بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يارقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-7-19 01:28
مۇھەممەتجان راشىدىن
قىسقىچە تەرجىمھالى
مۇھەممەتجان راشىدىن 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1955-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن كېيىن غولجا ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمىي مۇدىر بولغان. 1989-يىلىدىن ئىتىبارەن كەسپى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2003-يىلى 3-ئايدا ئارامغا چىققان.
كەسپى ھاياتى مۇھەممەتجان راشىدىن 1958–يىلى ئېلان قىلىنغان تۇنجى شېئىرى «ئىلى دەرياسى» بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلدى. شۇنىڭدىن بۇيان شائىرنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ھەرقايسى گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1986–يىلى «كاككۇك گۈلى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شائىر تازا قىرانىغا يەتكەن، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن جان كۆيدۈرۈپ شۇغۇللىنىۋاتقان يىللاردا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ بوران–چاپقۇنى يېتىپ كەلدى دە، ئۇ«تۆت كىشىلىك» گۇرۇھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ،ئازغىنە كەم 20 يىلغا يېقىن ئۇۋالچىلىق تارتتى. ئۇ قايتا ھايات باھارىغائېرىشكەندىن كېيىن، شېئىر ئىجادىيىتىگە يېڭىچە قىزغىنلىق بىلەن كىرىشتى، مۇھەببەت–نەپرىتى تېخىمۇ روشەنلەشتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىداخەلقىمىزنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزى كوممۇنىستىك پارتىيەگە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە، يېڭى ھايات باھارىغا بولغان مۇھەببەت خۇددى چولپاندەك چاقنىدى، گۈلخاندەك ئۇلغايدى. بۇ جەھەتتە شائىرنىڭ «مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش»، «سالام دوستلار» قاتارلىق شېئىرلىرى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە ۋەتەن توغرىسىدا يېزىلغان لىرىكىلار زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق، ھېسسىياتلىق مىسرالىرىدا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئەقىدىسىنى نامايەن قىلغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى شېئىرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل، ساددا بولۇپ، ياسالما، قوپال ئەمەس. بىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرىدا تىل مەسىلىسىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنغانلىقىنى ھەر بىر شېئىرنى ئوقۇغاندا ھېس قىلىمىز. مۇھەممەتجان راشىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە نەزەر سېلىشقا، تېمىدا كۆپ خىل بولۇشقا باشلىدى ۋە كۆپلىگەن ياخشى شېئىرلارنى يازدى. بۇ شېئىرلاردا شائىر ئۆزگىچە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شائىرنىڭ 1960- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن ياكى 1980- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن قايناق ھېسسىياتنى ئويناق تىل بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى بىلەن قەدىرلىك ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1990- يىللارغا كەلگەندە يېزىلغان شېئىرلىرى تېخىمۇ پىشقان ، پاساھەتلىك مىسرالىرى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ
ۋاي توۋا

(مۇھەممەدجان راشىدىن )
ماختا ۋىرىپ تالقاننى،
بولۇپ قالغاچ ماختانچاق. ئالغۇم كەلمەس ئاغزىمغا، ئىلانلارنى ۋاي توۋا. چۆرەمدىكى ئىشلارنى ، سۆزلەپ قويسام تۆت ئىغىز. قويارمەنمۇ رەنجىتىپ، لىۋەنلەرنى ۋاي توۋا. يىتىم-يىسىر كۆپەيدى، مودا بولغاچ ئاجىرشىش. ئەر تاللامدۇ ئايالمۇ، بىلەلمىدۇق ۋاي توۋا. يەڭگۈشلەيدۇ يىلدا بىر، بەزىلىرى ئايدا بىر. مۇبارەكلەپ تەبرىكلەپ، كىرەلمىدۇق ۋاي توۋا. ئاتمىش ياشلىق ئاياللار، ئاۋارىدۇر چاچ بوياپ. قىرىغاندا قايتىدىن ، چوكان بولدى ۋاي توۋا. بۇلبۇل دەيدۇ تورغاينى، بىلەلمىگەچ گۈدەكلەر. تۆت-بەش ناخشا ئىيتقانلار، چولپان بولدى ۋاي توۋا. سۇ ساغامدۇ ئىنەكتىن، بىلەلمىدۇق ئاياللار. سۇ تىتىيدۇ خوشنامنىڭ، ساغقان سۈتى ۋاي توۋا. يۈرمەكتىغۇ تولىسى، تاھارەتسىز ئۇلارنىڭ. كۆيدۈرمەمدۇ ئۆلگەندە، دوزاخ ئوتى ۋاي توۋا. ھاجىلارمۇ تۇتۇلدى، يۇرتىمىزدا ئاق سىتىپ. تىگىشىپتۇ ئىماننى، پۇل شەيتانغا ۋاي توۋا. ئىشەنچ قىلغان تاغلاردا، قىنى كىيىك ياتقىنى. شەك چۈشكەندەك بولدىغۇ، ئاپپاق نانغا ۋاي توۋا. خەختىن ئاشقان ئاش دەيدۇ، ئاشنى دىگەن ئەزەلدىن. ئىزدەپ تىپىپ بەزىلەر، ئىچىدىكەن ۋاي توۋا. تىككۈچىمۇ دادىسى، سورالمىدۇق تەكتىنى. بىر-بىرىگە قەغەز بۆك، تىكىدىكەن ۋاي توۋا. ئۇنۋان ئالماق ئىقىمدۇر، ئۈچيۈزكويدىن پۇل تۆلەپ. كىملەرگىدۇر يازدۇرۇپ، ماقالىنى ۋاي توۋا. تۈلكە بولدى تالايلار، يالغان ئىيتىپ بىر ئەپچىل. ئالدىغاندەك ئورماندا، خاقانىنى ۋاي توۋا. مىللىتىنى سورىساڭ، ئۇرغۇي دەيدۇ بالىلار. ئاۋارە بىز ئۇيغۇرغا، ئۈگۈتەلمەي ۋاي توۋا. ساراڭمۇ بىز ساقمۇ بىز، توختاپ قالدى قەلىمىم. بۇ ئىشلارنى يىزىپمۇ ، تۈگىتەلمەي ۋاي توۋا.
بولسۇن 
گۈل بولساڭ گۈلگە خاس پۇرىقىڭ بولسۇن ،
ئۈنەرگە كەينىڭدە ئۇرۇقىڭ بولسۇن.
ئۈلگەڭدۇر ھىممەتلىك ھەسەل ھەرىسى،
كۆل بولساڭ ،ئۈزەرگە بېلىقىڭ بولسۇن.
ئاسماندا ئاي بولغىن كۈن بولالمىساڭ،
ئىسسىقىڭ بولمىسا ،يورۇقىڭ بولسۇن.
ئاسماندا ئاي بولساڭ ئۇنۇتما يەرنى،
باي بولساڭ يادىڭدا چورۇقىڭ بولسۇن.
ئىنسانغا تەس كۈن يوق تىلەپ يېمەكتىن،
شۇندىمۇ چىرايلىق تىلىكىڭ بولسۇن .
ئىلاھىم ،بار بولغىن باي بولالمىساڭ،
بۇغدىيىڭ بولمىسا، تېرىقىڭ بولسۇن.
ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەندۇر،
شۇ سەۋەپ ئارقاڭدا قۇلىقىڭ بولسۇن.
دوستۇڭغا بېرىشكە يۈرىكىڭ تەييار،
دۈشمەنگە قولۇڭدا بويىقىڭ بولسۇن.
بارچىدىن ئۇزاقتۇر ئەتەڭنىڭ يولى،
مىنەرگە ئۈمىدلەر ئۇلىغىڭ بولسۇن.
قەدىرسىز قالغاننىڭ كۈنى قىيامەت،
سۇ بولساڭ ئارقاڭدا ئېرىقىڭ بولسۇن.
تىلىڭنىڭ تىزگىنى بېشىڭنىڭ بەختى،
قازىنىڭ بولغاندا تۇۋىقىڭ بۇلسۇن.
باتۇرغا ھەممىدىن سەگەكلىك كېرەك،
كۈندۇزمۇ ياقارغا چىرىقىڭ بولسۇن.
نۇمۇسقۇ ئىنسانغا قورقۇشتىن ئۆلۈش ،
ھوشۇڭدىن كەتسەڭمۇ تىلىكىڭ بولسۇن.
ئۆمۈرلۈك ئۆرۈلمەس مۇنار بولساڭمۇ ،
يېنىڭدا ھامان بىر تېرىكىڭ بولسۇن.
|