ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 181|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يېڭى غېرىپ -سەنەم (ئۆزخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-11 11:04  

يېڭى غېرىپ سەنەم

(ھېكايە)


    بۇرۇنقى زاماننىڭ سەل كەينىدە، ھازىرقى زاماننىڭ سەل ئالدىدا مەلۇم بىر يىزىدا سەنەمجان ئىسىملىك بىر قىز بولغان ئىكەن.
  گەرچە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى جەنۇنى شىنجاڭنىڭ چەت بىر يىزىسىدىكى ئاددى دېھقانلار بولسىمۇ ئەمما قىزنىڭ كۆزىگە قاراپ، يىمەي يىدۈرۈپ، كىيمەي كىيدۈرۈپ سەنەمجاننى خۇددى شاھلارنىڭ مەلىكىسىدەك، ئۈزۈك كۆزىدىكى ياقۇتتەك ئارزۇلاپ بېقىپ چوڭ قىپتىكەن.
شۇنداق قىلىپ سەنەمجان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان چاغدا ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاي يۈزلۈك، قوي كۆزلۈك، قوشۇما قاشلىق، سۇمبۇل چاچلىق، قەددى چىنار، ھۆسىنى تاۋار بىر قىز بوپتۇ.
  مەكتەپتىكى يىگىتلەرنىڭ ھەممسى دىگۈدەك ئۇنىڭغا ئاشىق ئىكەن. سەنەمجان بۇ ئىشىقتىن بىر خىل ھوزۇر ھېس قىلىدىكەن. يىگىتلەرنىڭ پەرۋانە بولۇپ ئۆزىنى ئايلىنىشىغا خۇشتار ئىكەن. شوڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ سومكىسىدا كىتاپ دەپتەر ساقلىغاننىڭ ئورنىغا لىققىدە سالام خەتلەرنى ساقلايدىكەن. دەرىسلەرنى تەپەككۇر قىلغاننىڭ ئورنىغا يىگىتلەرنىڭ تەقى-تۇرقىنى، گەپ –سۆزلىرىنى تەپەككۇر قىلىدىكەن. مۇئەللىم بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن سىناق ئالسا سەنەمجان پەقەت كېلىشكەن ئوغۇللاردىنلا سىناق ئالىدىكەن.
چۈنكى سەنەمجان مۇئەللىمىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمىسە مۇئەللىم خىجىل بولۇپ گەپ قىلمىغان بىلەن ئوغۇللارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمىسە ئۇلار قاتتىق رەنجىشىپ كېتىدىكەن. ھەتتا سەنەمجانغا قوپال تېگدىكەن. ھەتتا بەزى چاغدا ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا خاتا جاۋاپ بېرىپ قويسا، ئوغۇللار ئارىسىدا جېدەل ماجرا چىقىپمۇ قالىدىكەن.
  بىر كۈنى بۇ ئىشلار ئۇنىڭ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. مۇئەللىم سەنەمجاننى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ئايرىم پاراڭلىشىپتىمىش. ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنى سەل تۇتىۋېلىش، كەلگۈسى ئىستىقپالىنى ئويلاش توغرىلىق نەسىھەتمۇ قىپتۇ. سەنەمجان بىر ئويلىسا مۇئەللىمنىڭ دىگەنلىرىنىڭمۇ مۇئەييەن ئاساسى بارمىش، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توختىماسىتن بېشىنى لىڭشىتىپتۇ. ئەمدى چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، تىرىشپ ئوقۇپ، بەلەن ئوقۇپ كەلگۈسىدە ئادەم بولۇش توغرىلىق مۇئەللىمىگە ۋەدە بېرىپتۇ.
سەنەمجان مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىۋاتقاندا بىر يېقىن دوستى ئۇنىڭغا بىر پارچە خەتنى بېرىپتۇ. قارىسا بۇ خەت خۇددى شارۇلخاندەك كېلىشكەن، سالمانخاندەك قامەتلىك، ئامىرخاندەك ئوماق، بىر بالىدىن كەپتىكەن. ئۇ بالا خېتىدە، ئەگەر سەنەمجان ئۇنىڭ سۆيگۈ تەكلىۋىنى رەت قىلسا، ئۆزنى ماشنىنىڭ ئاستىغا، تاشلايدىغانلىقنى. ياردىن سەكرەيدىغانلىقىنى، زەھەر ئىچىدىغانلىقىنى، ئوتتا كۆيىدىغانلىقىنى، سۇدا ئاقىدىغانلىقىنى. تومۇرىنى كېسىدىغانلىقىنى، تورۇسقا ئېسىلىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.
