|
ياراتقۇچىنىڭ ئىنايىتى بىلەن بۇ روماننىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئۆزۈممۇ شۇنداق بىر ئىچكىر تولۇق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققاچقىمۇ، ۋەياكى ئوقوغۇچىلىق قىسمىتىمگە يىقىن بولغاچقىمۇ بۇ ئەسەرنى ناھايتىمۇ قىزىقىپ ھەم چۆكۈپ ئوقۇدۇم. نۇرغۇن جايلىرىنى ئوقۇپ كىتىۋىتىپ شۇ قۇرلاردىن ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولدۇم.
ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئەسەرگە شۇنداقلا مۇختەر ۋە ئايقىزدىن ئىبارەت ئىككى باش پىرسوناژغا قايتىدىن تەپەككۇر تامچىلىرىمنى ئاغدۇردۇم. چوڭ شەھەر كۆرۈپ باقمىغان ئاددىي-ساددا ، قەلبى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولغان ھەم ئىللىق ئائىلە پۈتۈنلىكىگە تەشنا بولىۋاتقان مۇختەر تەقدىر-قىسمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن يىراق بىر يۇرتتا ،كىچىكىدىن باشلاپ شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئاتا-ئانا مېھرىگە قىنىپ تۇرسىمۇ لىكىن جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك تۈپەيلى ھەقىقىي دوستلۇقتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان ، كۆڭلى سەھراغا ئىنتىلىدىغان ئاقكۆڭۈل، ئەقىللىق قىز ئايقىز بىلەن تونۇش قىلىپ تۆت يىل ھايات مۇساپىسىنىتاماملىدى.
باشتا ئوقۇپ كىتىۋىتىپ مۇختەر زورىغا تارتىنىپ قىلىۋاتقاندەك ، ئايقىزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن مۇختەرنى ئىزدىشى ئېھتىياج تۈپەيلىدىنلا بولغاندەك تۇيۇلدى. لىكىن ئوقۇپ كىتىۋىپ ئۇلارنىڭ ياشاپ ئۆتكەن مۇھىتنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە، بۇ تەسۋىرلەرنىڭ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تولىمۇ تەبئىي ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولۇشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
روماننىڭ بىرىنچى قىسمى خېلى ئۇتۇقلۇق تاماملىنىپتۇ، باشقىلارمۇ ھېس قىلىپ يەتكىنىدەك، ئەسەرنىڭ بايان ۋە تەسۋىرلەش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپلا قالماي، يەنە سۆزلەرنىمۇ ناھايتى جايىدا ئىشلەتكەن،شۇڭا بۇ تەرەپلەر توغرىسىدا ئارتۇق توختالماي.
بىز ئىنسان بولغۇچى ئۆز بىشىمىزدىن ئۆتمىگەن بەزىبىر ئىشلارنىڭ تۇرمۇشتا يۈز بىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەنمىز ياكى سۈنئىيدەك ھېس قىلىدىكەنمىز. لىكىن كاللىمىزنى سەل سىلكىۋىتىپ ئويلايدىغان بولساق تۇرمۇشنىڭ مەنىسى دەل ئوخشىمىغان كىشىنىڭ ئوخشىمىغان قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولىشىدۇر. شۇڭا بۇ ئەسەردە سۈنئىيلىك باردەك ھېس قىلمىدىم.
ئەمدى سىلەردىن كۈتىدىغىنىم كىيىنكى بۆلەكلەردىكى مەزمۇن كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلىقىغا كۈچىسەڭلا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىرسوناژ ئوبرازىنى تىل ۋە تەسۋىر ئارقىلىقلا ئىپادىلىمەستىن، يانداشما پىرسوناژنىڭ خاراكتىرى ۋە سۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق باش پىرسوناژنىڭ ھەرخىل ئالاھىدىلىكلىرىنى يورۇتۇپ بىرىشكە تىرىشساڭلا دېگەن ئۈمىدتىمەن. ئەگەر بىلىمسىزلىك تۈپەيلى ئارتۇق ياكى خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلغايسىلەر. مەنمۇ بىر ئۆگەنگۈچى خالاس……
ئەڭ ئاخىرىدا ئەسىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىغا تىلەكداشمەن. سىلەرگە ئاسايىشلىق ۋە بەرىكەت يار بولسۇن. |
|
|
|
|
|
|