
ئەسسالام دەپ ئاستا ئېگىلىپ،
ئالدىڭلارغا سالامغا كەلدىم.
ئالتەيۈز قىرىق ئەزا ئىچىدىن،
كىملەر باردۇ؟ بىلەي دەپ كەلدىم.
(1)
دىلشىر ئىدى بېكەت باشلىقى،
بارئىكەندۇق خېلى ئاچچىقى.
قولۇمدا بار بىر پىيالە چاي،
باشلىققا چاي سۇناي دەپ كەلدىم.
تىلسىم ئۆزى تىرىشچان بالا،
يوقاپ كەتتى باقتىمۇ كالا؟
بالا ھامان ئىشلىرى چالا....
چالىسىنى بىلەي دەپ كەلدىم.
 مۇناجات ئۇ ئۆزى بەك تەمكىن،
ئاڭلىشىمچە بوپ قاپتۇ غەمكىن.
نىمە دەرتلەر يەتتى باشىغا؟
دەرتكە دەرمان بولاي دەپ كەلدىم.
شاكىلات قىز ،ئەي شاكىلات قىز،
سىزگە ئامراق ئىدىم بىلەمسىز؟
تور يوق ئىدى دەپلا يۈرەمسىز؟
كۆرگۈم كەلگەن كۆرەي دەپ كەلدىم.

بىلگيار ئۇ ئىمتىھان بىرىمىش،
دېڭىزلاردىن ئۈنچە سۈزىمىش.
سەبىر "كاككۇك سايرىغان "باغدا،
ھەر تەرەپتە تېنەپ يۈرىمىش..
ھەممىسىنى يىغاي دەپ كەلدىم.
(2)
تۇمارىس قىز قېنى ئۆزىڭىز؟
زۇكاملاردىن ساقايدىڭىزمۇ؟
ساۋاقداشنى تاشلاپ ئەسكى قىز،
نەنەلەرگە تارقالدىڭىزمۇ؟
كۈلكەم كۈلكەم ئاي كۈلكەم،
سۆزى تاتلىق بال كۈلكەم.
ھىكايىچى ،نەسىرچى،
چېچى قىرىق تال كۈلكەم.
ئىمتىھاننى تېز بىرىڭ،
ھەممىسىدە يۈز ئېلىڭ.
(بولمىسا تاياق يەيسىز  )

مۇنبىرىمىز گۈلىدۇر كەچۈر،
قولى گۈلدۇر ،ئۆزىمۇ بىر گۈل.
تاتلىق سۆزى ،يازغان شېئىرى،
كۆيدۈرىدۇ بىزنى قىلىپ كۈل.
كەچۈر ،كەچۈرھەي ئوماق كەچۈر..
كۈلۈپ ئۆتكىن قاقاھلاپ سەن كۈل!

باشلىرىنى سېلىپتۇ تۆۋەن،
ئۆزى دەرتمەن ، مارشال ئۇكام.
يوقاپ كەتتى مۇنبەر يۈزىدىن،
بىلەلمىدۇق يۇقتىمۇ زۇكام؟
مۇسلىنە ئۇ مۇنبەر خانىشى،
ھېكايىسى يارار ھەممىگە.
مەڭگۈ مەڭگۈ سالامەت بۇلۇڭ!
كېسەل بىلەن چۈشمەڭ بەيگىگە.
دىلدوس ئىدى خۇش ئاۋاز،
ئالدىراشلا يۈرەمسىز؟
ياكى قىزلار كەينىدىن،
قوغلىشىپلا ئۆتەمسىز؟
قېنى مۇنبەر ئەھلىگە
بايان قىلىڭ دەرتلەرنى.
ھەممە بىللە ئولتۇرۇپ ،
ئاڭلايمىزغۇ دەرتلەرنى. چۈشىدىمۇ شېئىر يازىدۇ،
گۈلگە قاراپ گەپتىن ئازىدۇ.
شىئېرلاردىن ئۈنچە قازىدۇ.
كىم تاپتى ئۇ قايسى بالىدۇ؟

كۆك قەھرىدە ساماۋى ئەختەر ،
پارلاپ تۇرار كۆزنى چاقنىتىپ.
دوستلىرىڭىز كەلدى ئۆچىرەتتە،
بولدى ئەمدى يۈرمەڭ ساقلىتىپ

گۈل بار يەردە گۈلۈم بار ئىدى،
ئۇلار ئەسلى ئەمەس قوشكېزەك.
يوقاپ كەتتى ھەر ئىككىلىسى،
ئېيتىڭ ئەمدى نە قىلماق كېرەك؟

‹‹شۈكىرى›› دىدىم دەپ ناخشا توۋلاپ،
چىرايلىق قىز كۆڭلىنى ئوۋلاپ.
دېرىزىدىن،تاملاردىن مارلاپ،
شۈكرى يۈرەر قىزلاردىن زارلاپ.
 ئاقيول ئىكەن مۇنبەردە ئىسمى،
ئاقيوللارنى تىلەركەن بىزگە.
ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلغايسىز،
سالاملارنى يوللىدىم سىزگە.
كاككۇك 11 ئۆزى بىر دوختۇر، غەمسىز ئۆتكەن كۈنلىرى يوقتۇر. زەينەپ قىزدىن يۈرەر تاياق يەپ، قاراپ بېقىڭ يۈزلىرى كۆكتۇر.

دەريا بويى ،ساھلىنى بويلاپ،
ئاقتاش،كۆكتاش ئوينايلى دەپ توۋلاپ.
تۈن كېچىدە كوچىنى چارلاپ.
مۇنبەر ئىشكىنى تاپالماي تېنەپ.
يۈرگەن كىمۇ دوستلار ئېيتىڭلار
كۆكتاش ئۆزى بىلىپ قېلىڭلار

مۇنبەر قىزى شۈكرانە
مۆكۈۋالدى نەلەرگە؟
سالامىمنى مەن سىزگە،
ئەبەرتىمەن قەيەرگە؟
قىزچاق كىلىپ بىر مەھەل،
يەنە يوقاپ كىتىپتۇ.
مۇنبەردىكى دوستلارنى ،
ئۆزىگە زار ئىتىپتۇ.
ئۆزخان قېنى ؟ كۆرگەنلەر بارمۇ؟
دەرتلىرىنى بىلگەنلەر بارمۇ؟
خەتەر ئىچرە قالدىمۇ ياكى،
ھەمراھ بۇلۇپ يۈرگەنلەر بارمۇ؟

تاتلىق ،تاتلىق ئەجەپ بەك تاتلىق،
تاتلىق سۆزى،ئىنكاسى تاتلىق.
قاچانلاردا كىلۇر مۇنبەرگە؟
تاتلىق بىزگە بىرىپ بىر شاتلىق.

سەھەر قاراپ ئاسمانغا جانىمنى كۆردۈم،
يوللىرىغا تەلمۈرگەن زارىمنى كۆردۈم.
بىلمىگەنلەر بىلمىسۇن ۋاي بولدى قىلايچۇ؟
ئۆزى بىلەر كۆرگىنىمنى يارىمنى كۆردۈم.

ئاق توشقىنىم ،ئاق توشقان،
مۇنبەرگە بەك ياراشقان.
كۆڭۈللەرنى ئەپ قاچقان،
ئۆزى كەپسىز شاش توشقان.

كۈن ئارىلاپ ئوماققىنە تەبەسسۇم قىلىپ،
مۇنبەرئىچرە ئاستىغىنا سەيلە قىلىسىز.
تېمىلارغا قالدۇرماي ئىنكاسلار يىزىپ،
ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنى خۇشنۇد ئىتىسىز.
ئاتىكەم قىز سالامىمنى قوبۇل ئىتىسىز.
(بولمىسا خاپا بولىمەن  )
بۇلاق سۈيى قىشتا ھەرگىز توڭلىمايتىغۇ؟
ئېيتىڭ ماڭا بۇلاق ئەمدى كەتتى نەلەرگە؟
ئىت بېلىقى لېيىتتىمۇ سۈزۈك بۇلاقنى،
شىلدىر-شىلدىر سۈزۈك سۈيى ئاقتى قەيەرگە؟

يېڭى كەلگەن چوغدىلنى
ھەممە ياقتۇرۇپ قالدۇق.
شىئېرلىرى زەپ ئېسىل،
ئوقۇپ ئوقۇپ قانمىدۇق.
ئايدا يىلدا بىر كىلىپ ،
مۇنبەردە سالام بېرىپ.
مەۋھۇم تېما-ئىنكاسنى
تۇرمامسىز پات -پات يىزىپ؟
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي.داۋاملاشتۇرساڭلار بۇلىدۇ. |