مەن پەقەت مەنزىلىدىن ئاداشقان بىر قۇش
قەلبىمدە سۇغۇق بىر ئوت،يالقۇنجايدۇ-يۇ،ھېچ بىر تەپتى يوق.ئۇنىڭ غۇۋا ئۇچقۇنلىرى ئاتەشكە تەشنا چاڭقىغان بۇ قەلبىمنى قانداقمۇ ئىللىتالىسۇن؟
كۆز ئالدىمدا باش-ئايىغى كۈرۈنمەس سۇزۇلۇپ ياتقان تاشلاندۇق كەپىدەك غېرىبانە بىر يول.مانا مۇشۇيول ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى دەسسەپ مىنى ئۈزۈممۇ تەسەۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان شۇ سىرلىق كەلگۈسىگە باشلاپ ماڭىدۇ.ھەم شۇ يولدا ھاياتىمنىڭ بۇران -چاپقۇنلىرى ،جۇت- شىۋىرغانلىرى ،باھارسىز قەھرىتانلىرى خۇددى ئېچىرقىغان كوھىقاپتەك ماڭا كەڭ باغرىنى ئاچىدۇ.
بەزىدە كۆڭلۈم سىزىمسىز روھىمنى نەگىدۇر ،ئىشقىلىپ ئۈزۈممۇ سەزمەس بىر يەرلەرگە باشلاپ ماڭىدۇ.ئەپسۇس ، كۆز ئالدىمدا نە مەنزىل ، نە بىر ئۆتەڭ.پەقەت بىر-بىرىگە ئادەمنى تەشۋىشكە سالغۇدەك دەرىجىدە ئىرماش-چىرماش بۇلۇپ چىگەلىشىپ كەتكەن تۇيۇق يوللارشۇ يوللاردىن ئۆزۈمنى ئىزلەپ ئاۋارىمەن ...
بەزىدە شۇنچىلىك بىر تۇنۇش ھىد،تۇنۇش بىر تۇيغۇ قەلبىمنى چۇلغىۋالىدۇ . شۇ تۇنۇش ھىدلار ئىچىدىن قەلبىم قېتىنى چۇلغاپ تۇرغان جاۋابى نائېنىق بىر تېپىشماقنى تاپماقچى بولغاندەك پېتىرقايمەن . ھاياجان ئىستەكلىرى روھىم سەزگۈسىنى بىھۇشلاندۇرىدۇ ، بۇ خىل بىھۇشلىقتىن ھالسىزلىنىمەن . ناتۇنۇش كىشىلەر ، ناتۇنۇش شەھەر ، ناتۇنۇش يوللارنىڭ قاتار كەتكەن ئاۋات رەستىلىرىنى كىزىپمۇ ،ھېچبىر قەلبىمدىكى ئۇ خىل تەشنالىقىمنى قاندۇرالماي قالىمەن ،بۇ مۇڭسىرىغان شەھەرنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىنى دىڭىزدىن يىڭنە قازغاندەك قېزىپمۇ قەلبىمنىڭ چاك-چاك يېرىلغان ئېتىزلىرىنى سۇغۇرغۇچىلىك دەرمان تاپالمايمەن.
يەنە بەزىدە بۇ غېرىپ كۆڭلۇم كىملەرنىدۇ خالاپ قالىدۇ،يەنە كىملەرگىدۇ يىتىم بالىدەك تارتىشىپ قالىمەن.قەلب قەسىرىمنىڭ تۈمەنمىڭ لەشكەرلىرى نەرە تارتىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ناتۇنۇش شەھەرنىڭ سۇغۇق كوچىلىرىدا مىنىڭ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈشلۈرۈمگە نە بىر تۇنۇش جىلۋە،نە بىر تۇنۇش سىما ،ھېچبولمىسا سايىسى بولسىمۇ ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە نەزەر سالىمەن .
بەزىدە كۆڭلۈم شۇنچىلىك پەرىشان.ئەپسۇس،جىمىنى سىغدۇرۇپ كەتكەن بۇ تۇنۇش شەھەردىن ،ھالسىرىغان يۈرۈگۈمنى سىغدۇرغۇدەك جاي تاپالماي قالىمەن.چۈنكى ، مەن پەقەت بىر مىھمان،بۇيەر مەن ئۈچۈن بىر "ئۆتەڭ"لا خالاس !
بەزىدە ئۈزۈم ئەسلا تەۋە بولمىغان بۇ يات زىمىندىن ھەممىنى تاشلاپ ،ئۈن -تۈنسىزلا شۇنچىلىك يىراقلارغا غايىپ بولغۇم كىلىدۇ.ئۇنتۇشنىڭ سىھىرلىك جۇلالىرىغا ئۆمۈرلۈك بەند بولسام دەپ خىتاب قىلىمەن. ئەمما، بارلىق كەچمىشلىرىمنىڭ شاھىدى بولغان بۇ غايىبانە شەھەردە يەنە نىمىلەردۇر مېنى ئۈزىگە مەھكەم باغلاپ تۇرىدۇ.چۈنكى ،بۇ مىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىم،غايىىلىرىم يوقىغان جاي.مەن يەنە مۇشۇ جايدىن مەنزىلىمنى قايتا تېپىشىم كىرەك.چۈنكى ، مەن پەقەت مەنزىلىدىن ئاداشقان بىر قۇش ،كۆك قەھرىدە ئەركىن پەرۋاز قىلغان بىرقۇش.پۈتكۈل دۇنيا مېنىڭ يىراقلارغا تۇتاشقان پەرۋازىمغا ھەۋەس قىلىدۇ-يۇ،ھېچكىممۇ مۇشۇ ئۈلۈمگە لايىق ئەركىنلىكنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمنى ،بەختىمنى ، ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ۋەيران قىلغىنىنى بىلمەيدۇ.
يۇلتۇز ساقىغان كىچىلەردىن،ئاي يۈزىنى بۇلۇت توسقان،تۇمان باسقان ئاشۇ ئاتماس تاڭلاردىن ئۆتمۈشىمنى ،كەلگۈسىمنى كۈرىمەن..ھايات قايناملىرىمدا پۇچۇلانغان زەئىپ يۈرىكىم شۇنچىلىك زەربىلەر ئالدىدا تىك تۇرىدۇ-يۇ،ھېچقاچان ئۆز قىسمىتىمدىن ۋايسىمايمەن ، ياش تۈكۈشكە ئەسلا جۈرئىتىم يوق . چۈنكى ،بۇخىل زەئىپلىك ،بۇخىل كۆز يېشى مېنى قاراڭغۇ ھالاكەتكە باشلاپ بارىدۇ. قاچان، قەيەردە ئىھتىياتسىزلىقتىن قانىتىمنى سۇندۇرۇپ قۇيۇپ،قايسى چۆل -جەزىرىلەرگە ، قايسى بىر تىگى يوق ھاڭلارغا چۆرۈلۈپ تاشلىنىشنى ئويلاشتىن قورقىمەن . خىياللار ئىلكىدە مۇڭلانغىنىمچە يۇلتۇز بۇلۇشنى ، كىچىلەر ئاسمىنىدا مەغرۇرلارچە چاقناپ تۇرىدىغان تۇلۇنئاي بۇلۇشنى ،قاراڭغۇلۇقتىكى دىللار ئۈچۈن بىر يۇرۇق يول ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن .ئەپسۇس، ئۇنداق قىلالمايمەن ، قىلالمايمەنلا ئەمەس ، ھەتتا ئۆز-ئۆزەمنىڭ يۇلىنىمۇ يۇرۇتالمايۋاتقان بۈيۈكلۈكتىن مەھرۇم, مەنزىلىدىن ئاداشقان يىگانە بىر قۇشمەن .
ئەنە،غۇۋا بىر مەنزىل.ئۈمۈد ئۇچقۇنلىرىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ، تامامەن ناتۇنۇش بولغان خىرە بوشلۇقتا ھالسىرىغان زەئىپ قاناتلىرى بىلەن دۇنيانى يۈدۈپ كىلىۋاتقان ناتىۋان بىر قۇش.
------ دىلخازان |