ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 146|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دېڭىزدىن سادا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

37

تېما

193

يازما

1011

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 696
يازما سانى:
193
تىللا:
788
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
139 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3


دېڭىزدىن سادا
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

قاپقاراڭغۇ بىر كېچە...چەكسىز كەتكەن كۆپكۆك بىر دېڭىز..... ئۇ، قاراڭغۇ كېچىنىڭ سۈرى بىلەن گويا قارا بولۇپ كۆرۈنەر، دەھشەت بىلەن دولقۇنلىنار، قويۇق كۆپۈكلەر چاچرىتار.
ئەنە ئۇنىڭ تېشىپ چىققان جۇشقۇن سادالىرى...
ئەنە ئۇ دېڭىز بويىدا ئاسمان بىلەن قۇچاقلاشقان تىك تاغ. ئۇنىڭ قىلىچ كەبى ئۆتكۈر تاشلىرى دولقۇنلۇق دېڭىزغا غەلىتە بىر تۈستە باقار، ئۇنىڭدىن بىر نەپەس كۆزىنى ئالماس، ھامان قاراپ تۇرار، ھامان ئىنىتىلۇر. ئەنە شۇ تاغنىڭ يان باغرىدا ئاللىقانداق خىيالغا چۆمگەن بىر شائىر. ئۇ سۆز باشلاپ، گويا دېڭىزغا ئەرز ئېيتار،ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈكلەر قاينار.....
_ئەي دېڭىز، نېچۈن مۇنچە دولقۇنلىنارسەن؟ توختا بىردەم، مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاپ بەر:
نېچۈن ئۇزاق چاغلاردىن بېرى بىزگە كۈن نۇرى تەگمەس؟ نېچۈن ئاسمىنىمىز ھامان تۇمانلىق، ھامان بۇلۇتلۇق، ھامان تۇتۇق؟ بىر كۈنمۇ ئوچۇق بولغىنى يوق، بىر كۈنمۇ ! ھامان بىزگە تۈن! ئۆمۈر لاي سۇ كەبى ئېقىپ كەتمەكتە. ھەر چاغ، ھەر زامان كۆڭلمىز سۇنۇق.....
يىللار، ئەسىرلەر شۇنداق ئۆتتى. ھەريىل، ھەر ئەسىر بىزنى قاقشىتىپ، بەك كۆپ غەنىيمنەلەرنى ئېلىپ كەتتى، ئۆمۈرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئوغرىلاپ قاچتى، لېكىن بىزگە ھېچنىمە بىرىپ كەتمىدى، پەقەت مۇڭ بىلەن ھەسرەت، قايغۇ بىلەن ئەلەم، كۆزلىرىمدە قۇرۇما نەم قالدۇرۇپ كەتتى، بىزگە بەرگەن سوۋغىتى شۇ بولدى...
بىز ھەمىشە نۇرغا تەشنامىز! بىراق، ئۇ بىزدىن جامالىنى يوشۇردى، بىر قارا پەردە ئۇنڭ يۈزىنى توستى، ياق، بەلكى بىزنىڭ كۆزىمىزنى توستى. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇق، پۈتۈنلەي.... شۇنىڭ ئۈچۈن، چىرايىمىز سارغايدى، يۈرەكتىكى قان- زەرداپ سۇغا ئايلاندى.
ئاھ، قېنى ئۇ بەخت قۇياشى، قېنى ئۇ نۇر؟ قېنى ئۇ گۈزەل باھار؟
يوق، بىرىمۇ يوق،بىز ھەممىمىز مەھرۇم!
ئەنە تەڭرىتاغ، ئالتاي، كوئېنلون، پامىر تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە ھامان شۇ قارا بۇلۇتلار، ھامان بىر قارا پەردە... ئىلى، تارىم، ئېرتىش ۋە باغراش سۇلىرى ئۈستىدە ھامان بىر قارا تۇمان! قاچانغىچە شۇنداق؟ قاچان بىزگە تاڭ ئاتار؟
يادىڭدىدۇر بەلكىم، بىزدە بىر ئەمەس، قانچە - قانچە قېتىملاپ قاتتىق بوران سوققان بىپايان دەشت - جاڭگاللاردا قىپقىزىل قانلار دەريا بولۇپ ئاقمىغانمىدى؟ ئىگىسىز قالغان جەڭ تۇلپارلىرى تىزگىنلىرىنى سۆرەپ، كۆككە قاراپ ھەسرەت بىلەن كىشنەشمىگەنمىدى؟ گىياھلارغا ئىلىنىپ قالغان ئادەم ئۇچەيلىرى سىم تاناپنىڭ سىملىرىدەك ۋىڭىلداپ، ئەتراپقا دەھشەت سالمىغانمىدى؟ بۇ بورانلار سوقماقتا تېخى، بەلكى يەنىمۇ سوقار...
ئەجىبا! شۇنچە بورانلار بۇ قارا بولۇتلارنى نېمىشقا سۈپۈرۈپ تاشلىيالماس، نېمىشقا بۇ قارا تۈن پەردىسىنى يىرتىۋېتەلمەس، نېمىشقا؟
قاچان بىزگە تاڭ ئاتار؟ ئېيتقىنا، قاچان؟
بىلىمەن، بوران سوقماقتا، بوران.
بىراق، قورقىمەنكى، بۇ بوران توختاپ قالمىغاي دەپ، يەنە بىزگە تاڭ ئاتماي قالمىغاي دەپ.
ئېيتقىنا، بىزگە تاڭ ئاتامدۇ _ يوق؟ ئۇ قاچان ئاتىدۇ؟ قاچان، ئۇ تاڭ قايسى تەرەپتىن يورۇپ، قايسى تەرەپتىن بەخت تۇغار؟
دولقۇنلۇق دېڭىزدىن جۇشقۇن بىر سادا كەلدى:
_توختا، ئەنە، تاڭ ئېتىشقا ئاز قالدى. تاڭ كۈنچىقىشتىن ئاتىدۇ، ئەمما يەنە كۆپ چېلىش بورانلىرى سوقسۇن!

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

48

يازما

163

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 927
يازما سانى:
48
تىللا:
115
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

جانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-5-20 13:37:38 | ئايرىم كۆرۈش
   بىرخىل  مەنىلىك ھە....  
ھەممە ئۆز ئەسلىگە تەبئىيلىكىگە قايىتقانغا ئوخشاش  ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ  تۇپراققا قايتقىچىدۇر———شەجەرىم.

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-5-20 15:02:25 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى ئەسەر بىلەن يەنە ئۇچراشقىنىمدىن بەكلا خۇش بولدۇم......رەھمەت سىزگە
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-5-21 10:46:12 | ئايرىم كۆرۈش
مەرھۇم ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر  ئەپەندىنىڭ ئەسىرى ئىكەندە ،  يوللىغىنىڭىزغا  كۆپ رەھمە ت!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 09:27 , Processed in 0.137320 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش