ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ تىما ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر تىما بوپتۇ ، بىلگە ئاكامنىڭ داۋاملىق خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن باشقىلاردىن توختىماي ئازار يەۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۋاتىمەن . بۇرۇن ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتىدىغان دورا چىقمىغانلىقى ھەققىدە يازغان ماقالىسىگە قارىتا بەزى كىشىلەر ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىمىز دەپ تەھدىت سېلىشقان ئىكەن .
ئالىمىمىزنىڭ داۋاملىق شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلار، تەھدىت سالىدىغانلار، ماقالە يازسا كۆز قارىشىغا ئىلمىي رەددىيە بېرىشكە كۈچى يەتمەي، ھاقارەتلىك تىللار بىلەن ئاغزىنى بۇزىدىغانلارمۇ چىقىپتۇ .
بۇ مەھسۇلات توغرىسىدا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۈندىداردا بىر ماقالە ئىقىپ يۈردى ، مەنمۇ ئۈندىدارىمدا ئۇچۇپ يۈردى .
< 
بۇ كۆرگەندىن كىيىن مىنىڭمۇ كىيانى بىلەن ئويناشقۇم كىلىپ چەمبىرىكىمدە بىر ھازا مۇنۇ داڭلىق ماقالە يازغۇچىنى تىللاپتىمەن .
،مۇنۇ يازمىغا قاراڭلار، ئەزەلدىن «ئىشچان، ئەمگەكچان، ئىلىم سۆيەر، سەنئەتخۇمار» دەپ تەرپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى ئەمدىلىكتە «كېسەلچان خەلق»، «نامرات خەلق» دەپ سۈپەتلەپتۇ. بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەت، «كيانى بىلەن ئويناشماڭ» دېگەن گەپ ممەيلەنگە سېلىنغان تەھدىت. بۇنىڭ يازارمەنلىرى بۇنداق ھاقارەتلىك سۈپەتلەرنى ئۆچۈرۈپ، ئەدەبىياتنى قايتىدىن ئۆگىنىپ ئاندىن يازسۇن. بولمىسا ئۇلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىمىسىمۇ، ئەخلاقنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
بۇنى كۆرۈپ، بارلىق كيانىزمچىلارنىڭ ئۆكتە قوپۇشى ئېنىق. لېكىن پەرۋايىمىز پەلەك. چۈنكى ھەممەيلەن دېگۈدەك ئۇلاردىن بىزار.
|