ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 338|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە سۆز (ئاتىكەم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتىكەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-2 19:11  

كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە سۆز


ئىسىڭىزدىمۇ ، 2001-يىلى 11-ئايدا  سىزنىڭ ئىشخانىڭىزدا  ،  مەن شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىنىڭ 11-سانىنىڭ «كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە سۆز» سەھىپىسىنى يالغۇز ئوقۇپ ئولتۇرسام ، سىز :
- نىمە ئوقۇۋاتىلا دەپ سورىغان ئىدىڭىز .
مەن قولۇمدىكى شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىنى كۆرسەتسەم  يىنىمغا يىقىنراق كىلىپ ئوقۇپ بىقىپ ماڭا :
-مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى ئۆزلىرى يالغۇز ئوقۇسىلىرى قانداق بولىدۇ ، بۇنداق ئەسەر دىگەننى ئىككىمىز بىللە ئولتۇرۇپ قول تۇتۇشۇپ  تۇرۇپ ئوقۇمامدۇق  ، دەپ خاپا بولغان ھەم ئىككىمىز قول تۇتۇشۇپ ئولتۇرۇپ بىللە ئوقۇغان ئىدۇق .  بۇ سەھىپە مەخسۇس ئەر - ئاياللارنىڭ بىر- بىرىگە ئىيتالمىغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازغان بولۇپ بەكلا تەسىرلىك ھەم ئەمەلىي ئىدى . شۇ ۋاقىتتا سىز ماڭا :
- تويدىن كىيىن كۆڭۈللىرىدە قانداق گەپ بولسا ماڭا بىۋاستە دىسىلە ، كۆڭۈللىرىدە  ساقلاپ ، خەت يىزىپ يۈرمەي ...دىگەن ئىڭىز .
لىكىن ، توي قىلغاندىن كىيىن ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز يوقنىڭ ئورنىدا بولدى ، سىز ئۆيگە كەلسىڭىز ئۇخلاش ، تاماق يىيىش ، تىلىفۇن ئويناش ياكى ئايپەد ئويناش  ، ئارىلاپ بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ بىلەنلا بولدىڭىز ، مەن بىلەن بولسا پەقەت چۈشتە نىمە  تاماق  ئىتىسەن ، ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۆيگە كەل ، ئۆي تازىلا ، بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا قارا ، ئانامنىڭ ئۆيىگە چىقىپ يوقلاپ كەل ، كىيىمىمنى ئەكەل ... دىگەندىن باشقا گەپ يوق بولدى ، مىنىڭ سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىم بولسىمۇ سىزدىن قورقۇپ ، سىزنىڭ سەت ۋاقىرىشىڭىزدىن قورقۇپ ئىچىمگە تىنىپ كەلدىم .
ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا كۆپ توختالغۇم يوق ، مىنىڭ سىزگە ئىككى تۈرلۈك تەلىۋىم بار ، شۇنى  ئورۇنداپ بەرسىڭىز :
1. بۇندىن كىيىن ماڭا ئۆيدىن چىق ، كۆزۈمدىن يوقال  ،داداڭغا تىلىفۇن ئۇر سىنى ئەكەتسۇن ...دىگەندەك سۆزلەرنى قىلمىسىڭىز . چۈنكى مىنىڭ بىر كۈنلەردە ئاچچىقىمغا پايلىماي ئۆيدىن چىكىتىپ ، ھايات تۇرۇپ ئىككى پەرزەنتىمنى يىتىم قىلىپ قويغۇم يوق . ئۆلۈپ كەتسەم ئامالىم يوق ، ھاياتلا بولىدىكەنمەن پەرزەنتلىرىمنى ئۆز قولۇم بىلەن قاتارغا قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمەن .
2.بۇندىن كىيىن كۈندە كەچتە سائەت 9 يىرىمدىن بۇرۇن دوستلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سىرىتتا قىلىدىغان ھىچقانداق ئىشىڭىز بولمىغان شارائىتتا ئۆيگە كىرىپ ،ھەر ئىككى  تىلىفۇننى ئىتىۋىتىپ ئۇخلىسىڭىز ؛ئەگەر سىرىتتا قىلىدىغان ئىشىڭىز بولسا ئۆيگە كىرمەيلا ئىشىڭىزنى تۈگۈتۈپ ئەتىسى ئەتىگەندە سائەت 5 تىن كىيىن كەلسىڭىز ياكى ماڭا تىلىفۇن ئۇرۇپ قويۇپ ئۇدۇللا ئىشقا كەتسىڭىز ھىچقانداق پىكرىم يوق . بۈگۈن كەچتىلا  چامادانغا  ئىككى گاڭسەر ، ئىككى ئىشتان ، ئىككى كۇسار ، ئىككى پايپاق ، قول سۈرتىدىغان قەغەزدىن ئىككىنى سىلىپ ماشىنامنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا قويۇپ قوياي ،ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى كۈندە كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا سىزگە بىرەي ، ئەگەر سىز بولمىسىڭىز قورودىكى دىژورنىلىك ئۆيىگە قويۇپ قوياي شۇ يەردىن ئاچقۇچنى ئىلىپ ،  كىيىمىڭىزنى ماشىنىدىلا يەڭگۈشلەپ بارىدىغان يىرىڭىزگە بارسىڭىز .ھازىرقىدەك  تەڭ كىچە بولغاندا كۆزۈم ئەمدى ئۇيقۇغا ئىلناشقاندا ئۆيگە كىرىپلا كۇسىرىمنى تاپ ، پايپىقىمنى تاپ دەپ كىيىم تاپقۇزۇپ ئايىقىڭىزدىن تارتىپ ھەممىنى يەڭگۈشلەپ ماڭا بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلماي ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ، ئەتىسى قايتىپ كەلىسڭىز مىنىڭ ئۇيقۇم بۇزۇلۇپ كىتىپ ئۇيقۇسىز يۈرۈيدىكەنمەن ، سىزمۇ بىلىسىز مىنىڭ ئۇيقۇم تازا ياخشى ئەمەس ، بىر قىتىم ئويغۇنۇپ كەتسەم بىر كىچە ئۇخلىيالمايمەن . مەن 2005-يىلى مۇشۇ ئۆيگە كۆچۈر كىرگەندىن بۇيان كۆپ كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ بەكمۇ چارچىدىم ،ئۇ چاغدا يىگىرمە نەچچە ياش بولسام ھازىر ئوتتۇز بەشتىن ئاشتىم ، نىرۋام ئاجىزلاپ كەتتى ، بۇرۇن كۈلۈپلا يۈرەتتىم ، مانا ھازىر سەللا بىر ئىش بولسا يىغلايمەن دەپ تۇرىدىغان بولدۇم ، مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئەمدى بەرداشلىق بىرەلمەيدىغاندەك تۇرىمەن . بىلىشىڭىز كىرەككى : ئۇيقۇسىزلىق ھەممە كىسەلنىڭ ئانىسى ، ئۇيقۇسىزلىق بەك ئازاپلىق ئىكەن ، ئاڭ ئاتماقنىڭ تەسلىكى ، تاڭ ئاتسا يەنە شۇ ئۆينىڭ ئىشى ، خىزمەت ساقلاپ تۇرغان ، بىردەم ئارام ئالغۇدەك شارائىتىم يوق ، مۇشۇنداق بولىۋىرىپ سالامەتلىكىمدىن چاتاق چىقسا زىيان ھەممىمىزگە تەڭ بولىدۇ . مەن ساق تۇرۇپ ئۆينىڭ ، بالىلارنىڭ ، ئىدارىنىڭ ئىشىنى جايىدا  قىلسام سىزمۇ خاتىرجەم  بولىسىز ، مەن يىتىپ قالسام  مەنغۇ مەيلى ، لىكىن بالىلار قىينىلىپ قالىدۇ . ئويلاپ بىقىڭ ،مىنىڭ ئانام گەرچە ئەمدى 53ياشقا كىرگە بولسىمۇ تىنى ساق بولمىغاچ ھەممىمىز ، بولۇپمۇ دادام ئانامنىڭ غىمىنى يەپ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپلا ئۆتىمىز . ئەكسىچە سىزنىڭ ئاپىڭىز ( ئەلۋەتتە مىنىڭمۇ ئاپام ) گەرچە 70 ياشقا يىقىنلا قالغان بولسىمۇ تىنى ساق بولغاچقا  نەۋرىلەرنى بىقىپ ، ئاش - تاماق ئىتىپ ئۆينىڭ ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىۋاتىدۇ . مەنمۇ ساق بولسام سىزنىڭ جىنىڭىزدىن ئەزىز بالىلىرىڭىز ( مىنىڭمۇ جانگەرلىرىم ) ئۈچۈن ياخشى ئەمەسمۇ ؟ بالىلارنى تىنچ - ئامان بىقىپ تەربىيلىسەم ، تاپشۇرۇقلىرىنى ۋاقتىدا ئىشلەتسەم ، تاماقىنى ۋاقتىدا ئىتىپ بەرسەم ، كىر - قاتلىرىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ بەرسەم ، كىيىن بالىلار چوڭ بولغاندا ئۆز قولۇم بىلەن تويىنى قىلسام ، بالىلىرىنى ئوبدان بىقىپ چوڭ قىلىپ بەرسەم ھەممىمىزگە ياخشى ئىدىغۇ ؟؟؟؟
ئەتراپلىق ئويلۇنۇپ ماڭا مۇشۇ ئىككى ئىشنى قىلىپ بەرسىڭىز ، سىزدىن ئىككى بالام ئۈچۈن ئۆتۈنۈي ، يىلىنىپ يالۋۇراي ، سىز ھەپتىلەپ ئۆيگە كەلمىسىڭىزمۇ ھەرگىز پىكرىم يوق ،پەقەت مىنى ئارامىدا ئۇخلىغىلى قويسىڭىز بولدى .  ئۆيدە يىتىشنى خالىغان ۋاقتىڭىزدا سائەت 9 يىرىمدىن بۇرۇن ئۆيگە كەپ بولۇڭ ، ئۇنىڭدىن كىيىن  قالسىڭىز ئۆيگىمۇ كىرمەڭ ،ماڭا تىلىفۇنمۇ ئۇرماڭ ، ئۇچۇرمۇ قىلماڭ . مەنمۇ بۇندىن كىيىن سائەت توققۇز يىرىم بىلەنلا تىلىفۇننى تاقىۋىتىمەن . بۇ ۋاقىت ئۈرۈمچى ۋاقتى ، مىنىڭ ۋە بالىلىرمىزنىڭ ئۇخلايدىغان بىئولوگىيىلىك سائىتى .

مەنبە : بىر  ئايالنىڭ تىلىدىن .
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7

تېما

493

يازما

3577

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 19
يازما سانى:
493
تىللا:
3068
تۆھپە:
8
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر ئاتىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2016-5-3 15:45:22 | ئايرىم كۆرۈش
بىر ئائىلە قۇرغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا نىمىلەر كەلمەيدۇ ھە ؟ تىنىچلىق ئائىلە قۇرۇش ئۇچۇن ئەر - ئايال ھەر ئىككىلىسى تەڭ كۈچ چىقىرىشى زۇرۇر .

ياخشى تىمە ئىكەن ئاتىكەم خانىم ئاپىرىن ، ئۇندىن باشقا ھەر قاچان ئائىلىڭىزنىڭ ساق - سالامەت تىنىچ بۇلىشىنى تىلەيمەن .......

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-5-3 17:20:50 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي،شۇ ئايالنىڭ ئىككى بالىسى ئۈچۈن تۇرمۇشىغا خاتېرجەملىك تىلەيمەن.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-5-4 21:43:15 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرىپ باقمىغىلى خېلىلا ئۇزۇن بۇلۇپ قاپتۇ،بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.مۇھەببەت ھەم مەسئۇلىيەتنى ئىنىق ئايرىش لازىم ھەرقانداق كىشى.
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-6 13:07:35 | ئايرىم كۆرۈش
شەپقەتلىك يوللىغان ۋاقتى  2016-5-3 15:45
بىر ئائىلە قۇرغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا نىمىلەر كەلمەيدۇ  ...

مەن  مۇشۇ تىمىدا  يۈرۈشلۈك ئەسەر يازماقچى ئىدىم ، بۇ بىرىنجى  قىسمى  .
باشقىلىرىنى ھەپتىدە بىر بۆلەكتىن يىزىشىم مۈمكىن ، خام ماتىرىيال تەييار ئىدى ، لىكىن ۋاقىت  قىس بوپ قىلىۋاتىدۇ .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-5-6 22:16:49 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي  ئۇنىمۇ  دەيمىز  بۇنىمۇ  دەيمىز  ئاياللارنىڭ  كۇنى  تەس  جىمۇ  نەدىكى  قاپىقى  قېلىن  ئاكىلىرىمىزغا  قاراپ  كۇن  ئۆتكۈزۈشنى  ئۇيلىساملا  ھەي  بولدىلا   
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-5-7 13:53:23 | ئايرىم كۆرۈش
قاھىرە يوللىغان ۋاقتى  2016-5-6 22:16
ھەي  ئۇنىمۇ  دەيمىز  بۇنىمۇ  دەيمىز  ئاياللارنىڭ  كۇنى  ت ...

ھەممىدىن ئەرلەرنىڭ كۈنى تەس جىمۇ ئەرلەر سېرىتتا  ئىشلەپ ياكى تىجارەت قىلىپ ئۆينى باقمىسا  خوتۇن كىشى تاپقان پۇل چوقۇم بىر كۈنى ئەركىشىنىڭ پىشاينىسىگە توقماق بولۇپ تىگىئىدۇ . ئەركىشى بىر ئۆمۈر جاپا تارىتسا  ھىچ گەپ  يوق خوتۇن كىشى  بقرە قىتىم جاپا تارتىپ قالسا  ۋاتىلدايدىغان گەپ
گەپنىڭ پوسكاللىسى  ھەر ئىككى تەرەپ  بىر بىرىدىن ئايرىلسا بولمايدۇ
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول

6

تېما

48

يازما

273

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1028
يازما سانى:
48
تىللا:
215
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-10

جانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-5-8 16:01:31 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
راس   ھەقىقەتنمۇ  يورۇق  بىر تىما   ،

6

تېما

48

يازما

273

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1028
يازما سانى:
48
تىللا:
215
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-10

جانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-5-8 16:06:35 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
راس   ھەقىقەتنمۇ  يورۇق  بىر تىما   ،  مىنىڭچە   يانفۇن  نۇرغۇن كىشىلەرنى  مىھرى مۇھەببەتتن   ئايرىپ قويىۋاتىدۇ ،   ئەر -ئايال  پەرزەنىت دىگەندەك.بۇ تىمىنى ياقتۇردۇم  قەلىمىڭىز ھارمىسۇن  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:25 , Processed in 0.131255 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش