ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 338|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كىشلىك تۇرمۇشتا چوقۇم تەدبىرلىك بولۇڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارتىس119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-25 19:32  

                كىشلىك تۇرمۇشتا چوقۇم تەدبىرلىك بولۇڭ

               
  بۇرۇن مېيگۇڭ دەرياسىنىڭ سۈيى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كېمىلەر ئۇياق-بۇياققا قاتناپ مال ۋە ئادەملەرنى توشۇيدىكەن.دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىن بۇ تەرىپىگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن 40 كۈن كېتىدىكەن. كېمىچىلەر ئىچىدە بىر قارا نىيەت كېمىچى بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ياللاپ ئىشلىتىدىكەنۇ، ياللانغۇچىلارغا تاماقتىن باشقا ئىش ھەققى بېرىشنى خالىمايدىكەن.

بىر قېتىم بۇ قارا نىيەت كېمىچى دۇڭلى ئىسىملىك يىگىتنى ياللاپتۇ.كېمە پىرىستاندىن يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا كېمىچى دۇڭلىغا:

-يىگىت، بۇيەردە توخۇ ئەرزان، ئۇ تەرەپتە توخۇ بەك قىممەت، سەن بىر توخۇ ئېلىۋال، ئۇ تەرەپكە بارغاندا سېتىۋەتسەك كۆپ پايدا ئالالايسەن،- دەپتۇ. دۇڭلى «بۇ كېمىچى خېلى ئاق كۆڭۈل ئادەمدەك قىلىدۇ» دەپ ئويلاپ، ئىككى توخۇ سېتىۋېلىپ، كېمىگە ئېلىۋاپتۇ.

20 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كېمە نىشانغا يېتىپ بېرىپتۇ ۋە ھېسابات قىلىنىپتۇ.

-بۇ سەپەردە سېنىڭ ئىش ھەققىڭ ئۈچۈن 12 تەڭگە بېرەتتىم. لېكىن، سېنىڭ ئىككى توخۇيۇڭ نۇرغۇن يەم يېدى، يەنە ئىككى توخۇنىڭ كىراسىنى قوشساق جەمئىي16 تەڭگە بولىدۇ. شۇڭا، سەن ماڭا تۆت تەڭگە بېرىشىڭ كېرەك،-دەپتۇ كېمىچى.

دۇڭلى ئىش ھەققى ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە كېمىدىن قوغلاپ چۈشۈرۈلۈپتۇ. ئۇ ئىككى كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىر بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ ۋە قارا نىيەت كېمىچىگە تاقابىل تۇرماقچى بوپتۇ. دۇڭلى بازاردىن ئوپمۇئوخشاش شەمشەردىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، قوينىغا تىقىۋاپتۇ، ئاندىن پىرىستانغا بېرىپ، كېمىچىگە قايتىدىن ياللانماقچى بوپتۇ.

بۇ ۋاقىتتا كېمىچى دەل كېمىسىگە ماللارنى قاچىلاپ بولۇپ، ئادەم ياللاي دەپ تۇرغاچقا، دۇڭلىنى قايتىدىن ياللاپتۇ.

بۇ قېتىم كېمىچى دۇڭلىغا:

-يىگىت بۇيەردىن ئىككى دانە ئۆردەك سېتىۋالغاچ كەتكىن، ئۇ تەرەپتە ئۆردەك ناھايىتى قىممەت، بىراق بۇ قېتىم ئۆردەككە يەم پۇلى ۋە كىرا ھېسابلىمايمەن،-دەپتۇ. دۇڭلى ئۇنىڭ دېگىنىنى قىپتۇ.

كېمە مېيگۇڭ دەرياسىدا10كۈن مېڭىپتۇ.دۇڭلى قوينىدىكى شەمشەردىن بىرنى چىقىرىپ قەستەن ئۆرۈپ-چۆرۈپ ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ.شەمشەرنىڭ سېپى ساپسېرىق بولۇپ، تىغى ۋالىلداپ پارقىراپ تۇرىدىكەن. كېمىچى بۇ شەمشەرنى كۆرۈپ باقماقچى بوپيۇ. دۇڭلى قەستەن تەمتىرەپ كەتكەن بولۇپ، شەمشەرنى دەرياغا چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. كېمىچى ئىنتايىن قارا نىيەت بولغاچقا، شەمشەرنى قولغا چۈشۈرۈشنى ئويلىغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن كېمىچى دۇڭلىغا دەرياغا چۈشۈپ شەمشەرنى تېپىپ چىقىشنى ئېيتىپتۇ. دۇڭلى كېمىنىڭ قىرىغا بەلگە سېلىپ قويۇپ:

-بۇيەردە سۇ ناھايىتى شىددەتلىك ئېقىۋېتىپتۇ، كېمە پىرىستانغا بارغاندا مۇشۇ بەلگە بويىچە دەرياغا چۈشۈپ ئىزدەپ تاپىمەن،-دەپتۇ.

كېمە مېڭىۋېرىپتۇ. شەمشەر چوڭقۇر دەرياغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. كېمىچى ئۇ شەمشەرنى تېپىپ چىقالمايدۇ، دەپ ئويلاپ:

-يىگىت، بىز باغلىشايلى، ئەگەر پىرىستانغا بارغاندىن كېيىن شەمشەرنى تېپىپ چىقالىساڭ ئۈچ يىللىق ئىش ھەققى بېرىمەن. ئەگەر تېپىپ چىقالمىساڭ بۇ قېتىمقى ئىش ھەققىڭ، ئىككى ئۆردەك مېنىڭ بولىدۇ، يەنە ماڭا ئۈچ يىلغىچە بىكارغا ئىشلەپ بېرىسەن، قانداق، بولامدۇ؟-دەپتۇ،

-ئەمىسە كېلىشتۇق،-دەپتۇ دۇڭلىمۇ.

كېمە پىرىستانغا بارغاندىن كېيىن دۇڭلى بەلگە سېلىپ قويغان جايدىن سۇغا سەكرەپتۇ.بىردەمدىن كېيىن دۇڭلى بىر قولىدا شەمشەرنى كۆتەرگەن ھالدا سۇدىن چىقىپتۇ ھەمدە كېمىگە چىقىپ كېمىچىنىڭ گېلىغا شەمشەرنى تەڭلەپتۇ.كېمىچى قارىسا، دەل ھېلىقى ساپلىرى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان شەمشەر دۇڭلىنىڭ قولىدا تۇرغۇدەك.

كېمىچى ئۆزىگە قاراپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئالدىدا گېپىدىن يېنىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، دۇڭلىغا ئۈچ يىللىق ئىش ھەققى بېرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.

دۇڭلى ئىككى ئۆردەكنى كۆتۈرۈپ، ئۈچ يىللىق ئىش ھەققىنى ئېلىپ، خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆيىگە راۋان بوپتۇ.


  مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-27 18:12:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دىگەن شۇ دە .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-16 13:31:40 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارتىس119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-16 13:39  

مەن زادى «مەن» بولالماي كەلدىمغۇ ھەجەپ
قىينارمەن دائىم «مەن» ئۈزۈمنى قاتتىق سوراقلاپ.
قول ياندۇرۇپ تۇرساممۇ ھاياتنىڭ بۇ قىسمەتلىرىگە،
بەك قاتتىق تېگىدۇ يۈز-كۆزۈمگە شاپىلاق-كاچاتلاپ.
«مەن» بولاي دەپ يۈرسەممۇ قالىمەن بەزىدە ھەجەپ تېڭىرقاپ
.....ئارتىس119*
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:49 , Processed in 0.146646 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش