بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاتىكەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-19 12:43
پەردىشەپ
(ھېكايە)
راھىلە ۋارىس
ئاپئاق كىرلىكلەر بىلەن قاپلانغان بالنىست كارۋىتىدا تەگسىز خىياللار قاينىمىدا ئۈزمەكتىمەن. سۆيۈملۈك ئېرىمنىڭ ئالتۇن چاچ سېستىرا قىزنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلسىلا چايان چاققاندەك تولغىنىپ كېتىمەن.
«ئېرىڭغا ئىشەنگۈچە، ئىشىگىڭنىڭ ئىلغۇچىغا ئىشەن» دېگۈچىلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگەن ئىدىم ئۆز ۋاختىدا. ھەتتا بىر نەچچە سورۇندا ئۇلارغا :
-شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟ «گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ» دەپ سىلەر ئەشۇ ئىددىيە بىلەن ئېرىڭلارغا قارىساڭلار، ئۇلارنىڭ تۈز باسقان قەدىمىمۇ سىلەرگە مايماق-سايماق تۇيۇلمامدۇ؟ ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە چوڭقۇر ئىشەنچ تۇرغۇزمىسا قانداق بىر بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟- دەپ رەددىيەمۇ بەرگەن ئىدىم. بىراق...
ئاخشام، ھەممە ئىش پەقەت ئاخشاملا ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى.
ھەممىنى قىلغان ئەشۇ لەنەتتەككۈر تېلىفۇن ئىدى. بەلكىم ئېرىم تېلىفۇنىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولسا، بەلكىم مەن ئۇنىڭ تېلىفۇنىنى ئارقىدىن ئېلىپ چىقمىغان بولسام. بىراق...
بولار ئىش بولغان ئىدى. مەن ئېرىمنىڭ يانفۇنىنى ئېلىپ ئالدىراپ چىقىپ ئۇلارنى كۆرۈپ قالدىم. شۇنداق مېنىڭ ئېرىم، مېنىڭ سۆيۈملۈك ئېرىم خۇددى مېنى ئەركىلەتكەندەكلا ھېلىقى ساپسېرىق ئۇزۇن چاچلىق، زەڭگەر كۆزلۈك سېستىرا قىزنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى سۈركەپ، چاچلىرىنى پۇراۋاتاتتى. ئاق سېرىق كەلگەن ئۇ قىز بولسا ئېرىمنىڭ ئەركىلىتىشلىرىدىن ۋىلىق-ۋىلىق كۈلەتتى.
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم. شۇ چاغدا ئۆزەمنى قانداقلارچە تۇتۇۋالغىنىمنى ھازىرمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. كارىدۇرنىڭ چىرىقى سېستىرالار ئىشخانىسىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز ئېرىمنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرغان سېستىرا قىز بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى-دە، دەرھال ئارقامغا داجىدىم. يۈگۈرگىنىمچە ياتاققا قايتىپ كىرىپ، كارىۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم. يۈرۈگۈم خۇددى كۆكرەك تاملىرىنى تېشىۋىتىدىغاندەك ئۆزىنى ھەريانغا ئۇرۇپ سەكرەيتتى. لەۋلىرىم ئاچچىقتىن تىتىرەيتتى. چىشلىرىم كاسىلدايتتى. كۈچۈم يەتسە قولۇمدىكى تېلىفۇننى، ئەشۇ مەينەتچىلىكنى كۆرۈپ قېلىشقا سەۋەپ بولغان مۇشۇ گۈناھكار تېلىفۇننى بارماقلىرىم بىلەن ئىزىپ كۈكۈم تالقان قىلىۋەتسەم.
نەچچە كۈندىن بىرىقى دوختۇرنىڭ داۋالىغانلىرى نەگە كەتتىكىن پۇت-قوللىرىم دەھشەت سىرقىراپ ئاغرىۋاتاتتى. بىراق شۇ تاپتىكى يۈرەك ئاغرىقىم ئالدىدا بۇ ئاغرىقلار قانچىلىك ئىدى.
ئەنە ئۇنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىرلا كىرىدۇ. مەن قولۇمدىكى ماۋۇ نەس باسقۇر تېلىفۇننى ئۇنىڭ بېشىغا ئېتىپ « يوقال كۆزۈمدىن. ھۇ ئىپلاس!» دەيمەن. ئاۋۇ پاسكىناچۇ؟
ھە، ئۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان. ئۇنىڭ چاچلىرىنى يۇلىمەن دەپ بۇ چىرايلىق قوللىرىمنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەيمەن. ئەتە ئەتىگەندە دوختۇرخانا باشلىقىنى ئىزدەپ بۈگۈن قىلغانلىرىنى دەيمەن-دە، ئۇنىڭ كەشى ئاسانلا توغىرلىنىدۇ.
مىڭەم غوڭۇلداپ كېتىۋاتاتتى. بەكلا كەچ بولۇپ كەتكەن بولۇپ، قىزىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ ئۆيدە دادىسىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇشقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كىلىشى بىلەن تەڭلا ياتاق ئىشىكى ئېچىلىپ ئېرىمنىڭ سىماسى كۆرۈندى.
قىززىق ئىش ئۇنىڭ چىرايى مىنىڭكىدىنمۇ بەتتەر ئىدى.
دەرھال چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتتۈم.
-كىلىڭە - بەلكىم كۈلكەممۇ يىغلىغاندەك چىققان بولۇشى مۇمكىن ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلدى-تېلىفۇنىڭىز قاپتىكەن.
-نۇرىيە! ئېرىم كارۋىتىمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ قوللۇرۇمنى تۇتتى.
-نېمە بولدىڭىز؟ بالىلار بەك ساقلاپ قالىدۇ. مانا تېلىفۇنىڭىزنى ئېلىپ تىزرەك مېڭىڭ.
-جېنىم خوتۇن...مەن...
شۇ تاپتا ياشلىرىم قىياندەك كىلەتتى، لەۋلىرىمنى توختىماي چىشلەيتتىم.
-ماڭا قاراڭ سۆيۈملۈكۈم-مەن ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىمنى ئېرىمغا تىكتىم- مەن سىزگە ئىشىنىمەن.
-بىراق...مەن...
نىمە؟ مېنى ياخشى كۆرمەمسىز؟- مەن ئۇنىڭغا ئەركىلىدىم.
-ياق،ياق...ياخشى كۆرىمەن، ياخشى كۆرىمەن..
-ھە بولدىغۇ ئەمىسە، سىز بەك ئەقىللىق ئادەم. شۇنداققۇ؟ مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن. شۇنى بىلسىڭىزلا بولدى. يەنە بالىلىرىمىز سىزنى ساقلاۋاتىدۇ.
-بىز، بىز بىللە كىتەيلى بولامدۇ؟-دېدى ئېرىم ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ – ئەتە سەھەردە ئەكىلىپ قويىمەن.
-مەيلى بولمىسا-دېدىم مەنمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئۇ كۆزلىرىمگە سەمىمىلىك بىلەن تىكىلدى:
-ئېرىڭغا ئىشەن خوتۇن. ئەمدى بۇنداق ئىش ئىككىنچى تەكرارلانمايدۇ...
شۇنداق قىلىپ ئاخشام ئائىلەمدە يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بولغان چوڭ بىر بوران-چاپقۇن تىنىچلا ئۆتۈپ كەتتى. ئېرىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئون يىللىق پەردىشەپ يەنە چىرايلىق ساقلىنىپ قالدى.
بىراق، بۇ قىلغىنىم توغرىمىدۇ؟ ئېرىمغا داۋاملىق ئىشەنسەم بولارمۇ؟ ياكى، ئىشىكىمنىڭ ئىلغۇچىغىمۇ؟ ئىز باسار تورى |