بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاتىكەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-16 16:12
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
تۇغۇش ھوقۇقى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى قانۇندا بىكىتىلگەن ئاساسى ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى ، شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى يول قويغان دائىرىدە ،پىلانلىق تۇغۇتقا بويسۇنغان ئاساستا پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ .
لىكىن پەرزەنتلىك بولۇشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكىلەرنى ئويلاپ كۆرۈڭ :
1.ئەڭ مۇھىمى تۇغۇلغان پەرزەنتكە يۇقۇپ قىلىشى مۈمكىن ، ھەممىمىز بىلىمىز ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىدىن بىرى ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يەنى ئانا ھامىلدارلىق ، تۇغۇت ۋە بالا ئىمىتش جەريانىدا بالىغا يۇقۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى بار ، ئەگەر مىڭ تەسلىكتە تۇققان بالىڭىز يۇقۇملانغان بولسا سىز قانچىلىك ئازاپلىنارسىز ؟ شۇ بالىنىڭمۇ ساغلام ، خۇشال ، بەخىتلىك ياشاش ھوقۇقى بار ئىدىغۇ ؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياغا ئىز قالدۇرۇشىڭىز ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ ، مىڭ تەسلىكتە تۇغقان پەرزەنتىڭىز يۇقۇملانغان بولسا ، سىز بىر ئۆمۈر ئۆزىڭىزنى كەچۈرەلەمسىز ؟
2.بالا تۇغماقچى بولغان يۇقۇملانغان ئانا ، سىز ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتنىڭ بەدىنىڭىزگە قانداق تەسىر ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟ بەدىنىڭىز ئاجىزلايدۇ ، بەدىنىڭىزدىكى ۋىرۇس كۆپۈيىدۇ ، تۇغۇت ئوپىراتسىيىسىدە بەدىنىڭىزدىن نۇرغۇن قان چىقىپ كىتىدۇ ، ئەسلىدىمۇ ئاران تۇرۇۋاتقان بەدىنىڭىز ئاسانلا ئاجىزلاپ ، كىسەللىك ئالامىتىنىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلىدۇ.
3.تۇغقان بالىڭىزنى يۇقۇملانغاندىمۇ دەپ دەككە - دۈككىدە يۈرىسىز ، بالىڭىزنى قايتا - قايتا تەكشۈرتۈپ ، تاكى 18 ئايلىق بولغاندا ئاخىرقى تەكشۈرۈتۈشنى قىلىپ ساق چىققاندا ئاندىن خاتىرجەم بولىسىز .
4.تۇغقان بالىڭىز تەلىيىڭىزگە يۇقۇملانمىغان بولۇپ چىقتى ، چەكسىز بەخىتكە چۆمۈلدىڭىز شۇنداققۇ ؟ لىكىن ئويلاپ باقتىڭىزمۇ پەرزەنتىڭىز ئالاھىدە ئائىلىدە ئالاھىدە شارائىتتا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىشى مۈمكىن ؛ پەرزەنتىڭىزنى چوڭ قىلىپ بولغىچە سىز بەلكىم كىسەللىكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بىرىپ قىلىشىڭىز ، يەنى يىتىپ قىلىشىڭىز مۈمكىن ، پەرزەنتىڭىز كىچىككىنە تۇرۇپ بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشى ، شۇ جەرياندا مەشغۇلات توغرا بولماي يۇقۇملۇنۇپ قىلىشى مۈمكىن ؛پەرزەنتىڭىزنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇپ بولمايلا قازا قىلىپ كەتسىڭىز پەرزەنتىڭىز يىتىم بولۇپ كىملەرنىڭ قولىغا قالار ؟ بىلىشىڭىز كىرەككى يىتىم بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى نورمال ئائىلىدە چوڭ بولغان ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭكىدىن خىلى يۇقىرى ، سىزنىڭ جىنىڭىزنى ئالقىنىڭىزغا ئىلىپ قويۇپ تۇققان بالىڭىز سىزدىن كىيىن قالغاندا خارلىنىپ قالسا ،ياكى يامان يولغا كىرىپ قالسا سىز چىدامسىز ؟
خوش ، ئەمدى بۇلارنى ئوقۇپ يەنىلا بالىلىق بولۇش نىيىتىڭىزدىن يانمىغان بولسىڭىز داۋامىغا نەزەر سىلىڭ .
1.سىز ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن يىزا شىپاخانىسىدىكى مەسئۇل دوختۇرىڭىزغا ئەھۋالىڭىزنى دەپ ، سالامەتلىكىڭىزنى ئومۇميۈزلۈك بىر قىتىم تەكشۈرتۈڭ ، ۋىرۇس سانىنى ، س د تۆت ھۈجەيرە سانىنى ، ئۆپكىڭىزنى تەكشۈرۈتۈڭ .
2.سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز تۇراقلىق ھالەتتە بولسا ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە ياكى شەھەرلىك ئانا- بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئورنىدىكى مەخسۇس يۇقۇملانغانلارنىڭ تۇغۇت ئىشلىرىغا مەسئۇل دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ ئەھۋالىڭىزنى ، بالىلىق بولماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىيتىڭ .
3.ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىز ئالاقىلىشىپ قويغان ئانا- بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئورنىدىكى مەخسۇس يۇقۇملانغانلارنىڭ تۇغۇت ئىشلىرىغا مەسئۇل دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق جەريانىدا ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ساقلىنىدىغان دورىنى ئىلىپ ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋاقتىدا ، تولۇق ئىچىڭ .بىلىشىمچە بۇ دورا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسى شۇ .
4.ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ ، بىنورمال ئەھۋال بايقالسا ۋاقتىدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ ، دوختۇرنىڭ تەكلىۋى بويىچە ئىش كۆرۈڭ .
5.تۇغۇت مۆلچەر ۋاقتىڭىزدىن ھەپتە ياكى ئون كۈن بۇرۇن يۇقۇمدارلار ئۈچۈن بىكىتىلگەن تۇغۇت دوختۇرخانىسىغا بىرىپ بالىنى قورساقنى يىرىپ تۇغدۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇڭ ، شۇنداق قىلغاندا تۇغۇت جەريانىدا يۇقۇملۇنۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
6.بالىنى تىنچ - ئامان تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئىمىتمەڭ ، بىلىشىڭىز كىرەككى سۈتىڭىز بالىڭىز ئۈچۈن زھەرگە ئوخشايدۇ ، سىز سۈتۈم بەك كۆپ ، ياكى بالامنى ئانا سۈتىدە باققۇم بار ئىدى دەپ ئىمىتىكىنىڭىز بىلەن بەدىنىڭىزدىكى ۋىرۇس سۈتىڭىز ئارقىلىق بالىڭىزنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن ، بۇنداق بولىشىنى ئەلۋەتتە خالىمايسىز . ئەگەر بالىڭىزنى بەكلا ئانا سۈتى بىلەن باققۇڭىز بولسا سىز بىلەن تەڭ تۇققان ، يۇقۇملانمىغان تۇققان ، قىرىنداش ياكى تونۇشلىرىڭىز بولسا مۇۋاپىق رازى قىلىپ بالىڭىزنى ئىمىتكۈزسىڭىز بولىدۇ . ئانا سۈتى پەرزەنت ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم .
7.تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىز ئالاقىلىشىپ قويغان ئانا- بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئورنىدىكى مەخسۇس يۇقۇملانغانلارنىڭ تۇغۇت ئىشلىرىغا مەسئۇل دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ ھۆكۈمەت ھەقسىز تەمىنلەيدىغان سۈت پاراشۇكىنى ئالسىڭىز بولىدۇ ، بىلىشىمچە سۈت پاراشۇكىنىڭ سۈپىتى ياخشى ، بالىغا قەرەرلىك ھەر ھەپتىدە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قىتىم تىزىملاپ قول قويدۇرۇپ، بالىنىڭ ئىھتىياجىغا يەتكۈدەك بىرىدۇ .
ئاخىرىدا ئۆزىڭىز ۋە پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ ، ئىمكانقەدەر ئىممۇنىتىت كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدىغان ھەر خىل تەنھەركەت قىلىڭ ، كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ ،مۇۋاپىق ئاپتاپقا قاقلىنىڭ ، تاماقتىن ئىلگىرى مىۋە يەڭ ، كۆپ كۈلۈڭ ، قانغۇدەك ئۇخلاڭ ، ئوزۇقلۇقنى كۆپ خىل ، سەر خىل قىلىڭ ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپ يەپ بىرىڭ ، مەسىلەن :دولانە ، خام زەنجىۋىل ، ئاپلىسىن ، موگو ، سىرىق پۇرچاق ، مىھرىگىيا ، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ ئىممۇنىتىت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ، باھاسى مۇۋاپىق .
ئەيدىزنى داۋالاش ئۇسۇللىرى پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى ئىزدىنىۋاتقان مەسىلە ، پات ئارىدا داۋاسى چىقىپ ، تەلتۆكۈس ساقىيىپ كىتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .
مەنبە : لالە ( ئۆزۈم ) |