ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدىكى بارلى قىرىنداشلىرىم ، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن،
بەزى مۇنبەرداشلار مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن كىيىن ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇنبىرىمىز مۇنداق پائالىيەتنى يولغا قويدى ، ئەگەر مۇنبىرىمىزگە يىڭى ئەزا بولغانلار ياكى بۇرۇن ئەزا بولۇپ ئىلخەت ئادرىسىنى توغرا يازمىغانلار مۇنبىرىمىزدىكى ئارخىپقا توغرا ، ئالاقىلاشقىلى بولىدىغان ئىلخەت ئادرىسىنى چاپلىسا مۇنبىرىمىزنىڭ مۇنبەر پۇلىدىن 30 تەڭگە مۇكاپات بىرىلىدۇ..
بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ رايىنى سىناش ئۈچۈن سىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىشىم كىرەك ئىدى . ئەپسۇس بەزى ئەزالىرىمىز بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولمىدى، شۇڭا مۇنبىرىمىزنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن سىلەرنىڭ مۇنبەردىكى ئىلخەت ئادرىسىنى توغرا بىسىپ 30 تەڭگىنى تاپشۇرىۋىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ، بۇرۇن توغرا كىرگۈزۈپ ئەزا بولغانلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تەڭشىكى ئارقىلىق 30 تەڭگە تاپشۇرۋالساڭلار بولىدۇ .
چۈشەنمىگەنلەر بولسا مەن چۈشەندۈرۈپ قويسام بولىدۇ .
بۇ يەردىن ۋەزىپە بىتىگە كىرىپ ئىلخەت ئاكتىپلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىسىڭىز بولىدۇ .
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن .
ئىلخەت ئاكتىپلاش ئارقىلىق ھەقىقى ئىلىختىڭىزنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىشىمىزدىكى ئاساسى مەقسەت بولسا مۇنبەر بىلەن سىزنىڭ ئالاقىڭىزنى تىخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش .
1- مىسال :
xxxx ئەپەندىم : باشقۇرغۇچى ، مەن مۇنبەردىكى مەخپى نۇمۇرۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، خاپا بولماي بىر ئامال قىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ؟.
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى : xxxx ئەپەندىم ، سىز مۇنبەردە پارول قايتۇرۇش ئارقىلىق باشقۇرۇغۇچى قايتۇرمىسىمۇ ئۆزىڭىز مەشخۇلات قىلىپ يىڭى مەخپى نۇمۇر بىكىتەلەيسىز ، مۇنبەردىكى پارول قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ پارولىڭىزنى قايتا بىكىتىۋىلىڭ ..
xxxx ئەپەندىم : ئاپلا ، مەن ھەقىقى ئىلخەت ئادرىسىمنى ئىشلەتمەپتىكەنمەن .
مۇنبەر باشقۇرغۇچى : xxxx ئەپەندىم ، نىمىشقا ھەقىقى ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى ئىشلەتمىدىڭىز ؟
xxxx ئەپەندىم : شۇ بەزى مەخپىيەتلىكلىرىم ۋە ئىلخەت ئادرىسىمنى باشقىلار كۆرىۋالسا قالايمىقان مەزمۇن يوللاپ ، ئاۋارە قىلىشتىن ئەنسىرەپ ئىشلەتمىگەنتىم .
مۇنبەر باشقۇرغۇچى : خاتىرجەم بولۇڭ ئەپەندىم ، مۇنبىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى ھەقىقەتەن يۇقىرى ، سىزنىڭ ئارخىۋىڭىزدىكى تولۇق ماتىرياللارنى مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى ۋە ئۆزىڭىزدىن باشقا ھىچكىم كۆرەلمەيدۇ . ئاشكارلىنىپ كىتىشىدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھاجەتىسز .
xxxx ئەپەندىم : بولىدۇ ، ئۇنداق بولسا مەن ھەقىقى ئىلخەت ئادرىسىمنى ئىشلىتەي .
2- مىسال :
xxxx خانىم : مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى ، مىنىڭ ئەزالىق نامىم نىمىشقا تىخىچە تەستىقلانمايدۇ ؟
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى : ھۆرمەتلىك xxxx خانىم ، سىزنىڭ مۇنبىرىمىزدە تىزىملاتقان ئەزا نامىڭىز مۇنبىرىمىز بەلگىلىگەن بەزى شەرتلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس ، شۇڭا بىز تەستىقلاشقا ئامالسىز ،
xxxx خانىم : ئەمسە بۇ توغۇرلۇق ھىچقانداق ئەسكەرتىش تاپشۇرۋالمىدىمغۇ ، مەن ساقلاۋاتىمەن ،ھىچقانداق ئىنكاس يوق .
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى : بىز سىزگە ئەزالىق نامىڭىز تەستىقتىن ئۆتمىگەنلىك ئەسكەرتىشىنى ئىلخىتىڭىزگە يوللىغان ئىدۇق ، سىز مۇنبەردە ھەقىقى ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى ئىشلەتكەن بولسىڭىزلا تاپشۇرۇپ ئالالايتىڭىز .
xxxx خانىم : ھە ، مەن باشقا بىر ئىلخەت ئادرىسىنى تولدۇرۇپ قويۇپتىكەنمەن ، بۇندىن كىين دىققەت قىلاي ، ئەسلى ئەزا ئارخىۋى ۋە ئىلخەتنى ياخشى تولدۇرۇش مۇنبەر بىلەن بىزنىڭ ئالاقىمىزنى يىقىنلاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ئىكەندە . رەھمەت سىزگە .
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى : ھىچقىسى يوق ، ماسلاشقىنىڭىزغا ۋە بىزنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
مانا مۇشۇنداق دىئالوگلار .. مۇنبەردە ئەزا ئارخىۋىنى ياخىشى مۇكەممەل تولدۇرۇش ۋە ھەقىقى ئىلخەت ئادرىسىنى ئىشلىتىش شۇ ئەزا بىلەن مۇنبەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ .
ئوقۇغۇچى مۇنبىرى ئىشخانىسى
2013.12.12
|