
قۇچقاچلار توپلىشىپ قىلغاندا پەرۋاز ،
چىقىدۇ توساتتىن پۇر قىلغان ئاۋاز .
ۋەلىسپىت مىنگەندە كۆتۈڭ ئاغرىسا ،
ئىگەردىن رەنجىمە چاقىدا يەل ئاز .

كۆرۈنگەن يەرلەرگە پايپاقنى يەشمە ،
سۆھبەتتە بىراۋنىڭ سۆزىنى تەشمە .
قانائەت بابىدا بولساڭ بىر مىسال ،
بۇ ھايات رىزقىڭغا چاچىدۇ چەشمە .

تولا گەپ ئادەمنى قىلار قەدرىسىز ،
ھالاۋەت كېلەمدۇ قولغا جەبرىسىز .
ئىلمىساڭ ئاۋامنى پاتماي كوچىغا ،
ئاقىۋەت دۇنيادا قالما قەبرىسىز.

توخونىڭ چىشى يوق تۇمشىقى يامان ،
قالىدۇ يەنىلا چاشقانغا خامان .
مەزىلىك لوقمىنى يىسىمۇ ئىتلار ،
كالىلار سۈت بېرەر يىسىمۇ سامان .

ۋاقىتنى پارچىلاپ قىلدۇق نان ئۇۋاق ،
بىخلانغان ئىللەتكە ياپمىدۇن تۇۋاق .
كۆپكەچكە ھەر دائىم قورساقتا ھەسەت ،
سۆكۈلدى سېيرىتما ،تۇتمىدى سۇۋاق .

چىۋىننى پالاقتا پاق قىلغان بىلەن ،
كۆكۈيۈن ھاۋادا ئۇچىدۇ تېرەن .
نادانلىق بېتىدە ياتما كېرىلىپ ،
روھىڭنى سۇغۇرۇپ ھېكمەتكە مىلەن .

بىراۋلار كۆرسەتسە چىشنىڭ ئېقىنى ،
قولۇڭغا تېگىدۇ يۇمشاق بىقىنى .
تەقدىرىڭ قويغاندا ئالدىڭغا تۇخۇم ،
پالاققا ئېسىلما ،تاللا سېقىنى .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت