|
بۇ يۈرەك شۇنداق سوقىدۇ
تىمتاس كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تىپچەكلەۋاتقان نىمە دەپ سورىدى دۇنيا ؟
مەن دېدىمكى -ئۇ يۈرەك .بىل ئاشىق يۈرەك ئەنە شۇنداق سوقىدۇ .
ھەممە شىرىن چۈشلەرگە ئەللەيلەنسە نىمە سەۋەپ ئۇنى شۇنچە سوقتۇرغان؟
دېدىمكى -ئاشىقلىق .بىل ئاشىق يۈرەك ئۇنى ھەربىر كۆرگىنىڭدە شۇنداق سوقىدۇردىكى ئاجىز تەن قەپىسىڭ يۈرەك ئالدىدا گۇناھكاردۇر .ھەربىر تىنىقلىرىڭ يۈرەككە يانداشتۇر ،ئۇ سېنى ئاشىقلىق بورانىدا ئۇچۇرۇشقا تەيياردۇر .كۆزلىرىڭ يۈرىكىنىڭ ئاسىيسىدۇر ،لىغىرلاپ تۇرغان ياشلىرىڭ كۆزلىرىڭ توسمىسىنى بۇزۇشقا قادىردۇر.
-ئاشىقلىققا داۋا بارمۇ ؟
- بار -دېدىم - بىل ئاشىقنىڭ داۋاسى مەشۇق .مۇشتۇمچىلىك ئىككى يۈرەكنى جەم قىلماق ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى داۋاسىدۇر .كۆرمىدىڭمۇ نەچچە ئاشىق مەشۇقىنىڭ ئايىغىدا قۇلدۇر.دۇنيا ۋەسۋەسىسىدە توزدەك مەغرۇرلارنى كۆر ئاشىقلىققا مۇپتىلا بولغاندا يىلاندەك تولغاشقىنىنى .
-ئاشىقلىق ئوتىغا مۇپتىلا بولماسلىقنىڭ ئامالى بارمۇ ؟
- بار ئۇ بولسىمۇ جاننى تەسلىم ئېتىش .جان تەندىلا بولسا بۇ يۈرەك ئەنە شۇنداق ‹سۆيگۈ›دەپ سوقىدۇ .
- ھەر كېچە قاندا داستان يېزىپ تاڭ سەھەردە لاي-لاي ناخشىسىنى توۋلىغانلارنى كۆردۈم ؟!
- بولدى بەس!ئاشىقلىققا يىغلاش شەرىتمىدى ؟!بىل بۇ يۈرەك ئەنە شۇنداق تەرتىپسىز سوقىدۇ .كېچىلىرى تۈنگە ئەسرا مەشۇق دەپ سوقىدۇ ،كۈندۈزلىرى دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ چاندۇرماي ئۆتىدۇ .
-مەشۇقنى قانداق تاپماق ئەۋزەلدۇر ؟
-مەشۇقنى ئاشىقنىڭ قەلبىدىن تاپماق .ئەڭ ئەۋزەلدۇر .خىياللار بىلەن ئەسلىمەك ئەڭ گۈزەلدۇر .ئەمدى سوئاللىرىڭنى قوي دۇنيا !سەن بىرەر ئەمانىڭ ئۆز ئاغزىنى تاپالماي ئاچ قالغىنىنى كۆرگەنمىدىڭ ؟!شۇنىڭغا ئوخشاش ئاشىقمۇ مەشۇقىنى يۈرىكىگە ئورۇنلاشتۇرغان .ئۇ ئۇنىڭ يۈرىكىدە بارلىقىنى بىلىدۇ .بىر يېڭى تۇغۇلۇپ كۆزى تىخى ئېچىلمىغان قوزىنىڭ ئانىسىنى تاپالمىغانلىقىنى كۆرگەنمىدىڭ ؟! دەل شۇنىڭدەك ئاشىق مەشۇقىنى مۇھەببەت گۈلزارلىقىدىن ھىدلاپ ئازاپ شاراپىنىڭ قاڭسىق پۇرىقىدا ئەس ھوشىنى يوقىتىپ مەس ئەلەس يىغلاپ قاقشاپ تاپىدۇ .
-مۇھەببەت يولىدا قاقشىغاننى ئاشىق دىيەلەمسەن؟
- ئۇف دۇنيا سوئاللىرىڭ جاۋاپلىرىڭدىن جىق ئىكەن چارچىغانلىقىمنى ھېس قىلمىدىڭمۇ ؟مەن ئېيتاي سەن ئاڭلا !قورساق ئېچىپ ئانىنى چارقىرىش ئۈچۈن يىغلىغان بالىنى سەن بالا ئەمەس دىيەلەمسەن؟دەل شۇنىڭدەك ئاشىقمۇ مەشۇقىنى ئىزلەپ قاقشايدۇ ،ئۇنى قاقشاتقىنى دەل مۇھەببەت شارابىنىڭ كۈچىدىن بولسا كېرەك .
- مۇھەببەت شارابىنى ئىچىپ تويماي باقى دۇنيانىڭ شاراپلىرىدا ئۆزىنى مەس قىلغاننى نىمە دەپ ئاتايمىز ؟
- ئاشىقلىق كېسىلىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى دەپ ئاتايمىز.چۈنكى ئۇلار مۇھەببەت شارابىغا قانماي باقى دۇنيا شارابىنى ئىچىپ مەس بولۇپ يەنە شۇ مۇھەببەت شارابىنىڭ رومكىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلىۋالماقچى بولغانلاردۇر .
بىل دۇنيا بۇ يۈرەك پەقەت ۋە پەقەت مۇھەببەت دەپ سوقىدۇ
مەنبە :ئەزمەت ئەخمەت نوتا |
|