ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 724|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كىچىككىنە بىر ۋەقە (ئۆزخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

                       كىچىككىنە بىر ۋەقە

                     (ھېكايە)

بىز ئىنسانلار بەزى چاغلاردا ئۆزىمىزنى تولىمۇ قالتىس چاغلايمىز. ئەمما ئىگىمىز بۇيرۇمىسا چايناپ بولغان لوقمىنىمۇ يۇتالمايمىز.
ئېسىمدە قېلىشچە ئۇ تولىمۇ جۇدۇنلۇق بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. مەن كىتاپخان خىزمەتچلىرىنىڭ مەجبۇر قوغلىشى بىلەن ئامالىسىز كىتاپخانىدىن چىقىپ ياتاققا ماڭدىم. ھاۋا ئەلپازىنى سەت بۇزۇپ تۇراتتى. تىزلىرىمنىڭ پىچاق سانچىغاندەك ئاغرىپ مەلۇمات بېرىشىگە قارىغاندا ئۇزۇنغا قالماي يامغۇر يېغىشى مۆمكىن ئىدى شۇڭا قەدىممنى تىزلەتتىم.
تۇيۇقسىز يانچۇقۇمدا پۇل قالمغانلىقى ئېسمگە كەلدى -دە پۇل ئېلىش ئۈچۈن يېقنلا يەردىكى بانكىغا ماڭدىم. ئەمما لىكىن ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ تۈۋىدە نىمە كۆردۈم بىلەمسىلەر؟ نىمىكەن دەمسىز؟  ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىشلىتىدىغان بىر قارا سومكا . ئېنىقكى بۇ باياتىن ماڭا سوقۇلغىنىچە چىقىپ كەتكەن كىشىنىڭ سومكىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.
ھەيرانلىق ۋە قىزقىش ئىچىدە سومكىنى ئاچتىم. مانا يۈز يۈۋەنلىك بىر باغلام پۇل ، كىملىك ، يەنە شوپۇرلۇق كېنىشكىسى دىگەندەك بىر نەرسىلەر ...
  شۇ چاغدا چاقماق تىزلىكىدە كاللامغا كەلگىنى سومكىنى ئېلىپ دەرھال بۇ يەردىن كېتىش بولدى. ئەمما چاتاق دەل شۇ چاغدا يۈز بەردى. ‹‹گۈلدۈر -قاراس ››قىلىپ  چاقماق چېقىشى بىلەن يامغۇر شارقىراپ قيىۋەتتى. پۇتلىرىمنىڭ ئاغرىقىمۇ ئەسلدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۈچەيگەن ئىدى. ئامال قىلىپ بۇ يەردىن تىزرەك ئايرىلىشنى ئويلىدىم-دە سىرىتقا چىقماقچى بولۇپ ئىشكىنى شۇنداق ئېچىشىمغا يەنە قاتتىق چاقماق چاقتى. يامغۇر باشقىچە يېغىشقا باشلىدى. بۇ ھالدا سىرىتقا چىقىش زادىلا مۆمكىن ئەمەس ئىدى. يولدىمۇ ئادەم قالمىغان . ماشىنىلارمۇ سېلىككەن بولۇپ ھەممە يەر سۇ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ياتاققا بېرىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە يېرىم سائەت يول ماڭاتتىم.
نىمە ئامال تەقدىرگە تەن بېرىپ يامغۇرنىڭ سەل پەسىيىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.  ئەمما كاللامدا سومكىنىڭ ئىگسى كېلىپ بولغىچە بۇ يەردىن تىرزاق كېىتۋېلىش ئىستىكى كۈۋەجەيتى.
ئەنە شۇ چاغدىلا سومكا ئىگىسىنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىنى ئويلاشقا باشلىدىم. تەقى -تۇرقىدىن قارىغاندا ئۇ ياكى مۇئەللىم ياكى ...ۋاي نىمە بولسا بولمامدۇ. سالاپەتلىك كۆرۈنگىنى بىلەن بىر ئوغرىمۇ تېخى؟  ياكى بىرەر ھارامدىن بېيىغان باي بولسا ئۇنىڭ ھارام پۇلىنى خۇدايىم ‹‹ ئالە قۇلۇم ›› دەپ ماڭا بۇيرۇپ بەردىمۇ تېخى كىم بىلىپتۇ.  ئەمدى ئۆيدىكىلەرگە پۇل دىمەي خاتىرجەم ئوقۇيدىغان بولدۇم تېخى بازارغا چىقىپ يېڭى بىر قۇر كىيىم سېتىۋېلىشنىمۇ ئويلىدىم. قالغان پۇلنى كارتامغا سېلىۋىتىپ ئاستا- ئاستا خەجلىمەمدى. بۇنى ئويلاپ سومكىنى قولتۇقۇمغا تېخىمۇ چىڭ قىستىم. ‹‹ ئەگەر ئۇ بىر ياخشى ئادەم بولۇپ قالسىچۇ ؟ پۇلىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ ئەمدى نەلەردە ئىزدەپ يۈرگەندۇ؟›› بۇ خىيال كاللامغا كېلىشى بىلەن بىردىنلا ئۆزۈمنى خۇددى ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلپ قالدىم. ئارقىدىنلا ‹‹ياق ئۇ چوقۇم ياخشى ئادەم ئەمەس . بۇ پۇلنىڭ ماڭا بۇيرۇلغىنى راس ›› دەپ خىيال قىلدىم .ئەمما قولۇمدىكى سومكا بارغانچە ئېغىرلاپ تاشقا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى.
يامغۇر توختىدى. بۇلۇتلار ناھايىتى تىزلىكتە تارقاپ قوياش ئاخىرقى ئالتۇنرەڭ نۇرلىرى بىلەن زىممىنى يۇرۇتتى. پۇتلىرىمنىڭ ئاغرىقىمۇ پەسەيدى. مەن ئىشك ئالدىغا چىقىپ سومكىنىڭ ئىگسىنى ساقلاشقا باشلىدىم. ئىچىمدە بىر شەيتان ‹‹ تىز بۇ يەردىن كەت ، پۇل ئەمدى سېنىڭ بولدى. پەقەت بۇ يەردىن 20 قەدەم نېرىغا بېرىۋالساڭلا بولدى›› دەيتى. ئەمما پۇتلىرىم خۇددى يەرگە مىخلىنىپ قالغاندەك قوزغالمايتى.
خىيال بىلەن بولۇپ ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلمىدىم . بىر چاغدا بىرسىنىڭ ‹‹ ئۇكام بۇ يەردە بىر قارا سومكا كۆردىڭىزمۇ؟›› دىگىنىدىن ئېسىمگە كېلىپ قارىسام ئالدىمدا ھېلىقى بانكىدىن ماڭا سوقۇلۇپ چىقىپ كەتكەن كىشى تۇراتتى.
- مۇشۇ سومكا شۇمۇ ئاكا ؟-دىدىم قولۇمدىكى سومكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ .
-ھەئە ،دەل مۇشۇ ،-دىدى ھېلىقى كىشى سومكىنى قولىغا ئېلىپ.
  -نەرسىلىرىڭىز ساقمىكەن قاراپ بېقىڭ،-دىدىم. ھېلىقى كىشى سومكسىنى ئېچىپ قاراپ باقتى. ئاندىن:
-رەھمەت سىزگە ئۇكام ، ياخشى بالىكەنسىز، مانا بۇ 500 كوينى سىزگە سۆيۈنچە قىلاي . قوبۇل قىلىڭ،-دىدى پۇلنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ:
- ئۇنداق قىلماڭ ئاكا ، ھەركىم بولسا شۇنداق قىلاتتى.-دىدىم
- قاراڭ ئۇكام بىر ئوقۇغۇچىمنى ماشىنا سوقىۋەتكەن ئىكەن.  ئائىلىسىگە خەۋەر قىلايلى دىسەك ئۇنىڭ ئۆيى جەنۇپتا، ھەم ئاتا-ئانىسىنى بىسەرەمجان قىلغىمىز كەلمىدى. شۇڭا  ئۆزىمىزدوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىشقا توغرا كېىلىپ قالدى. كاللام ئىشلىمەي پۇلنى ئاپتىمەن . سومكىنى ئۇنتۇپ چىقىپ كېتىپتىمەن.  سىزگە كۆپ رەھمەت بىر جاننى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز.
نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئەسلىدە ئۇ بىر ئوت يۈرەك ئوقۇتقۇچى ئىكەن. تاسلا قاپتىمەن .  بايامقى خىياللىرىمنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى.
يول بويىغا ئورنىتىلغان كوچا چىراغلىرى يولۇمنى سۈتتەك يۇرۇتۇپ تۇرf


     ئاپتۇرى-   ئۆزخان
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-12 10:36:00 | ئايرىم كۆرۈش
قىسقا ، ئەمما تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى چۇڭقۇر ھىكايە ئىكەن .
قەلىمىڭىزگە قايىلمەن ، ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ . مۇشۇنداق نادىر ھىكايىلىرىڭىز مۇنبىرىمىزدىن ئۈزۈلمىسۇن .

21

تېما

210

يازما

2459

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 225
يازما سانى:
210
تىللا:
1818
تۆھپە:
142
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
118 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-25

كۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-12 12:00:11 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ ،قەلىمىڭىز ھارمىغاي.

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2013-12-12 13:02:00 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى  يىزىپسىز قەلمىڭز ھارمىغاي
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

5#
ۋاقتى: 2013-12-12 19:52:13 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھىكايە جانلىق تىللار بىلەن مەزمۇن ۋە پىرسۇناژلار ئوبرازى تولىمۇ ياخشى  چىقىپتۇ .
چېچىلاڭغۇلۇق ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بۈلۈنۈش يوق . لىكىن ھىكايە ئارلىقىدا سومكا تېپۋالغان چاغدىكى پەيدا بولغان ئىچكى تۇيغۇنىڭ ئۆزگىرىشى بەك ياخشى چىقىپتۇ .


ھىكايە ئاخىرىدىكى ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ دىگەن سۆزلىرىنى ئوقۇغىنىمدا كۆزلىرىمگە ياش كەلدى .
ھىكايە ئاز ئەمما ساز يېزىلىپتۇ .

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-12 21:58:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلبۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-12-12 19:52
بۇ ھىكايە جانلىق تىللار بىلەن مەزمۇن ۋە پىرسۇناژلار ئو ...

ئەستايىدىل ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈندۈم. سىزگە كۆپ رەھمەت.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2013-12-16 11:19:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-12 21:58
ئەستايىدىل ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈندۈم. سىزگە كۆپ رەھمەت.

ئەسايىدىللىق بىلەن ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ يېزىلغان ئىنكاس ئاپتۇرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ ھەمدە كىيىنكى تىمىسى ئۈچۈن زور ئىلھام بولىدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +10 بايلىق +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
مۇناجات + 10 + 10 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 11:44 , Processed in 0.165646 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش