ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 200|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شەخسىيەتچىلىك- ‹‹پەرھات ئەمەت›› تەرجىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

                            شەخسىيەتچىلىك

                        پەرھات ئەمەت تەرجىمىسى

نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى بىر زىننەتلەش شىركىتى مۇنداق بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى: شىركەتنىڭ ئەسلىدە بىر مۇنچە زاپاس ئۈسكۈنىسى بار ئىدى، ئەمما بۇزۇلۇش ۋە يوقاپ كېتىش سەۋەبىدىن، ئۇزاق بارمايلا بۇ ئۈسكۈنىلەر يوقاپ كېتىپ، شىركەتكە خېلى كۆپ زىيان بولدى.
ئەمەلىيەتتە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە پۇختا بولمىغانلىقى، بۇزۇلۇپ كېتىشىگە قائىدىگە خىلاپ ھالدا مەشغۇلات قىلغانلىقى سەۋەب بولغانىدى.
شىركەت بۇ ئىشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قاتتىق نازارەت قىلىش، تىزىمغا ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەھۋالدا قىلچە ياخشىلىنىش بولمىدى، ئەكسىچە شىركەت بىر مۇنچە ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ۋاقىتتىن زىيان تارتتى. شىركەت يەنە خىزمەتچىلەردە ئۈسۈنىلەرنى ئاسراش ئاڭلىقلىقىنى تۇرغۇزۇشقا كۈچىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەچكە، باشقۇرغۇچىلار قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.
بىر كۈنى شىركەتنىڭ باش مۇدىرى كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەۋاتقاندا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەچكە، يەنە بىر زىننەتلەش شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى روكاس كېلىپ باش مۇدىر بولدى.ئۇ بۇ قول تۇتىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈنگە كەلدى: خىزمەتچىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقىغا تايىنىشمۇ، قاتتىق تۈزۈممۇ كار قىلمىغانىكەن،
ئۇنداقتا ئۈسكۈنە بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى چېتىش كېرەك، شۇندىلا بۇ مەسىلىنى تەلتۈكۈس ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن شىركەتتە مۇنداق بىر ئۈسكۈنە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى: «ئۈسكۈنىلەرنى شىركەت بىلەن خىزمەتچىلەر تەڭ مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالىدۇ، ئەمما ئۈسكۈنىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى خىزمەتچىلەردە بولىدۇ؛ شىركەت بىلەن يەنە  ھەر بىر خىزمەت كۈنىدە خىزمەتچىلەرگە بەلگىلىك سوممىدا تولۇقلىما بېرىدۇ، تاكى خىزمەتچىلەر ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشقا خەجلىگەن پۇلىنى تولۇق قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تولۇقلىما بېرىش توختىتىلىدۇ». بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلۇشى بىلەن تەڭ غايەت زور ئۈنۈم بەردى، يەنە ئۈسكۈنىلەر يوقاپ ياكى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋال تۈپتىن ياخشىلاندى.

كېيىن روكاس مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق ئادەم شەخسىيەتچى كېلىدۇ، بىراق بۇ شەخسىيەتچىلىك پەقەت ناچار تەسىرلا پەيدا قىلمايدۇ، ناۋادا ئۇنىڭدىن پاراسەت بىلەن پايدىلانساق، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم ئاكىتىپ نەتىجە بېرىدۇ».


مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-11-29 23:40:41 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى  تىما  ئىكەن  پايدىلىنىشقا  بولغۇدەك  جۇما  
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-1 10:53:38 | ئايرىم كۆرۈش
شەخسى مەنپەئەت  ھەقىقەتەنمۇ  جانىجان  مەنپەئىتىمىز  ،  بۇنىڭغا  ئامال يوق .
ئەھمىيەتلىك  تىما  يوللىغىنىڭىزغا  تەشەككۈر !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-1 15:19:12 | ئايرىم كۆرۈش
شەخسىيەتچى ۋاي ئاندا،ماندا دەيمىز لىكىن شەخسىيەتچىلىك ئېڭى قايسىمىزدا يوق دېيەلەيمىز؟
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:45 , Processed in 0.115951 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش