|
بىر جۈپ ‹‹كۈمۈش›› بىلەيزۈك
قاراخان
بۇ يىل رامىزاندا جامائەتنى مەسچىدكە ئىپتارغا چاقىرىدىغان ياكى مەھەللە ھەقەمساي ،ئۇرۇق- تۇغقانلار ئۆزئارا ئىپتارلىشىدىغان ئىش ئاساسى قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار ۋە يەرلىك مۇقىملىققا مەسئۇل كىشىلەر،شۇنداقلا يېزا-كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلەنگەچكە رامىزاننىڭ 17-كۈنىگىچە ھېچكىم ھېچكىمنى چاقىرالمىدى،ئەمما ئاغىنمىز ئابدۇقادىر ئەتىگەندىلا تۇيۇقسىز تېلىفۇن قىلىپ كەچتە ‹‹ياغ پۇراتماقچى ››ئىدىم ئايالىڭ بىلەن داستىخنىمىزغا داخىل بولۇپ كەت دەپ چاقىرىپ قالدى،ئايالىم ئىككىمىز ئۇلار يا يېڭى ئۆيگە كۆچمىسە ،يا بىرەر يېقىنى قازا قىلمىسا نىمىشقا ‹‹ياغ پۇراتماقچى››بولغاندۇ دەپ ئەجەپلەندۇق،ئاخىرى بەلكىم ‹‹ياغ پۇرىتىش››نامى بىلەن ئىپتارغا چاقىرغاندۇ دەپ ئويلىدۇق،كەچتە ئايالىم نەۋرىمىز يالغۇز قالىدىكەن مەن ئۆيدە قالاي سىز بېرىپ كېلىڭ دەپ مېنى يولغا سالدى ،مەن ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىشىمغىلا 10يۈئەنگە ئۈچ كىلو دەپ توۋلىغان ئاددى ئەرەنچە كىيىنگەن باققال ئايالنىڭ ئالدىدىكى مىۋە چىۋىگە كۆزۈم چۈشتى،بۇخەنزۇ ئايال ئۆزىنى چىغ يەلپۈگۈچتە يەلپۈپ ،بىر قولىنى بېلىگە تايىنىپ تۇرۇپ :‹‹ئالامەت تاتلىق ،يىسىڭىز يەنە يىگۈڭىز كېلىدۇ،مانا ماۋۇ يېنىمدىكىلەر تۈنۈگۈن يىگەن ،بۈگۈن ماختاپ ھالى قالمىدى ،سىزگىمۇ 10يۈئەنلىك تارتىپ بېرەي ››دەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سېغىزغاندەك سايراپ كەتتى،مەن ئۈنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ:‹‹ ئەششاپتۇل بىلەن توغاچ شاپتۇلدىن تۆت كىلو ئالاي 12يۈئەنگە بېرەمسىز ››دىسەم ئىتتىكلا ماقۇل دىدى،‹‹باققالنىڭ ئالدى ،قاسساپنىڭ كەينى ياخشى ››دەپ مىۋىلەر شاللىنىپ قالغاچقا ئىككى سۇلىياۋ خالتىغا ئۆزۈم تاللاپ قاچىلاپ تارازىلاشقا سۇندۇم ،ئادىل تارازىنىڭ ئەينىكىدە 15يۈئەن دىگەن سېفىر كۆرۈندى،ئايال تارازىغا يانتۇ قاراپ تۇرغاچقا بىرلا قاراپ - ھە 12يۈئەنلىك كەلدى دىدى،مەن 10يۈئەنلىك ۋە 5يۈئەنلىك خەلق پۇلىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم ،ئۇ كىرلىشىپ كەتكەن پۇل قاپچۇقىدىن ماڭا ئۈچ يۈئەن قايتۇردى،ماڭا ھارام يارىشىدىغان ئادەم بولمىغاچقا ھەم ئۇلۇغ رامىزان ئېيى بولغاچقا ئۇنىڭ ماڭا ئارتۇق قايتۇرغان ئۈچ يۈئەن پۇلىنى ئۆزىگە بېرىپ ‹‹ھەدە ››ئالغان نەرسەم بەش كىلو كەلدى ،ئۈچ يۈئەندىن 15يۈئەن بولىدۇ ،پۈل قايتۇرىشىڭىز ھاجەتسىز دىسەم ،ئۇ ئايال سىزدەك ئادەم ئاز ئۇچرايدۇ ،مەن بىر نەۋرە كۆرگەن ئايالمەن ،يالغان سۆزلەشنى ،ساختىلىقنى بىلمەيمەن،كىشىنىڭ ھەققىگە قارا سانىمايمەن ،سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت دەپ يەنە ئىككى-ئۈچ دانە ئەششاپتۇلنى ئۇنىمىسام ئۇنىماي خالتىغا سېلىپ قويدى،ئەتراپتىكى ئولتۇرغان، تۇرغان قېرى- ياش باققاللار سۆز ھەركىتىمىزگە دىققەت قىلىپ تەسىرلىنىپ كەتتى،مەن ۋېلسىپىتنى مىنىپ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ‹‹ئىپتار ››تۈسىنى ئالغان ‹‹ياغ پۇرىتىش››چېيىغا ھەمدەم بولدۇم ،دوستۇمنىڭ ئايالى تولا كېسەل تارتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەق يولىدا ئۆزارا بىر نەزىر قىلغان ئىكەن .ئۆيگە قايتقىچە باققال ئايالغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ھارامزادە ئايالنىڭ ئىشى خىيالىمدىن بىر بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى .بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئايالىم بىلەن ناھىيە دوختۇرخانىسىغا ئاستا خاراكتېرلىك قان بېسىم كېسەللىگىنى داۋالاشقا ئېتىۋار كېنىشكىسى بېجىرىش ئۈچۈن بېرىپ ئامبۇلاتورىيىدە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاشپۇزۇلغا تاماق يىگىلى پىيادىلەر يولىدا ئالدىرىماي كېتىۋاتاتتۇق ،كۈن چۈشكە قارار تاپقاچقا ئىسسىقتا مېڭىشمۇ خوشياقماي قالغاندى،ئايالىم بىر قولىدا ئابىدە سۈيىنى ئىچكەچ بىر قولىدا زەڭگەر كۈنلۈكنى بېشىغا سايىۋەن قىلىپ ئىرەنسىزلىك بىلەن سوڭدىشىپ كېلىۋاتاتتى ،ئالدىمىزدا سۆرىلىپ كېلىۋاتقان 55ياشلار چامىسىدىكى، تاراقسىز چاچلىرىغا ئاق سانجىغان ،بۇرنىنىڭ ئۇچى ئاسمانغا قاراپ ئىككى تۆشۈكى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئوتتۇرا بويلۇق كۆرۈنىشى بىچارە بىر موماي بىزگە ئىلتىجالىق ۋە مىسكىن قىياپەتتە بىر جۈپ كۈمۈش بىلەيزۈكنى تەڭلىدى،مەن دەرھال قولۇمغا ئېلىپ ھاجەتمەننىڭ بۇ نەرسىسىنى ئەرزان باھادا سېتىۋىلىش خىيالىنى سۈرۈپ بولدۇم،ئايالىممۇ جانلىنىپ سولاشقان قەددىنى تىكلەپ بويۇنداپ قولۇمغا قارىدى،‹‹جىڭ كۈمۈش››دىدى ھېلىقى تىجىمەل سىياق ئايال توخۇنىڭ تاشلىقىدەك قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىنى نەمدەپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا ،يولدا ئۇيان -بۇيان كېتىۋاتقانلارمۇ قىزىقىش بىلەن قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى،مەن گۇمانسىراپ بىلەيزۈكنى دەرھال يەرگە تاشلاپ باقتىم ،يەرگە سالماق چۈشتى ۋە قۇلىقىمغا كۈمۈشتەك ئاۋاز كىردى،بەللى ئايالىم بىلەن توي قىلغان 20نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭغا بىردانە مىس بىلەيزۈك بولسىمۇ ئېلىپ بېرەلمىگەندىم،ئەندى قوپال بولسىمۇ بىر جۈپ ‹‹جىڭ كۈمۈش بىلەيزۈك››بىلەن ئۇنىڭ مۇلايىم بىلەكلىرىنى زىننەتلەپ قويىدىغان بولدۇم دەپ ئىچىمدە سودىلىششىقا ئالدىرىدىم ،ئايالىممۇ ئەرزان بەرسە ئىككىلىسىنى ئالايلى دىدى،ھاجەتمەن سىياقتىكى ئايال ئايالىمنىڭ بىلەيزۈكتىن كۆزىنى ئۈزمەيۋاتقانلىقىنى سېزىپ زۇۋانغا كىردى،يەرلىككە ئانچە ئوخشىمايدىغان ئېغىر تەلەپپۇزدا بۇ بىر جۈپ بىلەيزۈك ئاتا-بوۋامدىن قالغان،ئاتا-بوۋامغا ئاتا-بوۋىسىدىن قاپتىكەن،مەن گېلىمغا ،ئۇچامغا تىلەپ يىسەم مەيلى بىراق كاناي ياللۇغۇم ئىسسىقتىن قوزغىلىپ دورا ئېلىپ ئىچىشكە ئامالسىز قالدىم،مەن بىر تۇل خوتۇن ھېچقانداق تايانچىم يوق،بۇ بىر جۈپ تەۋەرۈك بىلەيزۈكنى ساتمىسام كېسىلىم ئېغىرلىشىپ كەتكۈدەك ،ماڭا ئىشىنىڭ ئەپەندىم بۇ جىڭ كۈمۈش ،ئەگەر يالغان بولسا مېنى ئىلاھىم ئۇرسۇن دەپ ئاسماننى كۆرسىتىپ قويۇپ ياكى مۇنۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلار ئاستىدا قېلىپ ئۆلەي دىدى.....مانا جىڭ كۈمۈشكەن! دىدىم مەن ئۇنىڭ قەسەم پۇراپ تۇرغان قاقۋاش گەپلىرىگە ساددىلارچە ئىشىنىپ .نەچچە پۇل؟- دىدىم، يانچۇقۇمدىن تىمساخ تېرىسىدا تىكىلگەن ھەمياننى چىقىرىپ ئۇ ئەرزان ،قىممەت ئەمەس ئاران 300يۈئەن دىدى ئۇ يۇيۇقسىز ھەم سارغايغان چىشلىرىنى ئادەمنى بىئارام قىلغۇدەك دەرىجىدە چىقىرىپ ،مەن ئالمايمەن قىممەت ئىكەن دىدىم ،ئايالىم ئەرزان بەرسەڭ ئالىمىز دىدى ماڭا شۇئان ماسلىشىپ،ئۇ ئەمىسە 200يۈئەن دىدى ،بىز بىردىنلا 100يۈئەن چۈشۈرۈپ بەرگەنگە قانائەت قىلماي ،بولدى ئالمايمىز،بىلەيزۈكۈڭ ساختا بولىشى مۈمكىن دەپ بىر قەدەم ئالدىغا سىلجىدۇق ،ئۇ بىزگە سالجىدەك چاپلاشتى ،ئىچىدىغانغا دورام قالمىدى ،بولدى مەن يەنە يۈز يۈئەن قويۇپ بېرىڭ ئېلىپ قويۇڭ دىدى ھىلىقى ئايال .مەن ھەمياندىكى قاتار تۇرغان 100يۈئەنلىك پۇلدىن بىرنى سۇغىرىپ ئۇنىڭغا :‹‹بوپتۇ ئالساق ئالايلى،بىلەيزۈك ساختا چىقىپ قالسا سېنى نەدىن تاپىمىز ؟››دىدۇق،ئۇ ئايال ھېچبىر ھودۇقماي،مەن مۇشۇ بازاردا ھەركۈنى بار دەپلا پۇلنى ئالدىدە غايىپ بولدى،مەن ئايالىمنى خوش قىلغىنىمغا،ئايالىم بىر جابدۇقىنىڭ تەسادىپى تولۇقلىنىپ قالغىنىغا ھىجىيىپ ئەرزان ئېلىۋالدۇق دەپ كۇسۇرلىشىپ ئاشخانىغا كىرىۋالدۇق،چۈنكى موماي ياكى ئۇنىڭ بىرەر تونۇشى بىلەيزۈكنى ئەرزان بېرىۋېتىپتۇق دەپ ھېلىلا قوغلاپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى،ئايالىم پاقىراپ تۇرغان ئىككى بىلەيزۈكنى مەشرەپ ماركىلىق تازىلىق قەغىزىگە ئوراپ يېشىل قول سومكىسىنىڭ ئىچىگە ئاۋايلاپ سالدى،تاماقمۇ شۇنداق سىڭىشلىق بولدى ،چۈنكى خىيالىمىزدا بۇ بىر جۈپ بىلەيزۈك بىر خىل ئاسارە-ئەتىقە تۈسىگە ئىگە ،ئۆزگىچە زىننەت بۇيۇمى بولۇپ يەتتە-سەككىز يۈز يۈئەنگە يارايتى،ئەگەر شۇنداق بولسا بۈگۈن دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتكەن چىقىملار ،بېرىپ كېلىشتىكى كىرا،تاماق پۇللىرىغا قورسىقىمىز ئاغرىمايتى،بىردىنلا بۇ نەرسىنىڭ چىن ساختىلىقىنى زەرگەرخانىدا تەكشۈرۈتكىمىز كەلدى،شىركەت نامىدىكى ئالتۇن كۈمۈش ماگىزىنىغا كىرىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ئانچە يىراق بولمىغان ‹‹ئالىمجان زەرگەرخانىسى››دەپ ۋىۋىسكا ئاسقان دۇككانغا كىردۇق،ياش زەرگەر بىزنى زىبۇ-زىننەت ئالغۇچى خېرىدار دەپ قالدىمۇ قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ
قارشى ئالدى،بىز قىممەتلىك نەرسىمىزنى سومكىدىن چىقىرىپ قەغەزنى ئاچماستىنلا سىلەرمۇ ئالدىنىپسىلەردە ،دەپ زاڭلىق ئارىلاش كۈلدى ياش زەرگەر ‹‹گۆھىرىمىز››نى قولىغا ئېلىپمۇ قويماستىن،بۇ بىر موچەنگىمۇ يارىمايدىغان كېرەكسىز تۆمۈر خالاس،سىلەر بۈگۈن دۇككىنىمغا مۇشۇ ئىش بىلەن كىرگەن يەتتىنچى خېرىدار ،بۇ بىلەيزۈك ئادەتتىكى كۈمۈش سۈيى يالىتىلغان تۆمۈر ،ئۇنىڭ ئېلاستىكىلىقى پاقىراقلىقى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارنى بوياپتۇ دىدى،شۇندىن كېيىن بىز بىر خىل ئوسال ھالەتتە دۇككاندىن قايتىپ چىقىپ ئۇدۇل ئاپتۇۋۇزغا قاراپ يول ئالدۇق،ئۆيگە كېلىپ بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندە توخۇنىڭ‹‹ چىشى››نى ساناشقىمۇ ئۇرۇنۇپ باقىدىغان ئاغىنىمىزگە بۇ ‹‹گۆھەر››نى ئەرزان باھادا ئۇچراپ قېلىپ ئالغىنىمىزنى ئېيتساق ئۇمۇ ئۇيان -بۇيان ئۆرۈپ راستىنلا ئەرزان ئېلىۋاپسىلەر دەپ چىن -ساختىلىقىنى بىلەلمىدى،ئىككىنچى كۈنى ئېرىدىن تۇل قالغان سىڭلىمىزغا بۇ سوۋغىنى ساڭا ئالغاچ كەلدۇق دەپ بەرسەك بىلىكىگە تاقاپ بېقىپ ھەم خۇرسەن ھەم ھەيران قالدى ،مەن ئايالىمغا يوشۇرۇن كۆز قىسىپ قويدۇم،ئۈچىنچى كۈنى سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە بارسام بىر جۈپ ‹‹كۈمۈش ››بىلەيزۈك بوسۇغىدا تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ،مەن ئۇنى ئېلىپ سىڭلىمغا ۋاقىرىدىم ،نىمىشقا سوۋغىمىزنى مەنسىتمەي بۇ يەرگە تاشلاپ قويدۇڭ؟ ئۇ شۇ زامات چىكەڭگە تېڭىۋال بۇ بەش كويغىمۇ ئەرزىمەيدىغان ساختا بىلەيزۈكۈڭنى دىدى ئاچچىق كۈلۈپ ،مەنمۇ ئوينىغان ئويۇنۇمنىڭ قاملاشمىغىنغا كۈلۈپ كەتتىم،مەن ئۇنىڭغا قانداق بىلىپ قالدىڭ دىسەم زەرگەرگە كۆرسەتسەم ئىچكىرىدىن ئاققۇنلار ئېلىپ چىقىپ سېتىۋاتقان ساختا بىلەيزۈك دەپ ئېيتتى دىدى،بىلەيزۈكتە بىر جۈپ بېلىقنىڭ پىلتىڭلاپ تۇرغان قاپارتما نەقىشى ھەم مېيخۇئا گۈلىنىڭ نۇسخىسى بولۇپ،سالماقلىق ھەم ئىچى -تېشىغا ئەۋرشىم ئېگىلىپ تۇراتتى،ئايالىم ئىككىمىزنىڭ نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ بىر كۈمۈشنى ئايرىيالماي ،بىر يولۇچىغا ئالدىنپ ‹‹كور خېرىدار››بولۇپ قالغىنىمىز ئۇ ئايالنىڭ ئىلاھىنىڭ بىزنى سېھىرلەپ قويغىنىمۇ ياكى بىزنىڭ دىتسىزلىغىمىزمۇ ؟بىلەلمىدۇق، نىمىشقا باشتىلا زەرگەرخانىغا تەكشۈرۈتۈپ لىللا سودا قىلىشنى ئويلاشماي ئۇنى قاقتى- سوقتى قىلىش خىيالىدا بولغاندىمىز؟شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ ئەگەر بىلەيزۈك كۈمۈش بولمىسا ‹‹ئىلاھىم ››ئۇرسۇن دەپ كۆرسەتكەن ئاسمىنىغا قارىدىم ،نىيەتنىڭ ئالاسى خۇدانىڭ بالاسى دىگەن شۇ ،بىزنىڭ نىيىتىمىزنىڭ ئالالىقى بۇ سودىدا بىزنى داغدا قويۇپتۇ،ئاتىلارنىڭ باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندىن پايدىلىنىپ نەرسە -كېرەكلىرىنى ئەرزان باھادا ئېلىۋېلىش غەرىزىدە بولماڭلار دىگەن نەسىھىتى يادىمدىن كەچتى،يەنە كېلىپ بۇ نەرسە ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس باشقا بىر تائىپىنىڭ نەرسىسى تۇرسا ئۇنى قانداقمۇ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىشقا شەيتان بىزنى ئازدۇرغان بولغىيتى،ئارىدىن نەچچە كۈنلەر ئۆتكەن بولسىمۇ ناھىيە تەۋەسىدە بىرەر قاتناش ۋەقەسى بولغىنىنى ئاڭلىمىدۇق،ياكى ھېلىقى ئايالنىڭ ساختا بىلەيزۈك ساتقان قىلمىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاسماندىكى ئىلاھىنىڭ ئۇنى ئۇرغان -ئۇرمىغانلىغىنى بىلەلمىدۇق، بىراق بۇ بىر جۈپ ‹‹كۈمۈش›› بىلەيزۈكنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغاندا ئۇنىڭ تېشى پال-پال ئىچى غال-غال سوغۇق ھالىتى ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ دىتسىزلىقىغا مەسخىرە قىلىپ كۈلىۋاتقاندەك ،ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ ئۇنى كولدۇرلىتىپ سېتىۋىلىشقا ئالدىراپ كەتكەن بىچارە ھالىمىزغا ئېچىنىۋاتقاندەك بىر خىل سىقىلىش تۇيغۇسىغا مەھكۇم بولاتتۇق،ئۇنى تاشلىۋەتمەكچىمۇ بولۇپ ئۇنىڭ بىر قېتىملىق كىچىككىنە ساۋاقنىڭ يالدامىسى ئىكەنلىگىنى پەملەپ ساقلاپ قوياي دىدىم،يەنە بىر تۇرۇپ بىرسىگە ئالداپ -سالداپ سېتىپ زىياننى ئۈندۈرىۋېلىش ئويىدىمۇ بولدۇم،بىراق بىر نەرسە ساتساڭ ئەيىپىنى دەپ سات دىگەن چوڭلارنىڭ گېپى بولغاچقا باشقىلارنى ئالداشقا پېتىنالمىدىم،بۇ ‹‹كۈمۈش››بىلەيزۈك ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ ھاياتقا تۇتقان چىن ياكى ساختا پوزىتسىيىمىزنىڭ سىناق تېشىدەك بىر ئىسسىق بىر سوغۇق كۆرۈنۈپ ئۆيىمىزدە تۇرۇپتۇ،ھىلىقى باققال ئايالنىڭ تارازىسىدىكى ئادىللىق ،بۇ ھاجەتمەن ئاققۇننىڭ ئاغزىدىكى قەسەمگە ئورالغان خۇپسەن پاراڭلار ،ئايالىم ئىككىمىزنىڭ كىچىككىنە سودا پۈرسىتىدىكى تەمكىنلىكتىن خالى بولغان مال-دۇنياغا ھېرىسمەنلىك ئېڭى قوشۇلۇپ ئىچىمدە چۈمۈلە ماڭغاندەك بولاتتىم ...بىر جۈپ ‹‹كۈمۈش››بىلەيزۈك يەنە كىملەرگە،قايەرلەردە يەنە قانداق ئويۇن قىسمەتلەرنى ئېلىپ كەلمىگەن دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن...ھايات ھەقىقەتەن قارىغۇنىڭمۇ كۆزىنى ئاچىدىكەن.
2015-يىلى 10-ئىيۇل |
|