ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆز-قارنىڭىز توق بولسا، ئىززەت تاپىسىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

  كىچىكىمدە ئائىلە شارائىتىمىز ناچار ئىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئەمدىلا ئوقۇش يېشىغا توشقان چاغلىرىم ئىدى، بىر كۈنى ئانام مەھەللىمىزدىكى بىرەيلەننىڭكىگە تويغا ماڭغىنىدا، مەن ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ چاي ئىچىدىغان تۆمۈر قاچامنى ئېلىپ چىقىپ  «ئانا، ماڭا تويدىن پولو ئالغاچ كېلىڭا»دېدىم. ئانام ئىتتىك كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭا غەزەپ بىلەن چەكچەيدى، ئاندىن پېشىغا ئېسىلغان قولۇمنى زەردە بىلەن سىلكىۋەتتى. قورققىنىمدىن قولۇمدىكى تۆمۈر قاچىنى يەرگە تاشلىۋەتتىم. ئانام ياش لىغىرلىغان كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرغىنىچە مېنى باغرىغا بېسىپ »جېنىم بالام، ھەر قانداق چاغدا كۆز-قارنىڭ توق بولسۇن، ئۇنداق ئاچكۆز، تاماخور بولما«دەپ مېنى جىملىگەنىدى. ئانامنىڭ شۇ سۆزى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ.
  ئىجتىمائىيىتىمىزدە ھەشەمەتلىكىرەك سورۇنلارغا داخىل بولغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بىرەر قاپ تاماكا، چاقماق ياكى سورۇندىكى كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن نەرسىلەرنى يانچۇقىغا سېلىۋېلىشلىرىنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە، شۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ كىشىلىك قىممىتى ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەس. يەنە بەزىلىرىمىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارنىڭ قۇرۇق قول كەلگەنلىكىدىن ئاغرىنىشلىرى، يىراق - يېقىنغا كەتكەنلەردىن سوۋغات تەمە قىلىشلىرى... مانا مۇشۇنداق ئەرزىمەس نەپ، كىچىككىنە نەرسىلەر ئۈچۈن ئۆزىنى ئاۋارە قىلىپ باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى ئوبرازىغا داغ كەلتۈرىدىغان ئىللەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالىدىغانلار خېلى بار.«ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماپتۇ «دېگەندەك، ئانچىكى نەرسىلەر ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەرزان قىلماڭ، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئالدى- كەينىنى ئويلاڭ، بولۇپمۇ ئانچىكىم نەرسىلەر ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى چۈشۈرۈۋالماڭ، ئاتا-ئانىلار بۇ مەزمۇننى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتەيلى، بالىلىرىمىز بىزدىن ئۈلگە ئېلىپ، كۆز-قارنى توق ياشاشنى ئۆگەنسۇن، شۇنداق قىلغاندا، ھەركىم ھەرقانداق جايدا باشقىلارنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ.!!!
قايدا دىدىم  تورداشلار  قىنى ھەممەيلەن  كۆز قارشىمىزنى ئوتتۇرىغا  قويۇپ باقايلى .!!!
قىنى مەرھەممەت
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-11-3 10:06:37 | ئايرىم كۆرۈش
بىزنىڭ بىر تۇققىنىمىز شۇنداق ئىدى،نەگىلا بارسا كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەننى ئېپ ماڭىدىغان.بازارغا بارسىمۇ بىر پوسما چىرايلىق كۆرۈنسە بالىسىنىڭ بېشىغا بىرنى كەيدۈرۈپ بىرنى سومكىسىغا سېلىپلا بالىسىنىڭ بېشىدىكىنى سودىگەرگە قايتۇرۇپ بەرسە قايناق بازاردا سودىگەرلەرمۇ ئۇقمايقېلشاتتى.ئۆيىگە بارسىغۇ بىر بىرىدىن ئېسىل جۈپتى يوق تەخسە پىيالىلەر بەكمۇ تولا.ئۆيدە بولمىساق ھويلىغا توختىتىپ قويغان موتۇنىڭ مېيىمۇ يوقاپ كېتەتتى،توۋا.
مېنىڭ يولدىشىم ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى مەن توي قىپ كەلسەم پەقەتلا داستىخان كۆتۈرۈشمەيتى،كىم ئېتىزىدا قايسى سېيى بار،بېغىدا قايسى مېۋىسى بار،پەقەت بولمىسا بىر لېگەن قۇيماقلارنى ياكى ئىككى ناننىلا يەپ بېقىڭلار دەپ يوقلىشاتتى.ھېچكىم قۇرۇق قول كەپتۇ دەپ يامانلاشمايتى.كېيىن مەنمۇ ئۆگەندىم.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-11-8 22:10:48 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ بۇنداق ئىشلارنى ئاندا ساندا ئۇچراپ تۇرىدۇ ،لىكىن خەقتىن بىر نەرسە تاما تۇتىدىغان بۇ ئىش بەك سەت ئىش جۇمۇ . مەنمۇ بەزى بىر چاغلاردا ئاندا ساندا ئاڭلاپ قالىمەن  بەزى چوڭ ئادەملەردىن نىمە ئېلىىپ كەپتۇ ، قۇرۇق قول كەپتۇ دىگەندەك . مۈشۈك تامادا چاشقان كاماردا دەپ .بۇنداق ئادەملەرنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ .  
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:27 , Processed in 0.125934 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش