بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-25 10:02
دېمەكچى بولغۇنىم ئىت –مۆشۈكتىنمۇ ئەھۋال سورا دىيىش ئەمەس ، ئەمما ئەتراپىمىزدىكى ئىنسانلارغا ئادىمىي ھېسسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش. چۈنكى مەن يېقىندىن بېرى ئۆزۈمگىمۇ ھەيران ، ئۆزگىلەرگىمۇ ھەيرانمەن ، ئادەملەرگە نىمىشقا بىرخىل مۇئامىلە قىلالمايدىغاندىمىز؟ سالامغا ئىنتىلگەن كىشىلەرگە كىيىمى ، چىرايى ، ئىمتىيازى ،بايلىقى ساناپ كەلسەك نۇرغۇن شەرتلەرنى دەستەك قىلىۋېلىپ سالامدىن ياڭزا چىقىرىشقا ئادەتلىنىپ قالدۇق ، مانا شۇ ئەجەللىك مەنمەنچىلىكىمىز تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئەزگۈلۈكلەردىن قۇرۇق قېلىپ مەنىۋىي پۈچەكلىك بىلەن ياشاپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ تۇيماي يۈرۈپتىمىز ، مەن بۇ نۇقتىنى كېچىكىپ ھېس قىلغانلىقىمدىن ئۆكىنىشتە بولساممۇ ، ئەمما ئاجىزلىقىمنى بىلىپ يەتكەنلىكىمدىن خوشالمەن .
مەن ئۇچراتقان بۇ ئىش ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە تەجىربىگە ئىگە قىلغاچقا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم .
ئۇچىسىدىن كۈن بويى ئۆزى خەلق ئەسكىرى بولمىسىمۇ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ فورمىسى چۈشمەيدىغان ، ئاق كەپكىسىنى چۆكىرىپ كىيىۋالىدىغان ، مۆمىن چىراي بۇ ئادەمنىڭ يولۇمنى توسۇپ تۇرغاندەك دوقمۇشىمدىلا ئۇچراپ قالىدىغانلىقى نېرۋامغا تېگىپ ، ئىچىمنى پۇشۇرىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشمىساممۇ نىمىشقىكىن ئۇنى كۆرسەملا بەدىنىم تىكەنلەشكەندەك ، بىر يەرلىرىم قىمىلدىغاندەك بىئارام بولىمەن ، ئىچكى تۇيغۇمدا ئۇنىڭ مەن بىلەن سالاملاشقىسى بارلىقىنى،ب ولسا قول تۇتۇشۇپ كۆرىشىۋالسا قانچىلىك خوش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ سېزىپ تۇرىمەن . قاراپلا قالسام كانىدەك چاپلىشىۋالارمىكىن دىگەن ئويدا ئۇنىڭ ئۈمىت بىلەن تىكىلىشلىرىنى رەھىمسىزلەرچە چەتكە قېقىۋېتىپ غادايغىنىمچە يا بولمىسا تېلفۇنىمدا يالغان پاراڭ قىلغان بولۇپ ئۆتۈپ كېتىمەن ، مەن پارىڭىنى قىلغان بۇ ئادەم موزدۇز بولۇپ ، بىر مەھەللىدە بولغاچقا پات –پات ئۇچرىتىپ قالىمەن ، بازار ئايلانغان كۈنلىرىمدە ئۇنىڭ ھېلىقى فورمىنى كېيىۋېلىپ قىش ياز مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ھەقەمسايىلىرى بىلەن موزدۇزلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن . ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۇنىڭغا ھاجەتمەن بولۇپ قالدىم ، ئامراق ئوغلۇمنىڭ ئاجراپ كەتكەن ئايىقىنى يامىتىش ئۈچۈن موزدۇزلار كوچىسىغا بارسام ، توۋا دەيمەن شۇ كۈنى بۇ بازاردا مەن سەسكىنىدىغان بۇ ئادەمدىن باشقا موزدۇز كۆرۈنمەيتتى ، ئۇ مېنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ، ئورنىدىن لېككىدە تۇرۇپ قول ئۇزاتماقچى بولدىيۇ ياماقچىلىقتا كىرلەشكەن قولىغا قاراپ نىيىتىدىن ياندى ، ئالدىدىكى ھاجەتمەنلەر ئولتۇرىدىغان كىچىك ئورۇندۇقنى يېڭى بىلەن يېنىش –يېنىشلاپ سۈرتۈپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ، قولۇمدىكى ئاياقنى قولىغا ئېلىپ بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىككى تىزىغا قىستۇرۇپ تىكىشكە باشلىدى ، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا سەپ سېلىشقا باشلىدىم ، ئۇنىڭ ئاياق تۇتقان قوللىرى خىلمۇ خىل ئاياقلارنىڭ مەينەتلىرىدە كىرلەشكەن بولۇپ ، كۆپكۆك تومۇرلىرى كۆپچىپ تۇراتتى ، گەرچە بۇ قوللارنىڭ بارماقلىرى يېرىلغان ھەم ئەت تىكەن بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ماڭا بۇ قوللاردىن بىر خىل نۇر بالقىۋاتقاندەك زايە بولۇپ كەتتى ، سىرىتمىسى ئېڭەككىچە ئېتىلگەن فورما چاپىنى ئىچىدە كۆڭلەك يوق ،قېلىنراق پىنجىك باردەك قىلاتتى ،دەل شۇ چاغدا 15ياشلار چامىسىدىكى قارا قۇمچاق بالا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ :
---دادا پۇل بېرە تاماق يەيمەن دىدى. موزدۇز فورما چاپىنىنىڭ تۆش يانچۇقىدىن پۈرلەشكەن 20يۈەن پۇلنى ئېلىپ تۈزلەپ بالىغا تۇتقۇزدى ھەم:
ئاياپ خەجلە ھە بالام دەپ قوشۇپ قويدى شۇ چاغدا موزدۇزنىڭ بالىسىنىڭ ئارقىسىدىن بىر پەس قاراپ قالغاندىكى ھالىتى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى تىترىتىۋەتتى .
بالىڭىزمۇ ؟
ھە شۇنداق كەنجى ئوغلۇم ، ئاپىسى تۈگەپ كەتكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي يىراق ،شۇڭا بازاردىن تاماق يەيدۇ ، ئوقۇشىمۇ ياخشى ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە سۆزلىكەنلىكىمدىن قەۋەتلا خوش بولغانلىقى قورۇق باسقان چىرايىدىن مانا مەندەپ چىقىپ تۇراتتى ، ئاياقنىڭ يامىلىشى شۇنچىلىك سىپتا ئىدىكى ئەسلىدىكى ھالىتى قىلچە چانمىغان ئىدى ، مەن ئاياقنى خالتىغا سېلىپ ، پۇلنى تەڭلىدىم .
بولدى بىر مەھەللىلىك تۇرساق ،كېتىۋېرىڭ دىدى ئۇ ئەمما مەن بۇنىڭغا كۆنمىدىم .
بۇنداق قىلسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ ، ئەگەر پۇلنى ئالمىسىڭىز ئىككىنچى يۈزىڭىزگە قارىمايمەن دىدىم ، ئۇ تۇرۇپ كېتىپ :
بۇرۇنمۇ قارىمايتتىڭىز ، ئەگەر قارايدىغانلا بولسىڭىز مەن پۇلنى ئالاي ، خوشامىتىم ئەمەس مەن سىزنى بەك چوڭ بىلىمەن دىدى ،گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمنى بىلىپ ،كۈلكەم قىستاپ كەتكەن بولسىمۇ ،دەماللىقتا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ئۇنىڭغا قول ئۇزارىتتىم ، ئو قولىنى ئالدىراپ قولتۇقىغا سۈرىتمەكچى بولىۋىدى توختىتىۋالدىم .
سۈرتمەڭ ، مېنىڭ ئادەم تونۇمايدىغان كاللامغا سىزنىڭ قولىڭىزدىكى چاڭ –توزاڭلارشىپا بولىدۇ ،دىدىم-دە ئۇنىڭ سۆڭەكتەك قاتقان قولىنى مەھكەم سىقىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم ، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىز قەدىناسلاردەك بولۇپ قالدۇق بوش ۋاقىت تاپسام پات –پات ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇڭدۇشۇپ كېلىشكە ئادەتلىنىپ قالدىم .قىزىق يېرى بۇ ئادەم بىلەن مۇڭداشقانسېرى قانائەتچان بولۇپ قېلىۋاتاتتىم ، شۇنىڭغا قوشۇپ موزدۇزنى تۈزۈكرەك ياشاشقا ،تاپقىنى شۇ كۈندىن ئاشمايدىغان ، قىش ياز دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ ياماقچىلىق قىلىشتىن كۆپرەك پۇل تاپالايدىغان قىلىشقا يېتەكلەش خىيالى تۇغۇلۇپ قېلىۋاتاتتى ، ئىچىمدە تۈزگەن پىلانىم ئاساسىدا ئىشنى باشلىدىم ، بىر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ موزدۇزنىڭ ئالدىغا باردىم ، ئۇ ئىلگىركىدەكلا مېنى قىزغىن قارشى ئالدى ، ئولتۇرۇغاندىن كېيىن ، ئەمدى گەپنى باشلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۆزى ئېغىز ئېچىپ قالدى .
ساقالدىكى ئاشقا قۇرساق تويماپتۇ دەپ ، بۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللانغىنىمغا 30يىل بولاي دەپتۇ ،يەنىلا شۇ كېپەن تىزدىن ئاشمىغان ، بالىلار يىلدىن يىلغا چوڭ بولىۋاتىدۇ قورسىقىمۇ يوغىناۋاتىدۇ ، شۇڭا سىزگە ئۇزۇندىن بېرى دىيەلمەي كېلىۋاتقان بىر ئۆتىنىشىم بارتى دىسەم بولارمۇ ؟ دىدى ئوڭايسىزلانغان ھالدا :
دەۋېرىڭ !
سىز ئۇقۇمۇشلۇق قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم ،دىباۋغا بىر پارچە ئىلتىماسنى قاملاشتۇرۇپ يېزىپ بېرەرمىكىن دەپ ئويلىغانتىم ، قۇشقاچ گۆشىمۇ گۆش دەپ تۇرمۇشقا ئازراق دال بولۇپ قالار دەيمىنا ، تۇرۇپ قالدىم
ئىلتىماسنىغۇ يېزىپ بېرىشنى يېزىپ بېرەلەيمەن ، بىراق سىز پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەر ، يەنە كېلىپ قولىڭىزدا ھۈنەر بار ، مېنىڭچە بۇنىڭدىن بۆلەكمۇ يول تېپىلىپ قالاتتى دىدىم بىراز ئويلىنىپ .
ھە قانداق يول ؟ ئۇ ئالدىراپ سورىدى .
ئالدى بىلەن سىز ياماقچىلىقتىن سىرت بوش ۋاقتىڭىز بولسا ماڭا بىر قىشلىق ئاياق تىكىپ بەرسىڭىز ، قالغان ئىشلارنى شۇنىڭدىن كېيىن مەسلەھەتلەشسەك ، ئۇ تەلىپىمگە تېزلا قوشۇلدى ھەپتە ئون كۈنلەردىن كېيىن ئۇ بىر جۈپ قىشلىق ئاياقنى كۆتىرىپ ئۇدۇللا ئۆيۈمگە كىرىپ كەلدى ، ئاياق زاۋۇت ئاياقلىرىغا قارىغاندا سەل قوپالراق بولسىمۇ ، ماڭا ھەقىقىي ئەركەكلەرنىڭ ئايىقىدەك تەسىر بەردى ، كىيىپ كۆرىۋىدىم پۇتۇم خۇددى ئاپتاپقا سالغان يوتقانغا كىرگەندەك راھەتلىنىپ كەتتى ، موزدۇزنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئەجرىدىن ئارتۇقراق پۇلنى قولىغا تۇتقۇزدۇم ، چۈنكى بىرىنچى پىلانىم كۆڭلۈمدىكىدەك بولدى ، شۇ كۈندىن باشلاپ موزدۇزدىن خۇپىيانە ھالدا ئايلىق ئىجارىسى تۆۋەنرەك بىرەر دۇككان ئۇقۇشۇش بولدى ، دۇككاننىمۇ تاپتىم ، ئەمدى ئۇنى قانداق كۆندۈرۈشتە قالغان ئىدى ، يەنە بىر خوش بولغان يېرىم ئۇ تىكىپ بەرگەن ئايىقىمغا بىر نەچچە خىزمەتدىشىممۇ قىزىقىپ قالغانتى ، موزدۇز مەن كۆرسەتكەن دۇككانغا ھېچقانداق بانا –سەۋەپ كۆرسەتمەي تېزلا قوشۇلدى ھە –پە بىلەن دۇككاننى كۆچۈرۈپ ، ئىچىنى شۇنداق بېزىدۇقكى كىرگەن خېرىدارمۇ ئىختىيارسىز ھەۋەسلىنەتتى ، بۇ ئىشلار پۈتكەندە مەن ئۇنىڭغا ،قۇرداشلارچە سۆز بىلەن :
مەمىتاخۇن ئۇچاڭلىدىكى ماۋۇ كىيىمنى داداڭلار كەيدۈرۈپ قويمىغاندىن كېيىن ،تۈزۈكرەك كىيىنىپ يۈرسىلە ، ئەتە –ئۆگۈن لوبەن بولىلا قول ئاستىڭلاردا ئادەم ئىشلەيدۇ دىدىم .
راسىت دەيلا ئابلاجان راست دەيلا خۇدايىم دىگەنلىرىدەك بولىدۇ ، ئۆزلىرىنى قۇلاقتەرەك بالىلارنىڭمۇ ئېسىل ئادەم دەيدىغىنى بىكار ئەمەستە ؟!ئادەم ھالال نىيەت بىلەن بىراۋغا خەيرىخاھلىق قىلسا ئۆزىمۇ ، ئۆزگىمۇ تۇرمۇشنىڭ خوشاللىقىدىن نېسىۋىگە ئىگە بولىدىكەن ، ئۇنىڭ ئىشلىرى يىل ئۆرۈلمەيلا ھۈنەرگە پۇختىلىقى، سەمىمىلىكى بىلەن يۈرۈشۈپ دۇككىنىدىن خېرىدار ئۈزۈلمەيدىغان بولدى ، موزدۇزنىڭ چىرايىمۇ نۇرلىنىپ ، ئىلگىركى ئەبگا ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى ، يەنە كېلىپ ئۇ مەندىن بەكمۇ مىننەتدار ئىدى ، كۆرۈنگەن ئادەمگە ماختاپ ھالى قالمايتتى ، ئەنە شۇ كۈنلەردە ئىككى بالام كۈتكۈنۈمدەك ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ مېنىڭمۇ بېشىم كۆككە يەتكەن ئىدى ، بىراق ئوقۇش پۇلىغا كەلگەندە بېشىم قېتىپ قالدى قايسى بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قەرىز سوراشنى بىلەلمەي تۇرغۇنىمدا موزدۇز ئۆيۈمگە تەرەپباللا كىرىپ كەلدى ، ئۇ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن :
مۇبارەك بولسۇن باراتجان بالىلار باققاننى ئاقلاپتۇ ، ئاندىن بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ قويۇن يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ ماڭا تەڭلىدى بىلىمەن ئۆزلىرى غۇرۇرلۇق ئادەم بىر موزدۇزنىڭ ياردىمى نومۇسلىرىغا تەسىر قىلىدۇ بىراق بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم ، ئۆزلىرى بىر مۇئاش ئادەم بىر مۇئاش بىلەن ئىككى بالىنى ئوقۇتۇپ ، بىر ئۆينى باقماق بەسىي مۈشكۈل ، شۇڭا بۇ پۇلنى قەرىزھېساۋىدا بېرىپ تۇرغان بولاي ، ئالدىرىماي قايتۇرالا دىدى ، ئۇنىڭ سەمىمىلىك ، ئاقكۆڭۈللۈك يېغىپ تۇرغان چىرايىغا ئۇزاق تىكىلىپ تۇرۇپ قالدىم ، بۇ ئۇزاق تىكىلىش ئۇنىڭ ماڭا پۇل بېرىپ تۇرغانلىقىدىن تامامەن يىراق بولۇپ ، بۇ تىكىلىشكە ئادىمىلىكنىڭ چوڭقۇر مەنالىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بىر ھاجەتمەننىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى سىڭىپ كەتكەن ئىدى.
مەنبە :- سالىھ بىلوگى . |