ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

"ئاقسۇ ئۇنىۋېرسىتىتى" گە زىيارەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

                                                  " ئاقسۇ ئۇنىۋېرسىتىتى" گە زىيارەت

        يېڭى يىل ئارپىسىدا ئاقسۇدىكى دەم ئېلىشقا، پىنسىيەگە چىققان 100 دىن ئارتۇق پېشقەدەم كادىر ۋىلايەتلىك پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاقسۇ-ئونسۇ تاشيولى بۇيىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق. بىرنەچچە كىچىك ماشىنا ۋە ئاپتۇبۇسلاردىن تەركىپ تاپقان ئاپتۇمۇبىل كالونى شەھەر رايونىدىن چىقىپ، ئىككى تەرىپى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ئاقسۇ-ئونسۇ تاشيولى بىلەن شىمالغا قاراپ ئون نەچچە مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن، قارلىق دالىدا قەد كۈتەرگەن كورپۇس-كورپۇس بىنالارنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. مانا بۇ-يەرلىكلەر تەرىپىدىن " ئاقسۇ ئۇنىۋېرسىتىتى " دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئاقسۇ مەكتەپ رايونى ئىكەن. قىسقىچە تونۇشتۇرۇشتىن كېيىن، بىز بۇ مەكتەپنىڭ زامانىۋىي ئوقۇتۇش بىناسى، ئۈستى يېپىق تەنتەربىيە مەيدانى، ھەشەمەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئالى مەكتەپنىڭ ئاقسۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر يېڭى ئابىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.
        شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئاقسۇ مەكتەپ رايونى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ گەپنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
        مەملىكەتلىك 4-قېتىملىق شىنجاڭغا ئېغىزلار بۇيىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ھەمدە مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئوزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يوليورۇقلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكوم بىلەن مەمۇرى مەھكىمە مەركەزنىڭ يوليۇرۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەمدە "بىر بەلباغ، بىر يول " قۇرۇلۇشى داۋامىدىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىدىدە، ئاقسۇدا ئەمەلىي قوللىنىشچان تىپىدىكى بىر تولۇق كۇرسلۇق ئالى مەكتەپ قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەمدە ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قۇللىشىغا ئېرىشتى. 2014-يىلى 5-ئايدا ئاقسۇ مەمۇرى مەھكىمە بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش كىلىشمىنى ئىمزالىدى. 2014-يىلى 6- ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى " شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ چىقىش ئىشى توغرىسىدىكى تەستىق " نى چۈشۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى، مەكتەپنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا ئاقسۇ ۋىلايىتى مەسئۇل بولۇشنى، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىنى ئاقسۇدا قۇرۇشنى، ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى مەسئۇل بولۇشنى بەلگىلىدى. كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئۇل سالىدىغان بۇ قارار دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى.
        شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسى تەۋەلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2856 مۇ، پىلانلانغان قۇرۇلۇش كۆلىمى 687 مىڭ كۋادىراتمېتىر كېلىدىكەن. ئۈچ قارارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1700 مۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 300 مىڭ كۋادىراتمېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر مىلىيارد 500 مىليۇن يۇەن مەبلەغ سېلىنىپتۇ. لايىھە بۇيىچە 6000 دىن 8000 گىچە ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدىكەن، 2-قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمى قۇرۇلۇش كۆلىمى 217 مىڭ كۋادىراتمېتىر بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن 15 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدىكەن.
        مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن قارىغاندا، ھەردەرىجىلىك رەھبەرلەر بۇ مەكتەپبىڭ قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپتۇ ۋە زور كۈچ بىلەن قۇللاپتۇ. ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ پائال ماسلاشتۇرۇپ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن ئىنىستىتوت قۇرۇلۇشى يېتەرلىك كاپالەتكە ئىگە بوپتۇ. جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەمدە ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇماندانلىق شىتابى، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىقلار بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، ئوقۇتقۇچى، ئەقلىي كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردىن زور كۈچ بىلەن قۇللاپتۇ ۋە ياردەم بېرىپتۇ. جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 400 مىليۇن يۇەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغاندىن باشقا، جېجياڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتىتى، خاڭجو ئېلىكترون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى، جېجياڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتى، جېجياڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالى مەكتەپلەر بۇ ئىنىستىتوتنىڭ ئوقۇتۇش، پەن-تەتقىقات، ئوقۇتقۇچى قاتارلىق جەھەتلىرىگە ئېغىزلار بۇيىچە ياردەم بېرىپتۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن ئاقسۇ مەمۇرى مەھكىمە بىرلىشىپ مەكتەپ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىپ، مەخسۇس رەھبەر ئاجرىتىپ، ئىنىستىتوت قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەندىن تاشقىرى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكوم بىلەن مەمۇرى مەھكىمىمۇ ئىنىستىتوت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇپ، ئاساسىي رەھبەرلەر بۇ ئىشنى بىۋاستە تۇتۇپتۇ. ھەر تەرەپنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە قۇللىشى بىلەن مەكتەپ قۇرۇلۇش خىزمىتى يوقىرى سۈرئەت بىلەن ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەپتۇ.
        ئىنىستىتوتنىڭ 1-قارارلىق بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى بىناكارلىق لايىھىلەش ئىنىستىتوتى لايىھىلەپ چىقىپتۇ. 2014-يىلى 7-ئايدا تۈر تۇرغۇزۇلۇپ، 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپتۇ. قۇرۇلۇش داۋامىدا ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكوم، مەمۇرى مەھكىمە، ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى، ئونسۇ ناھىيىلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەمدە ۋىلايەتتىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالى مەكتەپلەر، بانكىلار، كارخانىلار زور كۈچ بىلەن قۇللاپ مەدەت بېرىپتۇ. ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولۇشتەك ئەھۋال ئاستىدا، رەھبەرلەردىن تارتىپ قۇرۇلۇشچىلارغىچە ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باھار چېچەكلىرىنى كۈزدە مىۋە بەرگۈزۈش ئارقىلىق، 2015-يىلى 9-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ ئوقۇش باشلاشنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ. بىز مەكتەپنىڭ زامانىۋىي ئوقۇتۇش بىناسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىۋېتىپ، سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىنىپلاردا ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.
        شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتى سانائەت، ئىقتىساد ئىلمىنى ئاساس قىلىدىغان، باشقۇرۇش ئىلمى، ئەدەبىيات، قانۇنچىلىق قاتارلىق پەنلەر بۇيىچە ماسلىشىپ تەرەققى قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتىرلىق، ئەمەلىي قوللىنىشچان تىپلىق تولۇق كۇرس ئالى مەكتىپى بولىدىكەن. مەۋقەنى ئاقسۇغا قويۇپ جەنۇبى شىنجاڭغا يۈزلىنىش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئوزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش-بۇ ئىنىستىتوتنىڭ مۇلازىمەت نىشانى ئىكەن. مۇشۇ مۇلازىمەت نىشانى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، بۇ ئىنىستىتوت ھازىر قانۇنچىلىق، سودا-سانائەت باشقۇرۇش، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، بازار ماركىتىڭى، ساياھەت باشقۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە، ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سېستىمىسى، ئىنگېلىز تىلى، روس تىلى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئېلىكتىرلەشتۈرۈش ۋە ئاپتۇماتلاشتۇرۇش، جاھازلاشتۇرۇش ۋە كونتروللاش قۇرۇلۇشى، كومپيۇتېر پەن-تېخنىكىسى، خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى، ئەشيا ئوبروت قۇرۇلۇشى،خەنزۇ تىلى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى، ماشىنا لايىھىلەش، ياساش ۋە ئاپتۇماتلاشتۇرۇش قاتارلىق 18 خىل كەسپ تەسېس قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. 2015-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە 695 نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىپ، سودا-سائەت باشقۇرۇش قاتارلىق تۆت كەسپ بۇيىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.
        ئىكىسكۇرسىيەنى ئاخىرلاشتۇرۇپ چىقىۋېتىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئاقسۇدا قۇرۇلغانلىقى تۆھپىسى ھازىرقىلارغا مەنسۇپ بولغان، پايدىسىنى كېيىنكىلەر كۆرىدىغان بىر زور قۇرۇلۇش بوپتۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئاقسۇدا مۇشۇنداق بىر تولۇق كۇرسلۇق مۇكەممەل ئالى مەكتەپنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ئاقسۇغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە ئېھتىياجلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

                                                       مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

30

تېما

470

يازما

5253

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 31
يازما سانى:
470
تىللا:
2880
تۆھپە:
626
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
377 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-19

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2016-1-3 22:19:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل يازمىدىن بىرنى يوللاپسىز،بىلىشكە تىگىشلىك مەزمۇن ئىكەن، بۇ ئونۋىرستىت توغرىسدا چۈشەنچىىگە ئىگە بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئونۋېرستىتنىڭ تېخمۇ روناق تېپشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن،

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-1-4 00:13:21 | ئايرىم كۆرۈش
دەۋاتقىنىڭىز ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستۇتى ئەمەستەك قىلىدۇ.مەن ئاقسۇلۇق تۇرۇپ بۇ ئۇنۋېرىستىتىنى بىلمەيدىكەنمەن.قارىغاندا يۇرتنى سۆيۈش ئېڭىم ئاجىزلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ.........
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-1-4 12:12:36 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئاقسۇغا بارغىنىم بىلەن ئۇنۋېرسىتلىرىغا بارمىغان ئېدىم . بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ خېلى چۈشەنچىگە ئېگە بۇلۇپمۇ قالدىم . سالامەتلىكىم يار بەرسە . ئاللا نېسىپ ئەتسە بېرىش ئىستىكىدە قالدىم .
رەھمەت سىزگە .

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-4 12:25:33 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-4 00:13
دەۋاتقىنىڭىز ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستۇتى ئەمەستەك ق ...

شۇنداق، ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى بۇرۇنقى ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنىڭ ئورنىدا قۇرۇلغان مەخسۇس كۇرس تىپىدىكى ئالى مەكتەپ، ھازىرقى "ئاقسۇ ئۇنىۋېرسىتىتى" دىگىنىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئاقسۇ مەكتەپ رايونى بولۇپ، تولۇق كۇرس تىپىدىكى ئالى مەكتەپ، ئاقسۇ-ئونسۇ تاشيولىنىڭ ئونسۇ تەرىپىگە جايلاشقان. ھازىر ئاقسۇدا ھىساپتا 4 ئالى مەكتەپ بار بولدى، يەنى ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ رادىئۇ-تىلىۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئاقسۇ شۆبىسى، ئاقسۇ كەسپى-تېخنىكا ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتى (ئاقسۇ مەكتەپ رايونى).

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-1-4 18:44:13 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ ، كاتتا خۇشخەۋەر ئىكەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-1-7 12:06:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-4 00:13
دەۋاتقىنىڭىز ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستۇتى ئەمەستەك ق ...

خە توقسۇنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ قويسىلا ........
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:51 , Processed in 0.147537 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش