ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 189|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئانامدەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

44

يازما

705

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 500
يازما سانى:
44
تىللا:
661
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-26

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ماڭا كۆيۈپ يۈرگەنلەر كۆيەلمەسكەن ئانامدەك ،
مېنى ئەسلا يۈرەكتىن سۆيەلمەسكەن ئانامدەك .
مەن يىغلىسام يۈرىكى پارە بولۇپ مەن ئۈچۈن ،
بەخىت تاپسام شادلىنىپ كۈلەلمەسكەن ئانامدىك.

قىيامەتلىك دوستۇم دەپ ئىشەنگىنىم سىردىشىم ،
سىرلىرىمنى كۆڭلىگە كۆمەلمەسكەن ئانامدەك .
سېنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىن كېچىمەن دەپ يۈرگەنلەر ،
ۋاقتى كەلسە مەن ئۈچۈن ئۆلەلمەسكەن ئانامدەك .

ئاكا-ئۇكا قېرىنداش بىر بولسىمۇ قېنىمىز ،
ئاغرىپ ياتسام بېشىمدا تۈنەلمەسكەن ئانامدەك .
بىر ياستۇققا باش قويغان ئايالىم ھەم بالاممۇ ،
مۇشەقەتتە ۋايسىماي ئۆتەلمەسكەن ئانامدەك .

مېنى ھەر يان ئۇچۇرسا بۇ ھاياتنىڭ بورانى ،
ھېچكىم ماڭا ئەگىشىپ كېتەلمەسكەن ئانامدەك .
بەخت مەندىن يىراقلاپ زىمىستانغا يۈزلەنسەم ،
كېلەر بىر كۈن باھار دەپ كۈتەلمەسكەن ئانامدەك .

نەپ ئالغاندا مېنىڭدىن پەرۋانە بوپ يۈرگەنلەر ،
چاڭقىغاندا ئۇسسۇزلۇق بېرەلمەسكەن ئانامدەك .
تەغدىر دېگەن باغرى تاش كۆزلىرىمنى ياشلىسا ،
ئالقىنىدا يېشىمنى سۈرتەلمەسكەن ئانامدەك .

ئانا دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئىكەن ئەسلىدە ،
بۇ دۇنياغا قىممەتلىك مېھمان ئىكەن ئەسلىدە .
پەرزەنت ئۈچۈن يېقىلغان گۈلخان ئىكەن ئەسلىدە ،
مېنى جاندىن ئەزىزرەك كۆرەلمەسكەن ئانامدەك .


( شېئىر مېنىڭ ئەمەس ، مەن پەقەت ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاپ تېكىستىنى قېتىپ قويدۇم ،مۇشۇنداق ئېسىل شېئىرنى بىزگە سۇنغان قېرىندىشىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن ، ئىگەن بارلىق ئانىلىرىمىزنىڭ رۇخسارىنى قايغۇ غەمدىن يىراق قىلغاي .)
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-12-26 11:32:39 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەر باش بېتىدە بارغۇ دەيمەن بۇ شېئىر،ھەقىقەتەن ئېسىل شېئىر بۇ.سىزمۇ يوقاپلا كەتكەنتىڭىز مۇنبەردىن مانا ئېسىل شوۋغىدىن بىرنى كۆتۈرۈپلا كەپسىز.پات -پات كۆرۈپ تۇرايلى تېما-ئىنكاسلاردا
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

8

تېما

284

يازما

1207

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 751
يازما سانى:
284
تىللا:
893
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
230 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-11
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-26 11:43:03 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋازلىق نۇسخىسىنىمۇ بىلە قېتىپ يوللىماپسىز مۇنبەرگە.ئەمما ئوقۇسا-ئوقۇسا قانمايدىغان ياخشى ئەسەر بۇ.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
ئادەمنى خار قىلىدىغىنىمۇ نىيەت،ئەزىز قىلدىغىنىمۇ نىيەت.

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-28 12:06:41 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ياقتۇرىمەن بۇ شېئىرنى . ئاڭلىسا -ئاڭلىسا ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ كىشىنىڭ . رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:52 , Processed in 0.131520 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش