بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت-ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-16 18:55
ئـۆزۈڭـچـە
قاراخان
ئېرىق چاپماي ئېتىزغا سۇ باشلىما ئۆزۈڭچە،
ئۆتۈپ كەتكەن بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە ئۆزۈڭچە.
باجاڭ بولسا چارۋىچى،قويۇڭ تۇغار قوشگېزەك،
بىر ئېتىڭ يوق مىڭ سوملۇق قامچا ئاسما ئۆزۈڭچە.
مۇشتۇمدەك قۇش جېنىدا ئۇۋا سالار يۈرەكتەك،
ماغدۇرى يوق تىكىدەك، مۈڭگۈزۈڭ زور ئۆزۈڭچە.
بوشاڭ ئادەم توقۇيالماس ئەقەللىسى تور،ماتا،
توقۇغاننى ياراتماستىن كۈلۈپ يۈرمە ئۆزۈڭچە.
ئاغرىقىڭنى ئالتۇن يوتقان ياپقانغىمۇ بېسىلماس،
قوڭدا سۆل يوق ،چېكەڭگە گۈل قىسقۇڭ بار ئۆزۈڭچە.
باشقىلارنىڭ توقلىسىنى توخۇ دەيسەن ئۇيالماي،
ئاققۇ دەيسەن پاتقاقتىكى غازلىرىڭنى ئۆزۈڭچە.
بېشىڭ سىغماس يەرلەرگە ئۇرۇنىسەن تامادا،
چاي قۇيىسەن چاپىنىغا قاراپ گاھى ئۆزۈڭچە.
ئورمانچىنىڭ دۈمبىسىنى ئىسسىتىدۇ پالتىسى،
ئاپتاپ تەگكەن دۆڭنى داڭلاپ جەننەت دىمە ئۆزۈڭچە.
دېڭىزىغا ھاراقنىڭ چۆكۈپ يۈردۈڭ پالۋاندەك،
كاراپ ھەتتا غەۋۋاس بولدۇڭ دولقۇن يېرىپ ئۆزۈڭچە.
كۆڭۈل كۆزۈڭ قارىغۇ بولسا ئەلدە ئىش چاتاق،
ئەما تۇرۇپ ئەمانى يېتەكلىمە ئۆزۈۇڭچە.
قىزغانچۇقلۇق قىل قۇرتتەك يەيدۇ سۇمبات يۈرەكنى،
قىزغىنىشلىق يامان كۈننى ھالال دەمسەن ئۆزۈڭچە.
ماكانىدىن ئايرىلغانغا يەتتە يىل يوق قونالغۇ،
كەپە ئۆينى ئاق ساراي دەپ چۇقان سالما ئۆزۈڭچە.
مۇنبەت تۇپراق قوينىدا قامچا سېپى گۈل ئاچار،
كۆچەت تۇرماق ،قەلەمچەڭ يوق باغۋەن بولما ئۆزۈڭچە.
قوشۇق بىلەن ئىزدەپ يۈرمە قازىنىڭدا يوق گۆشنى،
چىش كولىما يىمىگەن شۇ گۆشلىرىڭگە ئۆزۈڭچە.
يالغۇز يىگىت چىقىرىدۇ پۈتۈن يۇرتنىڭ داڭقىنى،
توزدىن قۇيرۇق سوراپ سۇمرۇغ بولىۋالما ئۆزۈڭچە.
تۇغۇلىدۇ ئالىم دىگەن گەمىدىمۇ گاھىدا،
مەرتىۋەڭنى پەش قىلىپ كېرىلمىگىن ئۆزۈڭچە.
ۋاقتىڭ بولسا ئويلاشقا، قىيىن يەردىن يول چىقار،
بەڭگە خىيال بىلەن كۆككە باقما ئازغۇن ئۆزۈڭچە.
كۈز ئاسمىنى كۈنىگە يەتتە قېتىم ئۆزگىرەر،
ئېتىكىڭنى ئېسىڭ باردا ياپتىڭمىكىن ئۆزۈڭچە.
نادانلىقتىن ئېغىر دەرت بولماس ئەرگە ھاياتتا،
غاپىللىقتا كۈلۈپ يايراپ داپ چالمىغىن ئۆزۈڭچە.
ئالتۇن توشۇپ يۈرگەن تۆگە يانتاق يەيدۇ بىلىۋال،
سوۋغا سالام توشۇپ ھەسەل يىدىم دىمە ئۆزۈڭچە.
ئويغاق يۈرگىن يامان چۈشكە ئەسىر بولۇپ يۈرگىچە،
‹‹شىرىن چۈش››دەپ ئۆز چۈشۈڭگە تەبىر بېرىپ ئۆزۈڭچە.
تەنقىدچىنىڭ بىر ئۆتۈكى مايماق ئىكەن ئەزەلدىن،
قىڭغىرلاردىن ئارتۇق يېرىڭ بولسا ئېيتقىن ئۆزۈڭچە؟
2015-يىلى 15-ئۆكتەبىر
|