سەنەمجان ئويلىنىپ قاپتۇ. ئۇ بىر باغرى يۇمشاق قىزكەن. شوڭا ئۇ بىر چىرايلىق يىگىتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بۇنداق نابۇت بولۇپ كېتىشىگە ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايدىكەن.
   سەنەمجان كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىر بىر قارارغا كەپتۇ. قولىغا قەلەمنى ئاپتۇ. قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ھېلىقى خەتكە جاۋاپ ساپتۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئۆلىۋالىدىغانلار، كۆپىۋالىدىغانلار، نەم يەردە يېتىۋالىدىغانلار، كېسلى تۇتۇپ قېتىۋالىدىغانلار خېلى كۆپىيىپ كېتىپتۇ. سەنەمجانغا خەتلەر كېلىپ ھارماپتۇ. سەنەمجان جاۋاپ خەت يېزىپ تالماپتۇ. ھەم ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۆمىدسىز قالدۇرماپتۇ. بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار ئىكەن.
بىرىنچىدىن ئۇ شۇنداق ياش ھەم كېلىشكەن يىگىتلەرنىڭ ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماستىنلا خازان بولۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرالمايدىكەن. چۈنكى ئاتا-ئانسى ئۇنى باشقىلار ياردەمگە مۇھتاج بولسا ياردەم قىلىدىغان، باشقىلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھېرىسمەن ئاقكۆڭۈل قىىپ تەربىلەپتىكەن. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئوقۇغان كىتاپلاردا ئادەمنىڭ كۆڭلى دەريادەك كەڭ بولىشى كېرەك دىيىلگەن ئىكەن.
  سەنەمجان مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل ئەقىدە ئىچىدە چوڭ بولغاچقا ئۇنىڭ قەلبى زىمىندىنمۇ، ئاسماندىنمۇ، دېڭىزدىمۇ كەڭرى ئىكەن . شوڭا ئۇنىڭ بىر ئەمەس، ئونمۇ ئەمەس، يۈز يىگىتنىڭ مۇھەببتىمۇ سىغىپ كېتىدىكەن.
  تۇرمۇشتا سەنەمجاننىڭمۇ كاللسىدىن ئۆتمەيدىغان ئىشلارمۇ بار ئىكەن. ئۇ ئويلايدىكەن. مىڭلىغان قويلار بىر يايلاقتا ئەركىن ئوتلىسىمۇ سوقۇشۇپ قالمايدىكەن. مىڭلغان كالىلار بىر يايلاقتا ئوتلىسىمۇ سوقۇشۇپ قالمايدىكەن. يۈزلىگەن ھەرىلەر بىر تال كۆنەكتە خاتىرجەم ياشايدىكەن. مىڭلىغان بېلىقلار بىر دەريادا ياشاپ ئۆز ئارا سوقۇشۇپ قالمايدىكەن. ئەمما بۇ مەكتەپتىكى ئوغۇللار نىمىشقا سەنەمجاننىڭ شۈنچە ئوتلۇق، شۇنچە يالقۇنلۇق مۇھەببىتى بۇ ئوغۇللارغا ئازلىق قىلىدىغاندۇ، ئۇلار نىمىشقا ئۆز ئارا ئۇرۇش-جېدەل قىلىشپ ھايۋانلارمۇ قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغاندۇ؟
  شۇنداق قىلىپ سەنەمجان مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە ھېس-تۇيغۇ، ئۆزگىچە خىيال، ئۆزگىچە ھاياجان بىلەن تولۇقسىز مەكتەپنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە لاياقەتسىز، يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇزدا ياخشى بىر ھالەتتە پۈتتۈرۈپتۇ.
  سەككىزنچى ئايدا دوستلىرنىڭ كۆپلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا مېڭىپتۇ. ئەمما سەنەمجاننىڭ زادىلا ئوقۇغۇسى يوق ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئوقۇشقا كەتسە، يېنىدىكى شارۇلخاندەك رومانتىك، خېرتىكتەك كېلىشكەن. سالمانخاندەك قاماتللىك، ئامىرخاندەك ئوماق يىگىتلەر ئارماندا قالىدىكەن. ھەم ئۇنىڭ خۇددى كىتاپخالتىسى دوستلىرىغا ئوخشاش ئون يىگىرمە يىلغىچە ئوقۇيمەن دەپ يۈرۈپ ۋاختىنى ئىسراپ قىلغۇسى يوقكەن. گەرچە ئۇنىڭ ئاتا-ئانسىنىڭ سەنەمجاننى چوڭ شەھەرلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرىتلىرىدا ئوقۇتقۇسى، ۋەتەنگە ، خەلىققە ، مىللەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلىگۈسى بار بولسىمۇ، ھېچ بولمىسا كەتمەن چېپىپ قوللىرىنى قاداق باسمىسۇن، جاپا تارىتمىسۇن، بىزگە قارىغاندا ياخشىراق كۈن كۆرسۇن دەپ ئويلىسىمۇ ئەمما سەنەمجانىڭ كاجولدەك، مىھادەك، مۇھىنىدەك، ھىندۇدەك، رومانتىك، مۇھەببەتلىك، خىيالى ياشىغۇسى بار ئىكەن.   ئۇنىڭ بۇ خىيالىنى ئاڭلاپ ئاتا-ئانىسى باشلىرىنى ھەسرەتلىك چايقاپتۇ. ئۇ يوق يەردە بىر-بىرىگە قايناپتۇ.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ جەرياندە سەنەمجان نۇرغۇن يىگىتلەر بىلەن يۈرۈپتىمىش، نۇرغۇن يىگىتلەر بىلەن ئارلىشىپتىمىش. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە توي ئىشى دىگەن ئۆمۈرلۈك ئىشكەن. ئالدىراپلا بىرسىنى تاللاشقا، ئۆمۈرنى دوغا تىكشكە بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىگىتلەرنىڭ ئەڭ كېلىشكەن ئەڭ ياخشىسىنى تاپمىسا بولمايدىكەن. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ كاللىسىدا يەنە بىر سۇئال پەيدا بوپتۇ. نىمىشقا بىر قېتىمدىلا تۆت بەش ئەرگە تەڭ تەگكىلى بولميدىغاندۇ؟
  ئۇ ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ ئۆزى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان بىر يىگىت بىلەن تويغا پۈتۈشۈپتۇ. ئاتا-ئانسىنىڭ ئويلاپ قويغان يېرى بار ئىكەن. ئەمما سەنەمجان ئۇلارنىڭ قارارىنى قەتئى رەت قىلىپتۇ. چۈنكى ھازىرقى دەۋىر تەرەققى قىلغان دەۋىركەن، مۇھەبەتلەشمەي تۇرۇپ ئاتا-ئانسى تاللىغان ئادەم بىلەن توي قىلىش ئەخمەقلىق ئىكەن. ئاتا-ئانسى بۇ ئىشتىمۇ يەنىلا سەنەمجاننىڭ رايىغا بېرىپتۇ.
  ئاخىر سەنەمجان توي قىپتۇ. نۇرغۇنلىغان دوستلىرىنى ھەيرەتتە، نۇرغۇنلىغان يىگىتلەرنى داغدا قويۇپ يۈزىگە قىزىل پەرەنجە ئارتىپ ، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن توي ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ يىگىتنىڭ ئۆيگە بېرىپتۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا بۈگۈن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ بەختىلىك بىر كۈن ئىكەن.
  ئەمما ئىش شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەپتۇ. چۈنكى تۇرمۇش دىگەن يەنىلا تۇرمۇش ئىكەن. تۇرمۇشنىڭ ئىشلىرى ھەرگىزمۇ ھىندىستاننىڭ كىنولىرىغا ئوخشاش ئىككى- ئۈچ سائەتتىلا تۈگىمەيدىكەن، شۇنداقلا باش قەھرىمانلار توي قىلغانغىلا ھەممە ئىش ئوڭشلىپ كەتمەيدىكەن.
توي داغدۇغىلىق ئۆتۈپ ئارىدىن ئون كۈندىن كىيىن سەنەمجاننىڭ ھېلىقى ھاياجانلىق تۇيغۇلىرى ئاستا-ئاستا يوقاپتۇ. سەل ئۆمىدىسىزلىنىپتۇ، كۆڭلى يېرىم بولۇشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇنداق ئىكەن.
ئەسلىدە غېرىپجان شارۇلخاندەك رومانتىك بولغان بىلەن پۇلى يوقكەن. خېرتىكتەك كېلىشكەن بولغان بىلەن بىرەر ھۆنىرى يوقكەن، سالمانخاندەك قامەتلىك بولغان بىلەن ئىش بىلەن خوشى يوقكەن، ئامىرخاندەك ئوماق بولغان بىلەن ھاراق ئىچىۋالسا بىر زەمبىل پوققىلا ئايلىنىدىكەن.
  بىر ئايدىن كىيىن سەنەمجان شۇنى بايقاپتۇكى غېرىپجان ئانچە –مۇنچە قىمارمۇ ئويناپ قويىدىكەن. ئۇتتۇرىۋەتكەن كۈنلىرى ھاراقنى بولىشىغا ئىچىۋېلىپ ئۆيگە كېلىپ دەردىنى سەنەمجاندىن ئالىدىكەن. تېخىمۇ قاملاشمىغان يېرى غېرىپجان نەشە چەككەندە چىلىمىغا ئوتنى سەنەمجان يېقىپ بېرىشى شەرىتكەن، ئۇنداق قىلمىسا سەنەمجاننىڭ كۈنى تەسكەن. چۈنكى چۈنكى غېرىپجاننىڭ يەنە چىنزىدەنگە يەتمىسىمۇ چىڭلوڭدىن قېلىشمايدىغان گۇمپا ماھارىتى بار ئىكەن. گومپىلىرىنىڭ ئىچىدە مەس گۇمپىسىغا ھەممىدىن بەك ئۇستا ئىكەن.
بىر كۈنى غېرىپجان قىمار ئويناپتىكەن ئۇتتۇرۋىتىپتۇ. تېخى ئۇ پۇلنىمۇ بىر دوستىدىن ئانام ئاغرىپ قالغان دوختۇرغا ئېلىپ بارمىسام بولمايدۇ دەپ قەرىز ئاپتىكەن. مانا ئەمدى مەيدىسىگە ئىككىنى مۇشتلاپلا يوقىتىپتۇ. ئاندىن بىر تونۇش ھاراقخانىغا كىرىپ ئەرزان ھاراقتىن بىر يەشىكىنى نېسىگە ئېلىپ شۇ يەردىلا بولۇشىغا ئىچىپتۇ. ئاشقىنىنى قولتۇقىغا قىسىپ ئۆيگە كەپتۇ. بۇ چاغدا سائەت ئاللىقاچان ئون ئىككىدىن ئېشىپتىكەن، سەنەمجانمۇ ئۇنى ساقلاپ –ساقلاپ بېقىپ ئاخىر ئۇخلاپ قاپتىكەن.
  غېرىپجان كېلىپ ئىشىكنى قېقىپتۇ. سەنەمجان ئۇيقۇسنى ئېچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستىۋېشىنى ئارتىپ چىقىپ ئىشكىنى ئېچىپ بولغىچە خېلى ۋاق ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ قىش كىرىپ ھاۋا سەل سۇۋۇپ قالغان چاغكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە غېرىپجان يولدا كەلگۈچە نەچچە يىقىلىپ، نەچچە قوپۇپ، توڭۇپ تىتىرەپ ئاران كەپىتكەن. ئەمدى ئايالىنىڭ ۋاختىدا ئىشىكىنى ئاچمىغانلىقى ئۇنىڭ سەل ئوغىسىنى قاينىتىپتۇ. ئىشىك ئېچىلىشىغا ئۇ ئايالىغا گەپمۇ قىلماستىن دەلدەڭشىپ ئۆيگە كىرىپتۇ .بۇ چاغدا مەشنىڭ ئوتى ئۆچۈپ ئۆيمۇ سۇۋۇپ قاپتىكەن،
-ئۆي نىمانچە سوغۇق؟-دەپ ۋارقىراپتۇ غېرىپجان،
-شۇ ئوت ئۆچۈپ قاپتىكەن مەن...
-ئوتۇننى بىر ئاناڭنىڭ ئۆيىدىن ئەكەلمىگەندىكىن ئۆچۈرمىسەڭ بولمامدۇ؟،- سەنەمجان جاۋاپ بېرىپ بولغىچە ئۇچۇپ كەلگەن بىر تەستەك چاڭڭىدە قۇلاق ئارلاش تېگىپ ئۇنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋىتىپتۇ.
-نىمە دەپ ئىشىكىنى ۋاختىدا ئاچماي مېنى ساقلىتىسەن ھە؟،-سەنەمجان يەنە تەستەك يەيدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ چىرايلىق نازۇق قوللىرى بىلەن ئايدەك يۈزلىرىنى توسۇۋاپتىكەن. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئوقتەك ئۇچۇپ كەلگەن بىر پەشۋا ئۇنى ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا تىقىۋىتىپتۇ.
  -ھەي سېنىڭ نەرىڭ خوتۇن،-دەپتۇ غېرىپجان كارىتتىدە بىرنى كىكىرىۋىتىپ،- سېنى مۇشۇنداق بىر ئۆينى ئىسىسىق تۇتۇپ، سىرىتتىن كەلگەندە ئىتنىڭ ئورنىدا ئىشىك ئېچىپ خىزمىتىمنى قىلارمىكىن دەپ ئالمىسام سېنىڭ پوقۇڭ دورىما ماڭا،- دەپتۇ.
  سەنەمجان يىغلىسام ئىچى ئاغرىپ ئاچچىغى يېنىپ قالارمىكىن دەپ ئويلاپ ئەمدى مىچىلداپ تۇرىشىغا، غېرىپجان كايىپتۇ.
-ھەي ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق، نىمىگە مىشىلدايسەن، تايىنلىق مىشىلدا ئەمدى،- غېرىپجان ئەمدى ئۇنى شۇنداق ئۇرغىلى تۇرۇپتىكى سەنەمجان نىمە بولغىنىنى بىلەلمەپتۇ. ئاخىرى يەر-جاھان چۆرگىلىگەندەك بولۇپ سۇپىدا سۇنايلىنىپ يېتىپ قاپتىكەن، غېرىپجانمۇ مۇش-پەشۋالىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىدىلا يېتىپ چالا بوغۇزلانغا كالىدەك خارقىراپ ئۇيقىغا كېتىپتۇ.
  ئەتىسى ئەتتىگەندە سەنەمجان ئورنىدىن تۇرۇپ ئەينەككە قاراپتىكەن. ئاناردەك يۈزىنىڭ ساق يېرى قالماپتۇ. بىقىنىنىڭ بىر يەرلىرى ئاغرىۋاتقىدەك، چاچلىرى چۇۋۇلۇپ بوغۇلمىغان سۈپۈرگىگىلا ئوخشاپ قاپتۇ. قارىسا غېرىپجان ئاخشام ئۇخلىغان يېرىدە تېخىچە مىدىرلىماي يېتىپتۇ.
  سەنەمجان قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر بۈگۈن غېرىپجان بىلەن چرايلىق بىر مۇڭدىشىشى قارارىغا كەپتۇ. چۈنكى ھازىرلا بوپىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئاتا-ئانسىنىڭ ئۆيىگە ماڭاي دىسە، ئەينى چاغدا ئاتا ئانىسىغا‹‹ ئەگەر غېرىپجانغا تەگمىسەم توكىنى تۇتىۋالىمەن. سۇدا ئېقىۋالىمەن. ئوتتا كۆيىۋالىمەن. دورا ئىچىۋالىمەن. تومۇرۇمنى كېسۋالىمەن›› دەپ چىڭ تۇرىۋاپتىكەن. شوڭا ئەمدى ئاجرىشىمەن دىسە، ئانسىغۇ مەيلى ئەمما دادسى ‹‹ مەنمۇ ئېسىىلىپ ئۆلۈۋالىمەن، سەندىن تېنىۋالىمەن. يۇرىتتىن كېتىۋالىمەن ›› دىيىشى تۇرغانلا گەپكەن. چۈنكى ئۇ بىر نەچچە كۈنى بۇرۇن بەزى گەپلەرنى ئانىسىغا دەۋاتقاندا دادىسى ئاڭلاپ قېلىپلا قايناپ كېتىپتىكەن.
  سەنەمجان ئۆينى قايتىدىن رەتلەپ ئۆيدە بار شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ تاتلىق قىلىپ  لەغمەن ئېتىپتۇ. ئاندىن غېرىپجاننى ئويغىتىپ تاماقنى ئالدىغا قويۇپتۇ. غېرىپجاننىڭ قورسىقى راستىنلا بەك ئېچىپ كېتىپتىكەن. ئۇ گەپمۇ قىلماستىنلا لەغمەنگە ھۇجۇم قلىپتۇ. سەنەمجان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىق، كەچلىرى سىرىتتا قونماسلىق توغرىسدىكى گەپلىرىنى ئەمدىلا باشلىغان ئىكەن. غېرىپجاننىڭ قولىدىكى چىنە ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنىڭ قاڭشىرىغا دەل تېگىپتۇ. سەنەمجان ئەلەم ئىچىدە شۇنى بايقاپتۇكى غېرىپجاننىڭ قارىغا ئېتىش ماھارىتىمۇ گۇمپا ماھارىتىدىن قېلىشمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ بىر چىنە لەغمەن سەنەمجاننىڭ ئۈستۋېشىغا بىر كەپتۇ.
  -مېنىڭ گۇناھىم زادى نىمە؟-دەپتۇ سەنەمجان ئاخىرى ئەلەمگە چىدىماي،- سىزنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا مېنى مۇشۇنداق جازالامسىز؟،- بۇ گەپنى ئاڭلاپ غېرىپجاننىڭ ئاچچىغى بىراقلا سەكسەن سەككىزگە چىقىپتۇ.
  -مانا جازا دىگەن،- دەپتۇ غېرىپجان شۇنداق دەپلا ئۇنى قار-يامغۇر ئۇرغىلى تۇرۇپتىكەن، سەنەمجان قولىنى تۇتىۋاپتۇ. غىرىپجان ئەمدى پۇتىنى ئىشقا ساپتۇ. پۇتىغا ئېسىلىۋالغان ئىكەن. قاڭقىپ كەلگەن كاللىغا دۇچ كېلىپ بۇرنى ماكچىيىپ قاپتۇ. دەل شۇ پەيىتتە سەنەمجاننىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كېلىپ يالغاندىن ھۇشىدىن كەتكەن بولۇپ پۇت-قوللىرىنى سوزۇپ يېتىپتىكەن.
  غېرىپجان ئۇرۇشتىن توختاپ چاپىنىنى مۈرىسىگە سېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. سەنەمجان پۇرسەتىنى غەنىمەت بىلىپ بوپىسىنى قولىغا چىققانچە يىغىشتۇرۇپ ئوڭ ئايىغىنى كىيىپ، سول ئايىغنى قولىغا ئېلىپلا ئۆز ئۆيىگە يۈگۈرۈپتۇ.
  بۇ چاغدا سەنەمجاننىڭ ئانسى قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرىۋاتقان ئىكەن. ئۇ قىزىنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قاپتۇ. كۆزلىرىگە ئىخىيارسىز ياش كەپتۇ. كۆز ياشلىرى بۇلاقتەك ئېقىپ تۇرغان قىزنى باغرىغا بېسىپ بىر ھازا يىغلاپتۇ. ئاندىن سەنەمجاننىڭ دادىسى سىرىتتىن كىرىپتۇ. سەنەمجان بولغان ئىشلارنى بىرنى قويماي دەپ بېرىپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
  -بولدى قىزىم. ئاجرىشىپ كەتكىن، ساڭىمۇ خۇدانىڭ بىر كۈنى باردۇ؟-دەپتۇ دادسى بۇ چاغدا دادىسى سەنەمجانغا شۇنچىلىك مىھرىبان، شۈنچىلىك سۆيۈملۈك تۇيۇلۇپتىكى سەنەمجان ئۆزنى تۇتالماي دادىسىنىڭ قۇچىقغا ئۆزنى تاشلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ سەنەمجان توي قىلىپ ئۈچ ئاي بولغاندا ئاجرىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئەمدىلىكتە ئەقلىگە كەلگەنمىش، ئۇ سىڭلىسىغا دەپتۇكى
  ‹‹ سىڭلىم مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغىن، مۇھەببەتلىشىشكە ئالدىراپ كەتمە، جاھاننىڭ يېرىمى ئايال بولسا، قالغان  يېرىمى ئەركىشى، مەن سەندەك چېغىمدىمۇ شۇنداق ئىدى. ھازىرمۇ شۇنداق بۇنىڭدىن كىيىنمۇ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ. ئاۋۋال بىلىم ئال. ئاندىن بىلىم ئال، ئاخىرىدا يەنە بىلىم ئال، بىلىملىك ئاياللار ئەر ئىكەن، بىلىمسىز ئەرلەر ئايال ئىكەن. گۈل قانچە بالدۇر ئېچىلسا، شۇنچە بالدۇر توزۇيدىكەن. مەن توزۇپ بولدۇم. ئەمدى سەن بولساڭمۇ ئېچىلغىن. ئاتا-ئانىمىز، خەلقىمىز، مىللىتىمىز ۋە دۆلىتىمىز ساڭا مۇھتاج، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھتاج ، بۇ سۆزۈمنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمىغىن››

        مەنبە: ئۆزخان 2016.4.9
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-11 10:37:42 | ئايرىم كۆرۈش
يىقىنقى زاماندىكى غېرىپ -سەنەملەرنى تولىمۇ كېلىشتۈرۈپ تەسۋىرلەپسىز . دېمىسىمۇ ھازىرقى غېرىپ بىلەن سەنەمجانلار مۇھەببەتنى ، تۇرمۇشنى پەقەت چۈشەنمەي تۇرۇپلا ئەنە ئاشۇ كۆرۈۋاتقان كورىيە قىسىملىق كىنولىرىدەك ، ھېندىستاننىڭ يالغان كىنولىرىدەكلا ئويلاپ ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ پۇتىغا ئۆزلىرى پالتا ئورۇپ ، ھالەك بۇلىدۇ ، جەمىيەتتە نەگە قارىسىڭىز يىتىم بالىلار ، تول خوتۇن ، تول ئەرلەر ، بۇلۇڭ -پۇشقاقلاردا تۇرمۇشتىن ‹ ئازار › يىگەن  ‹بىچارىلەر› بۇزۇقچۇلۇق قىلىشىپ يۈرگەن ...............................

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-11 15:03:52 | ئايرىم كۆرۈش
ھا ھا ھا    ۋاي نىمدا كۈلكىلىك  تاس قالدى ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ قالغىلى...    پەيزى يېزىۋېتىپسىز .  رەھمەت !
مەن كىم؟

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-4-11 23:24:18 | ئايرىم كۆرۈش
زامانىۋىيلاشتۇرۇپ يېزىپسىز ھە،
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-4-12 23:37:09 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممە  نەرسە  زامانىۋىلىشىپ  كەتتى  دەڭلار    غېرىپتىن-سەنەمگىىچە   ،    
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-4-13 12:29:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇف ...... ھەممە يەرگە قارىسام قىزلارنىڭ  ئاھۇ - زارى ،  يىگىتلەرنىڭ ھاراق ، قىمار ، خوتۇننى ئۇرۇش ...قاتارلىق ناكەسلىكلىرى ....

ھەممە قىزنىڭ  سىڭلىسىغا  مۇشۇنداق تەربىيە بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن :
‹‹ سىڭلىم مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغىن، مۇھەببەتلىشىشكە ئالدىراپ كەتمە، جاھاننىڭ يېرىمى ئايال بولسا، قالغان  يېرىمى ئەركىشى، مەن سەندەك چېغىمدىمۇ شۇنداق ئىدى. ھازىرمۇ شۇنداق بۇنىڭدىن كىيىنمۇ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ. ئاۋۋال بىلىم ئال. ئاندىن بىلىم ئال، ئاخىرىدا يەنە بىلىم ئال، بىلىملىك ئاياللار ئەر ئىكەن، بىلىمسىز ئەرلەر ئايال ئىكەن. گۈل قانچە بالدۇر ئېچىلسا، شۇنچە بالدۇر توزۇيدىكەن. مەن توزۇپ بولدۇم. ئەمدى سەن بولساڭمۇ ئېچىلغىن. ئاتا-ئانىمىز، خەلقىمىز، مىللىتىمىز ۋە دۆلىتىمىز ساڭا مۇھتاج، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھتاج ، بۇ سۆزۈمنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمىغىن››

ئەسەرنى بەك ياخشى يىزىپسىز  ، ئوقۇۋىتىپ شۇنچلىك ھاياجانلاندىم ،  قولىڭىزغا  دەرت كەلمىسۇن !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

8

يازما

21

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1073
يازما سانى:
8
تىللا:
13
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
3 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-27
7#
ۋاقتى: 2016-12-20 13:26:09 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
راسلا ياخشى چىقىپتۇ ، ھازىرقى زاماننىڭ ئ‍اتالمىش غىرىپ سەنەملىرىنى تازا قامچىلاپسىز ، مەزمۇنى مول ئ‍ەسەر بوپتۇ ،  سىز شائىر بولغانكى مۇشۇنى ساتىرا قىلىپ يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمە ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزدىن ئ‍ېيتقاندا  چۇقۇم قىلالايسىز …
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:17 , Processed in 0.135973 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش