ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

00

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

مەن مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ‹‹ تەقدىر چاقچىقى ›› دىگەن بىر ھېكايىنى يازغان. شۇ چاغدا ئۆيۈمدە تور بولمىغاچقا ئۇ ھېكايىنى تورخانىدا يېزىپ  ھەم ۋاقىت قىس ھەم يېزىش جەھەتتە مەغلۇپ بولدۇم دەپ قارىغاچقا ئاخىرىنى تاشلاپ قويغاندىم. شۇندىن بىرى مەن ئىچىمنى تىڭشاپ يۈردۈم. ھەتتا بۇ تىمىدىن ۋاز كېچىشنى ئويلىغان چاغلىرىممۇ بولدى. ئەمما ئاخىرىدا ۋاز كېچىش قارارىمدىن ياندىم.
بۇ ھېكاينىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق ئىدى. ھېكايىدىكى باش قەھرىمان ئەسلىدە ياخشى ئادەم ئىدى. ئەمما ئايالىنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىگە سەككىز ئاي بولۇپ قېينئانىلىرى ئايالىنى يۆتكەپ كەتكەندىن كىيىن دوستلىرىنىڭ ئارقىسغا كىرىپ ناھېيىگە بېىرىپ بىر ساتىراشخانا نامىدىكى پاھېشخانىغا كىرىدۇ. كىيىن تاسادىپى يارلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرگەندە قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ چەكسىز ئۆمىدسىزلىنىدۇ. ئۇ بۇ نىجىس كېسەلنى ئايالىمغىمۇ يۇقۇپ قالدىمىكىن دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان پەرزەنتىنىڭمۇ يۇقۇملىنىش خەۋىپى ئېغىر ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقىدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنى ئويلاپ ساراڭ بولىدۇ. ئەمما ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ. ئاخىرى تەقدىرگە تەن بېرىپ سىرلىق ھالدا ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كېلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشمەي يۈز-ئابرۇيى بىلەن دۇنيادىن كېتەتتى.  لىكىن ئۇ  ئۆلۈۋېلىش بىلەنلا ئىشلارنىڭ تۈگەپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. چۈنكى ئەگەر بۇ كېسەل ئايالىغا يۇققان بولسىچۇ؟ ئەگەر قورساقتىكى بالىغا يۇققان بولسىچۇ؟ ئۇ بۇلارنى ئويلاپ كاللىسىدىن كېتەيلا دەپ قالىدۇ. بىر تەرەپتە ئەزرائىل پىچىقىنى بىلەۋاتاتتى. بىر تەرەپتە يۈز ئاپرۇيى يەر بىلەن يەكسان بولۇش ئالدىدا تۇراتتى. يەنە بىر تەرەپتە ئۇنىڭ يۈرەك پارىسى ئۇنىڭغا قاراپ باغرىنى ئېىپ كېلىۋاتاتتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئاخىرى قەتئى قارارغا كېلىپ ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ئۆز پۇشتىغا قول سېلىپ بالىسىنى چۈشۈرىۋىتىدۇ. ئەمدىلىكتە ئايالى ئەيدىز بولۇپ بالىغا يۇققان  بولسا ، بىر ئالتىنجى بارماق يوق بولدى. ئەگەر ئايالىمۇ يۇقۇملانمىغان بولسا ئۆزى ئۆلگەندىن كىيىن ئايالى قايتا ياتلىق بولىشىغا توسقۇن بولىدىغان بىر مەسىلە ھەل بولغان بولدى. ئەمما ئۇنىڭ ( ئۆزىچە ) ھەممىگە ئىشلىگەن كاللىسىغا ئۆزىنى قايتا بىر تەكشۈرتۈپ بېقىش كەلمەيدۇ. ئۇ يەنە بىر قېتىملىق ھادىسىدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ چاغدىلا ئۆزنىڭ ئەيدىز ئەمەسلىكى نەچچە ئاي بۇرۇنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ بىر قېتىملىق قان تەكشۈرۈش نەتىجسى ئالمىشىپ قالغانلىقتىن بولغان ئىش ئىكەنلىكى بايقىلىدۇ. لىكىن ئۇنىڭ پاھېىشخانىغا كىرگەنلىكى راست ئىدى. ئۇنىڭ بىر قېتىملىق خاتا قەدىمى ئۇچۇن تەقدىر ئۇنىڭ دۇنياغا كۆز ئىچىش ئالدىدا تۇرغان پەرزەنتىنى ئېىلىپ كەتكەندى.
مانا بۇلار مەن يازماقچى بولغان ھېكايە ئىدى. ئەمما دەسلىپىدىلا بۇ تىمىدا مەغلۇپ بولغاندەك ھېس قىلدىم.


2014-يىلى مېنىڭ 30يىللىق ھاياتىمدىكى ئەڭ قاملاشمىغان بىر يىل بولغاندى. ئىختىسادنىڭ مەنپى ئېشىشى نەتىجىسىدە تونۇش بىلىش ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ تولىسى تۇرمۇشتىن قاخشاپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مېنىڭ ئۇلارنىڭكىگە زادىلا ئوخشىمايتى. چۈنكى ئۇلار بۇ يىل پۇل تاپالمىغان بولسا كېلەر يىل تاپسا بولاتتى. بۇ يىل ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا قايتىدىن توي قىلسا بولاتتى. سۆيگۈندىن ئايرىلىپ قالغان بولسا يەنە مۇھەببەتلەشسە بولاتتى. ئىنسانلار دۇنياغا تۆرەلدىمۇ بولدى. ئۇلارنىڭ ھاياتى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرىدۇ. گەرچە ھېچكىم ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ ئەمما ئەزرائىلنىڭ ئۆزىگە مىنۇت-سىكونىتلاپ يېقىنلاۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما مېنىڭ ئەھۋالىم يەنىلا ئۇلارغا ئوخشىمايتى. چۈنكى مېنىڭ ئەزرائىلىم ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ پەقەت تۆت يىل ئەتراپىدا سەۋىر قىلالايتى. ئاندىن
ئۆتكۈر پىچىقىنى گېلىمغا سۈركەيتى.
  مەن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ يەنە تۆت يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەندىم. لىكىن كۆزلىرىمدىن قورىققانلىقىم چىقىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىم. پەرىزىمچە مەن ئەمدى ھاياتلىقتىكى بەھىر ئېلىشقا تېگىشلىك ياخشى -يامان نەرسىلەرنىڭ ھەممسىدىن بىراقلا مەھرۇم بولغاندىم. مەن كىنولاردا كۆرگەن باش پىرسۇناژنىڭ ھاياتى مىنۇت ئىچىدىلا ئاستىن -ئۈستۈن بولاتتى. لىكىن كۆپلىگەن فىلىملەردە ياخشىلار ھامان ياخشىلىققا -يامانلار يامانلىققا ئىرىشەتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش سەھنىسىدىكى ياخشى بىر رولنى ئېلىشىمنى ئۆمىد قىلاتتىم. قانداق قىلاي . مەن ئۆزۈم ياخشى ئادەم ئەمەس. شوڭا تۇرمۇشتا ماڭا ياخشى رول تەگمەي قالدى.
شۇ كۈنى مېنىڭ قىلغان ئىشىم. تۆت يىل ۋاقىتنىڭ قانچە ئاي، قانچە كۈن، قانچە سائەت، قانچە مىنۇت بولىدىغانلىقىنى ھېساپلاش بولدى. ئاخىرىدا مېنىڭ روھى ھالىتىم شۇ بولدىكى مەن دەھشەت چۆچۈپ كەتتىم. ھازىر سائەت چۈشتىن كىيىن سائەت بەش بولدى. دىمەك ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە ھاياتىمنىڭ ۋاقىت سائىتى 86400 سىكونىت مېڭىپ بولاتتى. مەيلى كۆرپىنى قىرلاپ ئۇخلاي، مەيلى ساياھەت قىلاي، ياكى كېچىچە ئۇخلىماي دۇئا-تىلاۋەت قىلاي بەرىبىر ئىدى. تۆت يىل دىمەك ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا پەقەت تۆت يىللا ياشايدىكەنمەن. ھاياتىمننىڭ ئوتتەك قايناق ۋاختىدا سىلەرگە ‹‹ خوش›› دەيدىكەنمەن. ئەمسە چۆچۈپ كەتمەي قانداق قىلاتتىم.
ئويلاپ باقسام خېلى بەخىتلىك ياشاپتىكەنمەن. ئۇرۇق-تۇققانلىرىم مېنى ئوبدانلا ھۆرمەتلەيتى. دوستلىرىم چوڭ كۆرەتتى. چۈنكى مېنىڭ ھاياتىم كىتاپتىن زادىلا ئايرىلمىغاندى. قېرنىداشلىرىم ئامراق ئىدى. ئايالىم مېنى ياخشى كۆرەتتى. ئانامنىڭ بولسا باغىرى مەن ئۈچۈن ئوت ئىدى. قولۇمدىن چوڭ ئىشلارنىڭ كەلمەيدىغانلىقى ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئىدى. مەن ھەرگىزمۇ شاھرۇخخاندەك كىنو چولپىنى بولالمايتىم. رونالدودەك پۇتپۇل شاھىمۇ بولالمايتىم. ‹‹ ئالما ›› غا ئوخشاش چوڭ شىركەتلەرنىمۇ قۇرالمايتىم. پەقەت قولۇمدىن كېلىدىغىن  25 كۇۋادىراتمىتىر كېلىدىغان كىچىك دۇكىنىمنى ئېچىپ ھەر ئايدا ئالىدىغان 2500 يۈۋەن پايدىغا قانائەت قىلغان ھالدا دۇكان ئاچقان كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان شۇ تۇرمۇشۇمنى ئۆزۈمچە شاھانە تۇرمۇش دەپ ئاتىۋالغاندىم. ئايالىم بولسا ‹‹ بىزنىڭ قاچان ماشىنمىز بولىدۇ، قاچان بانكىدا پۇلىمىز  بولىدۇ، قاچان بىزمۇ باشقىلاردەك چىرايلىق ئۆيلەرنى سالىمىز ›› دەپ قاخشاپ قويغىنى بىلەن ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا ياخشى ئايال ئىدى.
ئىلگىرىمۇ ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېساپلايتىم . مانا ئەمدى ھاياتىم تۆت يىللىق تەتۈر ساناق باسقۇچىغا چۈشكەندە بۇ بەخىتنىڭ بىرى ئون بولۇپ تۇيۇلۇۋاتاتتى. مەن شۇ كۈنى توختىماي خيىال سۈرۈپ چىقتىم . خىيال قۇشلىرىم ئۇچۇپ بەخىت -سائادەت سارايلىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە خۇشاللىقتىن كۆزلىرىم يۇمۇپ كەتتى. مانا ئەمدى كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىققا قايتىپ كېلىۋىدى . ھالىم تولىمۇ پەرىشان بولدى. بۇ دىگەن كىنو فىلىم ئەمەس بەلكى ھەقىقى رىئاللىق تۇرسا.
  مەن ئالدىمدىكى بۇ تۆت يىل ۋاقىتنى زادى قانداق ئۆتكۈزۈش مەسلىسىدە ساق بىر كۈن باش قاتۇردۇم. ئەمدىكى ھاياتىمدا پەقەت ياخشىلىق قىلىشقىلا بولاتتى. ھەر بىر دەقىقىنى ياخشى يوللارغا سەرىپ قىلىشىم. ئۆلگەندىن كىيىن باشقىلار مەن توغرىلىق پاراڭ قىلغاندا ياخشى گېپىمنى قىلىدىغان، خەيىرلىك دۇئا قىلىدىغان بىر ھالەت شەكىللەنسە بولاتتى. چۈنكى مەن يامان ئاتاق قالدۇرۇپ ئۆلۈشنى زادىلا خالىمايتىم. ئەمدى ئۆمىد قىلىدىغىنىم چەكلىك ھاياتىمنىڭ بۇ خەيىرلىك نىشانىمغا يېتىشىمگە يار بېرىشى ئىدى. خەيىر مەن بۇ قەدەمنى زادى نەدىن باشلاي.
  مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قۇربان ئىسىملىك بىر دوستۇمدىن 200 يۈۋەن قەرىز ئالغاندىم. دەسلەپتە ئەتە بېرىمەن، ئۆگۈن بېرىمەن، مانا ، ئەتە دەپ يۈرۈپ بەرگۈم كەلمىگەن ، بىر مەزگىلدىن كىيىن دوستۇم بۇ پۇلنى ئۇنتپ قالدىمۇ ياكى دوستلۇق ئۈچۈن بۇ پۇلدىن ۋاز كەچتىمۇ بىلمەيمەن. ئۇمۇ ماڭا پۇل دىمىگەندى. مانا ئەمدى بىرىنچى بولۇپ مۇشۇ قەرىزنى قايتۇرماقچى بولدۇم. قۇربان ساتىراش ئىدى. ھال-ئوقىتى خېلى يامان ئەمەس ئىدى. ئەمما يېقىدىن بىرى باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ دۇكان ئېچىشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتى. دىمەك مەيلى قانچىلىك ئاز بولىشىدىن قەتئىنەزەر بۇ پۇلنى قايتۇرسام ئۇ خۇش بولاتتى. مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم.
- نىمە قىلىۋاتىسەن ئاغىنە؟
- قېنىئاتامنىڭ ئۆيىدە ،-دىدى ئۇ تىلفۇننى ئېلىپ،- قېينىئانام ئاغرىپ قالغاندى. يوقلاپ كەلگەن.
- يانار چېغىڭدا ماڭا بىر يۇلۇقۇپ ئۆتسەڭ.
- مۇھىم ئىشىڭ بارمۇ؟-دىدى ئۇ سەل ئەنسىرىگەندەك بولۇپ .
-ياق ئاغىنە شۇ ساڭا بېرىدىغان بىر ئامانەت بار ئىدى . ئېلىۋالساڭلا بولىدۇ.
-ھېم ، بولىدۇ،-دىدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ ،- بۇ خېلى قۇلاققا خوشياقىدىغان گەپكەن.
كەچتە ئۇ كەلدى. ئايالىم لەغمەن ئەتكەندى. بىز كۈلكە چاقچاق ئىچىدە تاماق يىدۇق. ئاندىن مەن ئۇنىڭ پۇلىنى داستىخان ئۈستىدە قويدۇم.
- نىمە بۇ ،-دىدى ئۇ ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي ھەيران بولۇپ.
-ئاغىنە ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ، ئىككى يىل ئىلگىرى سەندىن مۇشۇ پۇلنى قەرىز ئالغاندىم. كىيىن ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن. بۈگۈن تۇيۇقسىزلا ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
- ھە ئېسىمگە كەلدى. لىكىن بۇنى قايتۇرۇپ يۈرمىسەڭمۇ بولاتتىغۇ،-دىدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ،
-ئۇ دۇنياغا قەرىز بىلەن كەتكۈم يوق ئاغىنە،-دىدىم. شۇ ھامان بىر مۇدىھىش خىيال كاللامدا غىل-پال پەيدا بولدى.
-قانداق بىرەرسى ‹‹ئەجىلىڭ توشتى›› دەۋاتامدۇ؟ -دىدى ئۇ پۇلنى قولغا ئېلىپ چاقچاق قىلىپ.
-ئۇنداققۇ دىمىدى شۇنداق بولسىمۇ ‹‹ ھېساپلىق دوست ئايرلىماس دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ-دىدىم-يۇ نىمە دەپ بۇ گەپنى دەپ يۈرگەندىمەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
  ئۆزۈمنى ھەر قانچە تۇتىۋالغاندەك قىلساممۇ روھى ھالىتىمدىكى چۈشكۈنلۈك ئايالمىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويدى.
-سىزگە نىمە بولدى؟-دەپ سوردى ئۇ بىر ئاخشىمى ئۇخلاش ئالدىدا .
-ھېچىمە، نىمە بولدى.
- بىلمەيمەن. يېقىندىن بىرى بەكلا خامۇش بولۇپ قالدىڭىز؟ سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم،- مەن شۇ چاغدا ئايالىمنىڭ بۇ گەپنى چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ ياكى مۇنداقلا دەپ قويىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرمىدىم. ئەمما ئۇنىڭ شۇ دەرىجىدىكى سەزگۈرلىكىدىن ھەيران بولماي تۇرالمدىم.
مەن باشقا گەپ قىلىدىم . ئەمما شۇ ئاخشىمى ئايالىمنىڭ بارلىق يېقىنچىلىقلىرىنى ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا رەت قىلدىم. ئايالىم ئاخىرى قېيداپ ئارقىسىنى قىلىپ ياتقىنىچە ئۇخلاپ قالدى.
ھاياتلىق پويىزىم ئېيىتماققا ئاستا ئەمەلىيەتتە تولىمۇ تىز سۈرئەتتە كىتىپ باراتتى. ئۇنى توختىتىۋېلىش بۇ دۇنيادىكى ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيتى. ھەممە ئادەم ‹‹ ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت›› دەيتى. باشلانغۇچنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا بىز ۋاقىتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ دەپ ئۈگەنگەن ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە ئىلگىرى ۋاقىت سېتىۋالغىلى ھەم ساتقلى بولىدىغان نەرسە ئىدى. ئەگەر سىز بىر ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز سىزنىڭ بىر كۈنى ئىچىدىكى سەككىز سائەت ۋاختىڭىز تەخمىنەن 150 يۈۋەنگە سېتىلغان بولاتتى. ئەگەر سىز بىر قارا ئىشچى بولسىڭىز ، سىزنىڭ ئون سائەت ۋاختىڭىز 100 يۈۋەنگە سېتىلغان بولاتتى. ئەگەر سىز قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئايرۇپىلان بىلەن ماڭسىڭىز بىر يېرىم سائەتتە يېىتپ بارىسىز. ئەگەر ماشىندا ماڭسىڭىز 24 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. دىمەك سىز 120يۈۋەن پۇلغا 22.5 سائەت ۋاقىتنى سېتىۋالغان بولىسىز. دىمەك پۇل ھازىرقى شارائىتتا ئەزرائىلدىن باشقا ھەممىگە ئار تۇرالايتى. شۇ چاغدا مەن ئويلاپ قالدىمكى ئەگەر ئەزرائىلنىڭمۇ ماددى تۇرمۇشقا ئېھتىياجى بولغان بولسا چوقۇم ئۇمۇ پۇل ئالدىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىگە سەل قارىغان بولاتتى.
  ئۈچ ئاي ئىچىدە مەن ھەقىقەتەنمۇ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلاندىم. ئىچكى دۇنيارىمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قالايمىقان بولىشىدىن قەتئىنەزەر سىرىتقى دۇنيارىم ئاجايىپ ئىللىق بولدى. چىھرىمدە كۈلكە ئوينايتى. قولۇم ئوچۇق ئىدى. ئۇرۇق-تۇققانلىرىمغا تېخىمۇ مىھىرىبانلىق قىلدىم. دوستلىرىم تېخىمۇ كۆپەيدى. توغرا سۆزلۈك بولدۇم . ئېھتىمال باشقىلار ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇنچىلىك قىلىش مۆمكىن ئەمەس دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمما ئىنسان ئەڭ ھالىقلىق پەيىتلەردىلا ئاندىن ئۆزىدە قانچلىك يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىسا كېرەك. توغرىسىنى ئېيىتقاندا مەن ئەزرائىلنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا مۇشۇنداق قىلالىغان ئىدىم. لىكىن تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە تەن ئالىدىغىنم شۇكى مېنىڭ بۇ قوياش كەبى مىھرى-مۇھەببىتىم ۋە ئىنسانى خىسلەتلىرىمدىن پەقەت بىرلا كىشى مۇستەسنا قالدى . دىمسەممۇ ھەممەيلەن بىلىش مۆمكىن بۇ مېنىڭ ئايالىم ئىدى. ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ بىلەن سىرداشمىغىلى ئۈچ ئايچە بولغاندى. ئۇ ھەر قانچە كەڭ قورساق بولغان ھالەتتىمۇ بۇ ئىشقا كەلگەندە زادىلا يول قويمىدى.
-سىزگە زادى نىمە بولدى،- دىدى ئۇ بىر كۈنى پارتىلاپ،- ئەگەر بۈگۈن راست گەپنى دىمەيدىغان بولسىڭىز مەندىن زادىلا ياخشىلىق كۈتمەڭ.
مەن ئۇنىڭغا زادى نىمە دىيىشنى بىلمەيتىم. ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىشقا تېخى بولمايتى. يالغان سۆزلەشنى تېخى خالمايتىم.
-گەپ قىلمامسىز؟ -دىدى ئۇ ئۇ قولىدىكى بىر چىنە






بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

119

يازما

366

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 671
يازما سانى:
119
تىللا:
245
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
31 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21

كۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-29 00:20:01 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋزۇسىنى  نىم دەپ باشلايمىز............
شاھزاد

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-29 11:16:57 | ئايرىم كۆرۈش
بىلسەم بىلمىسەم ئۆزخان بۇ ئەسەرنى يېزىپ ئورگىنال قىلىپ ساقلىماقچى بولغان.لېكىن ئويلىمىغان يەردىن يوللىنىپ كەتكەن ۋە كەمىنە تەستىقلاپ سالغان.چۈنكى ھازىر مۇنبەردە ئورگىنال ھالەتتە ساقلىغىلى بولمايدۇ شۇ .......مۇشۇنداق مىنى تەستىقلا دەپ تەستىقلاش كۆزنىكىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.20مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە ئۆزخان ئۆزىمۇ تەھرىرلىيەلمەيدۇ.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-29 17:01:15 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-29 11:16
بىلسەم بىلمىسەم ئۆزخان بۇ ئەسەرنى يېزىپ ئورگىنال قىلى ...

بەك ئوبدان بوپتۇ.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-12-31 18:06:05 | ئايرىم كۆرۈش
خاتا  يوللۇنۇپ قالغان چىراي  ، كىيىن تۈزۈتۈپ  قايتا  يوللاڭ  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-1-15 15:35:44 | ئايرىم كۆرۈش
راسمۇ يالغانمۇ بۇ ئىشلار،بىر خىللا بوپ قالدىيا بۇ كۆڭلۈم.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:54 , Processed in 0.133219 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش