ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 237|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مېنىڭ دوستۇم جىن (ئۆزخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

مېنىڭ دوستۇم جىن

(ھېكايە)
1

  مەن تولىمۇ ئاددى بىر ئادەم. ئاددى بولغاندىمۇ تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاۋاتقان، تۇرمۇشقا قارىتا ئانچە چوڭ، ئارۇسى، ئۆمدى ۋە ئانچە ئۇلۇغ غايىسىمۇ بولمىغان بىر ئاددى ئادەم.
   مېنىڭ كىچىك بىر بوتكا دۇكىنىم بار. مەن ھەر كۈنى بۇ دۇكاندىن كىرگەن ئازغىنە كىرىمىم بىلەن تۇرمۇشۇمدىكى ئاددى غەملىرىمنى ھەل قىلىپ كەلدىم. ئايالىمنىڭ مېنى مەڭگۈ باي بولالمايدىغان نامرات ھەم يارىماس بىر دەپ قاراپ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن دەسلەپتە بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى. ئەمما   ھازىر بۇ خىل مارافونچە تەنھالىققا كۆنۈپمۇ قالغاندەك قىلدىم. توغرىسىنى دىگەندە ھەتتا ئۆزۈممۇ ئۆزۈمنىڭ ھەر قانچە تىرىشساممۇ زادىلا بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان يارامسىز ئادەم ئىكەنلىكىمگە چىن پۈتكەندىم.
ئەسلىدە بىر نەچچە يىل ئىلگىرى خېلىلا ئۇلۇغۋار غايىلەرگە ئىگە ئىدىم. ئەمما تۇرمۇشۇمدىكى نامراتلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر مېنى بۇ گۈزەل غايىلىرىمىدىن يىراقلاشتۇرۋەتتى.
  مەن ھەر كۈنى ئەينەككە قارىسام ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن. كۆزلىرىدىن ئۆمىدسىزلىك ۋە ئازاپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان، چاچلىرى خۇددى مىڭ يىل تارغاق كۆرمىگەندەك پاخپاقلىشىپ كەتكەن. بىر چىراينى كۆرىمەن. ھەتتا دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئوڭ قولۇمنى، ياكى سول قولۇمنى كۆتۈرۈپ چاچلىرىمنى بىر سىيلاپ قويۇشمۇ مەن ئۈچۈن بىر ئەرزىمەس ئىش.
  ياتاق ئۆيۈم قالايمىقان تاشلانغان كىيىم-كېچەك، كىرلەشكەن پايپاق، يىغىلمىغان ئورۇن-كۆرپە ۋە چېچىلغان تاماكا ئۇۋاقلىرى بىلەن تولغاندى. ئىش ئۈستىلىم قالايمىقان قويۇلغان كىتاپ، دەپتەر ، قەلەم ۋە ئورگىناللار بىلەن تولغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى پۇچۇق ئەينەكنىڭ يۈزىنى بىر قەۋەت چاڭ-توزان قاپلىغاندى.
  قىز دوستۇم ئايرلىپ كېتشنى نەچچە قېتىم ئوتتۇرغا قويۇپ بولغان بولسىمۇ تارتىشىپ تۇرىۋالغاندىم. ئاكام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ياخشى ئەمەس ئىدى. دۇكان ئېچىشتىنمۇ ئىلگىركىدەك خۇشاللىق تاپالمالمايۋاتاتتىم. قىسىقىسى بۇ بۇ ھاياتتا تارتىشىدىغانلىرىم كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتاتتى.
مەن تۇرمۇشۇمدا تۇيۇقسىزلا چوڭ بىر ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ بۇ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئوڭشىلىپ كېتىشىنى، ئىشلىرىمنىڭ بىردىنلا ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئۆمىد قىلىمەن. ئەمما مەن ئەزەلدىن يۇقىرى سوممىلىق لاتارىيە بېلىتى تارتىپ باقمىدىم. قاشتاش سودىسىنى قاملاشتۇرالمايمەن. ئوغىرلىق قىلشىنى ئويلىغان بولساممۇ كېچىدە قاتراپ يۈرۈشنى ياقتۇرمايمەن. ئەلى بابانىڭ ئۆڭكۈرى ئۇچراپ قالىدىغانلىقىغا زادىلا ئىشەنچىم يوق. شوڭا تۇرمۇشۇمدا زادىلا ئۆزگىرىش بولمايتى.
  مەن دۇكان ئاچىمەن. مېنىڭ ئالدىمغا كىچىك پۇللار كېلىدۇ. مەن ئۇلارنى يىغىپ قىزىل رەڭلىك چوڭ پۇلغا ئايلاندۇرىمەن. ئاندىن ئۇنى توپ تارقىتىش ئورنىدىكى سىمىز ئايالنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇششاق-چۈششەك ماللارغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ ماللار يەنىلا كىچىك پۇللارنى ئالدىمغا تارتىپ كېلىدۇ. تۇرمۇشۇمنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنچىلىك.
  بىر كۈنى يۈرىۋاتقان قىزىم نەزىرە مېنى مەھەللىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى كەڭرى كەتكەن جىگدىلىككە ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ باھار پەسلنىڭ ئاخىرى، ياز پەسلىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرى ئىدى. ئۇ خېلى ئۇزۇندىن بىرى مېنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ باقمىغان، ئادەتتە مەن تەكلىپ قىلساممۇ يوقىلاڭ باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ چىققىلى ئۇنىمايدىغان.
  مەن ئۇنى بۈگۈن چوقۇم مەن بىلەن ئايرىلىپ كېتىدۇ. مېنى شۇنىڭغا چاقىردى دەپ ئويلىدىم. شوڭىلاشقىمۇ ئۇ يەرگە بېرىشقا ئانچە ئالدىراپ كەتمىدىم. تاماكامنى قىڭغىر چىشلەپ، ئەتراپىمدىكى ياپېشىل قوناقزارلىققلارغا، پىشىشنى كۈتۈپ تۇرغان بۇغدايلارغا، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان جىگدىلەرگە، جىگدە شاخلىرىدا توختىماي سەكرىشىۋاتقان قۇشقاچلارغا، ئاسماندىكى ھەر خىل-سەرخىل شەكىللەرگە كىرىپ ئۇچۇپ يۈرگەن بۇلۇتلارغا تىكىلگىنىمچە خۇددى ھاڭۋاقتىلاردەك ماڭدىم. قەدەملىرىم تولىمۇ ئېغىر ئىدى. بىر توشقان ئالدىمدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ يەنە يۈگۈرگىنىچە چاتقاللىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بىر توپ پاشىلار خۇددى ماڭا يول باشلىغاندەك ئىككى قەدەم ئارلىق قالدۇرۇپ ئالدىمدا ئۇچۇپ ماڭدى. قوياش خېلىلا پەسلىگەن بولسىمۇ ئوتتەك ھارارەتلىك ئىدى. مەن ئاخىرى ئۇ تۇرغان چوڭ جىگدىنىڭ ئاستىغا كەلدىم.
  -بىرەر قېتىم بولسىمۇ مەندىن بۇرۇنراق كەلسەڭ، مەنمۇ بىر ئاشىقىنى ساقلاتقاننىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ باقسام ئاسمانغا چىقىپ كېتەرمىدىم،-دىدى نەزىرە شۇ تاپتىمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىغان بىر ئوت چاقنايتى.
  -قانداق خۇشخەۋىرىڭ بار؟-دىدىم مەنمۇ چالا كۈلۈمسىرەپ.
-خۇشخەۋەرغۇ يوق. ...
-ئۇنداقتا يەنە كونا گەپنى قىلغىلى چاقىرىپسەندە،- دىدىم ئۇنىڭ گېپىنى تارتۋېلىپ،
-ئۇنداق قىلما ئەزىز،-دىدى ئۇ مەندىن ئۆتۈنگەندەك بىر ئاڭاڭدا،- مەن ھېلىمۇ كۆپ تىرشتىم. ئىككىمىزنىڭ مىجەز- خاراكتىرىمىز زادىلا ماس كەلمەيدىكەن. سەن تېخىچە ھېس قىلمىدىڭمۇ؟
-ئەلۋەتتە ھېس قىلدىم، مەن يا دەلدۈش بولمىسام،
-بىلىمەن سەن مېنى يېڭىنى تىپىۋېلىپ كونىنى تاشلدىڭ دەپ قارايسەن، ئەمما ئەھۋالىمنى بىر چۈشەنگەن بولساڭ...
-راستىمنى دىسەم مەن ئۆزۈمنىمۇ چۈشىنەلمەيۋاتىمەن.
-ئۇنداق قىلما، سېنىڭ مۇھەببەتلىك سۆزلىرىڭدىنمۇ تەگسىز بىر ھەسرەت چىقىپ تۇرىدۇ. مەن چىداپ بولالمىدىم.
-سېنىڭ ئورنۇڭدا بولسام مەنمۇ چىدىمىغان بولاتتىم. سەن تېخى ماڭا قارىغاندا خېلىلا چىداملىق ئىكەنسەن.
-بۇ نىمە دىگىنىڭ؟-دىدى نەزىرە،-مەن قانداق چىداملىق ئىكەنمەن؟
-بولدى ئارتۇق گەپ قىلىشمايلى . مەنمۇ بۈگۈن ئىددىيەمدە تولۇق تەييارلىق بىلەن كەلدىم. شوڭا نىمە گەپ بولسا دەۋەرگىن.
-كۆڭلۈمنى چۈشەنسەڭ، سەندىن ئىككى دۇنيا خۇش بولسام،- مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تولىمۇ چوڭقۇر بولغان ئىلتىجانى كۆرگەندىم. مەن كۈلدۈم، بۇ كۈلكەمگە نەچچە خىل مەنا يوشۇرۇنغاندى. نەزىرە خەنجەردەك قادىلىشلىرىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزلىرىنى قاچۇردى.
- ئايرىلامدۇق؟
-مېنى چۈشەنگىن.
-كېسەل ئەمدى ساقايمايدۇ توغرىمۇ؟
-نىمە ،- ئۇ سۆزۈمنى چۈشەنمىگەندى.
-مىھمان ئەمدى كېتىدۇ،توغرىمۇ؟،-ئۇ نىمە دەۋاتقانلىقىمنى ئەمدى چۈشەندى، قوي كۆزلىرىدە تەگسز بىر بىئاراملىق پەيدا بولدى:
-توغرا،-دىدى ئۇ بېشىنى كۆڭۈلسىز لىڭشىتىپ.
-بولىدۇ،-دىدىم ئېغىرمۇ ئەمەس، يۇمشاقمۇ ئەمەس. بىر تەلەپپۇزدا،- لىكىن مېنىڭ ئىككى تەلىۋىم بار. چوقۇم قوشۇلىسەن.
-مەيلى،-دىدى ئۇ ئىتتىكلا،-نىمە گېپىڭ بولسا دىگىن قولۇمدىن كەلسىلا...
-بىرىنجى مەن بۇ يەردىن سەندىن ئاۋۋال كېتىمەن،-دىدىم.
-ماقۇل،-دىدى ئۇ شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل بىئاراملىقتىن قۇتۇلغاندىكى ھېسياتنى كۆردۈم،- ئاخىرقىسىچۇ؟
ئۇنىڭ ئاخىرقىسىچۇ دىگەن سۆزى ماڭا خۇددى ئەزرائىلنىڭ ئاخىرقى نىداسىدەك ئاڭلىنىۋاتاتتى. مەن ئاخىرىقى تەلىۋىمنى دىدىم:
-ئىككىنچىسى، مەن سېنى بىر تەستەك سالىمەن،- ئۇنىڭ چىرايىدا شۇ ھامان بىر خىل ھەيرانلىق ۋە جىددىيلىك ئىپادىلىرى پەيدا بولدى ئەمما ئۇ يەنىلا بېشىنى ھەئە دىگەن مەنىدە لىڭشىتتى.
-قوشۇلدۇم،- مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى سەندىن قۇتۇلىدىغانلا بولسام نىمە بولسام بولاي دەۋاتقاندەك بىر ئىپادىنى كۆردۈم. ئارقىدىنلا بۇ ئىپادە بىر خىل خاتىرجەملىك ئىپادىسىگە ئالماشتى. كۆزلىرىمىز خېلى ئۇزۇنغىچە بىر-بىرىمىزگە تىكىلىشىپ تۇردى. بىر دەمدىن كىيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ‹‹ھە ›› دىگەن مەنىدە ماڭا قارىدى. مەن ئاستا ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم.
  مەن ھېس قىلالايمەن. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭغا مۇشۇنداق يېقىنلىشىشىم بولاتتى. بۇ بىر مىتىر ئارلىقىنى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا باسالايتىم . بۇ جىگدىلىكتە ئەمدى ئەسلىمە قالدۇرالمايتىم. ئەمدى بۇ جىگدىلىكتىكى قۇشقاچلار مەن ئۈچۈن ناخشا ئېيىتمايتى.
مەن قولۇمنى كۆتۈردۈم. كۆزلىرىم ئۇنىڭ كۆزىدە ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى كۆرىۋاتاتتىم. ئۇ بىردىنلا كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى. خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى ئۆلۈمگە تەييارلانغان قەھرىماندەك چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ بېشىنى كۆتۈردى.
  مەن قولۇمنى ئۇنىڭ يۈزىگە بوشقىنە تەككۈزدۈم. قوللىرىم شۇ ھامان ئوت بولۇپ ياندى. مەن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ گۈپۈلدەپ سوققان ئاۋازنى قولۇم ئارقىلىق ھېس قىلىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ نازۇك تىتىرەشلىرىنى بايقىدىم. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياشلار ئۇخچۇپ چىقتى. مېنىڭ كۆزلىرىممۇ سانسىز مارجانلارنى تۆكتى. مەن ئۇنىڭ ئۆزنى باغرىمغا بېسىشىمنى ساقلاۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ئەمما ئۇنداق قىلمىدىم. ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. ئارقامغا يېنىپلا ئورماننىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كەتتىم.
  مەن ئۇنىڭدىن بالدۇر يېنىپ كەلمدىم. ھەم ئۇنداق قىلالمايتىم.
  مەن جىگدىلىكتە تاكى قوياش ھوجرىسىغا مۈككەنگە قەدەر ئولتۇردۇم. مەن يىغلىمىدىم. كۈلۈمسىرەش ئىچىدە بەزى ئەسلىمىلەرنى قايتىدىن ۋاراقلىدىم. ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا ئۇنى كەچۈرۋەتتىم. ئاندىن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاسمانغا قاراپ چولپان يۇلتۇزنى ئىزلىدىم. ئۇنىڭ بېشىم ئۈستىدە كۈلۈپ تۇرغانلىقىنى، مەڭگۈ ماڭا مەنسۇپ بولمايدىغانلىقىنى ئويلىدىم. ئاندىن يەنە بىر كۈلۈمسىرەش ئىچىدە ئارقامغا ياندىم.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. ئەمدى ئۈستېۋېىشمغا بىر قارىسىڭىز تۇرمۇشۇمدا 、ئاجايىپ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايقىيالايسىز. مەن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ساقال ئېلىشنى خېلى كۆڭۈللۈك بىر ئىش ئىكەنلىكنى ھېس قىلدىم . كىيم كىيىشكە، ھەتتا غىڭشىپ ناخشا ئېيىتقاچ ئۈستىۋېشىمنى تۈزەشتۈرۈشكە تەخمىنەن يېرىم سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىمەن. بۇ بىر ھەپتىدە مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئارمانلىرىمغا يەتكەن ئىدىم. تۇرمۇشۇم ئاللىقاچان ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندى. تېخىمۇ ئېنىقىنى دىگەندە مەن دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئويلىغىنىنى قىلالايدىغان ئادەمگە ئايلانغاندىم. ئەمدى بۇ ھېكايىنى بىر ھەپتە ئاۋالقى ھېلىقى ئاخشامغا قايتۇرىمىز.
  شۇ كۈنى مەن ئايرلىشى ھېجرانلىرىغا لىق تويۇنغان ھالدا ئۆيگە قايتىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز يولدا قاتتىق بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ ئالدىمغا تىك موللاق چۈشتۈم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ غەزەپ بىلەن مېنى يىقىتقان نەرسىگە قارىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ بىر چالمىغا پۇتلىشىپ يىقىلغىنىمنى سەزدىم. بىر تېپىپلا بۇ جانسىز رەقىپنى يوق قىلىپ پىغانىمنى چىقىرىشنى ئويلىغاندىم. ئەمما بىر پەشۋا بىلەن بۇ چالما ئورنىدىن مىتمۇ قىلىپ قويمىدى. بىر دەمدىن كىيىن ئۇ ئاجراپ ئىككى پارچە بولدى. ئۇنىڭ ئارىسىدىن بىر خىل كۈچلۈك نۇر ئېتىلىپ چىقتى. مەن نىمە قىلىپ قويغىنىمنى بىلمەي سەل تىڭىرقاپ قالدىم. ئارقىدىن بىر تال چىراقنى كۆردۈم.
  ماڭا لاتارىيە چىقمىغاندى. ئەلى بابانىڭ سىرلىق خەزىنسىمۇ ئۇچرىمغاندى. ئەمما ماڭا ئالاۋىدىننىڭ سىھىرلىك چىرىقى ئۇچرىغاندى.
مەن ھاياجانلىق تۇيغۇسىدا مەسىت بولغان ھالدا چىراقنى يەڭگىل سۈرىتتۈم. ئەمدى قانداق ئىش بولغالىقىنى ھەممەيلەن بىلدى ھەقىچان. ئەمما مېنىڭ سىلەرگە تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە دەيدىغىمىم.  مېنىڭ كۆرگىنىم سىلەر ئويلىغاندەك ئاغزىدىن ئىس-تۈتەك، كۆزىدىن ئوت چىقىپ تۇرىدىغان، بويى ئاسمانغا تاقىشىدىغان دىۋە بولمىدى. بەلكى ئۆزۈم بولدى. مەن ئۇنىڭ ماڭا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى، بوي بەستىمىزنىڭ، چېچىمىزنىڭ، زادى ھېچقانداق يېرىمىزدە ئوخشىمايدىغان تەرىپىمىزنىڭ بارلىقىنى سەزمىدىم. مېنىڭچە ئاناممۇ بىزنى ئايرىيالمايتى.
-كىمسەن؟-دىدىم بىر دەمدىن كيىن ئېسىمگە كېلىپ.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-دىدى ئۇ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئۆلچەملىك سالام قىلىپ.
-كىمسەن دەيمەن؟
-مەن دىگەن سەن،-دىدى ئۇ بېشىنى شەيتانلارچە لىڭشىتىپ.
-مەن...
-ئەلۋەتتە، قانداق ئۆزۈڭنى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتامسەن،- ھې ھې ھې ،-ئۇ ئىڭىكىنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى.
-شۇنداق،-دىدىم تېخىمۇ ھەيران بولۇپ،- سەن...
-بولدى. تولا سەن مەن دەۋەرمىسەڭچۇ، ساڭا مىھمانمەن، مېنى ئۆيۈڭگە باشلىغىن-دە. قالدى ئىشلارنى ئاستا-ئاستا مۇڭدىشىۋالمامدۇق.
-ياق،-دىدىم،-سەن ئالۋاستى ياكى ئېزىتقۇ،-مەن ئۆزۈم بىلگەن سۈرىلەرنى ئوقۇشقا باشلىۋىدىم. ئۇ پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى.
-سەن نىمىدىگەن كۈلكىلىك، شۇنداقلا ھاماقەت.
-نىمىلا دىسەڭ مەيلى،-دىدىم،-ئىشقىلىپ سېنى ھەرگىزمۇ ئۆيگە ئېلىپ بارمايمەن.
-بۇ سېنىڭ ئىختىيارىڭدىكى ئىش ئەمەس،-دىدى جىن باش بارمىقىدا ياق دىگەن مەنىنى شەرەت قىلىپ،- ئەمدى سەن مېنى تېپىپ ئۇيقۇمنى بۇزدۇڭ. دىمەك ئەمدى بۇ ئۆمرۈڭدە سەن بىلەن بىللە ياشاش ماڭا ۋەزىپىدۇر.
-قاق بالاغا قاپتىمەن-دە ئەمدى.
-ئوھوي بۇ ئەخمەقنى قارا،-دىدى جىن ئەتراپىمنى ئايلىنىپ سۆزلەپ،- مىليون ئادەمگە نىسىپ بولمايدىغان كاتتا ئامەت بۇ، ئەپسۇس ، بۇ قېتىم تازىمۇ كۆزى ئوچۇق كوردىن بىرىگە ئۇچرىغان ئوخشايمەن-دە كاج تەقدىرى.
-سەن مېنى تىللاۋاتامسەن؟
-نەدىكىنى، سەن قۇلنىڭ ئۆز خوجىسىنى تىللىغانلىقىنى كۆرگەنمدىڭ؟
-سەن مېنىڭ ....
-ھە،-جىن بېشىنى توغرا دىگەن مەنىدە لىڭشىتتى.
-ھەر قانداق ئارزۇيۇمنى قاندۇرامسەن؟
-پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس،-دىدى جىن مېنىڭ سەندىن ئىلگىرى 1700 خوجايىنىم بولغان. ئەمما مەن ئۇلارنىڭ پەقەت ئۈچلا شەرتىنى قاندۇرۇپ كەلگەن. سېنىڭمۇ شۇنداق...
-چۈشەندىم،-دىدىم. ئەمسە ماڭايلى. بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم.
-بۈگۈن مەن ساڭا مىھمان دىدىمغۇ؟-دىدى جىن بۈگۈن ماڭا ھېچقانداق خىزمەت بۇيرۇمايسەن. چىراقنىڭ ئىچىدە يېتىۋىرىپ ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى. بىر ئاخشام سوزۇلۇپ خاتىرجەم بىر ئۇخلىۋالاي.
-ئۆيگە قانداق كىرىمىز؟-دىدىم سەل ئەنسىرەپ،
-كالۋامۇسەن؟-دىدى جىن،- ئەجەبا مەن ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ يۈرەمدىم؟
-ھە، بولىدىكەن. ئەمسە ماڭايلى،-دىدىم ئۇنىڭغا يول باشلاپ لىكىن سەن كىنولاردىكى جىنلارغا ئوخشاش مېنى ئەخمەق قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلما.
-كىنو دىگەن نىمە،-دىدى جىن خۇشال بولۇپ،- تاماقمۇ ئۇ؟
-سەن تېخى كىنو دىگەننىمۇ بىلمەمسەن،-دىدىم ئۇنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ،-جىن دىگەن ئەقىللىق بولاتتىغۇ؟
-مەن نەدىن بىلەي،-دىدى جىن تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن،- مەن ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم چىراقتىن چىققان چېغىمدا كىنو دىگەن نەرسە تېخى كەشىپ بولمىغان.



داۋامى بار.......

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-16 22:09:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئوھوي...   يېپ يېڭى  پېچىتى بۇزۇلمىغان ئەسەرنى ئوقۇۋاپتىمەندە.  بۇ ئۆزبېكچە مىنىڭ دوستۇم جىن ناملىق كىنونىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىكەندە. لىكىن سىزنىڭ قەلەم ماھارىتىڭىز ئاجايىپ جۇمۇ.  ناھايىتى قىزىقىپ ئوقۇدۇم. داۋامىنى تېزراق يوللىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن.    بەخىت قوينىدا نىڭ ئاخىرنى چىقامايلا بۇنىڭغا چۈشۈپ كىتىپسىزغۇ؟
مەن كىم؟

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-17 00:26:30 | ئايرىم كۆرۈش
ئوھ  جىننىڭ  تىمىسىغا  كىرىپ  قاپتىمەندە   ئەتە  ئوقۇپ  ئاندىن   ئىنكاس  قالدۇراي  بىكا  كېچىدە  جۆيلۈپ  قامماي  ئەمدى ..
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-17 02:52:27 | ئايرىم كۆرۈش
زۇھەل0201 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-16 22:09
ئوھوي...   يېپ يېڭى  پېچىتى بۇزۇلمىغان ئەسەرنى ئوقۇۋاپتى ...

قانداق قىلىمەن ئىلھاملىرىم ئىچىمگە پاتمايۋاتسا
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-17 02:52:55 | ئايرىم كۆرۈش
قاھىرە يوللىغان ۋاقتى  2016-4-17 00:26
ئوھ  جىننىڭ  تىمىسىغا  كىرىپ  قاپتىمەندە   ئەتە  ئوقۇپ  ئ ...

لىكىن بۇ بىر ياخشى جىن
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
6#
ۋاقتى: 2016-4-17 21:51:18 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2016-4-17 02:52
قانداق قىلىمەن ئىلھاملىرىم ئىچىمگە پاتمايۋاتسا

قانداق قىلامىز بۇندا بېشى كېلىپ ئاخىرى كەلمەيدىغان ئىلھاملانى
مەن كىم؟

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-17 22:08:00 | ئايرىم كۆرۈش
زۇھەل0201 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-17 21:51
قانداق قىلامىز بۇندا بېشى كېلىپ ئاخىرى كەلمەيدىغان ئ ...

ئىلھامنىڭ تولىلىقىدىن قايسىنى باشتا يېزىشنى بيلمەيۋاتقان گەپ شۇ
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
8#
ۋاقتى: 2016-4-17 22:21:20 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2016-4-17 22:08
ئىلھامنىڭ تولىلىقىدىن قايسىنى باشتا يېزىشنى بيلمەيۋ ...

كەسكىن ئىش قىلىڭ.ئىشقىلىپ قاسىنى يازسىڭىز ئىشتىكراق يېزڭە . تەقەززا بوپ كەتتۇق.  ما جىننىڭكى پەيزى چىكىتىدىغاندەك قىلدۇ.
مەن كىم؟

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-4-19 23:36:34 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا  ياخشى  باشلىۋاپسز  تازا  قىزىقىپ  ئوقۇۋاتسام   تۈگەپ  قاپتۇ  دەيمەن  نىمىشقا   جېققققققققق  يوللىمايسىز   ئاخىرىچۇ  قاچان  ئوقۇشقا  مۇيەسسەر   بولامىز  
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2016-4-20 18:57:08 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
جىندىن  قورقۇپ  كىتىۋاتىمەن  ......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:54 , Processed in 0.145493 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش