ئۇقۇغۇچى مۇنبىردە قەلىپ كۆۋرۈىكى ( 9- سان)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىز تور رادىئوسىنىڭ سەرخىل پىروگىراممىلىرىدىن زوق ئېلىپ كېلىۋاتقان،پىروگىراممىزنىڭ
قىزغىن ئىشتىراكچىللىرى. ھەممىڭلارغا مۇنبەر رىياسەتچىسى دىلدوستىن ئوتلۇق سالام بولسۇن.
قەدىرلىك مۇنبەرداشلار مۇنبرىمىز تور رادىئوسىنىڭ كۆزنەك پىروگىراممىلىرىنىڭ بىرى بولغان((تەلەپ ۋە تەقدىم))پىروگراممىسى 8 سان ئىشلىنىپ دوسلارنىڭ قەلىپ رىشتىنى باغلاشتا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلدى.پىروگىراممىنىڭ مۇشۇنداق كۆزنەك پىروگىراممىغا ئايلىنىشغا مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قممەتلىك تەكلىپ -پكىرلەرنى بىرىپ تۇرشى ، قىزغىنلىق بىلەن ناخشا تەلەپ قىلىشى چوڭ تۈرۈتكە بولدى.
قەدىرلىك مۇنبەرداشلار 2014-يىلدىن باشلاپ ئەسلىدىكى ((تەلەپ ۋە تەقدىم))پىروگىراممىزنى مۇنبىرىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك باشلىقلار بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ ، دوسلارغا پىروگىراممىزنى تېخمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ، قەلىپلەرنىڭ رىشتىللىرىنى تىخىمۇ چىڭ باغلاشنى مەقسەت قىلىپ پىروگىرامما ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ ((قەلىپ كۆۋرۈىكى ))پىروگىراممىسى قىلىپ بىكتتۇق.
شۇنىڭ بىلەن پىروگىراممنىڭ قاتنىشىش ئۇسۇلىدىمۇ ئاز- تولا ئىسلاھ ئېلىپ باردۇق.پىروگىراممىغا قاتنىشىش ئۇسۇلنىڭ
ئىسلاھ قىلغاندىكى ئۆزگىرىشى بولسا ئۈندىدار ئارقلىق قاتنىشىش ئۇسۇلى يەنە 2223227750نۇمۇرلۇق ئۈندىدارغا
قوشۇلۇپ ئاۋازلىق ئۇسۇلدا ئۆزىنى بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كېيىن قايسى ناخشىنى كىمگە تەلەپ قىلدىغانلىقنى،
قانداق يۈرەك سۆزلىرى بارلىقنى قالدۇرۇش ئارلىق قاتناشسا بولدۇ.ئەگەر ئۈندىدار ئىشلىتىش ئەپسىز بولغان دوسلار
بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىنكاس قالدۇرۇش ئارقلىق ناخشا تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
قەدىرلىك مۇنبەرداشلار كۆپىنچە ھاللاردا سىلەر تەلەپ قىلغان ناخشىلارنى تېپىشقا ئىمكانىيەت بولماي بىزگە قىيىنچىلىق
بولغانلىقى ئۈچۈن 10-ساندىن باشلاپ سلەرگە 10دانە ناخشىنى تەۋسىيە قىلىمىز ئەگەر بۇ ناخشىلارنى ياقتۇرمىغان
بولساڭلار باشقا ناخشا تەلەپ قىلساڭلار بولدۇ. ئۈمۈدىمىز ئىمكان بار تەۋسىيە ناخشىلارنى تەلەپ قىلساڭلار.
بۇ خىل ئۇسۇلنىمۇ سىناق تەرقىسدە يولغا قويدۇق. ئەگەر دوسلارنىڭ پىكىر-تەكلپى بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرشىنى
ئۈمۈد قىلىمىز.
تۆۋەندە ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن ئىشلەنگەن ((قەلىپ كۆۋرۈىكى))پىروگىراممىسىنى ئارامىڭلارغا سۇنىمىز.پىروگىرامما سىناق قىلىپ يوللاندى.دوسلارنىڭ قانداق قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرى بولسا ئايانماي سۇنىشىنى ئۈمۈد قىلمىز .
ئاڭلىتىشقا تەييارلىغۇچى مۇھەرىر:نازاكەت.
مىكرافۇن ئالدىدا:دىلدوس ئابدىرېھىم ، نازاكەت.
نازارەتچىلەر:دىلشىر، تىلسىم.
ئاۋازغا ئېلىپ كىرىشتۈرگۈچى تېخنىك:دىلدوس ئابدىرېھىم.
سۈرۈك نۇسخىسنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى چىكىپ چۈشۈرۈڭ
تەۋسىيە ناخشىلار تىزىملىكى:
سەنۇبەر تۇرسۇن ئورۇنلىغان ((ياشنىسۇن))ناملىق ناخشا
شىرئەلى ئەلتېكىن ئورۇنلىغان((دوس ئەمەس))ناملىق ناخشا
توختى سابىر ئورۇنىلغان((ئانام تۇتقان ئۆي))ناملىق ناخشا
رېھىمجان ئابدۇقېيۇم ئورۇنلىغان مۇھەببەتلىك كۈيلەردىن((سېنى سۈيىمەن))
رەنا رۇزى ئورۇنلىغان((جىمجىت سۆيگۈ))ناملىق ناخشا
ئابدۇقادىر يارئېلى بىلەن گۇلباھار رۇزى ئورۇنلىغان((چىمەنزار))ناملىق ناخشا
مۆمىنجان ئابلىكم ئىجراسىدا ((ئۆرگىلەي مەشۇقۇم)) ناملىق خەلىق ناخشىسى
مۇھەممەت ئەلى موللا ئجىراسىدا ((سۆيگۈ بىلمىگەن قىزچاق ))ناملىق ناخشا
ئەنۋەر كېرىم ئورۇنلىغان ((سەھرادىكى مۇئەللىم ))ناملىق ناخشا
ئابدۇغېنى ئابلىكىم ئورۇنلىغان ((خەتلىرىمنى تاشلىۋەتمىگىن ))ناملىق ناخشىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
|