ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 788|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دىپلۇم(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-4 19:38  

دىپلۇم

قايناق ھاياتنىڭ تۇرمۇش كارتىنلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىممۇ ئاخىرلىششقا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر مەۋسۇملا قالغان ئىدى.مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىدغاننى ئويلىسام باشقىچە بىر خىل ھاياجانلىنىپ كىتەتىم.
ئەمما بىلىپ بىلمەي ئۇيۇن -تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۋەتكەن ۋاقتىمنىڭ يالدامىسى بولغان ئەينى ۋاقىتتا ئۆتەلمەي ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا بىرلا قېتىم پۇرسەت بېرىلدىغان تۆت پەن تۇلۇقلىما ئىمتاھاننى ئويلىساملا كاللامنى خۇددى قۇرۇت چاققاندەك بىئارام بۇلاتتىم.مۇئەللىمنىڭ دېيىشچە مۇشۇ قېتىم تۇلۇقلىما ئىمتاھاندىن چۇقۇم ئۆتىشمىز كېرەككەن .بولمىسا دېپلۇم بېرىلمەيدىكەن.
ھەي...
دىپلۇم بولمىسا خىزمەت يوق دېگەن گەپ.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك.تۇلۇقلىما ئىمتاھان بەك تەس چىقىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،ئەگەر ئۆتەلمەي قالسام قانداق قىلارمەن؟
تۇيۇقسىز كاللامدىن شۇ چاغدىكى مەكتەپ ھاياتىم كەچتى،تۇلۇق ئوتتۇردىن ياخشى  نەتىنجىلەر بىلەن ئالىىي مەكتەپ بوسوغىسغا قەدەم باسقان بىرىنچى يىلى شۇنداق تىرشىپ ئۆگەندىم.ئەمما ئىككىنچى يىلدىن باشلاپ ھېلقى ئاداشلىرىم ئوينىغان ئۇيۇنلارنى مىنىڭمۇ ئوينۇغۇم كەلدى.بەزىدە مۇئەللىمدىن رۇخسەت ئېلىپ بەزىدە دەرىس تاشلاپ دېگەندەك ئۇييۇننىڭ قوينىغا شۇڭغۇپلا كەتتىم.ئاتا-ئانام ھەر ئايدا ئەۋەتكەن پۇللار بۇنداق ئويناپ كۈلۈپ يۇرشىمگە ئارانلا يىتەتتى،بەزىدە تېخى ئۇلارغا يالغان سۆزلەپ قويسام ئۇلارنىڭ قان-تەر بىلەن تاپقان پۇللىرى مىنىڭ مىنىڭ چۆنتىكىمگە چۈشىۋېرەتتى.ئالىي مەكتەپ دېگەن مۇشۇنداق بولسا مەڭگۈ ئوقۇپلا ئۈتۈپ كەتسەم دەپ ئويلاشلىرىم...
يان تىلفۇنۇمنىڭ سايرىشى مىنى بۇ كەچمىشلەر قوينىدىن تارتىپ چىقاردى.ئېرەنچەكلىك بىلەن تىلفۇننى ئالدىم:
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ؟ - تىلفۇن مەكتەپتىكى دوستۇمدىن كەلگەن ئىدى.
_ۋە-ئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشى ئۆزەڭچۇ
-مەنمۇ ياخشى ئاداش ھېلقى بۇكاۋرىڭنىڭ ئىشنى قانداق قىلسەن؟-ئۇنىڭ بۇ سۇئالنى چىقىرشىغا تېخمۇ جىددىلىشىشكە باشلىدىم.
_قانداق قىلتىم بېرىمەندە
_ۋاي نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسە سىنىڭ مەكتەپتە ئويناپ يۈرگىنىڭنى كىم بىلمەيدۇ.قانداق ئۆتمەكچىتىڭ؟-ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.
-قانداق قىلمەن ئەمسە؟
_مىنىڭمۇ بەش پەن بۇكاۋرىم بار .ھېلقى مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل ناسىر مۇئەللىمنى تۇنۇيسەنغۇ-
-ھە تۇنۇيمەن نىمە بوپتۇ-ئالدىراپلا سورۇدۇم.
_ھە ئاشۇ مۇئەللىم ھەر بىر پەنگە300كوي تۈلسەكلا ئىمتانغا كىرىپ ئولتۇرۇپلا بەرسەكمۇ ئۆتكىزۋىتىدكەن .كونا تۇنشۇمدىن ئاڭلىدىم ھەر يىلى شۇنداقكەن.
-تېخى شۇنداقمۇ ئىش بارمىكەن-ئالدىراپلا سوراپ كەتتىم
-ھەئە لىكىن بۇنى بەك مەخپى تۇت ھە ھازىر بىزگە ئەڭ مۇھمى دىپلۇم.دىپلۇم بولمىسا خىزمەتمۇ يوق دېگەن گەپ.ئەمسە شۇنداق بولسۇن.تەتىلدىن كىيىن پۇلنى تەييارلاپ كەل-ئۇ ئالدىراشلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئۈمۈدلىنىپ قالغان ئىدىم .ئۇنىڭ دېگنى توغرا بىزگە مۇھمى ھازىر دېپلۇم .نەگىلا بارساڭ ئەڭ ئاۋال دىپلۇمىڭنى چىقار دەيدۇ.ھازىر قورساقتىكى بىلمگە ئەمەس قولدىكى دىپلۇمغا قارايدىغان بۇلۇپ كەتتى.توغرا شۇنداق قىلاي ئەمما پۇل....
ھەر بىر پەنگە300يۈئەندىن 4 پەننىڭ 1200يۈئەن بولسا بۇ پۇللارنى نەدىن تاپارمەن.توغرا دادامغا يەنە يالغان گەپتىن ئىككىنى قىلىپلا ئالمايمەنمۇ،دىپلۇم ئالدىغانلىكى ئىش بولسا مەيلى..
شۇنداق قىلىپ تەتىل تۇشۇشقا ئازلا قالغاندا دادامغا ئۆزەم ئېغىز ئاچتىم.
_دادا سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.
-دەۋەرگىن بالام نىمە گەپ؟
-شۇ شۇ  مەكتەپكە پۇل يېغىدكەنتۇق شۇڭا....-سەل دۇدۇقلاپ قالدىم.
-ۋوي بىرنچى مەۋسۇمدا بارلىق ئوقۇش پۇللىرنى تۆلەپ بولدۇڭغۇ بالام يەنە نىمگە پۇل يىغىدكەن؟
-شۇ دادا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقمىز ئەمەسمۇ شۇڭا يەنە بىرمۇنچە ئىشلارغا پۇل تۆلەيدىكەنمىز.
--ھە نەچچچە پۇلكەن بالام مەن بېرەي.
-1200كوي دادا
-ھە سەن ماڭغۇچە مەن كارتاڭغا قۇشۇپ ئۇرۋىتەي بالام
ئۇف  پۇلنىڭ ئىشمۇ ھەل بولدى.
شۇنداق قىلىپ مەكتەپكىمى كەلدىم.ھېلقى دوستۇم دېگەندەك ئاشۇ مۇئەللىمگە پۇلنى تاپشۇرۋەتكەن ئىدۇق  .مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىشنى ھەل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ  خېلى كۆپلۈكنى شۇ چاغدىلا بىلگەن ئىدىم  .
ئىمتاھاننىمۇ بەردىم ھەر ھالدا خاتىرجەم بېرۋالغان ئىدىم ئىمتاھاننىڭ نەتىنجىسمۇ چىقتى،دېگەندەك ھەممە پەندىن لاياقەتلىك بۇلۇپ ئكتكەن ئىدىم.شۇنداق قىلىپ مەكتەپتىكى بىر قاتار ئىشلارنى تۆگتىپ دېپلۇمنىمۇ قۇلۇمغا ئېلۋالدىم.
مۇشۇ دېپلۇملا بولسا مەن خىزمەتكە ئېرشەلەيمەن.
مىنىڭ دېپلۇمۇم....
شۇ تاپتا قۇلۇمدىكى بۇ قىپقىزىل تاشلىق دېپلۇمنى باغرىمغا چىڭ باسماقتا ئىدىم.

        مەنبە:ئىجادىيتىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +30 يىغىش سەۋەبى
تىلسىم + 30 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى

31

تېما

814

يازما

4254

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 11
يازما سانى:
814
تىللا:
3344
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
280 سائەت
ئاخىرقى:
2016-8-27

كۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2013-8-4 20:58:44 | ئايرىم كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز بۇ ھىكايىنى  تىمىڭىزغا رەھمەت  .  جەمئەتتكى ناچار قىلمىشلار قاچانمۇ تۇگەر   ....؟؟

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2013-8-5 17:56
قىرىنداشلار ،تارىخمۇ مۇھىم تارىخ توغىرلىق تىمىلار چولدۆرەپ قالمىسۇن!

28

تېما

136

يازما

1469

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 13
يازما سانى:
136
تىللا:
1242
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2014-7-26

كۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-8-4 22:02:36 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنداق ئىشلار  ئالىي مەكتەپلەردە بەكمۇ كۆپ،    رەھمەت  بۇ تىما بەكمۇ  ئوبدان، مەزمۇنى بەكمۇ تۇرمۇشقا يىقىن   بوپتۇ  تىرشىڭ!!!

باھا سۆز

رەھمەت مۇئەللىم  ۋاقتى: 2013-8-5 17:42
زۇلپەرى

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

يەر
ۋاقتى: 2013-8-4 22:19:47 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ خەنزۇتىلىدىن تولا ئۆتەلمەي ،دىپلۇم  چىقمىدى،  سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى كۈنى مەن يەكەندە بولمىغاچ قاتناشمىغان ئىدىم ، لىكىن شۈكرى مەن ئۈچۈن دوستۇم بىرىپ قويۇپتۇ ، مەن ئۇنىڭغا بىرىپ قوي دىمىگەن ، ئۆزلىكىدىن بىرىپ قيۇپتۇ ، بۇ يەردە ساڭا يەنە بىر قىتىم رەھمەت دوستۇم...

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

5#
ۋاقتى: 2013-8-4 23:07:13 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ، ئىجادىيىتىڭىزئۇتۇقلۇق بولسۇن ...

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2013-8-5 17:55

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

6#
ۋاقتى: 2013-8-5 11:25:44 | ئايرىم كۆرۈش
پىروزا ئەسەرلىرىدە "ئىدى، ئىكەن، ئىمىش" بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىگە تەسىر يېتىدۇ، بۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، قايىل بولدۇم. شۇ ئاتىكاچىلىق ئىچىدە ئەسىرىڭىزنى تەھرىر ۋە كوررىكتورلۇقتىن ئۆتكۈزۈپ مۇنداق قىلىپ باقتىم:

دىپلوم

قايناق ھاياتنىڭ تۇرمۇش كارتىنلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرلىششقا ئەڭ ئاخىرقى بىر مەۋسۇم قالدى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىدىغاننى ئويلىساملا باشقىچە ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم.
ئەمما بىلىپ - بىلمەي ئويۇن - تاماشا بىلەن ئۆتكۈزىۋەتكەن ۋاقتىمنىڭ يالدامىسى - ئەينى ۋاقىتتا ئۆتەلمەي ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا بىرلا قېتىم پۇرسەت بېرىلدىغان تۆت پەن تولۇقلىما ئىمتاھاننى ئويلىساملا كاللامنى خۇددى قۇرت چاققاندەك بىئارام بولاتتىم. مۇئەللىمنىڭ دېيىشچە بۇ قېتىم تۇلۇقلىما ئىمتاھاندىن چۇقۇم ئۆتىشمىز كېرەككەن، بولمىسا دىپلوم بېرىلمەسمىش.
ھەي...
دىپلوم بولمىسا خىزمەت يوق دېگەن گەپ. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ تولۇقلىما ئىمتاھاننى بەك تەس چىقىدۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئەگەر ئۆتەلمەي قالسام قانداق قىلارمەن؟
تۇيۇقسىز كاللامدىن شۇ چاغدىكى مەكتەپ ھاياتىم كەچتى، تولۇق ئوتتۇرىدىن ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئالىىي مەكتەپ بوسوغىسغا قەدەم باسقان بىرىنچى يىلى شۇنداق تىرشىپ ئۆگەندىم. ئەمما ئىككىنچى يىلدىن باشلاپ ھېلقى ئاداشلىرىم ئوينىغان ئويۇنلارنى مېنىڭمۇ ئوينىغىم كەلدى. بەزىدە مۇئەللىمدىن رۇخسەت ئېلىپ بەزىدە دەرس تاشلاپ دېگەندەك ئويۇننىڭ قوينىغا شۇڭغۇپلا كەتتىم. ئاتا - ئانام ھەر ئايدا ئەۋەتكەن پۇللار بۇنداق ئويناپ - كۈلۈپ يۈرىشىمگە ئارانلا يېتەتتى، بەزىدە تېخى ئۇلارغا يالغان سۆزلەپ قويسام ئۇلارنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇللىرى مېنىڭ چۆنتىكىمگە چۈشىۋېرەتتى. ئالىي مەكتەپ دېگەن مۇشۇنداق بولسا مەڭگۈ ئوقۇپلا ئۆتۈپ كەتسەم، دەپ ئويلاشلىرىم...
يانتېلفونىمنىڭ سايرىشى مېنى بۇ ئويلار قوينىدىن تارتىپ چىقاردى. ئېرەنچەكلىك بىلەن تېلفوننى ئالدىم:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ؟ - تېلفون مەكتەپتىكى دوستۇمدىن كەلگەن ئىدى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشى، ئۆزۈڭچۇ؟
- مەنمۇ ياخشى ئاداش ھېلقى تولۇقلىما ئىمتىھاننىڭ ئىشنى قانداق قىلسەن؟ - ئۇنىڭ بۇ سۇئالىنى ئاڭلاپ تېخمۇ جىددىيلەشتىم.
- قانداق قىلاتتىم، بېرىمەندە.
- ۋاي نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسەن، سېنىڭ مەكتەپتە ئويناپ يۈرگىنىڭنى كىم بىلمەيدۇ. قانداق ئۆتمەكچىتىڭ؟ - ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.
- قانداق قىلمەن ئەمسە؟
- مىنىڭمۇ بەش پەن تولۇقلىما ئىمتىھانىم بار. ھېلقى مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل ناسىر مۇئەللىمنى تونۇيسەنغۇ؟
- ھە، تونۇيمەن، نېمە بوپتۇ، - ئالدىراپلا سورىدىم.
- ھە ئاشۇ مۇئەللىم ھەر بىر پەنگە300كوي تۆلىسەك ئىمتانغا كىرىپ ئولتۇرۇپلا بەرسەكمۇ ئۆتكۈزىۋېتىدىكەن. كونا تونۇشۇمدىن ئاڭلىدىم، ھەر يىلى شۇنداقكەن.
- تېخى شۇنداقمۇ ئىش بارمىكەن، - ئالدىراپ سوراپلا كەتتىم.
- ھەئە. لېكىن، بۇنى بەك مەخپى تۇت - ھە. ھازىر بىزگە ئەڭ مۇھمى دىپلوم. دىپلوم بولمىسا خىزمەتمۇ يوق دېگەن گەپ. ئەمسە شۇنداق بولسۇن. تەتىلدىن كېيىن پۇلنى تەييارلاپ كەل - ھە، - ئۇ ئالدىراشلا تېلفوننى قويىۋەتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئۈمىدلىنىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېگنى توغرا، بىزگە ھازىر مۇھىمى دىپلوم. نەگىلا بارساڭ ئەڭ ئاۋال دىپلومىڭنى چىقار، دەيدۇ. ھازىر قورساقتىكى بىلمگە ئەمەس، قولدىكى دىپلومغا قارايدىغان بولۇپ كەتتى. توغرا شۇنداق قىلاي، ئەمما پۇل....
ھەر بىر پەنگە300يۈئەندىن 4 پەننىڭ 1200يۈئەن بولسا بۇ پۇللارنى نەدىن تاپارمەن؟ توغرا، دادامغا يەنە يالغان گەپتىن ئىككىنى قىلىپلا ئالمايمەنمۇ، دىپلوم ئالىدىغانلىكى ئىش بولسا مەيلىتىغۇ..
شۇنداق قىلىپ تەتىل توشۇشقا ئاز قالغاندا دادامغا ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم:
- دادا سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.
- دەۋەرگىن بالام نېمە گەپ؟
- شۇ... شۇ... مەكتەپكە پۇل يىغىدىكەنتۇق، شۇڭا.... - سەل دۇدۇقلاپ قالدىم.
- ۋوي، بىرىنچى مەۋسۈمدە بارلىق ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلەپ بولدۇڭغۇ بالام، يەنە نېمگە پۇل يىغىدىكەن؟
- شۇ دادا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقمىز ئەمەسمۇ، شۇڭا يەنە بىرمۇنچە ئىشلارغا پۇل تۆلەيدىكەنمىز.
- ھە نەچچچە پۇلكەن بالام، مەن بېرەي.
- 1200كوي دادا
- ھە... سەن ماڭغۇچە مەن كارتاڭغا قوشۇپ ئۇرىۋېتەي، بالام.
ئۇف...  پۇلنىڭ ئىشمۇ ھەل بولدى.
شۇنداق قىلىپ مەكتەپكىمۇ كەلدىم. ھېلقى دوستۇم دېگەندەك ئاشۇ مۇئەللىمگە پۇلنى تاپشۇرۋەتتۇق، مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىشنى ھەل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ  خېلى كۆپلىكىنى شۇ چاغدىلا بىلدىم.
ئىمتاھاننى ھەر ھالدا خاتىرجەم بېرۋالدىم. ئىمتاھاننىڭ نەتىنجىسمۇ چىقتى، دېگەندەك ھەممە پەندىن لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتكەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ مەكتەپتىكى بىر قاتار ئىشلارنى تۈگىتىپ دىپلومنى قولۇمغا ئېلۋالدىم.
مۇشۇ دىپلوملا بولسا مەن خىزمەتكە ئېرشەلەيمەن.
مىنىڭ دىپلومۇم....
شۇ تاپتا قولۇمدىكى بۇ قىپقىزىل تاشلىق دىپلومنى باغرىمغا چىڭ باسماقتا ئىدىم...

_________________
ئىملا ۋە تىنىش بەلگە قائىدىسىگە ئازىراق دىققەت قىلىشنى ئۆگەنسەك، ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا قولىمىزدىن كەلگىنىچە كۈچ چىقارساق (تىنىش بەلگىلەردىكى خاتالىقلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ كېتەلمىدىم)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +30 يىغىش سەۋەبى
تىلسىم + 30 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-5 17:36:52 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 11:25
پىروزا ئەسەرلىرىدە "ئىدى، ئىكەن، ئىمىش" بەك كۆپ بولۇپ ك ...

دېگىنڭىز ھەقىقەتەن توغرا ،مەنمۇ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىملا ۋە تىنىش بەلگىلىرگە بولغان تەلەپنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇياتتم، ئەمما بۇ تىمامنى يوللىغاندا ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ قايتا تەھرىرلىمەيلا يوللىۋەتكەن ئىدىم شۇڭا سىز دېگەندەك نۇرغۇن خاتالىقلار سادىر بوپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەرەپلەرگە چۇقۇم دېققەت قىلمەن. ئەستايدىل ئوقۇپ ئەتراپلىق پىكىر يۈرگىزگىنڭىزگە كۆپ رەھمەت...

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-4 14:08:10 | ئايرىم كۆرۈش
بىر يېرىم يىل بۇرۇنقى ھېكايەم ئۈستىگە چىقىپ قاپتىكەن ،ئوقۇپ قويدۇم يەنە بىر قېتىم .

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-2-7 12:30:05 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى باشقا يەردىمۇ ئوقۇپتىكەنمەن .بۇ يەردىمۇ كۆرۈپتىمەن بۈگۈن
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-7 13:20:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 12:30
بۇ ھېكايىنى باشقا يەردىمۇ ئوقۇپتىكەنمەن .بۇ يەردىمۇ كۆ ...

ئوقۇغۇچى مۇنبىردىكى تۇنجى نۇسخىسى ئىدى ،ئەمدى كۆرۈپسىزدە ؟
باشقا بىر يەردە ئەمەس ئىككى يەردە بار . سەۋەب ۋەقەلىك ...
  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:49 , Processed in 0.169641 second(s), 40 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش