنداق كېسەللەر قارا مور(قارا قېرىنقۇلاق) يىسە شىپا تاپىدۇ. كۈندە بەش گرامدىن ئون گرامغىچە قارا مور يەپ بەرسە ئەڭ مۇۋاپىق.  بىر جىڭ قارا مور 50 كۈندىن  100 كۈنگىچە يىيىشكە يېتىدۇ. دىمەك، قارا مورنى كۈندە ئىستىمال قىلىش كېرەك، ئۇنى قورۇپ يىسىمۇ، قاينىتىپ ئىچسىمۇ رولى ئوخشاش بولىدۇ.
     ئامېرىكىلىق بىر دوختۇر ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر جوڭگولۇقنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋېتىپ ئۇنىڭدىن: نىمە ئىش بۇ، دورىنى ئارتۇق يەۋالغان ئوخشىمامسىز، دەپ سوراپتۇ. بىمار: يوقسۇ، دورىنى ئارتۇق يەۋالمىدىم، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.  غەلىتە ئىشقۇ، ئۇنداقتا نىمە يىگەنتىڭىز، دەپ سوراپتۇ دوختۇر.  ئۇ:  ئالدىنقى كۈنلەردە كانادادا بولدۇم، ھەر كۈنى جوڭگوچە غىزالاندىم، دەپتۇ. دوختۇر تېخىمۇ تەپسىلى سورىغان ئىكەن، قورۇمىدا گۆش، تۇخۇم، قارا مور بار ئىكەن، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. دوختۇر ئويلاپ كۆرۈپ: سىزگە پايدا قىلغىنى ئېھتىمال گۆشمۇ ئەمەس، تۇخۇممۇ ئەمەس، جوڭگولۇقلار ياخشى كۆرىدىغان ھىلىقى غەلىتە نەرسە بولۇشى مومكىن، يەنە كاناداغا بېرىپ شۇ نەرسىنى داۋاملىق يەپ كۆرۈڭ، دەپتۇ. بىمار يەنە كاناداغا بېرىپ ھەر ۋاخ تاماقتا قارا مور يەپتۇ، دىگەندەك ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بوپتۇ. ئاخىرى، دوختۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جوڭگودا چىقىدىغان قارا مور(قارا قېرىنقۇلاق)نىڭ قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش رولى بارلىقىنى بايقاپتۇ. قارا مورنىڭ رولى توغرىسىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنىش بىلەنلا تەيۋەندە ھەممىلا ئادەم قارا مورنى يىيىشكە باشلىغان. كېيىنكى كۈنلەردە بېيجىڭ ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مەركىزى قارا مورنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. تەتقىق قىلىش جەريانىدا توشقان بىلەن چاشقانغا بەش گرامدىن ئون گرامغىچە يىگۈزگەندە ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى تۆۋەنلىگەن. مەن بىر تەيۋەنلىك كارخانىچىنىڭ كېسىلىنى كۆردۈم، ئۇ بەك باي ئىكەن. بۇ ئادەم تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قان تۇمۇرىنىڭ كۆپ قىسمى توسۇلۇپ كەتكەچكە، ئامېرىكىغا بېرىپ يۈرەك قان تۇمۇرىغا كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرماقچى بوپتۇ. ئامېرىكىغا بېرىپ كۈرۈنگەندىن كېيىن ، دوختۇر: ھازىر ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغان بىمارلار ئۆچرەتكە تۇرغۇزۇلۇپ بولۇندى، بىر يېرىم ئايدىن كېيىن كېلىڭ، دەپتۇ.  بىر يېرىم ئايدىن كېيىن دوختۇر  ھىلىقى بىمارنىڭ تاجىسىمان قىزىل قان تۇمۇرىنى سايىلاندۇرۇپ رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۈچ قان تۇمۇرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بايقاپ: كېسىلىڭىز ساقىيىپتۇ، قان تۇمۇرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ كېتىپتۇ، كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيىسى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن قانداق داۋالاندىڭىز، دەپ سورىسام، ئۇ: ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر رېتسىپتىن پايدىلاندىم ، يەنى قارا موردىن 10 گرام، مايسىز گۆشتىن 50 گرام، زەنجىۋىلدىن ئۈچ ياپراق، چوڭ چىلاندىن 5 تالنى 6 پىيالە سۇغا سېلىپ سۇس ئوتتا ئىككى پىيالە قالغىچە قايناتتىم، ئۇنىڭغا تېتىتقۇ ۋە ئازراق تۇز سېلىپ ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن 45 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي ئىچتىم. شۇنىڭ بىلەن قان تۇمۇر نۇكچىسى ئېرىپ كېتىپتۇ، دىدى. رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرمىگەن بولساممۇ، بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشەندىم.  قىسقىسى، قارا موردىن 5 گرامدىن 10 گرامغىچە ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدىغانلىقى ئىلمىي تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.  مانا بۇ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا قارىتىلغان «بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش ۋە  قىزىل، سېرىق، يېشىل، ئاق، قارا» دىگەنلەرنىڭ مەنىسى.
                                            ئىككىنچى:  لايىقىدا ھەرىكەت قىلىش كېرەك
                    ھەرىكەت سالامەتلىك ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم.  تېبابەتچىلىك پېشىۋاسى سوقرات 2400 يىل ئىلگىرى مۇنداق بىر سۆزنى ئېيتقانىدى: «ئاپتاپ، ھاۋا، سۇ ۋە ھەرىكەت-ھاياتلىق ۋە ساغلاملىقنىڭ مەنبەسى». ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق ئاپتاپ، ھاۋا، سۇ ۋە ھەرىكەتتىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئاپتاپ بىلەن ئوخشاش رولى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.  ئولىمپىك ماكانى بولغان گرىتسىيەدە تاغدىكى خادا تاشقا: «ساغلام بۇلاي دىسەڭ يۈگۈر، ئەقىللىق بۇلاي دىسەڭ يۈگۈر، چىرايلىق بۇلاي دىسەڭ يۈگۈر» دىگەن سۆز ئويۇلغان. بۇ يۈگرەشنى داۋاملاشتۇرسا ئادەمنىڭ ساغلام، ئەقىللىق ۋە چىرايلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.    ئۇنداقتا ئەڭ ياخشى ھەرىكەت قايسى؟ پىيادە مېڭىش.  بۇ ھەرگىز گولف توپى، دومىلاتما توپ ئۇيۇنى، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تەن ھەرىكەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ ئادەمسىمان مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىشى ئۈچۈن بىر مىليۇن يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن، ئادەم پىيادە مېڭىشقا يارىتىلغان، شۇڭا پىيادە مېڭىش ئەڭ ياخشى ھەرىكەت ھىسابلىنىدۇ.  پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنى ئارتېرىيە قېتىش كېسىلى ئېغىر بولسا يېنىكلەتكىلى، يېنىك بولسا ئېغىرلاتقىلى، يوق بولسا بار قىلغىلى، بار بولسا يوق قىلغىلى بولىدىغان كېسەل، ئۇ تەتۈر تاناسىپ بۇيىچە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. 1960-يىلى ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا مۇئەللىم ئارتېرىيە قېتىپلا قالسا ساقايتقىلى بولمايدۇ، دىگەنىدى. يېقىندا ئارتېرىيە قېتىش كېسىلىنىڭ قارىمۇ-قارشى جەريانى بولىدىغانلىقى ئىلمىي يۇسۇندا ئىسپاتلاندى. ئارتېرىيە قېتىش كېسىلى يېنىكلىكتىن ئېغىرلىققا، ئېغىرلىقتىن يېنىكلىككە، يوقلۇقتىن بارلىققا، بارلىقتىن يوقلۇققا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگەتكىلى بولمىسىمۇ، قىسمەن تۈگەتكىلى بولىدۇ. پىيادە مېڭىش قېتىپ قالغان ئارتېرىيىنى يۇمشىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. پىيادە مېڭىشنى بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرسىلا توسالغۇنىڭ ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدىغانلىقى تەتقىقاتتا ئىسپاتلاندى. پىيادە مېڭىشنى ئوزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش-يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكى، دىئابىت كېسىلى، خولېستېرىن ئۆرلەپ كېتىش كېسىلى،  بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە بەكمۇ پايدىلىق.     پىيادە مېڭىش قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ بۇنى قىسقىچە قىلىپ «3، 5، 7» گە يىغىنچاقلايمىز. «3» دىگىنىمىز: يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىمدىلا 3 كىلومېتىر پىيادە مېڭىش. «5» دىگىنىمىز: يۇقىرىقى ھەرىكەتنى ھەپتىدە 5 قېتىم ئېلىپ بېرىش، «7» دىگىنىمىز: ھەرىكەت مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى، زىيادە ھەرىكەت قىلىش زىيانلىق. ھەرىكەت قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى يۈرەك سوقۇشىنى يېشىڭىز بىلەن قوشۇپ ھىسابلىغاندا 170 بولسا مۇۋاپىق، مەسىلەن، سىز 50 ياشقا كىرگەن بولسىڭىز، ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشى 120 قېتىم بولسا، ئۇنى يېشىڭىزغا قوشقاندا 170 بولسا بولىدۇ.  سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولسا كۆپرەك، سالامەتلىكىڭىز ناچار بولسا ئازراق ھەرىكەت قىلسىڭىز بولىدۇ. پىيادە مېڭىشنى مادارىڭىزغا قاراپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. يېقىندا بىر ماتىرىيالنى كۆردۈم، ماتىرىيالدا مۇنداق دىيىلگەن: ياشانغانلار ئىككى گوروپپىغا ئايرىلغان، يەنى كۈنىگە 2 كىلومېتىردىن 4 كىلومېتىرغىچە پىيادە ماڭىدىغانلار بىر گورۇپپىغا، ئاساسەن ماڭمايدىغانلار يەنە بىر گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. نەتىجىدە كۈنىگە 2 كىلومېتىردىن 4 كىلومېتىرغىچە پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغان ياشانغانلارنىڭ قازا قىلىش، يۈرەك، مېڭە، قان تۇمۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى پىيادە ماڭمىغانلارنىڭكىدىن ` تۆۋەن بولغان،  مانا بۇ پىيادە ماڭغانلىقنىڭ پايدىسى. گېزىتتىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆردۈم: مۇخبىر 95 ياشقا كىرگەن لېي جيېچيۇڭدىن نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ھىچنىمىگە قىزىقمايدىغانلىقىنى، كۈندە پەقەت پىيادە مېڭىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. گېزىتكە يەنە چېن لىفۇنىڭ كۈندە پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقتىن 100 ياشتىن ئاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بېسىلدى.  بېيجىڭ شەھىرى جوڭخۋامېننىڭ يېنىدا پۇدۇسى دەيدىغان بىر بۇتخانا بۇلۇپ، ئۇنىڭدا نامرات بىر راھىپ بار ئىكەن. ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ئايدا 15 يۇەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدىكەن. بۇ ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكى كۈندە ئەتىگەن تۇرۇپ ھاسسىسىغا تايىنىپ جوڭخۋامېندىن جيەنگومېنغىچەماڭىدىكەن، ئاندىن كېيىن جيەنگومېندىن ئايلىنىپ ئىككى سائەت يول يۈرۈپ قايتىپ كېلىدىكەن. يىلبۇيى مۇشۇنداق ماڭىدىكەن. بۇ بۇتخانىنىڭ يېنىدا بىر مۇنچە تۇرالغۇ ئۆيلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە مەشھۇر كىشىلەر ئولتۇرىدىكەن. ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى كىشىلەر بىلمەيدىكەن. لېكىن بۇيىل 96 ياشقا كىرگەن بۇ راھىپ ياخشى تۇرۇۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ كۈندە سەھەر تۇرۇپ،ھاسىسىغا تايىنىپ پىيادە مېڭىشتىن باشقا قۇۋۋەتلىك ئوزۇقى يوقكەن. كۈنىگە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق پىيادە ماڭغاچقا، ساغلام تۇرۇپتۇ. دىمەك، پىيادە مېڭىش نۇرغۇن ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىدىنمۇ ياخشى رول ئوينايدۇ.
   بۆرە دوختۇر توغرىسىدا مۇنداق بىر ھىكايە بار. بىر ئورمانلىقتا بۆرىمۇ، بۇغىمۇ بار ئىكەن. كىشىلەر: بۇغىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن بۆرىنى يوقىتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا بۇغىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ، دەپ قاراپتۇ ھەمدە بۆرىنى يوقىتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشتىن ئەكسىچە نەتىجە چىقىشىنى كىم بىلسۇن. نەچچە يىلدىن كېيىن، ئورمانلىقتا بۆرە بولمىغانلىقتىن، بۇغا بىخارامان ئوتلاپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپلا ئاپتاپ سۇنۇپ سۇنايلىنىپ يېتىپ، ھەرىكەت قىلمىغانلىقتىن سەمىرىپ كېتىپتۇ.  بۇغا سەمىرىپ كەتكەنلىكتىن جىگىرىنى ماي قاپلاپ كېتىپتۇ،  تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بوپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن بۇغىنىڭ ئۈلۈشى تېزلىشىپ، سانى بارغانسىرى ئازىيىپ، ئۆزلۈكىدىن يوقىلىشقا قاراپ مېڭىپتۇ.  ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟  دوختۇر ئەۋەتىپ بۇغىنى ساقايتىشقا توغرا كەپتۇ،  بۇغىنى كىم ساقايتالايدۇ؟ كىشىلەر ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، بۆرىنى تەكلىپ قىلىش ئەڭ ياخشى چارە، دىيىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆرە سېتىۋېلىپ ئورمانلىققا قويۇۋېتىپتۇ،  بۆرە بۇغىنى يىمەكچى بوپتۇ،  بۇغا قېچىپتۇ،  بۆرە قوغلاپتۇ،  شۇنداق قىلىپ بۇغا قېچىپ يۈرۈپ چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بوپتۇ. تەبىئەت دۇنياسى مانا شۇنداق ئاجايىپ رىقابەت بىلەن تولغان. ھەرىكەتتىن قېلىش ئىنتايىن خەتەرلىك، بۇغا ھەرىكەتتىن قالغاچقا ئۈلۈشى تېزلەشكەن،  بۆرە بۇغىنىڭ ياخشى دوختۇرى بۇلۇپ قالغان.
         پىيادە مېڭىشتىن باشقا، تەيجى گۇمپىسىمۇ تەشەببۇس قىلىشقا تىگىشلىك ھەرىكەت. تەيجى گۇمپىسى ئالاھىدە ھەرىكەت بولۇپ، نېرۋا سېستىمىسىنى ياخشىلايدۇ، تەيجى گۇمپىسى ئوينىغانلار 3 يىل، 5 يىل، 10 يىل داۋاملاشتۇرسا تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ. ئامېرىكا ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيىتى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، ياشانغانلارنى 2 گۇرۇپپىغا ئايرىغان، بىر گۇرۇپپا چېنىقىش ئۆيىدە مەشىق قىلغان، كۈندە مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرغان. يەنە بىر گۇرۇپپا تەيجى گۇمپىسى ئوينىغان. سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە، تەيجى گۇمپىسى ئوينىغانلارنىڭ تەڭپۇڭلۇڭ ئىقتىدارى ۋە مېڭە ئىقتىدارى ياخشى بولغان، يول ماڭغاندا پۇتلىشىپ كەتسىمۇ يىقىلىپ چۈشمىگەن، يىقىلىپ چۈشكەن تەقدىردىمۇ سۆڭەكنىڭ سۇنۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغان. ئامېرىكىلىقلار جوڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، پۇل خەجلەنمەيدىغان تەيجى گۇمپىسىنىڭ ئۈنۈمى زامانىۋىي ئەسلىھەلەردىن كۆپ ياخشى ئىكەن، دىگەن يەكۈننى چىقارغان.  قەدىرلىك يولداش دېڭ شياۋپىڭ 1978-يىل 11-ئايدا «تەيجى گۇمپىسى ياخشى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن. بىز تەيجى گۇمپىسىنى يولداش دېڭ شياۋپىڭ ياخشى دىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشى دەۋاتمايمىز، تەيجى گۇمپىسىنىڭ ياخشىلىقى ئىلمىي يۇسۇندا ئىسپاتلانغان. دىمەك، پىيادە مېڭىش ياكى تەيجى گۇمپىسى ئويناش كېرەك.
                                               ئۈچىنچى:    تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش كېرەك
          تاماكا چېكىش ياخشى ئادەت ئەمەس، بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.  يولداشلار تاماكىنى تاشلىيالىسىلا چوقۇم تاشلىۋېتىشى، تاشلىيالمىسا كۈندە 5 تالدىن ئارتۇق چەكمەسلىكى كېرەك.  مەندە تەربىيلىنىۋاتقان بىر ئاسپىرانت مەخسۇس تاماكا تاشلاشنى تەتقىق قىلىپ بىر قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقتى. چەككەن تاماكىنىڭ مىقدارى بىر ھەسسە ئاشسا، ئۇنىڭ زىيىنى 4 ھەسسە ئاشىدىكەن، تاماكىنى تاشلىيالمىسا كۈندە 5 تالدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك ئىكەن. 5 تالدىن ئاشمىسىلا بۇنىڭ زىيىنى چەكلىك بولىدىكەن، 5 تالدىن ئېشىپ كەتسە، زىيىنى ناھايتى چوڭ بولىدىكەن.  ھاراقنى ئاز ئىستىمال قىلسا پايدىسى بار، كۆپ ئىستىمال قىلىش زىيانلىق.
                                              تۆتىنچى: روھىي جەھەتتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەك [
           روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇق ساغلام بولۇشتىكى ئاساسلىق ئامىل. روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ رولى بارلىق تەن ساغلاملىق كاپالىتىنىڭ رولىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.  روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇققا دىققەت قىلساڭلار سالامەتلىكنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تۇتقان بولىسىلەر. بېيجىڭدا 100 ياشتىن ئاشقان نۇرغۇن ساغلام بوۋاي-مومايلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. ئۇلار نىمىشقا شۇنداق ساغلام تۇرىدۇ؟ بۇ ياخشى يەپ-ئىچكەنلىكتىن ياكى پۇلدار بولغانلىقتىنمۇ؟ بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلايدىغان بولسىڭىز ھەيران قالىسىز. بەزىلەر بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرىدىكەن، بەزىلەر كەچ يېتىپ ۋاقچە تۇرىدىكەن. بەزىلەر گۆش يىمەيدىكەن، بەزىلەر گۆشكە ئامراق بولۇپ، گۆشنىڭ سېمىزىنى يەيدىكەن. يەنە بەزىلەر تاماكا چەكمەيدىكەن، ئەمما بەزىلىرى تاماكا چېكىدىكەن. بەزىلەر چاي ئىچمىسە، يەنە بەزىلىرى چاي ئىچىدىكەن. تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى خىلمۇ-خىل ئىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ئىكەن.  ياشانغان ساغلام كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئىچى تار، كاززاپ، قىزىل كۆز، پىخسىق، نامەرد ئادەمدىن بىرەرسىمۇ يوقكەن.  بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ئىچى تار، كاززاپ، قىزىل كۆز، پىخسىق ۋە نامەرد ئادەملەر 100 يىل ئەتراپىدا ياشىيالمايدۇ، 50 ، 60 ياشتىلا ئاچچىق يۇتۇپ راك كېسىلى ياكى يۈرەك، مېڭە، قان تۇمۇر كېسىلى بىلەن بالدۇرلا بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغان ساغلام كىشىلەرنىڭ بىرەرسىمۇ ھۇرۇن ئەمەسكەن. ئۇلار ياكى ئەمگەك قىلىپ تۇرىدىكەن، ياكى ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىكەن. روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇق نىمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟ ئادەتتە ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭىگە قان چۈشۈش سوزۇلما خاراكتىرلىك بولىدۇ. ئارتېرىيە دەرھال قاتمايدۇ، ئارتېرىيىنىڭ قېتىشى ئۈچۈن بىرنەچچە يىل، ئون نەچچە يىل ، ھەتتا نەچچە ئون يىل كېتىدۇ، ئاخىرى بېرىپ قان تۇمۇر توسۇلىدۇ. ياش 50 كە بارغاندا، قان تۇمۇر ھەر يىلى تارىيىپ بارىدۇ،  ئەگەر تاماكا چەكسىڭىز، قان بېسىمىڭىز يۇقىرى بولسا، يەنە قېنىڭىزدا ماي ماددىسىمۇ يۇقىرى بولسا، يىلدا %3 تىن %4 كىچە تارىيىدۇ. ئەگەر قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، جىددىيلەشسىڭىز، قان تۇمۇرىڭىز بىر مىنۇتتىلا 0 تارىيىشى مومكىن. ئۇ ھالدا دەرھال جاندىن ئايرىلىپ قالىسىز. روھىي كەيپىيات مانا شۇنداق مۇھىم.
               ئامېرىكىدا مۇنداق بىر ئىش خەۋەر قىلىنغان. 53 ياشلىق بىر كىشى ئۆيىگە قايتىپ، ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىگە ئانا-بالا قاتتىق ئۇرۇشىۋاتقان ئىكەن، ئۇ نەسىھەت قىلاي دىيىشىگە، خۇدىنى يوقاتقان بەدنىيەت ئوغلى ئانىسىنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق تىقىپ دۈمبىسىدىن چىقىرىۋېتىپتۇ-دە، ئانىسى نەق مەيداندىلا جان ئۈزۈپتۇ. بۇ ئىچىنىشلىق ئەھۋالنى كۆرگەن دادا شۇ ھامان يەرگە يىقىلىپلا جېنى چىقىپ كېتىپتۇ. قانۇن دوختۇرى جەسەتنى يېرىپ تەكشۈرۈپ، 53 ياشلىق بۇ كىشىنىڭ ئارتېرىيە قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغانلىقىنى، قان تۇمۇرلىرىنىڭ ناھايتى ياخشى، راۋان ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئۇنداقتا نىمىشقا تېزلا جېنى چىقىپ كېتىدۇ؟ يۈرەك قان تۇمۇرى تارتىشىپ قېلىپ، يۈرەك يۇقىرى چەكتە يىغىلىۋېلىپ ئېچىلالمىغانلىقتىن جېنى چىقىپ كەتكەن.  گېزىتتە مىسىردا بولغان مۇنداق بىر ۋەقە خەۋەر قىلىنغان: دوختۇر خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، بىمارنىڭ كۆز چاناقلىرى يوغىناپ ھۇشىدىن كەتسە، جان ئۈزۈپتۇ دەپ، جەسەتخانىغا ئەپچىقىۋەتكەن. بىمار ھۇشىغا كېلىپ جەسەت ساندۇقىدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن. ئۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ قاپقېقىنى ئېچىپ، سىرتقا چىقماقچى بولۇپ، جەسەت ساندۇقىدىن بىر پۇتىنى ئېلىشىغا، بىر سېستىرا جەسەتخانىغا كىرىپ قالغان . سېستىرانىڭ ئىدىيە جەھەتتە ھىچقانداق تەييارلىقى بولمىغاچقا، جەسەت ساندۇقىدىن بىرسىنىڭ ناھايتى تەستە ئۆمىلەپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورققىنىدىن چىقىرىغان پېتى سىرتقا قاراپ قاچقان ۋە قاتتىق يىقىلىپ چۈشۈپ، شۇ يەردىلا جان ئۈزگەن.  ھىلىقى بىمار: مەن ھايات تۇرسام، نىمىشقا مىنى قازا قىلدى دەيدۇ، دەپ دوختۇرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان.  سوت مەھكىمىسى دوختۇرغا خىزمەتتە ئېغىر دەرىجىدە بىپەرۋالىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكتىن، قانۇن بۇيىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. بەزىدە بىر ئېغىز يامان گەپمۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. شەنبە كۈنى دوختۇرخانىمىزدىكى بىمارلارنى ئائىلىسىدىكىلەر يوقلايدىغان كۈن. بىر موماي مىۋە-چىۋە ئېلىپ ئېرىنى يوقلاپ كەپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ بىر ئېغىز گېپى ئېرىنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاس قاپتۇ. موماي: تۈنۈگۈن كەچتىكى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە، شەرقى ياۋروپادا سىياسى ئۆزگىرىش بولۇپ، چىئوسېسكو ئېتىپ تاشلىنىپتۇ، دىگەن. بوۋاي ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن: بۇ توغرا بولماپتۇ، بۇ دىگەن سىياسىي كۈرەش تۇرسا، دەپتۇ. مومايمۇ ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن : خوپ بوپتۇ، ئېتىۋېتىشكە تىگىشلىك، دەپتۇ. بوۋاي: ئېتىۋەتكىنى پۈتۈنلەي خاتا، دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن چىئوسېسكونى ئېتىۋېتىش توغرىمۇ-خاتا دىگەن مەسىلىدە قاتتىق مۇنازىرىلىشىپ كېتىپتۇ. ئۈچ مىنۇتقا بارمايلا بوۋاينىڭ چىرايى تاتىرىپ، كۆكرىكىگە سانجىق پەيدا بولۇپ، قارا تەرگە چۈمۈپتۇ، دەرھال دوختۇر چاقىرىپ، ئېلىكترو-كاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈش كېسىلى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. كۈزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، 1500 يۇەن قىممىتىدىكى 0.1 گراملىق ئوكۇلدىن بىر ئامپۇل ئوردۇق.  دورا ناھايتى ياخشى بولغاچقا، يېرىم سائەت ئىچىدىلا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈردى، دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى ھىلىقى موماي رەھمەت ئېيتىپ لەۋھە تەقدىم قىلدى. ئۇ ئاچچىقلىنىش ھەقىقەتەن زىيانلىق ئىكەن، شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ئېرىم بىلەن تاكاللاشمايمەن، ئېرىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، دىدى.  بۇ قېتىم بوۋاي قازادىن قۇتۇلۇپ، بەختكە ئېرىشتى،  موماي ئەمدى ئۇنىڭ چىشىغا تەگمەيدىغان بولدى.
         روھىي كەيپىيات جەھەتتىكى تۇراقسىزلىق ھەقىقەتەن بەك يامان.  بىر پروفېسور ئۆزىنىڭ تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىسىدىن رەنجىپ قاپتۇ. ھازىرقى ياشلار ئىچىدە قۇلىقى يۇمشاق، گەپ ئاڭلايدىغان ياخشىلىرى خېلى جىق، ئەمما قۇلىقى قاتتىق، گەپ ئاڭلىمايدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس. پروفېسور تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ گەپ ئاڭلىمىغانلىقىدىن ناھايتى خاپا بولۇپ: سەن ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن بىر دوكتور تۇرۇقلۇق مۇشۇنداق يولسىزلىق قىلساڭ بولامدۇ، دەپ ئۈستەلگە بىر ئورۇپتىكەن، قان تۇمۇرى شۇ ھامان يېرىلىپ قولىنى كۆتىرەلمەي قاپتۇ-دە،  تۇرالماي يىقىلىپ كېتىپ پالەچ بولۇپ قاپتۇ. ھېلىقى ياش دوكتور پېشقەدەم پروفېسورغا : سىزگە ئېيتىپ قوياي، قانۇندا باشقىلارنى خاپا قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويسا قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ، دەيدىغان بەلگىلىمە يوق جۇمۇ، دەپ كېتىپ قاپتۇ.  مەن بۇ دوكتۇرنىڭ ئەخلاقى توغرىلىق توختالماقچى ئەمەسمەن، ئەمما ياشلارغا ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ ياغاچ قۇلاقلىق قىلىپ گەپ ئاڭلىمىسا، تۇرمۇش ئۇنىڭغا ساۋاق بېرىدۇ، بۇرنىغا سۇ كىرگەندىن كېيىن گەپ ئاڭلايدىغان بولىدۇ. ئۇلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. روھىي كەيپىيات تۇراقسىز بولسا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بىز كۆزىتىۋاتقان بىر بىمار بىر پاشىنى ئۆلتۈرىمەن دەپ قان بېسىمىنى ئېغىر دەرىجىدە ئۆرلىتىۋالغان. ئۇ چەتئەلدىن كېلىپلا شېنجىنغا ساياھەتكە بارغان، كەچتە پاشىلىق ئىچىدە بىر پاشا بارلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن 60 نەچچە ياشلىق بۇ كىشى پاشىنى ئۆلتۈرىمەن دەپ قوغلاپ يۈرۈپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن پاشىنى ئاران ئۆلتۈرگەن. لېكىن قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپ ئۇخلىيالماي، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىنى ئۈزۈلدۈرمەي يىگەن.  ئادەتتە 120 بولىدىغان قان بېسىمى 196 گە چىقىپ كەتكەن. دوختۇر ئۇنىڭغا دورا مىقدارىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، قان بېسىمى يەنىلا چۈشمىگەن، دورىنى يەنە بىر ھەسسە كۆپەيتكەن، ئاخىرى بولماي 8 ھەسسە كۆپەيتكەن بولسىمۇ، دورا يەنە كار قىلماي، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل ئورغۇزۇپ قان بېسىمىنى چۈشۈرگەن.  مېڭىسىگە قان چۈشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇرنى قانىغان.
    روھىي كەيپىيات نۇرغۇن تاسادىپىي ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىك بىلەن ساغلاملىق ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. بەزىلەر ئاسان كېسەل بولمايدۇ، يەنە بەزىلەر ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ، بۇ روھىي كەيپىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.  كېسەللىك روھىي كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ناھايتى بەك ئۇچرايدۇ.  شەرقى شىمالدا 38 ياشلىق بىر بىمار جىگىرىم ئاغرىۋاتىدۇ، دەپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپتۇ. دوختۇر ئۇنىڭغا: چاتاق بوپتۇ، جىگىرىڭىزدە 7 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا ئۆسمە بار ئىكەن، دەپتۇ. ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىرايى تاتىرىپ يەرگە يىقىلغانچە ئورنىدىن تۇرالماپتۇ. بالىلىرىمنى كىم باقار، دەپ ئويلاپ تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىيالماپتۇ.  ئاغرىقى تېخىمۇ كۈچىيىپتۇ. ئەتىسى دوختۇر ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا: جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ، مىنىڭمۇ ئامالىم يوق، بىراق بىر تەكلىپىم بار، نىمىنى يىگۈڭىز كەلسە شۇنى يەڭ، قانداق ئوينىغىڭىز كەلسە شۇنداق ئويناڭ، ئۆمرىڭىز ئاز قاپتۇ، دەپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرىم ئايدىلا بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى مىۋە-چىۋىلەرنى ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن: قانداق تەلىپىڭىز بار، دەپپ سوراپتۇ.  ئۇ: باشقا تەلىپىم يوق، ئۆمرۈمدە تىيەنئەنمېننى كۆرەلمىگىنىمگە بەك ئەپسۇسلىنىمەن، باراي دىسەم ماڭالمىسام، قانداق قىلسام بۇلار، دەپ زارلىنىپتۇ. رەئىس ئۇنىڭغا: كېرەك يوق، بىز يولغا سالايلى، دەپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن تۆت يىگىت ئۇنى كۆتىرىپ پويىزغا ئېلىپ چىقىپتۇ، ئۇلار بېيجىڭغا كېلىپ تيەنئەنمېننى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن،  بىرەيلەن ئۇنىڭغا: بېيجىڭغا كەلگەندىكىن دوختۇرغا تەپسىلىرەك كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن، دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.  ئۇ بۇ تەكلىپنى توغرا تېپىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىنى تەكشۈرتۈپتۇ. ئۇنى مىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى بىر ساۋاقدىشىم كۆرۈپتۇ، ئۇ ئىزچىل مەخسۇس B تىپلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش ئىشلەپ كەلگەنىدى. ئۇ بىمارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپتۇ. بىمار: نىمە كېسەلكەنمەن؟ دەپ سوراپتۇ. دوختۇر: سىزدە كېسەل يوق ئىكەن، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇ: مەندە قانداقسىگە كېسەل بولمىسۇن، جىگىرىم ئاغرىيدۇ، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشاي دەپ قالدىم، دەپتۇ. بۇ قورقۇشتىن كېلىپ چىققان كېسەل، دەپتۇ دوختۇر. قانداق قورقۇشتىن؟ دەپ سوراپتۇ بىمار. دوختۇر ئۇنىڭغا: بىر قىسىم كىشىلەر سىزگە ئوخشاش خالتىلىق ئىششىققا گىرىپتار بولغان بولۇپ، لېكىن گايىدا دىئاگنوز راك كېسىلى، دەپ خاتا قويۇلۇپ قالغاچقا، نەتىجىدە ئۇلار روھىي جەھەتتە تۈگىشىپ كېتىپ، قوپالماي يېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بار، ئەمەلىيەتتە ھىچقانداق كېسەل يوق، سىزگىمۇ شۇلارغا ئوخشاش دىئاگنوز خاتا قويۇلۇپ قاپتۇ دەپتۇ. دوختۇرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ھىلىقى 4 يىگىتمۇ خۇشال بولۇپ، كېسىلىڭىز بولمىسىمۇ كۆتۈرۈپ يۈرۈپتىمىز، دەپلا نوسولكىنى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ. دوختۇر يەنە ئۇنىڭغا: سىزدە كېسەل يوق، خاتىرجەم بولۇڭ، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا-ئاستا ئىشىنىپ، شەرقى شىمالغا قايتقاندىن كېيىن يەپ-ئىچەلەيدىغان، ھەتتا ئىشلىيەلەيدىغان بوپتۇ.  ھېلىمۇ ئۇنىڭ تيەنئەنمېننى كۆرگىسى كەپتىكەن، ئۇنداق بولمىغان بولسا، ئۇ ئاللىبۇرۇن جەسەت كۈلىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى.
       بىر كۈنى بىرەيلەن كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىپ: يۈرىكىم بەك ئاغرىۋاتىدۇ، دېمىم سىقىلىپ كەتتى، قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن، دەپ زارلىنىپ كەتتى. مەن ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ناھايتى ھەيران قېلىپ: ئەھۋالىڭىز نورمال ئىكەن، ئاغرىماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ، دىدىم. ئۇ: راستىنى ئېيتسام، بىر كۈنى بىرەيلەن  بىلەن مۇڭدىشىپ قېلىپ، ئەنجېن دوختۇرخانىسىدا 38 مىڭ يۇەن خەجلەپ قوزغاتقۇچ ئورناتتىم دىسەم، ئۇ: سىزدىكى قوزغاتقۇچ ئورناتقۇدەك نىمە كېسەلتى؟ دوختۇر ماڭا بۇنداق كېسەلگە قوزغاتقۇچ ئورناتمىسىمۇ بولىدۇ، دەيدىغۇ، ھەي، ئازراق پۇل خەجلىسىڭىز بوپتىكەن، ئۇنداقتا ئاتچوتمۇ قىلدۇرالايتتىڭىز. چاتاق قوزغاتقۇچنىڭ تەتۈر ئىلمىكىدە، ئۇ يۈرىكىڭىزگە ئىلىغلىق تۇرىدۇ، شۇڭا ئاغرىيدۇ. ناۋادا توك سىمى ئۈزۈلۈپ  كەتسە، چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ، قان چىقىپ كەتسە، قان ئېقىپ بارغانلىكى يەر توسۇلۇپ قالىدۇ، ئېلىكتر قۇتۇبى ئۈزۈلۈپ كەتسە، دېمىڭىزنى سىقىپ قويىدۇ، بۇ ناھايتى خەتەرلىك، دىدى. مەن بىر يىلدىن كېيىن ھىلىقى كىشىنىڭ توغرا ئېيتقانلىقىنى، يۈرىكىمنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. خۇددى قوزغاتقۇچنىڭ ئىلمىكى گۆشكە سانچىلىپ ئاغرىۋاتقاندەك دېمىم سىقىلىپ، بىئارام بولدۇم، خىزمەتكىمۇ بارالمىدىم، دىدى. مەن ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم، ھەتتا تېخىمۇ ئىنچىكە قىلىپ: بىرىنچى ئەۋلاد قوزغاتقۇچنىڭ ئىلمىكى بولغان تەقدىردىمۇ، يۈرەك ئىچكى پەردىسى ئاغرىمايدۇ. قوزغاتقۇچنىڭ سىمى ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ، ئۈزۈلۈپ كېتىشىمۇ مومكىن ئەمەس، قوزغاتقۇچ ھەرگىز ئۆپكە ئىچىگە ئورنىتىلمايدۇ. ئۇ كۆكرەك بوشلۇقىغا ئورنىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇ زادىلا توسۇلۇپ قالمايدۇ، ئاغرىمايدۇ، دەپ چۈشەندۈرسەم، ئۇ ئاغرىدى، دەپ چىڭ تۇرۇۋالغانىدى،  مەن ئامالسىز ئۇنىڭغا: بۇ ئىمپورت قىلىنغان نېرۋىنى ياخشىلاش كومۇلىچى، بىرسى يەتتە يۇەن، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، يەپ بېقىڭ، دەپ دورا يېزىپ بەردىم. ئۇ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن يەنە كەلدى. ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ دەپ سورىسام، ياخىشى بولالمىدىم دەپ يەنە زارلاندى. ئەسلىدە ئۇنىڭدا ھىچقانداق كېسەل يوق ئىدى، ئۇ پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، مۇشۇنداق بوپ قالغان. ئاخىرى ئۇنى بىر چەتئەللىك قۇتقۇزۇۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىدارىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ ئامېرىكىغا تەكشۈرۈپ-ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەندە ئۇمۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتشىپ ئامېرىكىغا بېرىپتۇ. ئۇ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق جوڭگو ئەلچىخانىسىغا زارىنى ئېيتىپ، يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسىسى تېپىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئەلچىخانا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئامېرىكىلىق بىر مۇتەخەسىس بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرىپتۇ. 100 ئامېرىكا دوللىرىغا كېسەل كۆرسىتىش نۇمۇرى ئېلىپ، مۇتەخەسىسكە كۆرۈنۈپ: ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە مىنىڭ بۇ كېسىلىمگە قوزغاتقۇچ ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ-يوق؟ دەپ سوراپتۇ. ئامېرىكىلىق دوختۇر ئۇنى ئىنچىكە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: بۇ كېسىلىڭىزگە ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا قوزغاتقۇچ ئورنىتىش كېرەك، دوختۇرلار 2 خىل پىكىردە بولىدۇ، بىر خىلدىكىلەر ئورنىتىش كېرەك دەپ قارايدۇ، يەنە بىر خىلدىكىلەر ئورناتماسلىق كېرەك دەپ قارايدۇ. مىنىڭچە بولغاندا قوزغاتقۇچ ئورنىتىش كېرەك، دەپ قارىغان دوختۇر دۇنياۋىي سەۋىيىلىك دوختۇر ھىسابلىنىدۇ، دەپتۇ. ئۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھىچ يېرى ئاغرىماپتۇ، دېمىمۇ سىقىلماپتۇ، خىزمەتكىمۇ نورمال بېرىپتۇ.
       بىشارەت بېرىشنىڭ رولى ناھايتى زور بولىدۇ. بىشارەت بېرىش دىگەن نىمە؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەك، دوختۇر يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىنى داۋالىغاندا، بىمارغا يېرىمى سېرىق، يېرىمى يېشىل سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايتى چىرايلىق كاپسوللۇق دورا بېرىپ: بۇ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان ناھايتى ياخشى دورا، بۇنى يەپ بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىپ تەكشۈرتۈڭ، دىگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچىگە قاچىلانغىنى كىراخمال ئىكەن. بىر ھەپتىدىن كېيىن، بىمارنىڭ قان بېسىمى نورماللاشقان ، ئاغرىمىغان، ئۇيقۇسىمۇ ياخشى بولغان. ھەرقانداق ئەزانى ئوپىراتسىيە قىلغاندا ناھايتى ئاغرىيدۇ. بىمار ئاغرىققا چىدىيالمايدۇ. ئەگەر بىمارغا ئاغرىقنى توختىتىدۇ، دەپ مورفىن ئۇرسا، ئاغرىق شۇ ھامان توختايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئوكۇل قىلىپ ئورۇلغىنى فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى بولۇپ، كېسەلگە ئورۇش بىلەنلا ئاغرىق توختايدۇ. كېسەلگە فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى ئۇرغان تۇرۇقلۇق، مورفىن ئۇردۇق دەپ قويسا، H كېسەلنىڭ ئاغرىقى توختايدۇ. راست مورفىن ئورۇلسا، كېسەلنىڭ ئاغرىقى توختايدۇ، ئۇ يەنە %5 كېسەلگە كار قىلمايدۇ، مانا بۇ-بىشارەت بېرىشنىڭ نەتىجىسى.
      ئامېرىكىلىقلار راك كېسىلىنى داۋالىغاندا بىمارلارنى ئايرىم-ئايرىم داۋالىغان، نەتىجىدە بىمارلارنىڭ قازا قىلىشى تېزلىشىپ كەتكەن. قانداق داۋالاش كېرەك؟ كېيىن ئۇلار گورۇپپىغا بۆلۈپ داۋالىغان. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كېسەلدىن 7، 8 ى ھەپتىدە بىر قېتىم جەم بولۇپ ھەمسۆھبەتتە بولغان، ئۇلار پاراڭلىشىپ، كۆڭلىدە نىمە بولسا شۇنى دىيىشكەن، بىر-بىرىگە ئىلھام بېرىشكەن، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تېپىپ، خېمىيىلىك داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرى ئازايغان، قازا قىلىش نىسبىتى تۆۋەن، ساقىيىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. بېيجىڭدا راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇش چولپانلىرىنىڭ تەجرىبىلىرى يەكۈنلەندى. يېرىم يىللا ئۆمۈر كۆرىسىز، دىيىلگەن بىر بىمار 18 يىلغىچە بىر ئوبدان ياشىغان.  دوختۇر ئۇنىڭ راك ھۈجەيرىلىرى بەك كېڭىيىپ كەتكەن تۇرسا، بىر ئوبدان ياشاۋاتىدىغۇ، دەپ ھەيران قالغان. كۈندە ئەتىگەندە بېيجىڭدىكى «1-ئاۋغۇست كۆلى» باغچىسىدا 2000 دەك ئادەم ئۇسۇل ۋە تانسا ئوينايدۇ، ھەرخىل خالىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلىشىدۇ. ئۇلار يەنە راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇش كۇلۇبى قۇرۇۋاپتۇ. يېرىم يىلغا بارماي قازا قىلىپ كېتىدۇ، دەپ قارالغان بەزى كېسەللەر نىمە ئۈچۈن 20 يىلغىچە بىر ئوبدان تۇرىدۇ؟ ھىچكىم ياخشى دورا يەپ ئۆمرۈمنى ئوزارتتىم دىيەلمەيدۇ. ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام ياشىماقتا، ئۇلار: ئىشەنچىمىز كامىل، كەلگۈسىگە زور ئۈمىد بىلەن قاراۋاتىمىز، ئازراقمۇ قورقمىدۇق،  ھەممىمىز خۇشال-خۇرام ئۆتۈۋاتىمىز، دىيىشمەكتە. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، ھەممەيلەننىڭ روھىي كەيپىياتى ناھايتى ياخشى. ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ئىناق ئائىلىسى بار. ئائىلىسىدىكىلەر، ئىدارىسىدىكىلەر ئۇلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.  دىمەك، روھىي كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇشى 1-ئورۇندا، دورا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.
                      ياخشى روھىي كەيپىيات راك كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا.  ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى ياخشى بولسا ئاسانلىقچە كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ، كېسەل بولسىمۇ تېز ساقىيىپ كېتىدۇ. ھەرقانداق كېسەل شۇنداق بولىدۇ.  بۇ كۈچ ئىنتايىن قۇدرەتلىك، ئۇنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى بەزىدە ئۆزىڭىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز.  مەسىلەن، يېقىندا داۋالىنىشقا بىر كىشى كەلدى. ئۇ باشقا ئۆلكىدىن كەلگەن بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈش ۋە قىزىلئۆڭگەچ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن. ئۆسمە ئىچىدە يەنە قان نۇكچىسى بار ئىكەن. دوختۇر ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن: ئامال يوق، بىردىنبىر ئامال بېيجىڭدىكى ئەنجېن دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تاجىسىمان تۇمۇرغا كۆۋرۈك سالدۇرۇڭ، قىزىلئۆڭگەچتىكى ئۆسمىنى ئېلىۋىتىش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇڭ، دەپتۇ.  بىمار دوختۇرخانىمىزغا كەلگەندىن كېيىن مەن ئۇنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ: ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇشنى خالىسىڭىز، ئالدى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھاياتلىق سىنىقىنى ئىشلەيمىز، يۈرەك مۇسكۇلى ھايات قالغان بولسا كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيىسى ئۈنۈملۈك بولىدۇ، يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈپ تۈگىگەن بولسا، سالغان كۆۋرۈكنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ، دەپ چۈشەندۈردۈم.  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ يۈرەك مۇسكۇللىرىدىن ھايات قالغىنى يوق ئىكەن. ئۇ: ئىست، مەن ئەمدى تۈگىشىپتىمەن، دىدى. ھىلىقى بىمار شۇ كۈنى ئايدا بىر قېتىم ئۆتىلىدىغان ساغلاملىق تەربىيىسى دەرسىنى ئاڭلاشقا قاتناشتى. ئۇ دەرستىن كېيىن: بۇ دەرسنى ئاڭلاپ، ئىككى يىل كىتاب ئوقىغاندىنمۇ كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولدۇم، زور ئىلھام ۋە تەربىيە ئالدىم. مەن بىر ئۆمۈر بانكا باشلىقى بوپتىمەن، ساغلاملىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، قانداق قىلغاندا ساغلام بولىدىغانلىقىنى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي ئۆتۈپتىمەن.  ھازىر ساغلاملىقنىڭ تۆت ئاساسىنى بىلىۋالدىم، بەك ياخشى بولدى، دىدى. ئۇ قايتىپ بارغاندىن كېيىن مۇنداق تۆت كەلىمە سۆزنى قىلغان: بىرىنچى، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش كېرەك. ئىلگىرى بانكا باشلىقى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆيۈم يۈزلۈك مېھمانلار بىلەن تولىدىغان، ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان ئۆي ئىدى، ھازىر ھىچكىم دەسسىمەيدۇ، بۇنى ئويلىسام كۆڭلۈم ناھايتى يېرىم بولاتتى، ھازىر ئۆتمۈشنى ئويلىمايمەن. ئىككىنچى، ھازىرقى ئىشلارغا كۆز قىرىنى سالماسلىق كېرەك. ھازىرقى بانكا باشلىقلىرىنىڭ سۈرى مەن بانكا باشلىقى بولغاندىكىدىنمۇ قالتىس، ئۇلارنى ئۆزۈمگە سېلىشتۇرىدىغان بولسام بەك ئاچچىقىم كېلىپ، چىدىماي كېتەتتىم، ئەمدى ئۇ ئىشلارغا كۆز قىرىمنى سالمايمەن. ئۈچىنچى، بۈگۈنكىدىن ھۇزۇرلىنىش كېرەك. كۈندە گۈل-گىياھ پەرۋىش قىلىمەن، رادىئو ئاڭلايمەن، ساغلاملىق تىپىدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمەن. تۆتىنچى، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش كېرەك. مەن يۈرىكىمنى ياخشى ئاسرايمەن، ئىلمىي ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، 90 نەچچە ياشقىچە ياشاشنى قولغا كەلتۈرىمەن. ئۇ شۇنداق قىلىپ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، ھازىرقىغا كۆز قىرىنى سالماي، بۈگۈنكىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، كەلگۈسىگە نەزەر ساپتۇ. نەتىجىدە ئىككى يىلدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتكىلى كېلىپ، يۈرىكىنى سۈرەتكە ئالدۇرۇپ كۆرسە، يۈرىكى روشەن ھالدا كىچىكلەپتۇ. رېنتىگېن بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى: خاتا بولۇپ قاپتۇ، سۈرەتنى خاتا ئېلىپ قويۇپتۇق، دىدى. مەن ئۇنىڭغا: خاتا ئەمەس، ئۇنداق بولسا قايتا سۈرەتكە ئېلىڭ، دىدىم. ئۇ: توۋا، ئۆمرۈمدە مۇنداق ئىشنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ يۈرىكى شۇنچىۋالا كېڭىيىپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ياشىشى ناھايتى كەم ئۇچرايدىغان مۆجىزە. ئۇنىڭ يۈرىكى بارغانسىرى كېڭىيىپ كەتمەي، قانداقسىگە كىچىكلەپ كېتىدۇ؟ دىدى. رېنتىگېن بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق كاردىئوگراممىدا قايتا تەكشۈرگەندە، بۇ كىشىنىڭ يۈرىكى روشەن ھالدا كىچىكلەپ، يۈرەك ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، قان نۇكچىسى يوقىغانلىقىنى بايقىان. ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىكەن، كۈندە تاغقا چىقىپ چۈشىدىكەن.
             ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى ياخشى بولسىلا، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك بولىدۇ. روھىي جەھەتتىن تۈگەشسە كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ھەر قانچە كۈچلۈك بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ھىچنىمىگە كار قىلمايدۇ. جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە بىر مەشھۇر ئاكادىمىك بار ئىدى. بىرەيلەن ئۇنىڭغا پالانى قازا قىپتۇ، دىگەن شۇم خەۋەرنى تۇيۇقسىز يەتكۈزۈپتۇ.  قازا قىلغان كىشى دەل ئاكادىمىكنىڭ كاتىپى بولۇپ، ناھايتى ياخشى ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى خېلى ئوزاق ۋاقىت بىللە ئىشلىگەنىدۇق، ئۇ بەكمۇ تۇيۇقسىز قازا قىپتۇ-ھە، دەپ ئويلاپ قاتتىق بىئارام بوپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە بۇ ئاكادىمىكمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.  بۇنىڭدىن روھىي كەيپىياتنىڭ سالامەتلىككە بىۋاستە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈالغىلى بولىدۇ. روھىي كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى راك، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا روھىي كەيپىيات جەھەتتىكى تەڭپوڭلۇق ئىنتايىن مۇھىم. قانداق قىلغاندا روھىي كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ئۆزىگە، باشقىلارغا، جەمئىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئادەم ئۆزىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشى، ئۆزىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن مۆلچەرلىمەي، ئۆزىنى توغرا ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. مانا بۇ ئىشقا ئاشۇرۇلسا، نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. كىشىلەر جەمئىيەتكە ئىككى خىل پوزىتسىيە تۇتىدۇ: بەزىلەر يىراقنى كۆرەلەيدۇ، دۇنياغا ئۈمىدۋار، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن قارايدۇ؛ يەنە بەزىلەر دۇنياغا ئۈمىدسىز، پاسسىپ پوزىتسىيە بىلەن قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە دۇنياغا ئۈمىدۋار، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن بىلەن قارىسىڭىز، بۇ دۇنيا سىزگە ناھايتى گۈزەل كۆرۈنىدۇ، دۇنياغا ئۈمىدسىز، پاسسىپ پوزىتسىيە بىلەن قارىسىڭىز، بۇ دۇنيا سىزگە شۇنداق قورقۇنۇچلۇق، سەت كۆرۈنىدۇ. ھازىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئىشىك ئېچىۋېتىلدى، ھەرخىل مەنپىئەتلەر تەڭشىلىۋاتىدۇ، مۇقىم بولمىغان، تەڭپوڭ بولمىغان ئىشلار ناھايتى كۆپ، گەپ سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزدا.  دۇنياغا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراپ، چۈشكۈنلىشىپ، ھەر كۈنى خاپا بولۇپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ھەممىدىن ئاغرىنىپلا يۈرسىڭىز، سىز خاپا بولىدىغان ئىشلار بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەكسىچە دۇنياغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىشىڭىز كېرەك. گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىل، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، ھەربىي، دېپلۇماتىيە ئىشلىرى، خەلق تۇرمۇشى ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى بولۇپ باقمىغان. خۇشال-خۇرام يۈرەي دىسىڭىز، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۈمىدۋار بولۇڭ. بىر پەيلاسوف: «تۇرمۇش ئەينەككە ئوخشايدۇ، كۈلسىڭىز كۈلىدۇ، يىغلىسىڭىز يىغلايدۇ» دىگەنىدى.
                                                                  (داۋامى بار)
                                          مەنبە:  "ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر"ناملىق كىتابچە
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
دېۋان
ۋاقتى: 2015-7-1 11:20:23 | ئايرىم كۆرۈش
دىمەك ھازىرچە مەن خېلى ساغلامكەنمەن . تىمىڭىزغا رەخمەت

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-7-1 17:38:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمىلى  مىساللار  ئىلىنىپ  يىزىلغان  تىمىكەن   ،  يوللىغىنىڭىزغا  تەشەكككۈر ئۇستاز .
بۇ  رىتسىپنى  ھەممىمىز  ساقلىۋالساق  بولغۇدەك  :
قارا موردىن 10 گرام، مايسىز گۆشتىن 50 گرام، زەنجىۋىلدىن ئۈچ ياپراق، چوڭ چىلاندىن 5 تالنى 6 پىيالە سۇغا سېلىپ سۇس ئوتتا ئىككى پىيالە قالغىچە قايناتتىم، ئۇنىڭغا تېتىتقۇ ۋە ئازراق تۇز سېلىپ ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن 45 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي ئىچتىم.
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-7-1 19:55:41 | ئايرىم كۆرۈش
ساغلاملىق  زور  بايلىق  ، دەپتىكەن  ياخشى تىما  ئىكەن  تەشەككۈر .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:29 , Processed in 0.144834 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش