ھۆپۈپ رىۋايىتى
ئەي ھۆپۈپۈپ، ھۆپۈپۈپ
«موللا»مىدىڭ، بۇرۇندا؟
«ھۆپۈپ موللام»دەيدىكەن
قىزغانچۇقنى-پىخسىقنى،
ساڭا ئوخشىتىپ، كونىلا؟
مەن بوۋامدىن ئاڭلىغان
شۇ توغرىلىق ھېكايەت
ھۆپۈپنىڭ يات ئىشىدىن
قىلىپ بېرەي شىكايەت:
ھۆپۈپ بۇرۇن ئاجايىپ
موللا ئىكەن، بىلىملىك،
ئاڭا جىمى مەۋجۇدات
قىلار ئىكەن بەندىلىك...
ئۇنىڭ داڭقى-تەرىپى
تىللاردا داستان ئىكەن...
بىلىمىگە تەشنالار
كۆپ ئىكەن-چەندان ئىكەن...
ئەمما ھۆپۈپ كۈنسېرى
يۇقتۇرۇپتۇ بىر ئىللەت..
چوڭچىلىق قىپ ، ئۆزىگە
چىللاپ كەپتۇ بىر زۇلمەت...
ھۆپۈپ زەررە ئىلمىنى
چىقارمىغاچ تېشىغا...
بۇ قىلىقى، تەڭرىنىڭ-
تىگىپتۇ بەك چىشىغا...
تەڭرى ئۇنى غەزەپتە
قاغاپتىكەن بىر ئېغىر.
ئايلىنىپتۇ بىر قۇشقا
شۇ مىنۇتتا-ھايالسىز!
شۇنىڭ بىلەن بىلىمى
ئىچىدىلا سېسىپتۇ.
ئۇنى كۆرگەن خالايىق
يىرگىنىپتۇ-قېچىپتۇ!
شۇندىن بۇيان بوپقاپتۇ
ئەسكى تاملار ماكانى.
ئۆتكۈزەركەن كۈنىنى
كەسپ قىلىپ جاپانى...
ئالا بالداق پەيلىرى
ئەسلى ئۇنىڭ تونىكەن.
«ھۈپۈپۈپ كۇش» دىگىنى
بىلىم تەلەپ قىلغانغا
«ياق-ياق»دېگەن سۆزىكەن...
ئىززىتىنى بىلمىگەن
ئەنە شۇنداق خار بولۇر
ئەلگە نېپى تەگمىگەن
پۇچۇق نانغا زار بولۇر...
* * *
ئاڭلاپ بۇنى بوۋامدىن
ئويغا چۈمۈپ قالدىممەن.
قىلمىشىدىن ھۆپۈپنىڭ
چوڭقۇر ساۋاق ئالدىممەن.
ئەي ھۆپۈپۈپ-ھۆپۈپۈپ،
ئۈگەنمەيمەن سېنىڭدىن.
ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسى
ئەۋلادىمغا-ئېلىمگە
نەپ بېرىمەن بىلىمدىن!
ئاڭلىغىن جان دوستلىرىم،
قەسىمىم شۇ دىلىمدىن!
مەنبە: رىۋايەتكە ئاساسەن شېئىرلاشتۇرۇپ يېزىلدى.
|