دولقۇنلىغان ياپيېشىل ئۈمىدلىرىم،
ئەسلىمەم قوينىدا ياتار مۇڭلىنىپ.
بىر يۈرەك سۆيگۈدىن بېرىدۇ شەپە،
ئاتەشنىڭ ئۈستىدە قىلدەك تولغىنىپ.
موھاببەت كېمىسى ئۈزەر كۆكسۈمدە،
قىرغاقسىز دەريادا يوپۇرماقسىمان.
تاشلانغان ئورۇندۇق ،تەنھا خىياللار،
يۇلتۇزلۇق ئاسماندا پارلايدۇ ھامان.
سۆزلەيدۇ ئاشىقلار سائەت تىلىدا،
يۇلتۇزلار كۆز يېشى بىر تامچە قەتىر.
باھاردەك ياسانغان شۇ گۈزەل قىزلار،
ئويلىسام ئەسلىدە بەشىنجى پەسىل.
لېۋىمدە بىر لەۋنىڭ گۈلى ئېچىلدى،
نە قىسمەت كۆكسۈمدە چاڭقىدى بىر چۆل.
كارۋانمەن تۆگىسى بوزلىغان نىمجان،
خىيالىم لەھەتكە باشلايدۇ ئۇدۇل.
ئاخىرقى ئىككى كۇبلىتتا قاپىيە قاچقاندەك ھېس قىلدىم.تامام
|