ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 575|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەلى قۇربان مۇئەللىمدىن دۇردانىلەر-119

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا


               ‹‹ئەلى قۇربان›› مۇئەللىمدىن دۇردانىلەر-


ساختا نىقاپلار بىلەن ئالقىشقا ئېرىشكىنىڭدىن ، يالىڭاچ ھالدا مازاققا قالغىنىڭ ئەۋزەل .

* مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ھېچكىم بىلەن رىقابەتلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق ،
پەقەت تۈنۈگۈنكى ئۆزۈڭ بىلەن رىقابەتلەشسەڭ شۇ يېتەرلىك .

* بەزىلەر بارنىمۇ يوق دەپ ياشايدۇ ، بەزىلەر يوقنىمۇ بار دەپ ياشايدۇ .

* سېنىڭ مەلۇم ئىشقا قارار چىقىرالماسلىقىڭ ئەمەلىيەتتە ، شۇ ئىشقا قارار چىقارماسلىقنى قارار قىلغانلىق ،
شۇنداقلا ئىنتايىن پاسسىپ قارار چىقىرىش ئۇسۇلى .
* گۈللەر گۈزەللىك ئىزدىمەيدۇ ، ئۆزى ئۈنگەن يەرنى گۈزەللەشتۈرىدۇ .

* ھەقىقەتكە قانچە ئېگىلگەنسېرى ، سەن شۇنچە تۈزلىنىسەن .

* ئۆزىنى چۈشەنمەك بەك مۈشكۈل ئىش ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۆز مېڭەڭ بىلەن ئۆز مېڭەڭنى چۈشىنىشكە مەجبۇر بولىسەن .

* ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ باھاسى سەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن .

* ئاستىلاش ئارقىلىق سەن ھەرقانداق ئىشنى تېز قىلالايسەن .

* دانا ھەقىقەت ئىزدەيدۇ . نادان ھەقىقەتنى ئاڭلىسا كۈلىدۇ . ئۇ كۈلمىسە ھەقىقەت ھەقىقەت بولماي قالىدۇ .

* سەن يوقاتقان نەرسىلەر ئاۋال ساڭا بېرىلگەن نەرسىلەردۇر .

* ناخشا - ئۇسسۇل بولسا خوشاللىقنىڭ ئىپادىسى ، ھەرگىزمۇ مەنبەسى ئەمەس .

* قولۇڭنى پىچاق كېسىۋەتسە ، سەۋەنلىكنى پىچاقنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن كۆرمە .

* كۈنلەر ئۇزۇن ، بىراق يىللار قىسقا .

* ھەقىقىي دوست دېگىنىمىز - دوستى بىلەن ئاشخانىغا كىرگەندە پەقەت بىر كىشلىكلا پولونىڭ بارلىقىنى بىلىپ
« مېنىڭ پولوغا خوشام يوق » دەيدىغان كىشى .
* پىلانلىغان تۇرمۇشۇڭدىن ۋاز كەچسەڭ ، سېنى ساقلاپ تۇرغان تۇرمۇشقا ئېرىشىسەن .

* دائىم باشقىلارنى خوشال قىلىمەن دەپ ئويلاش روھىي كېسەللىكنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

* ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشتىن توختىسا ، ئۆگىتىش ئۇنىڭغا زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ .

* دۈشمىنىڭنىڭ ساڭا نېمە دېگىنىگە قارىغاندا ، دوستۇڭنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەممىدىن مۇھىم .

* جاپا - مۇشەققەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى - جاپا مۇشەقەتلىك تىرىشىش .
* بالىلارنى تەربىيەلەشتە ئۇلارغا بېرىدىغان بىلەن تەربىيەنىڭ ۋاقتى پەرز .

* ئەگەر ئۆزىنى سۆيۈش خاتالىق بولسا ، مەن بۇ خاتالىقنى بىر ئۆمۈر سادىر قىلىشقا رازى .

* يۈز بەرگەن بەزى ئىشلارغا ئۆتمۈشۈڭ سەۋەپچى ، بەزىلىرىگە بولسا كەلگۈسۈڭ سەۋەپچى .

* ياشلار كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ كىرزىس پىسخىكا كىرزىسىدۇر .
* ئاجىز ۋاقتىڭدا شەرەپ ۋە مەرتىۋە دېگەنلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلما .

* كىشىلەرنىڭ بارلىق خوشالسىزلىقى دەل ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلىۋالغان ئىچكى قىممەتنىڭ ئۇلارنى جازالىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر .

* بىر قىسىم كىشىلەر بار قولىغا تاش ئېلىۋېلىپ ئەتراپىڭدا چۆرگىلەپ يۈرۈيدۇ . ئۇلار ھەم بۇ تاشنى ساڭا ئېتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ھەم تاشنى تاشلىۋەتمەيدۇ .
* ئۆزۈڭدىن پەخىرلەنمەكچى بولساڭ ، پەخىرلەنگىدەك ئىش قىل ...



  مەنبە:يىغىپ ساقلىۋالغانلىرىم....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +5 يىغىش سەۋەبى
ئارف + 5

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

13

تېما

100

يازما

456

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

پىراكتىكانىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 857
يازما سانى:
100
تىللا:
356
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
91 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-1

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

دېۋان
ۋاقتى: 2016-7-19 18:42:09 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يارقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-7-19 19:36  


ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگەن لىكسىيەلىرىنى مەن بەكلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن  بۇمۇ بىر ياخشى تىما بوپتۇ تەشەككۈر

3

تېما

52

يازما

142

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 753
يازما سانى:
52
تىللا:
90
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
9 سائەت
ئاخىرقى:
2016-9-20
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-7-20 13:59:39 | ئايرىم كۆرۈش
دۇردانىلەردىن سۈيۈندىم  ،بىزلەر شاكىلىنى  چىقىرىپ تاشلاپ مىغىزىنى قوبۇل قىلىشقا  موھتاج.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-8-29 01:46:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئارف يوللىغان ۋاقتى  2016-7-20 13:59
دۇردانىلەردىن سۈيۈندىم  ،بىزلەر شاكىلىنى  چىقىرىپ تاش ...

شۇنداق توغرا دەيسىز.
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

5#
ۋاقتى: 2016-8-31 16:54:14 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ شاكلنى چىقرىۋىتپ مىغزنى ئىلۋالاي ئەمسە
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:24 , Processed in 0.131652 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش