ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 675|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يىتىملار.(zohra)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

48

يازما

273

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1028
يازما سانى:
48
تىللا:
215
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-10

جانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-1 18:09  

                             يىتىملار             
(ھىكايە)


-ئ‍اكا  ،ئ‍اكا …
ئ‍ىشىكنىڭ ئ‍ەنسىز  تاراقلىشى  بىلەن تەڭ ،بىرسىنىڭ  ھاسىراپ تۇرۇپ تولىغان ئ‍اۋازىدىن    دىققىتىم چىچىلىپ ،كۆرىۋاتقان  ماتىريالىمنى    قويدۇمدە ،ئ‍ايىغىمنى كىيىپ   ئ‍ىشىكنى ئ‍اچتىم.
ئ‍ىشىك تۈۋىدە    تىخى بايىلا مەكتەپكە   ماڭدىم دەپ بىز بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتكەن سىڭلىم  رەيھان  تۇراتتى .
كۆڭلۈم  بىر قىسمىلا بولۇپ    سورىدىم ،
- نىمە بولدى ، بۇنچە بوپ  كەتكۈدەك ،؟
-ئ‍اكا  …م … مۇستافانى   موتسىكىلىت  سوقۇۋەتتى .
مەڭدەپلا قالدىم ،قايسى مۇستافانى  سوقۇۋەتتى،

-ھىلىقى ئ‍ابدۇكىرەم ئ‍اخۇننىڭ    ئ‍وغلى مۇستافا '،
دەماللىققا ئ‍ەسكە ئ‍الالماي  تۇرۇپ قالدىم
-پەخىردىننىڭ ئ‍ىنىسى ،ئ‍ىچكىرگە چىقىپ كەتكەن    پەخىردىننى  بىلىسەنغۇ '؟
-ھە   … ئ‍ىسىمگە كەلدى   ،نەدە سۇقۇۋەتتى ،دىمەمسە تىزراق ؟
-،كەنىت ئ‍ىغىزىدىكى ،كوچا ئ‍ابتۇبۇسنىڭ   بىكىتى ئ‍ۇدۇلىدا   ،  دادىىسىغا خەۋەر قىپ قويىلى  .

ئ‍ۆيدىكىلەر چوڭ  ئ‍ۆيگە كەتكەن ئ‍ىدى ،تىلفۇننى تاغامغا ئ‍ۇلىدىم دە خەۋەر قىلىشنى تاپىلىدىم ،ئ‍ۇنىڭ ئ‍ۆيى   ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇننىڭ ئ‍ۆيىگە يىقىن ئ‍ىدى ،
موتىسىكىلىتىمنى ھەيدەپ     ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا  چىقتۇق،
ئ‍ونغا  يىقىن  قىز -ئوغۇل  ئ‍وقۇغۇچىلار    بىشىنى ساڭگىلىتىپ  قاراپ  تۇراتتى .قىش  پەسلى بولغاچقىمۇ ،بۇ ئ‍ەتتىگەندە ، مۇستافانىڭ قىشىدا ،ئ‍وقۇغۇچىلاردىن باشقا  بىرەر  چوڭ كىشى كۆرۈنمەيتتى
مۇستافا  چوڭ يولنىڭ  قاق ئ‍وتتۇرىسىدا ، قانغا مىلەنگەن ھالەتتە ياتاتتى ،  پۇتىدىكى ئ‍اياغنىڭ بىر پىيى   يوق  ، سوقۇلىشنىڭ زەربىسىدە     چۈشۈپ قالدىمىكىن ،
يۈرىكىم  قارتتىدە قىلدى ،يۈگرەپ باردىمدە   ئ‍ۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ،بىشىنى ئ‍استا يۆلىدىم .
يولدىن مىڭىۋاتقان ماشىنىلاردىكى كىشىلەر ،دىرىزە ئ‍ەينەكلىرىنى چۈشۈرۈپ ،ھەم ھەيرانلىق ،ھەم ھىسداشلىق قىلىش نەزەرلىرىدە ئ‍ۆتغپ كىتىشەتتى.
-ھاي .ھاي  نىمە قىلىۋاتىلا ،نەق مەيداننى بوزىۋەتمىسىلە ،سىلە ئ‍ىگە بولاپ  بولاممايدىلا .دىدى بىرى خىرقىراق ئ‍اۋازى بىلەن ،
شۇ تەرەپكە قارىدىم  ، بايا دىققەت قىلمىغانكەنمەن،سۆزلەۋاتقىنى پاكىنەك ئ‍ەمما سىمىز ،چىرايى قارامتۇل، بومبۇر ساقال كىشى ئ‍ىدى  يىگىرمە مىتىر نىرىسىدا ،   خاۋجۈ ماركىلىق   موتىسىكىلىت ياتاتتى ،
ياشراق كەلگەن  بىر بالا    توك خادىسى  تۈۋىدە يەرگە بىقىپ ئ‍ولتۇراتتى .
-ھە   ھادىسىنىڭ سەۋەبچىسى سىلىكەنلىدە؟
ھىلىقى سىمىز   ساقاللىق كىشى سەل قىزارغاندەك بولدىيۇ    لىكىن  
-تەقدىر پىشانە  ئ‍ۇكام   ،بىز ئ‍ۇياقتىن كىلىۋاتساق  بۇ بالا بۇ ياقتىن  يۈگرەپ چىقىپ …
-شۇنىڭ بىلەن  سىلە  سوقۇپ ئ‍ون نەچچە مىتىر   نىرىغا دومىلىتىۋەتتىم دىسىلە "!
-ئ‍ۇ بالا ئ‍ۆزى    يۈگۈرەپ چىقىپ سوقۇلدى ،
-بولدى "! ئ‍اچچىقىمدا ۋارقىرىۋەتتىم ،
بالىنى   دوختۇرخانىغا   ئ‍اپىرايلى   ،ماشىنا  توختاتسىلا .
ساقاللىق كىشى    تىلىنى چايناپ،
-جىياۋتۇڭ دىن ئ‍ادەم كىلىپ ئ‍ايرىپ قويماقچى  ،نەق مەيداننى  بۇزىۋەتسەك  بولماس ، سىلىمۇ …
-سىلىگە جاننىڭ كىرىكى بولسا    ماۋۇ بالىنى  دەرھال  دۇختۇرخانىغا  ئ‍ەپ ماڭسىلا،
ئ‍ۇۋالىغا قالمىسىلا يەنە ، جىياۋتۇڭدىن ئ‍ادەم كەلسىمۇ     ئ‍ايرىيدىغاننى ئ‍ايرىۋىرىدۇ.
-… بالىنىڭ  دادىسى …  ساقاللىق تىلىنى چايناپ  بىزىرىپ تۇراتتى

   موتىسىكىىتنىڭ سىگىنالى  ئ‍اڭلاندى ،   تاغام   ئ‍ابدۇكىرەم ئ‍اخۇننى  ئ‍ىلىپ چىققانىدى
  ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇن    تۆگىدەك بوزلاپ   يىغلاپ بالىسنى   قۇچىقىغا ئ‍الدى  . كۆزلىرىدىن ئ‍اققان    ياش   مۇستافانىڭ يۈزىىگە   ساقىپ چۈشمەكتە ئ‍ىدى ،. ھىلىقى كىشى كىلىپ كۆرۈشۈپ   تەسەللي  ئ‍ىيتىپمۇ  قويمىدى .      
     ساقىلى بىر تۇتام كىلىدىغان بۇ قىزىل كۆزكىشى كۆزۈمگە شۇنچە سەت كۆرۈنۈپ كەتتىكى ،ئ‍ىچىمدە نەچچىنى تىللىۋەتتىم ،
  -بولدى ئ‍اكا      بالىنى ۋاقتىدا  دوختۇرخانىغا ئاپىرىلى ،
  ماشىنا   توستۇم ،
  ماشىنىلار ھىچ  توختايدىغاندەك  ئ‍ەمەس ،
تىلفۇن نۇمۇرىنى   ئ‍ىزدەشتۈرۈپ  شوپۇرلارنىڭ بىرىگە  تىلفۇن ئ‍الاي دەپ  تەمشەلگىنىمدە    ،بىر ماشىنا توختدى ،نىرى بىرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا     بالىنى  ماشىنىغا ئ‍الدۇق ، قالغان بىر پاي ‍
  ئ‍ايىغىنى  سالدۇرۋەتمەكچى بولغاندا ،
  كۆزلىرىم يەنە  مۇستافانىڭ پۇتىغا چۈشتى .
  مۇشۇ بىرىنچى ئ‍ايدا ، مۇشۇ قەھرىتان قىشتا ،ئ‍ۇنىڭ پۇتىدا     پايپاقمۇ  يوق ،كىيمى  شۇنچە يىلىڭ ،ئ‍ۆپكەم ئ‍ۆرۈلۈپ ،كۆزلىرىمگە ياش كەلدى  ،
-  بولدى ماڭسىلا ،   
سىلىمۇ بىللە   ماڭامدىلا  يا ؟
ساقاللىققا قارىدىم ،
-جىياۋتۇڭدىن ئ‍ادەم كىرسە  مەن تۆپىدە
تۇرمىسام  بولماس  ،
-سىلى بولمىسىلا رەسىمگە تارتالماي قالارمۇ  يەنە   
ساقاللىققا بىرنى ئ‍الايدىمدە
خوش ئ‍اللاھقا ئ‍امانەت ماڭسىلا ،ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇنغا قاراپ
ئ‍ىشىكىنى يىپىۋەتتىم .
ماشىنا   غۇيۇلداپ  مىڭىپ يىراقلاپ كەتتى ،
بالىلار  تىخىچە  مەكتەپكە مىڭىشمىغانىدى ،
ماشىنا  توسۇپ ئ‍ۇلارنى  بىر -بىرلەپ يولغا سىلىۋەتتىم .

ئ‍ادەملەر   بىردىن - ئ‍ىككىدىن  توپلانماقتا،    ھەركىم ھەرخىل سۆزلەپ  مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتى ، ھىلىقى ساقاللىق  بولسا ئ‍ۆز گىپىنى يورغىلىتىپ ، مۇستافانى موتسىكىلىتنىڭ ئ‍الدىغا ئ‍ۆزنى ئ‍ىتىۋالغان    قاتارغا چىقىرىپ  بولدى .  ساقاللىقنىڭ بالىسى بولسا    كىرەك ،   باياتىن بىرى ھچ ئ‍ىشقا    يىقىن كەلمەي    يەرنى جىجاپ ئ‍ولتۇرغان بالىمۇ   ئ‍ادەملەر توپىغا قىتىلدى .
ياشراق بىر ئ‍ايال   ھەدەپ  يىغلاپ ،سۆزلىمەكتە ئ‍ىدى،
-بىچارە بالام  ،ئەتتىگەندە  مەكتەپكە ئ‍ۈلگىرەلمەي  قالىمە دەپ    ھۈ ھۈ   …  تۈزۈك ناشتىمۇ قىماي    چىقىپ كەتكەن ھۈ ھۈ…

  تاغامنىڭ ئ‍ىيتىشىچە ،ئ‍ۇ ئ‍ايال     تاغلىق كەنىتتىن ئ‍ىكەن ،
  ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇننىڭ  ئ‍ايالى تۈگەپ كەتكەندىن   ئ‍الغان ئ خوتۇنى .
ئ‍ۇ ئ‍ايال   تويدىن كىيىن
  ئ‍ۈچ بالىسىنى  ئەگەشتۈرۈپ   كىلىپ  ئ‍ولتۇرۇپتۇ،
    ھەم ھازازۇل ، ئ‍ۇرۇشقاق،  ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇننىڭ بۇرۇنقى  بالىلىرىغا ئ‍ۆگەيلىك قىلارمىش …
   
    يەنە نىمە گەپلەرنى  ئ‍اڭلايتتىمكىن ،  ئ‍ەمما     جىياۋتۇڭنىڭ ماشىنىسى  كىلىپ  پارىڭىمىزنى ئ‍ۈزدى ،  
     قاتناش ساقچىلىرى    نەق  مەيداننى رەسىمگە  تارتىپ ، ئ‍ەھۋال ئ‍ىگەللەپ ، خاتىرە قالدۇرۇپ   ئ‍اندىن   ماڭماقچى بولوپ ماشىنىغا چىقىۋاتقاندا     ھىلىقى ساقاللىق  بىرسىنىڭ پىشىدىن تارتىپ
     -   ئ‍وبدان سوجاڭ   ئ‍ەنزىنى   ئ‍وبدان سوراپ  قويارلا ،بىزمۇ قاراپ تۇماسمىز ،
     ھىلىقى   كىشى    ساقاللىققا قاراپ
     -سىلى خاتىرجەم بولسىلا ،دىمىسىلمۇ  ئ‍ەنزىنى  ئ‍ىنىقلاپ كىمدە گۇناھ بولسا  شۇنىڭ مەسئۇلىيىتى   سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
     ساقاللىق  غەلىتە ھىجىيىپ  رەھمەت  سوجاڭ   دەپ ئ‍ىگىلدى '
     ساقاللىق  كىشى   بالىسى بىلەن موتىسىكىلىتنى  يۆلەشتۈرۈپ ،مىنىپ بىقىپ  ساقلىقىنى پەملەپ ،كىتىپ قالدى .
     ساقاللىق   كەتكەندىن كىيىن ،  تاغام بىلەن يىقىنراق يەردىكى بىر ئ‍ۆيدىن قايناق سۇ  سوراپ چىقىپ ، يولدىكى قاننى  تازىلىۋەتتۇق. قان خىلى   جىق چىقىپ كەتكەنىدى  
ئ‍ۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كىيىنمۇ  ئ‍ەس -يادىم  بىچارە مۇستافادىن نىرى بولمىدى .
بالىلار ھەر ھەپتىنىڭ  جۈمە كۈنى  ،  مەكتەپكە   بارىدىغان بولغاچقا  ، كوچا ئ‍اپتۇبۇسى   ماڭمىغان ۋاقىتلاردا ،بىرەر كىلومىتىر يولنى پىيادە  بىسىپ كەنتىگە كىرىدىغان چوڭ يول ئ‍ىغىزىغا چىقىپ ،يولدىن  ئ‍ۆتكەن ماشىنىلارنى     بىر بىرلەپ توسۇپ  باقاتتى ، ئ‍ىنسابلىق   شوپۇرلار ،ياكى   ماشىنىسى بار خىزمەتچىلەر     ئ‍ۇچراپ قالسا ئ‍الغاچ كىتىشەتتى ،،بولمىسا  شۇ يەردە تەلىيىگە بىرەر ماشىنا  توختىغىچە  سوغۇقتا  ، پۇتلىرىنى يەرگە چالغىنىچە     ئ‍ۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ    ،ئ‍ازراق بولسىمۇ ئ‍ىسسىنىۋىلىشنىڭ كويدا  بولاتتى .
بەلكى   شۇ چاغدا ،مۇستافامۇ   يۈگرەپ پۇتلىرىنى ئ‍ىسسىتىۋالماقچى  بولغىيدى ،
  ئ‍ۇنىڭ  يىلىڭ كىيىمى ،  پايپاقسىز پۇتىدىكى ئەبجەق ئايىغى …
  ئ‍ويلىغانچە ئ‍ىچىم ئ‍اچچىق بوپ كەتتى ،
    يىتىملار توغۇرلۇق كىنۇ فىلىم ،ھىكايە چۆچەكلەرنى ئ‍اڭلىغان بولساممۇ ئەمما ،مەھەللىمىزدە    مۇنداق   ئ‍ەسكى خوتۇننىڭ بارلىقىنى   ئ‍ەمدىلەتىن بىلىۋاتاتتىم  .
     ئ‍انام داداملار قايتىپ كىلىشكەنىدى  بولغان ئ‍ەھۋالنى دەپ بىرىۋىدىم ، ئ‍ۇلارمۇ  ئ‍ىچ ئ‍اغرىتىشتى ،
ئ‍انام   ھىلىقى  ئ‍ايالنى ئ‍ەيىبلەپ كەتتى .
-شۇنداقمۇ خوتۇن بولامدۇ ،ئ‍ەتتىگىنى  قورسىقىغا ئ‍ىسسىققىنە تاماق بىرەلمىگەندىكىن  ،پۇتىغا بولسىمۇ پايپاق كىيگۈزۈپ يولغا سالمامدۇ ،كىيىمى  يىلىڭ مەكتەپكە ماڭسا   خىيالىدا يوق يۈرەمدىغاندۇ  ئ‍ۇ ئ‍ايال ، يات دىگەن ھامان ياتلىقىنى قىلىدۇ ، ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇننىڭ ياۋاشلىقى ئ‍ۇنىڭغا  خىلى ياراشقان چىغى ،
مىنىڭ بالىلىرىم  خەقنىڭ قولىغا قالماس ئ‍ىلاھىم .

ئ‍انام ناھايتىمۇ كۆڭۈلچەك ئ‍ايال ،قوشنىلارنىڭ  بالىلىرى كىرىپ قالسىمۇ ھەرگىز قوغلىمايدۇ ، قورسىقى ئ‍اچ بولسا نان  تۇتقۇزۇپ ،تاماق ئ‍ىتىۋاتقان بولسا  توختىتىۋىلىپ ،تويغىچە  بىرىپ ئ‍اندىن يولغا سالىدۇ ، تاماق ئ‍ەتكەندە قوشنىلارنى ھەرگىز ئ‍ۇنتۇپ قالمايدۇ ،بىرەر قاچا ئ‍ۈگرە ،چۆچۈرە ،  بىرەر تەخسە لەغمەن دىگەندەك ، ئ‍ۆزى يىمەي قوشنىلارغا ئ‍ىلىپ ماڭىدىغان چاغلىرى ،ئ‍ۆزىگە ئ‍اشنىڭ سۈيى قالسىمۇ  قازاندا  يەنە بار  دەپ يالغان سۆزلەشلىرى، ،ئ‍ىشقىلىپ ئ‍انام   شۇنچە سىخى ،كۆيۈمچان
قوشنىلارنىڭ  بالىلىرى كەپسىزلىك قىلغان تەغدىردىمۇ ئ‍انچە كايىپ كەتمەيدۇ ،
قوشنىلارنىڭ بالىلىرى ،كۆچەتلەرگە يامىشىپ   ،نوتىلارنى سۇندۇرىۋەتسە ،مىۋىلىرىنى قىقىۋەتسە   ،قارىماپسەن  دەپ دادام ئ‍انامنى ئ‍ەيبلەيدۇ، ئ‍ەمما ئ‍انام    دادامغا   ھىچكىمنى چىقىشتۇرمايدۇ ،ھەممىنى ئ‍ۆزىگە  ئ‍ىلىۋالىدۇ ،ئ‍انام    شۇنچە پەزىلەتلىك    ،ئ‍ىسىل ئ‍ايال ، گەرچە  مومامنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ ،ئ‍ەمما ئ‍انامنىڭ پەزىلىتىگە قاراپ مومامنى  پەزىلەتلىك ، ئ‍ىسىل ئ‍ايال  دەپ   بىلىمەن  ،ئ‍انامنى  مومام شۇنداق   تەربىيلىگەن بولسا كىرەك ،

ئ‍ىككى كۈندىن كىيىن   قۇتقۇزۇش ئ‍ۈنۈم بەرمەي  بۇ ئ‍الەم بىلەن  خوشلاشقان ،  مۇستافانىڭ  جەسىتىنى ئ‍ىلىپ چىقىشتى   ،ئ‍ۇنى ،تۆت يىل  بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن ئ‍انىسىنىڭ يىنىغا  ،ئ‍ۇنى ۋاقىتسىز تاشلاپ كەتكەن مىھرىبانىنىڭ  يىنىغا ، ئ‍ۇنى مىھرىگە قانمىغان كۆيۈمچان ، خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدىغان ،  ئ‍اش تامىقىنى   ئ‍ۆكسۈتمەيدىغان ،كىيىمنى يۇيۇپ ياماپ  كيىگۈزۈپ ،
ھالىنى سوراپ ھارمايدىغان ،بىقىنىنى چىمدىۋالمايدىغان ،تىللىمايدىغان ، ئ‍ۇرمايدىغان ،كىچىلەردە چۈشلىرىدە سىغىنغان   ئ‍انىسىنىڭ يىنىغا  جىمجىتقىنە   يەرلىكىدە قويدۇق .،
ئ‍انام ماتەمگە كىرگەن يەردىن ھىلىقى ئ‍ايال توغۇرلۇق  بىرمۇنچە گەپلەرنى كۆتۈرۈپ  چىقىپتۇ ،
ئ‍اپامنىڭ دىيىشىچە  ،ئ‍ۇ ئ‍ايال ھەر ھەپتە بازاردىن قالماسمىش ، ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇنغا  كاۋاپ ئ‍الدۇرۇپ    قارىتىپ ئ‍ولتۇرۇپ   ئ‍السىلا باقسىلا دىمەستىن  يەپ تۈگىتىپ قايتىپ كىلەرمىش ، بالىلىرىغا    بىرەر ئ‍ۇچۇم كەمپۈتكە چاغلىق نەرسە ئ‍ەكەلمەسمىش ،
  ئ‍ۆيدە تۈزۈكرەك تاماق ئ‍ەتمەي ،قۇرۇق نان يەپ ئ‍ۆتەرمىش ، گۆش كاۋاپ تاپسا   تىقىپ قۇيۇپ ئ‍ۆزنىڭ بالىلىرىغا  بىرەرمىش ، ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇننىڭ  بالىلىرىنى قاتتىق  ئ‍ۆگەيلەيمىش ،  چىمدىپ ،تىللاپ ئ‍ۇرۇپ ،  بىكار قويماي ئ‍ىشقا سالارمىش ،
  ئ‍ولۈپ كەتكەن مۇستافانىڭ  سىڭلىسى زەيتۇنەگە  ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍ۇزۇن پەلتۇسىنى كىگۈزۈپ قويۇپ، ئ‍ۆزى ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇنغا  يىڭىسىنى ئ‍الدۇرغانمىش،زەيتۇنەگە كىر لىرىنى يۇغۇزارمىش ، ئ‍ورو كۆرپىلەرنى يىغقىلى سالارمىش ، …
  ئ‍انام يەنە نىمە گەپلەرنى دەيتتىكىن   دادم   گىپىنى  بولدى

-  مۇستافا    13 ياشتا بولسا          زەيتۇنە   10 ياشقا كىرىپتۇ ،  كىچىك قىزغا كىر يۇغۇزغىنى   ئ‍شىپ كىتىپتۇ ،
تەربىيە كۆرمىگەن مالچىنىڭ  قىزى   شۇنچىىك  قىلىدۇ شۇ ·
مۇشۇ بەزى   خەقلەرگە خۇدايىم ئ‍ىنساپ بەرمىسەھەي…!

كەچتە سىڭلىم قايتىپ كىلىپ ،    ئ‍ۇنىڭ  مۇئەللىمىنىڭ  مۇستافانىڭ ئ‍ۆيىگە پەتىگە كەلگەنلىكىنى  ، ئ‍ىلگىرىمۇ  ئ‍ۇنىڭ مۇستافا غا  ئ‍امراق ئ‍ىكەنلىكىنى ، ئ‍ۆيىگە چاقىرىپ تاماق قىپ بىرىدىغانلىقىنى ، ئ‍ايدا   خىراجەت قىلىڭ  دەپ پۇل  بىرىدىغانلىىنى   ئ‍ىيتتى .
كۆڭلۈمدە   ئ‍اشۇ مۇئەللىگە   رەھمەت ئ‍وقۇدۇم .

ئ‍ارىدىن بىر نەچچە كۈن ئ‍ۆتۈپ ، مەلۇم ئ‍ىش بىلەن باشقا شەھەرگە  كەتتىم،
قايتىپ كەلگىنىمدە تاغامدىن مۇنۇ گەپلەرنى  ئاڭلىدىم  ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇن بىلەن ساقاللىق  دەۋا قىلىشماي مۇرەسسە قىلىپ ئ‍ۆزلىرى كىلىشىۋالغانمىش ،
مۇستافا ئ‍ۈچۈن يۈز يىگىرمە  مىڭ يۈۋەن بىرىدىغان  ،شۇنىڭ بىلەن   دەۋا تۈگەيدىغان بولۇپ كىلىشكەنمىش ،

نەچچە ئ‍اي ئ‍ۆتۈپ ئ‍ۇ ئ‍ىشلار يادىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى ،
كىيىن تاغامدىن ئ‍اڭلىسام     ساقاللىق كىشى  ئ‍ارىغا يۈزلۈك   ھاجىملارنى   سىلىپ   ئ‍ەللىك مىڭ   بىرىدىغان  بوپ كىلىشىپتۇ   ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇن تەقۋادار كىشى   بولغاچقا ھاجىلارنىڭ   سۈلھى  سالالىرىغا بىر نەرسە  دىيەلمەپتۇ ،
پۇل  بايغا سۇ سايغا ئ‍اقىدۇ دىگەندەك   ھاجىملارنىڭ   ئ‍اغزى ياغلىنىپ  شەرىئ‍ەت  ئ‍ۇنداق  مۇنداق دىيىشىپ ،مۇستافانىڭ  ئ‍ۆلۈم بەدىلىگە  ئ‍اران ئ‍ەللىك مىڭ  پىچىلىپتۇ ،
ساقاللىق كىشى كاتتا    مالچى ئ‍ىمىش ، تاغدا قويلىرى  ،كالا قوتاز،تۆگە  قاتارلىقلاردىن نەچچە يۈزلەپ   يايلاپ يۈرەرمىش،
ئ‍ەمما    پۇل بىرىشكە   كەلگەندە   ئ‍ۇنىڭ  جىنى سىرقىرىغان  چىغى ،

بىركۈنى  ئ‍ىتىزلارنى ئايلىنىپ كىلىش مەخسىتىدە ئ‍ىتىزلىققا باردىم      ،يول بويىدا   ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇننى ئ‍ۇچرىتىپ قالدىم ،بىر قۇر ئ‍ەھۋاللىشىپ ،پەخىردىننى ، زەيتۇنەنى   سورىدىم،  
پەخىردىننىڭ ئ‍ىز دىرىكى   يوقلىقىنى ،زەيتۇنەنىڭ بەشىنچى يىللىقتا ئ‍وقۇۋاتقىنىنى ،دەپ كىلىپ  قەرىزگە چۈشۈپ  قالغانلىقىنى ، بۇيىل ئ‍ۈرۈك ،ياڭاقلارنىڭ ئ‍وخشىمىغانلىقىنى ،
بالىلارغا،ئىتىزغا ،بىرمۇنچە پۇل كىىۋاتقىنىنى  ئ‍ۆزىچىلا   سۆزلەپ كەتتى،
-ھىلىقى ئەللىك مىڭ يۈۋەننى تىخىچە  بەرمىدىما؟ ،ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم
-بەرگەن ئ‍ەمما  ،ئ‍ۇ پۇل نەلەردە قالدى ،تۈگەپ بولدى ،پۇل دىگەن يانچۇقتا تۇرسا  خەجلىنىپ كىتىدىكەن ،ئ‍الۋان سىلىق ،ھاشار ،ئ‍ۆي بالا ،ھەممىسى پۇل دەپلا  تۇرىدىكەن .
-ھە  ئۇغۇ شۇ   دىدىم ئ‍ۇنىڭغا سەل ئ‍ىچىم ئ‍اغرىپ ،

ئ‍ۇنىڭ چاچ ساقاللىرى ئ‍ۆسكەن  كىيىملىرى  توپا ،بۇ بىچارىمۇ    تۈگىشىپلا كىتىپتۇ ،خوتۇنى   قۇرۇق ناننى ئ‍الدىغا تاشلاپ قويۇپ  ،  بىرەر ۋاخ ئ‍ىسسىق تاماقمۇ قىلىپ بەرمەيدىغان  ئ‍وخشايدۇ   ،خوتۇنى بۇنىمۇ ئ‍ۈگەيلەپتۇ دەپ ئ‍ويلىدىم ئ‍ىچىمدە .
   
ئ‍ارىدىن بىر نەچچە يىل ئ‍ۆتۈپ   بىر كۈنى ،  ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇننىڭ بۇرۇنقى ئ‍ايالىنىڭ   ئ‍اچىسى   بىزنىڭ ئ‍ۆيگە چىقىپتۇ ،
ئ‍ۇ ئ‍ايال ،سىڭلىسى  ،پەخىردىن، مۇستافا ،زەيتۇنەلەرنى تىلغا ئ‍ىلىپ يىغلاپ ئ‍ىقىپلا كەتتى ،
ئ‍ۇنىڭ دىيىشىچە ،ئ‍ابدۇكىرىم ئاخۇننىڭ  پۇللىرىنى ئ‍اشۇ خوتۇن خەجلەپ بولغانمىش ، ھەر بازاردا   بىرەر مىڭنى خەجلەپ ،كىيىم كىچەك  ئ‍ىلىپ ،گۆش كاۋاپ يەيمىش ،ئ‍ەمما ئ‍اشۇ بىچارە زەيتۇنەگە بولسىمۇ    بىرەر كۆڭلەكلىك رەخىت ، ئ‍ىلىپ بەرمىگەنمىش ،  ئ‍ۇ ئ‍ايالنىڭ ئ‍ىيتىشىچە ،زەيتۇنە بۇيىل باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزغا   چىقىپتۇ  ، تولۇقسىزغا چىققاندىن بىرى  ئ‍ۇنى ئ‍ۆزى ئ‍ەكىلىۋاپتۇ ،  
پەخىردىننى  سورىدىم ،
-  ئ‍ۇ   دادىسى   خوتۇن ئ‍ىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەندە  يوقالغانچە  ،
    بەش يىلدىن بىرى  ئ‍ىزدىرىكى يوق، بەزىلەر كۇلىدا كاۋاپچىلىق قىلارمىش ، دەيدۇ، بەزىلىرى تۈرمىگە كىرىپ قالغانمىش دەيدۇ،     نەدە بولسا ،ھايات بولسا ،يۇرتقا كىلىش پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولسا  بىركۈنى كىلەر .

    پەخىردىن  مەندىن ئ‍ىككى ياش چوڭ ئ‍ىدى   ،بىر يىللىق يۇقرى ئ‍وقۇيتتى،
ئ‍ىككىمىز    مال باققاندا   بىللە باقاتتۇق ،ئ‍ۇمۇ  مىنى  كىچىك دەپ بوزەك قىلمايتتى  ، دالىلاردا  توشقان قوغلاپ،ئ‍ايدىڭ بولغان  ئ‍اخشاملىرى مەھەللىدە   مۈكىمۈكىلەڭ  ئ‍ويناپ ، تاپقىنىمىزنى تەڭ يەپ  چوڭ بولغان ،  كىيىن  تولۇقسىزدىكى ۋاقىتتا جىق ئ‍ارلىشىپ ،ئ‍ۆتەلمىدۇق ،
مەكتەپ پۈتتۈرۈپ شەھەردە ئ‍وقۇشقا كەتتىم شۇندىن كىيىن كۆرۈشمىدۇق ،
كىيىنكى  ۋاقىتلاردا ئ‍ۇنىڭ كۇلىغا  كىتىپتۇ ،سىتىلىپ كىتىپتۇ ،دىگەندەك مىش مىش پاراڭلارنى ئ‍اڭلىدىم.

  بىركۈنى  چۈشتە       دادام  كەنتىدە ئ‍ىچىلغان يىغىندىن قايتىپ چىققاندا   مۇنۇ خەۋەرنى بىزگە يەتكۈزدى ،
  ئ‍ابدۇكىرىم ئ‍اخۇن  تۈگەپ كىتىپتۇ ،! نامىزىنى ئ‍ەسىردە ئ‍ۇقۇيدىكەن ،
  بۇ خەۋەر مىنى ئ‍انچە ھەيران قالدۇرالمىدى ، بەلكى ئ‍ۇمۇ  ھارغاندۇ ، تاپا تەنىدىن ،تىل ئ‍اھانەتتىن ،خەقلەرنىڭ  غەلىتە نەزەرلىرىدىن ،قۇتۇلۇشنى ئ‍ويلىغاندۇ ،ياكى بالىسى  قەدىناس  ھەمراھىنىڭ روھى يىنىغا چىللىغاندۇ ؟
  ئ‍ەسىر نامىزىدىن كىيىن ئ‍ۇنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى ، ئ‍ۇنىمۇ ئ‍انا -بالىنىڭ يىنىغا   قويدۇق .
  پەخىردىن ھاياتمىدۇ ،ھايات بولسا نەدىدۇ ،  ئ‍انىسىنىڭ ئ،ئىنىسىنىڭ ، دادىسىنىڭ مۇسىبىتىدىن   خەۋىرى بارمىدۇ ،
  زەيتۇنەنىڭ تارتقان كۈلپەتلىرىنى بىلەمدىغاندۇ ؟؟

ئ‍ارىدىن   نەچچە كۈن ئ‍ۆتمەي ،ھىلىقى ھازازۇل   ئ‍ايال ئ‍ۆيدىكى  ئ‍الىدىغاننىڭ ھەممىنى ئ‍ىلىپ  ئ‍ۆزنىڭ   تاغلىقىغا    چىقىپ كىتىپتۇ .
كىيىنچە بۇ ئ‍ائىلە توغۇرلۇق ھىچ گەپ ئ‍اڭلىمىدىم  ،
ئ‍ەمما  بىچارە زەيتۇنەگە   ،پەخىردىنگە ،  دۇئالىرىمدا  تىنىچلىق  تىلەپ تۇردۇم .

تامام ،

مەنبە : ئۆزەم (زوھرە )                                                                       
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئ‍اشىقلىق ساراڭلىقتۇر، بىز ساراڭلارنىڭ سارىڭىدۇرمىز.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2016-8-31 16:21:11 | ئايرىم كۆرۈش
مەنبەسىچۇ  كىم
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

6

تېما

48

يازما

273

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1028
يازما سانى:
48
تىللا:
215
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-10

جانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-8-31 16:56:54 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تۇمارىس يوللىغان ۋاقتى  2016-8-31 16:21
مەنبەسىچۇ  كىم

مەنبە  ئ‍ۆزۈم ،

6

تېما

48

يازما

273

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1028
يازما سانى:
48
تىللا:
215
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-10

جانلىق ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-8-31 16:58:03 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي تەھرىرلەپ  قويساڭلار  بوپتىكەن  

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-8-31 22:50:38 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھېكايىدە ئىككى ۋەقەلىك تەڭ ئېلىپ مېڭىلىپتۇ. ئىنتايىن ياخشى چىققان دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما مۇشۇ ھېكايە يازىدىغانلار مۇھىت تەسۋىۋىرى. ھېسياتنى ئىپادلەش جەھەتتىمۇ سەل باش قاتۇرساڭلار تولىمۇ ئوبدان بولاتتى. ئاندىن ئايبەرگى قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا بولىدۇ. يەنە ماتىرياللارنى كۆپرەك كۆرەيلى. بىزنىڭ يازغانلىرىمىزنىڭ مۇنبەرگىلا ئەمەس . مەتبۇئاتلارغىمۇ يارايدىغان ئەسەرلەر بولىشىنى بەكمۇ ئۆمىد قىلىمەن.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-9-5 21:33:43 | ئايرىم كۆرۈش
ئىچىم بىر خىللا بوپ قالېدىيا.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

6

تېما

48

يازما

273

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1028
يازما سانى:
48
تىللا:
215
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-10

جانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-9-5 23:47:07 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەزىزىم يوللىغان ۋاقتى  2016-9-5 21:33
ئىچىم بىر خىللا بوپ قالېدىيا.

قانداق دەيسىز ؟
بۇ   مىنىڭ   ئ‍ەتراپىمدا  ھەقىقى بولغان  بىر ۋەقە  ،شۇڭا  ئ‍امالنىڭ بىرىچە ئ‍ەينەن  يىزىشقا تىرىشتىم .

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-9-6 11:20:42 | ئايرىم كۆرۈش
zohra يوللىغان ۋاقتى  2016-9-5 23:47
قانداق دەيسىز ؟
بۇ   مىنىڭ   ئ‍ەتراپىمدا  ھەقىقى بولغا ...

شۇ يېتىمنىڭ ھالغا ئېچىنىپ بولمامدۇ،
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-9-25 22:43:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2016-8-31 22:50
بۇ ھېكايىدە ئىككى ۋەقەلىك تەڭ ئېلىپ مېڭىلىپتۇ. ئىنتايى ...

جىڭ، ئۇستاز دىگەن باشقىچە مانا. بۇ تەكلىپ ناھايتى ئورۇنلۇق بوپتۇ. ۋەقەلىك شۇنچە ئېسىل بولسىمۇ تومتاقلا ئوتتۇرغا چىقىرلىپ قويۇپتۇ. ئۇستاز ئېيىتقاندەك ئاز تولا تۈزەشتۈرۈپ قويسا تولىمو ئوبدان ئەدەر بولغۇدەك

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2016-9-25 22:47:43 | ئايرىم كۆرۈش
روھراجاننىڭ مەن ئوقۇغان تۇنجى ئەسىرى ، شۇنداق ئوبدان يېزىلىپتۇ. بىر ئوقۇپلا راسىت ۋەقەلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم.  بولسا پىششىقلاپ ئاندىن يوللاشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز.  ۋەقەلىك مۇنداقلا بېرىلمەي ئانچە مۇنچە مۇھىت تەسۋىرلىرى،پىرسوناژلار پىسخكا تەسۋىرى ئىچىگە ئېلىنغان بولسا تېخىمۇ چىن ، يېقىشلىق چىقار ئېدى. باشلىنىش شۇنچىلىك ئىسىل چىقىپتۇ مېنىڭچە. تېخمۇ تىرشىڭ. قەلمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 09:35 , Processed in 0.139338 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش