ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 854|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى



نەبىجان تۇرسۇن   تۇرسۇن بارات

ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت ئۈچتۇرپان خەلقى ئىچىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كىلۋاتقان باتۇرلۇق،مەرتلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئوقۇلغان تۈگىمەس ناخشىنىڭ نامايەندىسى.
《يەتتە قىزلىرىم》،《سەككىز قىزلىرىم》،《يالغۇز قىزلىرىم》دىگەندەك مەقبەرىلەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بار،ئەمما،ئۈچتۇرپاندىكى《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت باشقا رىۋايەتلەر بىلەن زادى ئوخشاشمايدۇ.《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقتوقاي تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئېلىنىپ توپىسى يېيىلغان ھەيۋەتلىك مەقبەرىدۇر. تارىخىي ماتىرىياللاردىن ئىسپاتلىنىشىچە بۇ مەقبەرە مىلادى 1765-يىل (چيەنلوڭنىڭ 30-يىلى) دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن رەھمىتۇللا،ئەسمىتۇللا بەگلەر باشچىلىقىدىكى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى (جىگدە يېغلىقى)نىڭ ئايال قاتناشچىسى پەھلىۋان- مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ قەبرىسىدۇر.
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن،《شىنجاڭغا نىسبەتەن ناھايتى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزدى》.شىنجاڭدا مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى،يەرلىك فىئودال ۋە دىنىي ئىمتىياز ئىگىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقنى ئورنىتىپ،خەلىق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى كۈچەيتتى.بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتكە قارشى قۇيۇپ،مىللەتلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلدى.يەرلىك ھاكىم- بەگلەرگە ئىشەنمەي ئۆزلىرىگە ئەڭ بۇرۇن ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن،جۇڭغارلار ئۈستىدىن غەلبە قازىنىشتا زور ياردەم كۆرسەتكەن قۇمۇل،تۇرپان،پىچانلاردىكى بىر تۈركۈم ھاكىم-بەگلەرنى ئۈچتۇرپانغا يۆتكەپ كىلىپ يەرلىك بەگلەر ئۈستىدىن نازارەت قىلدۇردى ۋە كۈچەيتتى.
ئۈچتۇرپان خەلقى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلىقلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ سىياسىي،ئىقتىسادىي ئازاپقا ئۇچرىدى.ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئەمەلدارلىرى كەيىپ-ساپاغا بىرىلىپ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئىنتايىن چىرىكلەشتى.قۇمۇل ۋاڭ جەمەتىدىن بولغان ئابدۇللا ئۈچتۇرپانغا ھاكىم-بەگ قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن،ئۇ يەرلىك خەلىقنى دەھشەتلىك ئەزدى.ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرى،ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى ئۈچتۇرپاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كىچىك بەگ قىلىپ تەيىنلىدى.بۇ بەگلەر قۇمۇل ۋاڭلىرى ئىلگىرىدىن تارتىپ قوللانغان دارخانلىق تۈزۈمنى يولغا قۇيۇپ،دىھقانلارنى ئالتە كۈن گۇڭ،ۋاڭ،بەگلەرگە،بىر كۈن ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى.چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە 《ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھاكىم-بەگلەرگە 150 پاتمان يەر (3975 مو)،100 ئۆيلۈك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مۇئاشى ئۈچۈن 30 مىڭ يارماق يىغۋېلىش،6- دەرىجىلىك بەگكە 30 پاتمان يەر (985 مو)،تۆت ئائىلىك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مائاشى ئۈچۈن 5000 يارماق يىغۋېلىش》دىن ئىبارەت ئالاھىدە ئىمتىياز بەردى. مۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغان يەرلىك ئەمەلدارلار مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرىنى ئارقا تېرەك قىلغان ھالدا شەخسىيەتچىلىكتە ئۇچىغا چىقىپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى.جۇڭغارلار دەۋرىدە يۈرگۈزگەن كونا تۈزۈمنى تەكرار يولغا قۇيۇپ،خەلىقتىن يىغىۋالغان نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ئوندىن ئۈچ قىسمىنى مانجۇلارغا تاپشۇردى،قالغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يانچۇقلىرىغا سالدى.ئۇنىڭدىن باشقا چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى خەلىقنى زورلاپ،ھۇل كەڭلىكى بەش مىتىر،ئىگىزلىكى ئالتە مىتىر،ئۈستى كەڭلىكى بەش مىتىر، ئۇزۇنلىقى 1544 مىتىر كېلىدىغان ئامبال ئىشخانىلىرى،ھەربىي گازارما، ئىسكىلات،تۈرمە،بۇتخانىلىرى بار تۆت چاسا،تۆت دەرۋازىلىق سېپىل سالدۇردى،ھەمدە شەھەرنىڭ نامىنى يۇڭنېڭ دەپ ئاتىدى،سېپىل سوقۇش ئالۋىڭى تېخىمۇ دەھشەتلىك بولدى.سېپىل سوقۇش جەريانىدا 《توختى》، 《تۇردى》،《تۇرسۇن》ئىسىملىك كىشلەرنى سېپىلگە باستى.بۇ ئالۋاڭلاردىن باشقا يەنە كەڭ خەلىق ئاممىسى مەسچىت،مەدىرىسلەرگە،ئىمام-ئاخۇنۇم، قازىلارغا ئۆشۈر-زاكات تۆلىدى،ۋەخپىلەرگە ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئىش بىجىرىش ئامبىلى-سۇچىڭ 1759- يىلى 9-ئايدىن 1765-يىلى 2-ئايغىچە ئۈچتۇرپاندا تۇرغان بەش يىل ئىچىدە ئابدۇللارغا ماسلىشىپ ۋە بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېشىپ خەلىققە دەھشەتلىك زۇلۇم سالدى.سۇچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى،قول ئاستىدىكى چىرىكلىرى يەرلىك خەلىقلەرنىڭ خۇتۇن-قىزلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلدى.19-ئەسردە ئۆتكەن خوتەنلىك تارىخچى مەھمۇد ئەلەمنىڭ 1897- يىلى يېزىپ قالدۇرغان 《خوتەن تەزكىرسى》دىن مەلۇم بۇلۇشىچە ئۈچتۇرپان خەلىقنىڭ تۆلىگەن ئالۋاڭ-ياسىقى 《جان پۈتىگى》،《چوتا بېشى》، 《خان پۇلى》،《يەر پۇلى》،《قونالغۇ》،《ئوت پۇلى》،《پۇقرالىق》، 《باسقاق》،《ھوژدارلىق》،《مىراپلىق》،《غەللە》،《باج》،《يەم- خەشەك》،《تاپان ھەققى》،《چاي》قاتارلىق 65 خىلغا يەتكەن.
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك بەگلەرنىڭ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان زۇلمى ئۈچتۇرپان خەلقىنى پارتىلاش دەرىجىسىگە ئاپىرىپ قويغان ئىدى.خەلىق زۇلۇمغا چىدىماي تۇرغان بىر ۋاقىتتا 《كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال》دىگەندەك پادىشاھ چيەنلوڭ ئامبال سۇچېڭغا جىگدە يۆتكەش يارلىقى چۈشۈردى (1765- يىلى 1-ئايلاردا).بۇيرۇققا بىنائەن ئامبال سۇچېڭ ئۈچتۇرپاننىڭ 《جىگدىلىك》دىگەن يېرىدىن جىگدە كۆچىتى ئېلىپ،100 ساندۇققا قاچىلاپ 240 نەپەردىن كۆپرەك ھاشارچىغا كۆتۈرگۈزۈپ كىچىك بەگ رەھمىتۇللانىڭ مەسئۇللىقى،مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ نازارىتىدە بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،ھاشارچىلار 1765-يىلى دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى جىگدە كۆچىتى ۋە ئامبال سۇچېڭنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى كۆتىرىپ يولغا چىقىپ ئۈچتۇرپاننىڭ 《ئىلقىش دۆڭ》دىگەن يېرىگە كەلگەندە،بىر ھاشارچى ھېرىپ قالىدۇ.بۇنى كۆرگەن مانجۇ چىرىكى ھاشارچىنى چېپىپ تاشلايدۇ.بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رەھمىتۇللاھ بەگنىڭ غەزىپى تاشىدۇ-دە،ھاشارچىلارنى  
《جىگدىنى تاشلاپ چىرىكلەرنى ئۇرۇڭلار!》دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نامى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ.قوزغىلاڭچىلار شۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ئۈچتۇرپاننىڭ 《قارا غوجا》،《ياۋاغ》،《ئاق بوز》، 《قۇمۇچلۇق》،《جىگدىلىك》،《ئاقتوقاي》يېزىلىرىدا چىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ شەھەرنى تارتىۋالىدۇ.ئامبال سۇچېڭ 《مۆلچەر تاغ》قەلئەسىدە ئۆزىنى پارتىلتىپ ئۆلىۋالىدۇ،ئابدۇللا بەگ قېچىپ كىتىدۇ.
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دەرتمەن دىھقانلار ئۆزلىكىدىن قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قۇشۇلۇپ،رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەھەرنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ.بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ چيەنلوڭ ئېلىدا تۇرۇشلۇق گىنرال مېڭ رۈي،قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى ناشىتوڭ،ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى بيەن تاخەي قاتارلىقلارغا قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.جۈملىدىن پادىشاھ چيەنلوڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك،ئەڭ تەجىربىلىك گىنرالى ئاگۇينى باش قوماندان قىلىپ ئەۋەتىدۇ.قەھرىمان ئۈچتۇرپان دىھقانلىرى رەھمىتۇللا بەگ،ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە چىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن ئالتە ئاي جەڭ قىلغان بولسىمۇ،ئاخىرى 1765-يىلى دېھقانلار ئېيى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سودىگەر ئاقساقىلى ساۋۇت،شېرىپ دىگەنلەرنىڭ خائىنلىق قىلىشى بىلەن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بۇلىدۇ.چىڭ قۇشۇنلىرى قوزغىلاڭچى دېھقانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى چېپىپ تاشلايدۇ.10 مىڭ كىشىنى تۆت تۈركۈمگە بۈلۈپ ئېلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق بالايى-ئاپەت يۇرتتا قېلىپ قالغان قېرى-چۈرى،نارسىدە بالىلار،خۇتۇن-قىزلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.مانا مۇشۇنداق پەيىتتە،رەھمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخان ئاتا-ئانىلىرى،سۈيۈملۈك ئەرلىرىدىن،بىگۇناھ قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان يەتتە يازتىن 70 ياشقىچە ئەر-ئاياللارنى، 《گۇڭشاڭ》ئۇرۇشىدا تارقاپ كەتكەن ئەمەت بۇرغۇي،يولۋاس پەھلىۋان قاتارلىق 150 دەك ئەركەكنى قايتا تەشكىللەپ تاغ،ئورمان ئارىلىرى،يار جىلغىلارغا يۇشۇرۇنۇپ،چىڭ قۇشۇنلىرىغا قاخشاتقۇچ زەربە بىرىدۇ،ئۈچتۇرپان خەلقى ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلۋاتقان رىۋايەت ۋە رەھمىتۇللا بەگ مايسىخان ئەۋلادلىرى ئىچىدە سۆزلىنىپ كېلۋاتقان ھېكايىلەردىن قارىغاندا《مايسىخان جېڭى》ئۈچ ئاي داۋاملاشقان،مايسىخان ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى غۇنچىخان باشلىق يەتتە نەپەر ئايال قوزغىلاڭچى ئاقتوقاي ئۇرۇشىدا قورشاۋدا قېلىپ،ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بولغان،كېيىن ھايات قالغان ئەل-يۇرت مايسىخان باشچىلىقىدىكى ئايال قوزغىلاڭچىلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىنى ئاقتوقاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىغا ياسىغان.
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 2-سانى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

29

تېما

295

يازما

1973

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 234
يازما سانى:
295
تىللا:
1113
تۆھپە:
160
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
66 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-18

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-20 14:51:17 | ئايرىم كۆرۈش
   ئىنشائاللاھ، بىر بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلگۈم كېلىۋاتىدۇ.
قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
                                ___ دىۋانى لوغەتىن تۈركتىن

6

تېما

746

يازما

3589

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 7
يازما سانى:
746
تىللا:
2757
تۆھپە:
27
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
294 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-17

مۇنبەر قىزىقچىسىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-20 15:27:58 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئاخشام  يەتتە  قىزلىرىم توغرسدا  ئانام  بىلەن  گەپ قىلشىپ  ئولتۇرۇپ ، ئانام  كىملكىنى  سورغندا  ئۈزەمنىڭمۇ  بىلمەيدىغنىمنى لىكىن  باتۇر ھەققانى  قىزلار  ئىكەنلكىنى  دەپ بىرىپ  قەبرسى  قەيەردە  دەپ  سورغان  سۇئالغا     مەن يەكەندە دەپ  جاۋاپ بىرىپتكەنمەن ،  
ئاخشاملقا  ئۆيگە كىرىپ  قايتا  باشتىن ئۇچتۇرپاندا  ئىكەن،  دەپ بىرەي .  ئەجەپ  خىجىل بولدۇمغۇ .

باھا سۆز

يەكەندە دىگەن بولسىڭىز ياخىشى دەپسىز ،،گەرچە يەتتە قىزلىرىم قەبىرسى يەكەندە بولمىغان بىلەن ،  ۋاقتى: 2013-12-20 17:25

25

تېما

420

يازما

2549

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 47
يازما سانى:
420
تىللا:
2005
تۆھپە:
36
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
816 سائەت
ئاخىرقى:
2015-2-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر ئاتىسىسۆيۈملۈك ئەزاكۆيۈمچان تىخنىك

يەر
ۋاقتى: 2013-12-20 17:05:39 | ئايرىم كۆرۈش
چېچەن~قىز يوللىغان ۋاقتى  2013-12-20 15:27
مەن ئاخشام  يەتتە  قىزلىرىم توغرسدا  ئانام  بىلەن  گەپ ق ...

ھى ھى ، يەكەندە دەپ ئاڭلىغانمۇ سىز ؟ يەتتە قىزنى .

باھا سۆز

مەن شۇنداق ئاڭلغاندەك ئېسىمدە قاپتىكەن .  ۋاقتى: 2013-12-20 19:19

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

5#
ۋاقتى: 2013-12-20 17:13:02 | ئايرىم كۆرۈش
يەتتە قىزلىرىم  ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرى ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھەقىقى ۋەكىلى .  ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى قىزلارنىڭ روھىيىتىدىن  ئۇلارنىڭ روھىنى كۆرگۈم بار ، ئاللا ھەممىمىزگە مۇستەھكەم ئىرادە ۋە شەرمى - ھايا ئاتا قىلسۇن.
تەشەككۈر  ئۇستاز ، يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە تىخىمۇ ئىنىق مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم.

31

تېما

814

يازما

4254

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 11
يازما سانى:
814
تىللا:
3344
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
280 سائەت
ئاخىرقى:
2016-8-27

كۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

6#
ۋاقتى: 2013-12-20 17:26:38 | ئايرىم كۆرۈش
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،مەن ئىلگىرى بۇ توغىرلۇق ئازراق مەلۇماتلارغا ئىگە ئىدىم .ئەمما ھازىر تىخىمۇ مول بىلىمگە ئىگە بولدۇم.رەھمەت ئاكا

باھا سۆز

يەكەنــــــدە دەپ كۇلكىگە قالدىممۇ ئەمدى . دىمسەم بوپتكەن . ھۈ.......... ھۈ..........ھۈ .........  ۋاقتى: 2013-12-20 19:22
قىرىنداشلار ،تارىخمۇ مۇھىم تارىخ توغىرلىق تىمىلار چولدۆرەپ قالمىسۇن!

31

تېما

814

يازما

4254

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 11
يازما سانى:
814
تىللا:
3344
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
280 سائەت
ئاخىرقى:
2016-8-27

كۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

7#
ۋاقتى: 2013-12-20 17:28:09 | ئايرىم كۆرۈش
ھە راس تۇرسۇنجان بۇرادەر سىزگە باش سۇرەت لايھىلەپ قويۇپتىكەن .كۆرمەي قالدىڭىزمۇ يا كۆڭلىڭىزگە ياقمىدىمۇ بىلمىدىم ،ياقمىغان بولسا ئۆزگەرتىپ بىرەيلى !
قىرىنداشلار ،تارىخمۇ مۇھىم تارىخ توغىرلىق تىمىلار چولدۆرەپ قالمىسۇن!

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-20 18:24:28 | ئايرىم كۆرۈش
شۈكرى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-20 17:28
ھە راس تۇرسۇنجان بۇرادەر سىزگە باش سۇرەت لايھىلەپ قويۇ ...

ياقتۇرمايدىغان ئىش بولمىدى،پەقەت تارىخىم دىگەن سۆز تارىم دەپ ئېلىنىپ قاپتۇ،ئەسكەرتىپ قويغان،ئاللاھ خالىسا ئۆزگەرتىپ بەرگەندە ئىشىلىتىمەن.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-1-27 12:29:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتىكەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-18 13:25  

يەتتە قىزلىرىم  توغرىسىدا  بۇرۇن بىر دىرامما  بار ئىدى ، دىراممنىڭ ئىسمى : مۆلچەرتاغ  بورانلىرى   ئىدى .  مەنمۇ ئۈچتۇرپانغا بارغاندا يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسىگە چىقىپ  بالىلىرىم ۋە يولدۇشۇم بىلەن سۈرەتكە چۈشۈۋالغان ئىدىم . مەقبەرە  ئۈچتۇرپان ناھىيە ئىچىدىلا ئىكەن ، قارىسا  ساياھەت  ئورنىدەك كۆرۈنمەيدىكەن  ، ساياھەت ئورنى قاتارىدىمۇ ئەمەس بولسا كىرەك . يوغان ياغاچ ئىشىكتىن كىرىپ باغ ئىچىدە ئىكەن ، ئىچىدە راستىنلا يەتتە دانە قەبرە بار ئىكەن ، مەن  ئالايىتەن ساناپ باققان ئىدىم .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

24

تېما

96

يازما

326

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 710
يازما سانى:
96
تىللا:
230
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
48 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزا

10#
ۋاقتى: 2016-1-30 21:34:47 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمىتۇللابەگ،مايسىخان...مەن بۇلارنى كىچىكىمدە مۆلچەرتاغ  بورانلىرىدا تونىغان...كىيىن تارىخى ھەمىدىدىن تەپسىلى ئۇچۇرلاندىم.
رەۋزى تۈسسەفا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:05 , Processed in 0.145493 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش