ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەدىمقى يەر-جاي نامىلىرىغا ئىزاھات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

قەدىمقى يەر-جاي نامىلىرىغا ئىزاھات


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، تارىخى ئەسەرلەرنى ئوقۇش جەريانىدا قەدىمقى يەر-جاي ناملىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ . شۇ ئاتالغان جاي ناملىرىنىڭ ھازىرقى قەيەر ئىكەنلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش ئوقىغان ئەسىرىمىزنى تولۇق چۇشىنىشىمىز ئۇچۇن تولىمۇ زورۇر، شۇڭا يۇقارقى يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئىزاھلىنىشىنى يوللاپ قويدۇم.
قىرىنداشلارنىڭ بىلىدىغان، تىمىدا ئاتالمىغان جاي ناملىرىنى ئىنكاسقا يوللاپ قويساڭلار پايدىلىق ئىش بولاتتى دەپ ئويلايمەن.
                        
ھۆرمەت بىلەن : مۇناجات


1. ئارتۇچ – ئاتۇش
2.    بالاساغۇن— قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنوبىغا توغرا  كېلىدۇ.( ئوردۇ بالىق دەپمۇ، قۇز ئوردۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان)
3.    ئوردۇ كەنت– قەشقەرنى كورسىتىدۇ (قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ يەنە بىر  پايتەختى بولغان)
4.    ماۋراھۇننەھىر– ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىر ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى جايلارنىڭ ئومۇمى نامى
5.    ئالمالىق– ھازىرقى قورغاس ئەتراپى
6.    كېرمان– ئۆزبىكىستاندىكى بۇخارانىڭ شەرقىي شىمالى
7.    ئېۋىرغۇل– قۇمۇل
8.    پىشامشان–ھازىرقى چارقىلىق ناھىيسى دائىرىسىدە
9.    سارسۇمبىيە – ھازىرقى ئالتاي ناھىيسى
10.    خۇراسان – قەدىمكى زاماندا ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىي ۋە غەربىي شىمالى قىسمى، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنوبىدىكى جايلارنىڭ جۇغراپىيلىك نامى بۇلۇپ ھازىرقى ئافغانىستاندىكى بىر چوڭ شەھەرنىڭ نامى

11.    شاش– تاشكەنت
12.    مىرەن – چارقىلىق ناھىيسىنىڭ دائىرىسىدىكى زىمىن
13.    سۇلى – قەشقەر ( خەن، تاڭ دەۋرلىرىدىكى ئاتىلىشى)
14.    ئۇدۇن– خوتەن
15.    قۇجۇ – تۇرپان
16.    شەنشەنتەن – كورلا ئەتراپىدا
17.    چىيان – ئېھتىمال ھازىرقى قاراماي
18.    ئۈرۈمتاي– ئۇرۇمچى ئەتراپى
19.    چىدىر– كورلىنىڭ غەربىي جەنوبىدا
20.    كۈسەن – كۇچا  ( خەن، تاڭ دەۋرلىرىدىكى ئاتىلىشى)
21.    قۇم –  ئاقسۇ
22.    بەدەخشان – ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ۋۇز راباد
23.    تۈمەنبالىق– ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ ۋۇيۇەن ناھىيسى
24.    سوياب دەرياسى – ھازىرقى چۇ دەرياسى
25.    بېشبالىق – جىمسار
26.    ئورۇياپ – بۈگۈرنىڭ شەرقىي شىمالى
27.    توخارىستان– باكتىرىيە يەنى ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالى
28.    فەرغانە – ئۆزبىكىستاننىڭ شەھىرى
29.    ئۇرخۇن دەرياسى– مۇڭغۇلىيە تەۋەسىدە
30.    مەرۋ، بەلىخ، نىشاپۇر، رەي شەھەرلىرى چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن خارابە ھالىتىدە قالدى، بىر نەچچە ئەسىرلەردىن كېيىن بۇ خارابىلەردىن بىر نەچچە كېلومىتىر يىراقلىقتا تېھران شەھىرى قەد كۇتۇردى.( سەمەرقەند دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى)
31.    ماڭلاي سۆيەر – جەنوبى شىنجاڭ
32.    يەتتىسۇ رايۇنى – ھازىرقى بالقاش كۆلىنىڭ جەنوبى
33.    يەتتە شەھەر– بەزى ئەسەرلەردە ھازىرقى تىيانشان تاغلىرىنىڭ جەنوبىدىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كورلا، كۇچا  قاتارلىق شەھەرلەر كۆزدە تۇتۇلسا ، بەزى ئەسەرلەردە قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا، كۇچا قاتارلىق شەھەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «تارىخىي ھەمىدى» دە بولسا  قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان،  كۇچا، تۇرپان قاتارلىق يەتتە شەھەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.ھازىر بۇ رايۇنلار ئالتە شەھەر دەپ ئاتىلىدۇ.
34.     ئىسپاھان – ھازىرقى ئىراننىڭ بىر شەھىرى
35.    بارىسكۆل – ھازىرقى بارىكۆل ناھىيەسى
36.    كېتىك – ھازىرقى چەرچەن ناھىيسى تەۋەسىدە
37.    بابىل – قەدىمكى بابىلنىڭ پايتەختى ئۇنىڭ خارابىسى ھازىرقى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات شەھىرىدىن توقسان ئۈچ كىلومېتىر يىراق.
38.    كونىستانتىنوپول – ئىستانبول
39.    ئەنەتكەك – ھىندىستان
40.    پىرسىيە– ئىران
41.    رۇم– قەدىمكى ئىتالىيىدىكى رىم
42.    ئەندەلۇس– قەدىمكى ئىسپانىيە
43.    شام– ھازىرقى سۈرىيە
44.    خانبالىق – بېيجىڭ
45.    بارىسغان– ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ جەنوبى قىرغىقىغا ۋە يىپەك يولىنىڭ بويىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر.ھازىر قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدىكى مەزكۇر رايۇندا بارىسقۇن ناملىق بىر يېزا بۇلۇپ بۇ يېزىنىڭ نامى بارىسغان شەھىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن(شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن يازغان مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە دىۋانۇ لۇغاتىت تۇرك ناملىق كىتاپتىن)
46.    بەدرە– ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارايدۇ
47.    ئوممان–ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنوبىدىكى جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى
48.    پارىس– ئىران رايۇنى ۋە ئىراندا ياشايدىغان پارىس تىلىدا سوزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيلىك ۋە ئېتنىك نامى
50.بارچۇق___ مارالبېشى.
51.ساكارائۇل ___ يەركەنت.
52.سوللاغ __ قەشقەر.
53.كىنگىت __ قاراشەھەر
54.خوتونسۇمبول -- خىجىڭ
55.توققۇسسۇ--- شىڭخا
56.چانبالىق ---   سانجى
57.ئەردەۋىل --- (ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئاقسۇنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى)

58. قوردان---(خوتەننىڭ تارىخنامىلەردە يەنە بىر خىل ئاتىلىشى)

[تىما يوللىغۇچى ئىزاھاتى] : دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر،جايناملىرىغا ئۇلىنىپ كەلگەن ‹‹ بالىق ›› قوشۇمچىسى ‹‹ شەھەر، قورغان..›› دىگەن مەنىدە.

مەنبە: بىرقىسمى ئەلكۇيى مۇنبىرىدىن ۋە توردۇنياسىدىن توپلاندى.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-1-6 15:53:18 | ئايرىم كۆرۈش
بىلۋالدىم ،كۆپ رەھمەت!
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

0

تېما

33

يازما

417

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 382
يازما سانى:
33
تىللا:
294
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
118 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-7
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-1-7 11:03:19 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت تارىخى ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا بەزى جايلارنىڭ قەيەرنى كۆرستىدىغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرۈۋدىم   ئەمدى ياخشى بولدى

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-1-7 13:08:01 | ئايرىم كۆرۈش
ساقلىۋالغۇدەك   مۇھىم  تىما  ئەكەپسىز  ،  رەھمە ت!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-1-7 22:16:40 | ئايرىم كۆرۈش
پاسئان -گۇما
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-1-8 08:49:01 | ئايرىم كۆرۈش
باھادىرنامىنى يەنە بىر ئوقۇغۇم كەلدىغۇ بۇ تېمىنى كۆرۈپ ..........
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

20

تېما

329

يازما

2250

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 359
يازما سانى:
329
تىللا:
1736
تۆھپە:
60
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
168 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-2
7#
ۋاقتى: 2015-1-9 15:26:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەۋھۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 15:31  

رۇم-(1) ھازىرقى تۈركىيىنىڭ قەدىمقى نامى، بەزى رىۋايەتلەردە رۇم شەھىرىنى(ئىستامبولنى) رۇم بىننى ئەيىس بىننى ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بىنا قىلغان دەپ بايان قىلىنىدۇ. (2) رۇم ئەسلىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 753-يىلى تەخىتكە چىققان ئىمپېراتۇرلىقىنىڭ تۇنجى ئىمپېراتۇرى رۇمۇلۇس تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىر شەھەر بۇلۇپ، كىيىنچە پۈتۈن رۇم (رۇما) ئىمپېراتۇرلىقىنىڭ دۆلەت نامى بۇلۇپ قالغانىدى. رۇما ئىمپېراتۇرلىقى پارچىلانغاندىن كىيىن، بەزىدە ئۇنىڭ غەربى تەرىپى،بەزىدە شەرقى تەرىپىنىڭ نامى بۇلۇپ قالدى. بۇلۇپمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 389-يىلى فەرەڭلەر(ياۋرۇپالىقلار) ئۇنىڭ غەربى قىسمىنى ئىگىلىگەندىن كىيىن، «رۇم» سۈزى ئاساسەن ئۇنىڭ شەرقى يەنى ئاسىيا قىسمىنىڭ نامى بۇلۇپ قالدى.

شام- سۈرىيەدىكى بىر شەھەرنىڭ نامى (ھازىرقى دەمەشق)

شەھرى كىرمان- كىرمان شەھىرى، ھازىرقى ئىراننىڭ كىرمان ئۆلكىسى، قەدىمى شەھەر ئىراننىڭ جەنۇبى قىسمىدا.

مەشرىق-ئەرەپلەرنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى رايۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

جەيھۇن- ئامۇ دەرياسىنىڭ قەدىمكى نامى.

سەيھۇن- سىر دەرياسىنىڭ قەدىمكى نامى.

ئەنتاكىيە-ھازىرقى تۈكىيىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان قەدىمىي بىر شەھەرنىڭ نامى.

شەھىرى غەددار- ئوتتۇرا شەرىقتىكى قەدىمىي شەھەر.

ھەمەدان- ھازىرقى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى.

شەھىرى قەزۋىن- ئىراننىڭ غەربىي قىسمىدىكى قەدىمى بىر شەھەرنىڭ نامى.

ئەدەن- يەمەندە ئەڭ ياخشى مەرۋايىتى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر ئارالنىڭ نامى.

دەريايى كوھەڭ، (كوھەك)- سەمەرقەنت ئەتراپىدىن ئاقىدىغان زەرەپشان دەرياسىنىڭ قەدىمكى نامى.
قۇلزۇم- قىزىل دېڭىز.

باختەر- بەلخ شەھرىنىڭ قەدىمكى نامى.


    مەنبە «ئىسكەندەرنامە» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +10 بايلىق +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
مۇناجات + 10 + 10 + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

غىلاپتىن چىقمىغان خەنجەردىن، يىپ ئۆتكۈزۈلگەن ژىڭنە ياخشى.

20

تېما

329

يازما

2250

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 359
يازما سانى:
329
تىللا:
1736
تۆھپە:
60
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
168 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-2
8#
ۋاقتى: 2015-1-9 15:36:02 | ئايرىم كۆرۈش
  ئەردەۋىل--- قايسى كىتاپتا يېزىلغىنى ئىسىمدە قالماپتۇ، لىكىن مەنىسىنى «دىۋىلەر ماكانى» دەپ چۈشەندۈرۈش بەرگىنى ئېنىق ئىسىمدە.
غىلاپتىن چىقمىغان خەنجەردىن، يىپ ئۆتكۈزۈلگەن ژىڭنە ياخشى.

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-1-9 17:17:29 | ئايرىم كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام رەھمەت ، بىلمىگەنلىرىمىزنى بىلىۋالدۇق كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلدىڭىز ، تەشەككۈر.
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-1-9 17:17:55 | ئايرىم كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام رەھمەت ، بىلمىگەنلىرىمىزنى بىلىۋالدۇق كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلدىڭىز ، تەشەككۈر.
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:13 , Processed in 0.132746 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش