ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1529|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‹‹سانى بۇخارادىن 2- شىنجىنغىچە ››قەشقەر قىسمىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

‹‹سانى بۇخارادىن  2- شىنجىنغىچە ››قەشقەر قىسمىتى




شىنجاڭنىڭ مۇھىم مەدىىنىيەت ،سىياسى ،ئىقتىساد مەركىزى بولغان قەشقەر ،2100يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ،قەشقەر شەرقتە تەكلىماكان قۇملۇقى ،شەرقى جەنۇب تەرىپى خوتەن ،جەنۇب تەرىپى قارا-قۇرۇم تاغ تىزمىسى ئارقىلىق شىزاڭنىڭ ئالى رايونى ،شەرقى شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن چىگىرلىنىدۇ .قەشقەر يەنە ئايرىم –ئايرىم ھالدا ھىندىستان (كەشمىر )،پاكىستان ،تاجىكىستان ،ئافغانىستان ،قىرغىزىستان قاتارلىق بەش دۆلەت بىلەن چىگىرلىنىدىغان مۇھىم ئىستىراگىتىيەلىك تۈگۈن بولۇپ ھىسابلىنىدۇ ،قەشقەرنىڭ شىمالى تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسى ،غەربى پامىر ئىگىزلىكى ،جەنۇبى قارا-قۇرۇم تاغ تىزمىسى ئوراپ تۇرىدۇ ،پەقەت شەرقىلا ئوچۇق بولۇپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ .



يەر شەكلىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا قەشقەر رايونى جەنۇبتىن شەرقى شىمالغا قاراپ قىيپاش بۇرۇلۇپ ئىگىزلىك ،تۈزلەڭلىك قۇملۇقتىن ئىبارات ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ ،قەشقەر تەۋەلىكىدە يەنە دىڭىز يۈزىدىن 8611مىتىر كىلىدىغان چوگىر چوققىسى ۋە دىڭىز يۈزىدىن7553 مىتىر كىلىدىغان. مۇزتاغ چوققىسى بار.


(جۇڭگۇ-پاكىستان تاشيولى ۋە قارا قۇرۇم تاغلىرى)

قەشقەر‹ئورداكەنت›دىيىلىدۇ بۇنىڭ مەنىسى خان تۇرىدىغان شەھەر مەركەزدىگەن بولىدۇ ،چۈنكى بۇشەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن ئافراسىياب بۇشەھەردە تۇرغان دەپ خاتىرلىنىدۇ .
يەنە قەشقەر تاڭ سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ‹‹سۇلى ››دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ،بۇ نام قەشقەر بوستانلىقىغا بىرىلگەن نام بولماستىن بەلكى ھازىرقى كوناشەھەر ،يىڭىشەھەر ،قەشقەر شەھىرىنىڭ (ئىھتىمال بۇنىڭدىنمۇ كىچىك دائىرنىڭ) نامى بولۇشى مۇمكىن ھازىرمۇ قارايدىغان بولساق كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ سۇلۇق دەپ ئاتىلىدىغان بىر يىزىسى بار .
قەشقەر پە قەت شەھەرنىڭلا خاس نامى بۇلۇپ، ئۇ قەشقەرىيە دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئىسمى ئەمەس، چۈنكى، «قەشقەرىيە» كەڭ مەنىدىكى ئىسىم. ئۇ ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن ھالقىپ، ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇ كەڭ دائىرىنىڭ سودا، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مەركىزىنىڭ قەشقەر بولغانلىقى تارىختا بەش قولدەك ئايان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردە توختالغىنىمىز «قەشقەرىيە» بولماستىن بەلكى، ئاشۇ مەركەز- قەشقەر شەھرىدۇر.



قەشقەر بوستانلىقى قەدىمدە يىپەك يولىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدكى لىنىيەلەرنىڭ ئاخىرقى قوشۇلۇش بۆلىكى بولۇپ پامىردىن ئۆتۈپ قىرغىزىستان،ئۆزبىكىستان ،ئافانىستان،پاكىستان،ھىندىستان ،كەشمىر ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئەللەرگە بارىدىغان ،كارۋان يولى چوقۇم بىسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان يول ئىغىز ئىدى ،غەرب ئەللىرىنىڭ سەيياھ ،ئالاقىچىلىرى ،سودىگەرلىرىمۇ ئالدى بىلەن قەشقەر تەۋەلىكىدىكى تاغ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ داۋان ئىشىپ قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەنزىلگاھلىرىغا يىتىپ بارالايتتى ،بۇخىل جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك قەشقەرنى غەرب مەدىنىيىتى بىلەن شەرق مەدىنىيىتىنىڭ سۈركىلىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدىنىيتى ،ھىندى بۇددا مەدىنيىتى ،ئەرەب ئىسلام مەدىنىيىتى ،قەدىمكى يۇنان مەدىنىيىتى ،ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك دىھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق مەدىنىيتىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرلنىشىدىن شەكىللەنگەن ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان سنتىرىك مەدىنىيەت مۇھىتىنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان .



قەشقەرشەھىرى تارىختا ھازىرقى ئاتۇشنىڭ جەنۇبى چىگرىسى ،قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالى چىگرىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان چاقماق دەرياسىنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر قانچە قىتىم ئورۇن يۆتكەپ قۇرۇلغان ،شەھەر مىلادى بىرىنجى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇددا دىنى ئۇدۇن دۆلىتى (خوتەن )ئارقىلىق سۇلى دۆلىتىگە تارقالغان بۇددادىنى قەشقەرگە ئومۇملاشقان دەۋرلەردە تارىختا خاتىرلەنگەن غەربى يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان سۇلى دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق شەھىرى شەھەرنىڭ شەرقىدىن 25كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئورۇندا قۇرۇلغان ،بۇقەدىمى شەھەر شۇدەۋرلەردىكى بۇددا دىنىنىڭ غەربى يۇرتقا تارقىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ،بۇددادىنىنىڭ ھەرخىل قۇرۇلۇش خارابىلىرى ھىلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ،بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى سۈپىتىدە مورا بۇددا مۇنارى ،ئۈچ بورھان تاشكىمىر خارابىسى ،ياۋىلىق بۇددىزىم ئىزى قاتارلىق قەدىمى خارابىلەر بۇگۈنكى چاقماق دەرياسى ئەتراپىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە .



(مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مۇرتۇم بۇددا مۇنارى)

مىلادى 893- يىلى چاقماق دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانئۆينى ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن، سۇتۇق بۇغراخان ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئورنىنى پايتەخت قىلىشقا تاللىغان ۋە بۇلاق بېشى دېگەن جاينىڭ جەنۇبىدىكى دۆڭلۈكتە ئوردا قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جاينى مەركەز قىلىپ ئوردىنىڭ غەرب تەرىپىدە ھازىرقى خام بازىرى (ئوردا ئالدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بەشئېرىق مەھەللىسى)نى، شەرقتە ئاۋراڭقاي مەھەللىسى، ھاكىم ئاغىچام كوچىسىنى، شىمالدا جاڭقورغان مەھەللىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 4-5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئايلانما سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەر بىنا قىلغان.


مىلادى 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سامانىيلار خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار ئارىسىدا ئۇرۇش بولۇپ بىلگەكۆل قادىرخان بىلەن سامانىيلار پادىشاھى ئىبىن نوھ تۇتۇشۇپ قالدى ،نەتىجىدە بىلگە كۆل قادىرخان ئۇرۇشتا يىڭلىپ قىلىپ ،ئۆز زىمىنىنى چوڭ ئوغلى بازىر بىلەن ئىككىنجى ئوغلى ئوغۇلچاق قادىرخانغا بۆلۈپ بىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ ،بۇقىتىمقى ئۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلام دىنىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى ،مۇشۇ مەزگىلدە سامانىيلار پادىشاھلىقى تەرەپتىن پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن ئەبۇ ناسىر سامانى قەشقەر ۋە ئاتۇشتا ئۆزىنىڭ ئىسلام تەرغىباتىنى باشلىغانىدى ،ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ دەۋىتى بىلەن قاراخانىيلار شاھزادىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مىلادى 932-يىلى سىياسى ئۆزگۈرۈش قوزغاپ ھاكىميەت ھوقۇقىنى تارتىۋالدى ،ھەم ئۆز ئىسمىنى مۇسۇلمانچە ئابدۇلكەرىمگە ئۆزگەرتتى .
مىلادى 960-يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋەئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تىرىشىش نەتىجىسىدە ئىسلام دىنىنى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتىلدى ،قاراخانىيلار شۇندىن باشلاپ خوتەن ،كۇچا تۇرپان تەرەپلەرگەدىنى ئۇرۇش قوزغاپ قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىسلام دىنىنى پۈتكۈل شىنجاڭغا تاراتتى ،




بۇ مەزگىلدە قەشقەر پۈتكۈل قاراخانىيلارنىڭ سىياسى مەركىزىلا ئەمەس شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئالەقە تۈگۈنى تۈركى خەلقلىرىنىڭ مەدىنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغانىدى .باغدادتا نىزامۈلۈك ‹نىزامىيە مەدرىسى›تەشكىل قىلغاندا قەشقەردە يۈسۈپ قادىرخان زامانىسىدىلا ‹ساچىيە مەدرىسى ›تەسىس قىلىنغان بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئالىملار ،ئەدىبلەر تەربىيلىنىپ چىققان ،مىلادى 950-يىلى سەيدىخاتەم ،سەيد جالالىدىن باغدادى ،ئىسلام دىنى ئىسلام مائارىپىغا ئاساس سالغان بولسا كىيىنكى دەۋرلەردە  
مەھمۇد قەشقىرى ‹دىۋانى لۇغاتىك تۈرك›تە ئۆزىنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە ھۆرمەت بىلەن ھۈسەيىن ئىبنى خەلەبتەك ئالىملار شۇ مەدرىسىدە مۇددرىسلىك قىلغان شۇنداق قىلىپ قارا خانىيلارئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ شەرقتىن ئەرەب ئىسلام مەدىنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن 11-ئەسىر شارائىتدا گەرچە سالجۇقىلارنىڭ ئەرەب خەلپىلىكىدە زور تەسىرگە ئىگە بولسىمۇ لېكىن قارا خانىيلارنىڭ تۈزۈمى سامانيلار ،ۋە سالجۇقىيلارنىڭكىدىن ئىلغارراق ئىدى .
مەشھۇر شەرقشۇناس بارتولد مۇنداق دېگەنىدى ‹.......قاراخانىيلار دەرۋەقەسالجۇقىيلاردىن ئىلغارراق ئىدى چۈنكى تۈركىستاندا ھىچبولمىغاندا ئۇلار ئۇيغۇرلار ئارقىلىق چىن مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ياشىغان ئىدى ›

خەلقتىكى چېچەنلىك، بىلىم- مەدەنيەتكە ئامراقلىق، يۈكسىلىشكە ئىنتىلىش ئۆز ئارا ئالىي ھىممەتلىك بۇلۇشقا ئوخشاش پەزىلەتلەر، ھېلىمۇ ئىپتىخارلىنىشقا تېگىشلىكتۇر. شۇڭلاشقا، خۇسۇسەن يېقىنقى ئەسىرلەردىن بېرى دىنىي بىلىم يۇرتى يەنىمۇ يۈكسىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىلىملىك بۇلۇشى كاپالەتلىنىپ كەلدى. ئىلگىرى كىشىلەر كۆپ ۋاقىت نۇرغۇنلىغان ئىقتىساد... لارنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە بۇخارا، ئىستامبۇل، يېڭى دېھلى، دەمەشق قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئوقۇپ كېلىشكەن بولسا، كېيىنكى كۈنلەردىكى يۈكسىلىش ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن راۋاجلىنىش، كىشىلەرنىڭ بىلىم ئېلىش يولىدا چېكىدىغان مۇشەققەتلىرىنى بىر قەدەر يېنىكلەتتى. ئىلگىرى دىنىي بىلىم جەھەتتە بۇخارا يۈكسەك ئۇرۇننى ئىگىلىگەن بولسا، يەرلىك بىلىملىك كىشىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ۋە قەشقەردە بىلىم تەھسىل قىلغانلارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، كېيىنكى چاغلاردا قەشقەر شەھىرى بۇخارادىن ئاشۇ ئۈستۈنلۈكنى تارتىۋالغان ئىدى. نەتىجىدە چەت ئەللەرگە بېرىپ ئوقۇش ئېھتىياجى بىر قەدەر تۈگەپ، خەلقنىڭ ئوقۇش، ئىلىم ئېلىش تەشنالىقى بىر قەدەر قاندۇرۇلدى. بۇ يۈكسىلىش يالغۇز قەشقەر خەلقىنىڭ ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي، شەرقىي تەرەپلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنى بىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن مىلادى 1000-يىللار ئەتراپىدا سامانىيلار خانلىقى ئىچكى مالىمانچىلىققا پىتىپ قالدى ،ئىلىك ناسىر ئىبنى ئەلى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى ،سامانىيلارنىڭ ئۇيەرنى ساقلاۋاتقان سەركەردىلىرى جەڭدە يىڭىلىپ تەسلىم بولدى ،سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھالاك بولىشى بىلەن تەڭ مەشھۇر بىلىم مەركىزى بولغان بۇخارا شەرققە يەنى قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەرگە يۆتكەلدى ھەم بىر مەزگىل بارلىق تۈركى خەلقلىرىنىڭلا ئەمەس دۇنيانىڭ تەلپۈنىدىغان شەھەرگە ئايلاندى .
مىلادى 1074-يىلىدىن مىلادى 1102-يىلغىچە يەنى ھارۇن بۇغراخان پادىشاھ بولغان دەۋر قەشقەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن دەۋرى دىيىشكە بولىدۇ ،بۇ دەۋردە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك ››داستانىنى يىزىپ پۈتتۈرۈپ ھارۇن بۇخراخانغا تەقدىم قىلدى ،شۇۋاقىتتا ‹‹قۇتادغۇبىلىك ››قاراخانىيلار تەۋەسىدىلا ئەمەس ،ئوتتۇرا ئاسىيا ،تۈركى قەۋملىرى ئىسلام خەلپىلىكىگىمۇ نامى تارالغانىدى .


ھەم شۇدەۋىردە ئوردىدىكى مالىمانچىلىقتىن پاناھلنىش ئۈچۈن قەشقەردىن  چىقىپ كەتكەن داڭلىق ئالىم ،تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى ››نى يىزىپ ئەرەب ئىسلام خەلپىسىگە تەقدىم قىلدى .
بۇ ئىككى ئالىمنىڭ شۆھرىتى يالغۇز ئۆزىنىڭ ،كىتابىنڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ قالماي يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەشقەرنىڭمۇ شۆھرىتىنى ئاشۇردى ،بۇدەۋردە يەنە ئابدۇجەپپارنىڭ ‹‹قەشقەرىيە تارىخى ››ناملىق كىتابى يىزىلغانىلىقى مەلۇم ،ئەپسۇسكى بۇكىتاب كىيىنچە يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ جامال قارشىنىڭ ‹‹سۇرراھ لوغىتىگە تولۇقلىما ››دىگەن  كىتابىدا بەزى ئۇزۇندىلىرى ساقلىنىپ قالغان.

ئۇلۇغ ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەدىنىيەت ئويغىنىش دەۋرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەنىدى .
بىرىنجىدىن شەرق مەدىنىيىتىنىڭ ئويغىنىشى 9-12ئەسىرلەرئارىسىدا ئاساسلىقى ۋە گەۋدىلىك ئىسلامىيەت شەرقىنى مەركەز قىلغان بولۇپ ،ئۇگىرىك –رىم ،كوشاد –كۈسەن مەدىنىيىيىتىدىن ئىبارەت تۇنجى فىئوداللىق ئالەمشۇمۇل تارىخى قىممەت ياراتقان مەدىنىيەت تىپىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن ۋە ياۋروپا مەدىنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئۇرۇقىنى تىرىغان يەنە بىر قىتىملىق ئالەمشۇمۇل تارىخى ئەھمىيەتلىك مەدىنىيەت تىپىنى بەرپا قىلغان مەدىنىيەت ئويغىنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .ئىككىنجىدىن ،ئىسلام شەرقىدىكى مەدىنىيەت ئويغىنىشى ئابباسىيە خەلپىلىكىنىڭ شەكىللىنىشىدىن چىڭگىزخان ئىستىلاسىغىچە داۋام قىلىش جەريانى ھەرقايسى ئىسلام شەرق ئەللىرىدە ئوخشىمىغان باسقۇچ ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغانلىقى بىلەن بىللە ئومۇمەن ئۈچ ئاساسى باسقۇچقا بۆلۈنگەن .ئۇنىڭ بىرىنجىسى ئەرەب –ئىران مەدىنىيىتى ئاساسىدا گىرىكلار ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ مەدىنىيەت مۇۋاپىقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا باغدادنى مەركەز قىلغان ئاساستا باشلاندى كىيىنچە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركى خەلىقلەنىڭ ئەرەب خەلپىلىكى دۇنياسىدا تۇتقان ئورنىنىڭ كۈچىيىشى خەلپىلىكنىڭ نىسپى ھالدا چۈشكۈنلىشىشىگە ئەگىشىپ بۇخارا سەمەرقەنىتنى مەركەز قىلغان ماۋەراھۇننەھىردە داۋام قىلغان ئىككىنجى باسقۇچنى شەكىللەندۈردى.
قاراخانىيلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى تىزگىنلەش ۋە مەدىنىيەتتە گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويۇشى ئۇيغۇر ئەدەب تىلنىڭ ئەرەب تىلى بلەن بىۋاستە رىقابەتكە چۈشۈشى ھەتتا مەھمۇد قەشقەرى تىلى بىلەن ئىيتقاندا ‹دۆلەت قۇياى تۈركلەر بۇرجىدا تۇرغان ›‹زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيارى تىزگىنى شۇلارنىڭ قولىدا ›بولغان شارئىتتا تارىخى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ىبلەن ئىسلام شەرقىدىكى مەدىنىيەت ئويغىنىشى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئۈچىنجى باسقۇچقا قەدەم قويدى .
‹‹ساچىيە مەدرىسى ››سۇلتان سۇتۇق بۇخراخان دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ شۇدەۋرنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك بىلىم يۇرتى ھەمدە ھەرخىل پەنلەرنى ئۈەىنىشنىڭ مەركىزى بوغان بۇيەردە يالغۇز دىنى ئەقىدىلەر سۆزلىنىپلا قالماي بەلكى ئۆزدەۋرىدىكى تەرەققىياتلارنىڭ تۈرتكىسى ۋە خەلقئارادىكى ئىلىم پەننىڭ تەسىرى بىلەن دەرس مەزمۇنى يىڭىلىنىپ چەت ئەل تىلى ،يۇنان پەلسەپىسى ،تىل ۋە ئەدەبىيات ،ماتىماتىكا ،گىئومىتىريە ،ئاستىرنومىيە ،ئالگىبرا لوگىكا مۇزىكىشۇناسلىق ،تارىخ جۇغراپىيە ،تىبابەت ،ھەربى ئىلىم قاتارلىق ھەرخىل پەنلەر ئۈگىتىلگەن ‹‹سۇرراھ لوغىتىگە تولۇقلىما ››دىگەن كىتابتا خاتىرلىنىشىچە ‹‹ساچىيە مەدرىسىنىڭ ››ناھايىتى چوڭ كۈتۈپخانىسى بولغان ،بۇ مەدرىسىدە سەيد ھاتەم ،سەيد جالالىدىن باغدادىغا ئوخشاش ئۆلىمالار ئىلاھىيەت ئىلمىدىن دەرس ئۆتكەن داڭلىق مۇددەرىسلەردىن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۇستازى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ ھۈسەيىن پەيزۇللا ،يەنە باشقا مۇددەرىسلەردىن جامالىدىن ئىبنى قەشقىرى ،رەشىد ئىبنى قەشقىرى ،ئىمامىدىن قەشقىرى قاتارلىقلار دەرس ئۆتكەن .

(يۇسۇپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى)


مىلادى 1212-يىلى قارا خانىيلار سۇلالىسى نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك تەرىپىدىن مۇنقەرىز بولىدۇ كۈچلۈك قەشقەرنى ئىگىلىگەندىن كىيىن شەھەر يىزىلارنى تالان –تاراج قىلىپ مۇسۇلمانلارنى باستۇرىدۇ ،شۇقاتاردا ‹‹مەدرىسى ساچىيە››قاتارلىقلارنىمۇ گۇمران قىلىدۇ كىيىن چىڭگىزخان ئىستىلاسى بىلەن زالىم كۈچلۈك يوقىتىلىپ مۇڭغۇللارنىڭ ماۋارەئۇننەھىردىكى يەنى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى مەسئۇت بەگنىڭ ئىجتىھات كۆرسىتىشى بىلەن مىلادى1260-يىلى ‹‹مەدرىسە ساچىيە ››نىڭ ئورنىغا ‹‹مەدرىسە مەسئۇدىيە ››نامىلىق بىلىم يۇرتى تەسىس قىلىنىدۇ ‹‹مەدرىسى ساچىيە››نىڭ يىنىغا ‹‹سائادەت ››كۈتۈپخانىسى سالدۇرىدۇ ،مەسئۇت بەگ 1289-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ مەدرىسنىڭ ئوقو-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ ،‹‹ساچىيە ››مەدرىسىنىڭ داۋامى بولغان ‹‹مەدرىسى مەسئۇدىيە ››مۇنتىزىم ئىمتاھان تۈزىمىنى يولغا قويغان بولۇپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئەسىرى يازغانلارغا  قاراپ ئەللەمە ،مۇددەرىس موللا ياكى خەلپەت ئۇنۋانلىرى بىرىلگەن ،بۇمەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى چاغاتاينىڭ ھاكىميەت ئورگانلىرىدا مۈلكى ئەمەلدار مەسىھەتچى ھەربى سانغۇن ،دوختۇر يىزا ئىگىلىك تىخنكىىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ،چىڭگىزخان ۋەئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان، بۇخارا –سەمەرقەنىت قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى ۋەيرانچىلىقتىن كىيىنكى گۈللەنگەن قەشقەر ھەممە تەلپۈنىدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ‹‹سانى بۇخاراغا ››ئايلانغان ‹‹ساچىيە مەدرىسە››سى كىيىن بىر نەچچە قىتىم رىمىنۇت قىلىنغان يەنە بىر مەدرىسە ‹‹خانلىق مەدرىسە ››بەزى قاراشلاردا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇللاخان تەرىپىدىن سىلىنغان دەيدۇ ،يەنە بەزى قاراشلاردا 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سۇلتان سۇتۇق بۇخراخاننىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ياسىلىپ ‹‹ساچىيە مەدرىسە ››بىلەن تەڭ دەرىجىدە ئىلىم ئەھلىنى تەربىيلىگەن.
مەدرىس يىنىدىكى   بىر مەسچىت
كىيىن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇلللاخان تەرىپىدىن چوڭ دەرىجىدە رىمىنوت قىىلىنغان ھەم 6000مو ۋەخپە يەر بىرىلگەن شۇ يوسۇندا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تەڭرىياغنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئالى بىلىم يۇرتى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئابدۇقادىر داموللا ،نىمشىھىت قاتارلىق ئالىم ئەدىبلىرىمىز مۇشۇ مەدرىسىدە بىلىم ئالغان.
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن باشلانغان ئاق تاغلىق ،قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ پاجئەسى ‹‹ئىلىم بۇلىقى ››بولغان قەشقەرگىمۇ بالايىئاپەت ۋەيرانچىلىق ئىلىپ كەلدى ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەھمۇد قەشقەرى ،رابغۇزىغا ئوخشاش ئىلىم ئەھلىلىرى ياشىغان بۇشەھەردە ئاپپاق خوجىنىڭ ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدىن  بۆلەك  نەمۇنىلىك قۇرۇلۇش قالمىدى دىيىشكە بولاتتى ،ئاپپاق خوجا يالغۇز سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان يەكەندىكى ئىلىم مەرىپەت ئەسلىھەلىرىنى كۆيدۈرۈپلا قالماي قەشقەر شەھەر تەۋەسىدىكى مەدرىسە كۈتۈپخانىلارنىمۇ ۋايران قىلدى ،مەدرىسە ،مەسچىتلەر ،خانىقا جەررى ساما سورۇنلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى ئاپپاق خوجىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىدىن كىيىن چوڭ –كىچىك خوجىلار توپىلىڭى ،يەتتە خوجا توپىلىڭى قاتارلىق ،خوجىلارنىڭ ئىلىپ بارغان قوزغىلاڭلىرى قەشقەردىن پارتىلىغانلىقى ئۈچۈن قەشقەر ماغدۇرىدىن كەتكەن ناتىۋان ئانىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى .
بۇ ئەھۋال تا 1839 –يىلى تۇرپانلىق زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ دېگەن كىشى ھۆكۈمران بولۇپ كەلگەنگە قەدەر داۋاملاشتى ،زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئىسلاھاتى شۇدەۋردە قەشقەرنى يىنىپ ئۆچكەن يولتۇزدەك قىسقا بىر مەزگىل چاقناتتى ،ئۇ ھۆكۈمران بولغان 20 يىل ئىچىدە شەھەر كۆلىمىنى كىڭەيتىش ،مەكتەپ مەدرىسە سىلىش ،ئۆستەڭ چاپتۇرۇش قاتارلىق چوڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائى قۇرۇلۇشلارغا ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ قەشقەرنىڭ ماددى ،مەنىۋى ھاياتىنى زور درىجىدە يۈكسەلدۈرگەن بۇدەۋردە ئۇيغۇر ئەدىبىياتىمۇ خىلى زور دەىجىدە يۈكسەلگەن ئابدۇرىھىم نىزارى ،نورۇز ئاخۇن زىيائىدەك داڭلىق شائرلارياشىغان ئابدۇرىھىم نىزارىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن ‹‹رابىئە-سەئىدىن ››نوروز ئاخۇن زىيائىنىڭ ‹‹مەھزۇنىل ۋەھۆسنىن››مۇھەممەت سىدىق قەشقەرىينىڭ ‹‹تەزكىرى ئەزىزان ››قاتارلىق ئەسەرلىرى يىزىلغانلىقى مەلۇم.

1860 –يىللىرىدىن باشلانغان چىرىك چىڭ ھاكىميىتىگە قارشى مىللى قوزغىلاڭ ئاخىرى قوقەنتىك ياقۇپبەگنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى ،ياقۇپبەغەلىبە قىلغاندىن كىيىن ‹‹يەتتەشەھەر››(قەشقەرىيە )ھاكىميتىنى قۇردى ،بۇ دەۋر قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى گۈللەنگەن ‹‹سانى بۇخارا››نىڭ داۋامى بولماستىن تاجاۋۇزچىلارنىڭ قەشقەرنى پىچكا قىلىپ تۇرۇپ ئۆز قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ‹‹سەكرەش تاختىسىلىق››قارا قىسمىتىنىڭ باشلىنىشى ئىدى .بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭغا كۆزىنى تىكىپ كىلىۋاتقان ئەنگىليە روسيە قاتارلىق غەرب ئەللىررىنىڭ قەشقەردەك بۇ ئىستىراەىتىيەلىكمۇھىم شەھەرنى تالىشىش كۈرىشىنى باشلىۋەتكەنىدى ،ئەنگىليە بىلەن روسيە خۇددى سۆڭەكتىن قىزغانغان ئىتتەك بۇشەھەرنى تالىشىش كۈرىشىدە بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشتى بىرى ياقۇپبەگكە سوۋغات ئەۋەتىشسە ،بىرلىرى ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ،ياقۇپبەگ بىلەن ھەرخىل شەرتنامىلەر تۈزۈشۈپ  قەشقەرنىڭ ئۆزىنىڭ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى پىچكا قىلماقچى بولدى .



(ياقۇپبەگ قوشۇنلىرى)
ئەنگىليە بولسا قەشقەردەك ئىستىراگىتىيەلىك ئورۇندىن پايدىلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭ ھەتتا جوڭگۇغا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كىگەيتمەكچى بولدى ،ھەم ئۇنىڭ شىزاڭ ،ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشتە قەشقەردەك مۇھى قورغاندىن پايدىلانمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى ،روسلار بولسا قەشقەرنى ئۆز تەسىر دائىرىمىزدىكى يەر دەپ قارايتتى ،شۇڭا بۇيەرنى ئىنگىلىسلارغا تارتقۇزۇپ قويساق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق مەنپەئەتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ئويلايتتى .شۇڭا ياقۇپبەگ دەۋرىدىن باشلانغان قەشقەردە ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئۇرۇشى تا يىڭى جوڭگۇ قۇرۇلغانغا قەدەر داۋاملاشتى .
يەنە ئەنگىليە ،روسيە ،گىرمانىيە ،فىرانسىيە ،شىۋىتسىيە ،ياپونىيە قاتارلىق سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر ئىكىسپىدىستىيەچى ،گىئوگراف،جۇغراپىيون ،جەمىئەتشۇناسلىرى خۇددى مۇسابىقىگە چۈشكەندەك قەشقەردە سىياسى ،ئىقتىسادى ساھالەردىلا ئەمەس ،بەلكى جۇغراپىيە ،ھاياتلىق مىللەت، دىن ،تىل-يىزىق ئۆرپ-ئادەت ،مەدىنيەت يادىكارلىق ،ساھالىرىدە بەس-بەستە خالىغانچە تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى ،قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلارنى،نۇرغۇن ئاسارە-ئەتىقىلەرنى  خالىغانچە ئۆز دۆلىتىگە توشۇپ كەتتى .يەنە تىخى كونسۇلخانا ئىچىش ،شىپاخانا ئىچىش باھانىلىرى بىلەن دىن تارقىتىپ بىزنىڭ دىن ئەقىدىلىرىمىزنى سۇسلاشتۇرماقچى بولدى ،غەربلىكلەرنىڭ دىن تارقىتىش سىڭىپ كىرىشىگە قارشى نەچچە قىتىملىق مىر مۇھەممىدى قازى كالان، ئابدۇلقادىر قازى كالان، موللا ئاخۇن قازى كالان، باھاۋىدىن مەخسۇم ئەنە شۇ كىشىلەر جۈملىسىدىندۇر. ئۇلار ئۆز دەۋرىدە قەشقەرنىڭ بۈيۈك ئەربابلىرىدىن بۇلۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنى بىلىملىك قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان. يۇرت خەلقىنى باشلاپ، ياتلارنىڭ بوزەك قىلىشلىرىغا، زورلۇقلىرىغا قارشى كۆرەشكەن. مىر مۇھەممەت قازى كالان «بەدۆلەت» نىڭ ھەربىي ئىستبداتىغا بوي ئەگمىگەن بولسا، ئابدۇلقادىر قازى كالان يۈرەكلىك بىلەن جان پىدا قىلىپ چىڭ سۇلالىسنىڭ قەشقەردىكى ئەمەلدارى لى جاۋىننىڭ زورلۇق ئىشلىتىپ، خەلقنىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلانغان جامەسىنى بۇتخانا قىلىۋېلىشىدىن ساقلاپ قالغان. باھاۋىدىن مەخسۇم چاروسىيە كونسۇلىنىڭ سوراققا تارتىشىغا پىسەنت قىلماي ئەيىبىنى ئۆزىگە ئارتىپ يۈزمۇ يۈز مۇنازىرلىشىش نەتىجىسىدە ئۇنى لەت قىلغان. قەشقەر خەلقى ئۇنىڭ بۇ مەردانىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. «دارازا» (ئۇزۇن- ئېگىز) دەپ ئاتالغان موللا ئاخۇن قازى كالان، چاروسىيەنىڭ زومىگەرلىك قىلىشىغا قارشى باتۇرانە كۈرىشىپ جازانىخورلۇق، بېسىمدارلىق بىلەن خەلقنى قاقشاتقان زوراۋانلارنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان...
1920يىللىرىدىكى ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇلاۋارىس قەشقىرىنىڭ شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارشى ئىلىپ بارغان ،قەيسىرانە كۈرىشى شۇدەۋرلەردىكى بارلىق ئىلىم ئەھلىنىڭ يۈرۈك ساداسى ئىدى .
1933-يىلى شىڭ شىسەي ھاكىميەت بىشىغا چىققان دەسلەپكى دەۋرلەردە يىڭىلىق مەرىپەت ئىسلاھاتى يۈرگۈزىشى نەتىجىسىدە قەشقەردىمۇقۇتلۇقھاجى شەۋقى ،مەمتىلى تەۋپىق ......قاتارلىق ئىلىم ئەھلىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىلىم مەرىپەت تارقىتىش ،ئاقارتىش پائالىيەتلىرى ئىلىپ بىرىلغانىدى ئەپسۇسكى 1937-يىلى شىڭ شىسەينىڭ ھەقىقى ئەپت-بەشىرىسى ئاشكارلىنىپ بۇھەركەتلەرمۇ توختاپ قالدى .
1949-يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغاندا قەشقەردىكى گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ قوماندانى جاۋشىگاڭمۇ ھەقىقەتكە قايتتى .
1952-يىلى قەشقەرشەھىرى تەسىس قىلىندى ،قەشقەر شەھىرى قۇرۇلغان ئاتمىش يىلدىن بۇيان مەركەز قەشقەرگە بولغان قوللاش كۆڭۈل بۆلۈش ئىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ،دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى دەۋىرلەردە قەشقەر يىپەك يولىدىكى ‹‹ئۆتەڭ ››دەپ ئاتالغان بولسا ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىلگەندىن كىيىن قەشقەرنىڭ ئىستىراگىتىيەلىك مۇھىم جاي ئىكەنلىكى تىخىمۇ گەۋدىلەندى قەشقەر مەركەزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى شۇندىن بۇيان مەركەز قەشقەرگە بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ شەھەر قۇرۇلۇشى ئىلىپ بىرىش ،شەھەر ئەسلىھەلىرىنى يىڭىلاش قەدىمىنى تىزلىتىپ قەشقەرنى يىپەك يولىدىكى ‹‹نۇرلۇق مەرۋايىتقا ››ئايلاندۇرۇپ قەشقەر دۇنياغا نۇرلۇق مەرۋايىتتەك نۇر چىچىشقا باشلىدى ،قەشقەردىكى قەدىمىيلىك ،ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەت ،نەپىس ھۈنەرسەنئەت ،ئالاھىدە تەبىئى مەنزىرە ،قەدىمى مول تارىخى مىراسلىرى ئىستىراگىتىيە جەھەتتە مۇھىملىقى بىلەن جوڭگۇ چەتئەلدىكى ساياھاتچى ،مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلب قىلدى .



2010-يىلى مەركەز شىنجاڭ سۆھبىتى يىغىنىدىن كىيىن قەشقەرگە شىنجىن شەھىرى ئالاھىدە ياردەم بىرىدىغان قوشنا شەھەرلەردىن بولۇپ بىكىتىلدى .ھەم تۇنجى قىتىم قەشقەر ئىقتىسادى ئىچىۋىتىلگەن رايونى قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى 2011-يىلى 30-سىنتەبىر جوڭگۇ گوۋۇيۈەنى ‹‹قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادى  ئىچىۋىتىلگەن رايونى قۇرۇشقا ياردەم بىرىشكە ئالاقىدار كۆپلىگەن پىكىرلىرى رەسمى يۇسۇندا ئىلان قىلىندى.قەشقەر دۆلىتىمىز ئىشىكنى سىرتقا ئىچىۋەتكەندىن بۇيانقى ئوتتۇز يىلدىن كىيىن جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلىقىدا قۇرۇلغان تۇنجى ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون بولۇپ قالدى .



‹‹شەرقتە شىنجىن ،غەربتە قەشقەر ››‹‹خەلقئارالاشتۇرۇلغان دۇنياۋى قەشقەر ››قاتارلىق تەسەۋۋۇرلارنىڭ نەتىجىسىدە قەشقەر ناھايىتى تىز تەرەققى قىلماقتا ،يەنە قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كوناشەھەر رايونىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشى ئىلىپ بىرىلىپ دەسلەپكى نەتىجىلەرەە ئىرىشتى ،ئىنىقكى قەشقەر ئۇيغۇر مىللى مەدىنىيتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن ،دۆلىتىمىز ۋە چەتئەلگە تونۇتۇشتا قەشقەر ئالاھىدە بازا بولىدۇ ،بۇ پۇرسەت ئالدىدا ئۇيغۇر مىللى مەدىنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەلۋەتتە.قەشقەر ‹‹بەش ئىغىز ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىشتەك ››ئىستىراگىتەيەلىك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ، قەشقەر ‹‹جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېكسپورت بازىرى، شۇنداقلا چەت ئەل بازارلىرىنى كېڭەيتىدىغان كۆزنەك››بولۇشىنى تاللىغىنىدە دۆلىتىمىز ئىنىقكى تارىخ ئەمەلتىيىىنى توغرا يەكۈنلىگەنلىكىدە ئۆز ۋاقتىداشەرققە ‹‹سەكرەش تاختىسى ››قىلىپ تاللانغان قەشقەر بولسا بۇكۈنلەردە غەربكە بولغان ‹‹سەكرەش تاختىسىلىق ››رولىنى ئۆتەيدىغانلىقى ئىنىق ‹‹يىپەك يولىدىكى ئىستىراگىتىيەلىك ››بۇ مەركەزنىڭ يىڭى ئەسىر يىڭى دەۋردە ئۆز ئورنىنى ئۆز تارىخى رولىنى چوقۇم تاپالايدۇ


.
ئوتتۇرا ئەسىردە مۇھىم مەدىنىيەت مەركىزى بولۇپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلۇپ ‹‹سانى بۇخارا ››دەپ ئاتالغان بۇشەھەرنىڭ ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كىيىن يەنە قايتا شۆھرەت بىلەن ‹‹ئىككىنجى شىنجىن››قەشقەر ئىقتىسادى ئىچىۋىتىلگەن رايونى بولغانلىقى قەشقەرنىڭ يەنە بىر گۈللىنىش دەۋرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت .
ئىسلام دىنىڭ مەسچىت مەدرىسىلىرى ،قەبرە –گۈمبەزلىرى ،بۇددا دىنى بۇتخانا ئىزلىرى ،ئوتتۇرا ئەسىر بىلەن يىڭى دەۋر زامانىۋىلىقىنى ،غەرب ،شەرق ،ئىسلام مەدىنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ ئەزىزانە قەشقەر دۇنياغا ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى ،ئۇيغۇر ھەقىقى مىللى روھىنى تونۇتقۇسى.

مەنبە:<<ئۈستى ئوچۇق مۇزىي قەشقەر >>دېگەن كىتابتىن پايدىلىندى .

تىما مەنبەسى:جاھاننامە مۇنبىرىدىن رەسىملەر توردىن پايدىلىنىپ قىستۇرۇلدى.




بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-26 19:25:18 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن،ئەپسۇس قۇلۇمدا ئازراق قىلىدىغان ئىش بار ئىدى.سەل تۇرۇپ تەپسىلىي ئوقۇپ ئىنكاس يازاي،قېرىندىشىمنىڭ تارتقان جاپاسىغا ھەشقاللا،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-26 21:10:09 | ئايرىم كۆرۈش
قەشقەر تارىخىنى قايتىدىن بىر قېتىم بايان قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم قېرندىشىم. سىزگە كۆپ رەھمەت.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

29

تېما

295

يازما

1973

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 234
يازما سانى:
295
تىللا:
1113
تۆھپە:
160
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
66 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-18

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسى

يەر
ۋاقتى: 2013-12-26 21:22:13 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىقبال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 21:23  

    ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن.
قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
                                ___ دىۋانى لوغەتىن تۈركتىن

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

5#
ۋاقتى: 2013-12-28 07:42:40 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەزىزانە يۇرت قەشقەرنىڭ ئۆتمۈشى،بۈگۈنى توغرىسىدا قىسقا،ئەمما مۇھىم مەلۇماتلار بىرىلگەن يازما بوپتۇ.قېرىندىشىم مۇناجاتنىڭ ماقالىنى ئۇرۇپ تەييارلاش،رەسىم قىستۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئەجرىگە ھەشقاللا!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:12 , Processed in 0.139258 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش