ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىدىن*
خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن،
مېغىزى شېرىن ياڭاق تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.
كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ،
ئىسسىتار ئەلنى كۆمۈر يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن.*
مېۋە بەرمەس ھېچقاچان ھاي-ھاي چاپان ھەشقىپىچەك،
يۆمىشىپ ھەرنەرسىگە مىڭ يۇقىرى چىققان بىلەن.
يەر بېغىرلاپ ياتسىمۇ قوغۇن-تاۋۇزنىڭ پىلىكى،
تولدۇرار يېزا-بازارنى نىمەتۇ-ئەلۋان بىلەن.*
ئالدىراپ ھەركۈنلۈكى بىر ئېچىلۇر ھەشقىپىچەك،
كۈن چىقار-چىقمايلا تېز سولىشۇر جا نەرسىدەك.
مىرزە، سەبدە، گۈلى رەيھان يا قىزىل مودەنگە باق،
تاكى كەچكۈز كىرمىگۈچە كەتمەس يېنىدىن كېپىنەك.*
سايە بەرمەيدۇ سۇۋادان غادىيىپ ئۆسكەنسېرى،
بەلكى ئاسان سۇنغۇسى بوران-شامال تەگكەنسىېرى.
سۇبويىدا جىلۋە قىلغان لەيلى-مەجنۇنتالنى كۆر،
ئاشىدۇ كۆركى ئۇنىڭ ئۆز قەددىنى پۈككەنسىرى.*
گۈللا بولسا گۈل ئەمەس، گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس، مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا.*
ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،
ھۆسنى بىر سۈرەت ئېرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا.
بىرمىسال، پانۇسنى كۆر، شام-چىراغسىز يورۇماس،
نۇر چاچامدۇ شام-چىراغ؟ پىلىك ۋە ياغى بولمىسا.
مەنبە:خاتىرەمدىن |