بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-23 21:54
ھىجران كوچىسى
ئابدۇلمەجىد مۇھەممەت " كۈلكە "
1
مېنىڭ كۆرىۋاتقىنىم، ئاڭلاۋاتقىنىم بىر رىئاللىق، سېنىڭ مېنى تاشلاپ قويۇپ يېراقلارغا كەتكىنىڭمۇ ھەم شۇنداق، بۇ چۈشۈم بولۇپ قالغان بولسىچۇ دەپمۇ قالىمەن، لىكىن ئۇنداق بولمايدۇ - دە، چۈنكى مېنى يىغلاتقىنى قەلبىمنى چەكسىز لەرزىگە سېلىپ قىينايدىغان ئاچچىق رىئاللىق، كىچە، ھەممە...ھەممىسى ئۇيقۇدا بېراق مەنلا يالغۇز يۈرىكىمدى بارچە ئازابقا ھەمراھ بولۇپ، ئاخىرى چىقمايدىغان ھىجران كۈيىنى ئاڭلاپ ئۆز كۆلبەمدە خامۇش ئولتۇرىمەن . چىن ئاشىقلار قەيەردىلا بولسۇن . يۈرىكى بىر تۇتاش بولىدۇ، ئۇلار شۇ يول ئارقىلىق بىر - بىرىنىڭ سۆيگۈ تىۋىشىنى ئاڭلىيالايدۇ، پاك مۇھەببىتىنى ھېس قىلالايدۇ . مەن ھېس قىلىۋاتىمەن، سەن ھېس قىلالمىغانسەن بەلكىم، ئۆزۈڭمۇ شۇنداق ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ يۈرىكىڭنى ئالداۋاتىسەن، سېنى تاتلىق كۈلكىلىرى بىلەن كۈلدۈرىدىغان كۈلكەڭنىمۇ تاشلاپ يېراقلارغا كېتىۋاتىسەن، مەندىن قېچىۋاتىسەن، ساڭا چىدىماستىن ئىچىمدە قان يىغلاپ تۈگىشىپ كېتىۋاتساممۇ ماڭا قارىماستىن مەنزىلىڭنى داۋام ئېتىۋاتىسەن . مۇھەببەت گۈلىمىز توزىدى، خازانلار ئاچچىق، ئىزغىرىن شامالدا ئۇچرىماقتا، ھەممە تىپتىنىچ، ئەتراپ شۇ قەدەر غېرىب-ھە !
سۆيمىدىڭ، سۆيسەممۇ بارچە مېھرىم بىلەن،
ئازارلىق يەتتى سەندىن قىينالدى يۈرىكىم .
ياشلىرىم يالغۇزلىقىمغا ھەردەم بولدى جۆر ،
قەلبىمدە ئوت كەبى كۆيەر ساڭا نەپرىتىم .
تاشلاپ كەتتىڭ يىراقلارغا، سەن ئۈچۈن تاشلىۋىتىش، ئۇنتۇش...دېگەنلەر شۇنداق ئاسان بولدىكى پەقەت تېلېفۇندىلا " ئىككىمىز مۇھەببىتمىزنىڭ ۋېسالىغا يىتەلمەيمىز " ئەمدى ۋاز كىچەيلى، خوش دەپلا تېلېفۇننى قويىۋەتتىڭ، شۇ كۈندىن بېرى ھاياتىڭدىن مېنى چىقىرۋەتتىڭ .
مەن مۇشۇ قاراڭغۇ كۆلبەمدە ئاچچىق نىدا قېلىپ، كۆزۈمدىن چۈشىۋاتقان ياشلار بىلەن ئىغىر تىنىقلارغا ھەمراھ بولۇپ خىيالغا پاتماقتىمەن . مەن مۇھەببەتتە تۇنجى قىتىم ئازاپقا مۇپتىلا بولدۇم، ھاياتىمدا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەم تەرىپىدىن ئاخىرى چىقماس ھىجران كوچىسىغا كېرىپ قالدىم، مېنى كۈلدۈرۈپلا يۈرىدىغان، ئازاپلىرىمنى ئۆزىنىڭ تاتلىق كۈلكىلىرى بىلەن ئۇنتۇلدۇرىدىغان شۇ ئىنسان ماڭا مەن كۆتۈرەلمەيدىغان ئىغىر ئازاپنى سېلىپ قويۇپ كەتتى . مۇشۇ مۇھەببەتنىڭ ئادىللىقىمۇ ؟ مېنى ئازاپلاردا تۈگەشسۇن دەمسەن؟ ھىجران ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولسۇن دەمسەن !!!! ئەمدى ساڭا ئۆچ بولدۇم، خەير !
2 كېتىۋاتىمەن، ئىككىمىز ئايلانغان، ئەتراپى يېشىللىق بىلەن پۈركەنگەن باغچىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، ئىككىمىزنىڭ ئىزلىرى ئۆچۈپتۇ، سەن بىلەن ئولتۇرغان ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ ئورنىمۇ ئۆزگىرىپتۇ، باغچىدا ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئەسلىمە بولغۇدەك ھېچنەرسە قالماپتۇ، پەقەت قالغىنى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدكى ئاچچىق ئازاپلا قالدى خالاس . سېنى ئۇنتۇشۇم، يۈرىكىمدىن چېقىرۋىتىشىم كېرەك، لىكىن مەن ئاجىزلىق قىلدىم، ئۇنتۇش ئۈچۈن تەكرار-تەكرار تېرىشقان بولساممۇ ئۇنتۇيالمىدىم، يەنە ئەسلەپ قالدىم سېنى، مۇنداقلا قېلىپ ئىيتقاندا سېغىنىپ قالدىم ...
ئۇنتۇلسىمۇ ھاياتىمدىكى ھەممە نەرسە، تۇنجى سۆيگۈم پەقەت ئۇنتۇلمايدىكەن. ھىجران ئازاپلىرى يەپ تۈگەتسىمۇ مېنى، مەن سۆيگەن قىز پىراقنى چۈشەنمەيدىكەن. سېنىڭ تاتلىق كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشكەن رەسىمىڭگە قارايمەن، ھەر قىتىم قارىغىنىمدا يۈرىكىم ئاچچىق ئازاپتىن تولغىنىپ كىتىدۇ، رەسىمىڭنى قولۇمغا ئېلىپ سەندىن شۇنچە كۆپ سۇئاللارنى سورايمەن..... 《 ھەقىقى پاك مۇھەببەت مۇشۇنداق ئازاپمۇ؟ 》 سەن مېنى ئازاپلاش ئۈچۈن ياخشى كۆرگەنمىدىڭ ؟ .....مېنى ھەقىقى مۇھەببىتىڭ بىلەن ياخشى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ ..... ساڭا شۇنچە يالۋۇرغان، يېنىمىدىن كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن ئۆتۈنگەن بولساممۇ، مۇھەببەت چۆلىدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتىڭ، يۈرىكىڭدىن چېقىرىپ تاشلىدىڭ، باشقىلارغا ئورۇن بەردىڭ، ماڭا پەقەت كۆز ياشلىرىمنى ھەمراھ قىلدىڭ .
تاۋلىدى مېنى مۇھەببەتنىڭ ھىجران ئازابى، كۈلكەمگە كۆز ياشلىرىم ياندىشىپ ماڭا. شۇڭا مەن ئۈچۈن ئاچچىق بولدى بۇ ھايات، بىلەلمىدىم يىغلاپ تۇرۇپ قانداق ياشاشنى. ئارلىقنىڭ يېراق بولىشى سەۋەبلىك تاشلىۋەتتىڭ، قەلبڭگە ئورناپ كەتكەن مۇھەببىتىمنى يۈرىكىڭدىن چېقىرۋەتتىڭ، قان يىغلىدىم، لىكىن ساڭا بىلدۈرمىدىم . بىلىمەن، سەنمۇ مېنى سۆيەتتىڭ، ھېلھەم سۆيىسەن، ھىسياتسىز نىقابىڭنى كېيىۋىلىپ سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىمگە زولاۋاتىسەن، مۇمكىنمۇ ؟؟؟ ئۆزۈڭنىڭ قانداقتۇر بىر ئىشلىرىڭنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەندىن ئايرىلدىڭ، ھىسياتسىزلىق ئاستىدا ئوقچۇپ تۇرغان، دېڭىزدەك كۈۋەجەۋاتقان ھېسلىرىڭنى مەندىن يوشۇرۇپ قالدىڭ .

3 خۇشال يۈرۈشكە تىرىشقان بولساممۇ يۈرىكىمنى ئالدىيالمىدىم، مېنى قىيناۋاتقان سۆيگۈ ئازاپلىرىدىن غالىپ كېلىپ ياشايمەن دەپ ئويلايىتتم، ئۆزۈمنىڭ مەجرۇھ ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قېلىۋاتىمەن، تاسلا قالدىم يىغلىۋەتكىلى، لىكىن ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ، ' ئۆزۈمنى بەزلەۋاتىمەن . ھاياتىڭدا ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى سۆيۈپ ھەم سۆيۈلۈپ تۇرۇپ، بەخىت مەنزىلىگە بىرگە يىتەلمەسلىكتەك، ئازاپنىڭ قانچىلىك دەرد-ھەسرەتلىك بولىدىغىننى سەنمۇ ھېس قىلغانسەن بەلكىم . كېتىپ قالدىڭ يايرىم يېراققا، مەن يىغلاپ قالدىم پېراقتا. قىيالماستى خۇش دېدىم ساڭا، بىلسەڭ يەنە كۆيىمەن ساڭا. يېراقلارغا كېتىۋەر، دەرەختىن چۈشكەن قەدىرسىز يوپۇرماقتەك ئىزغىرىن شامالدا ئۇچۇپ يۈرەي ...
4
كۆزلىرىمدىكى ئاشۇ قىرتاق ياش، يۈرەك ئازابىمنىڭ شاھىدى . قەلبىمدىكى ھىجران ، سېنىڭ ماڭا قىلغان يالداماڭ . قەلبىمدىكى ئاچچىق قۇر سېنىڭ نەتىجەڭ . مەن بەكمۇ غېرىب، سەن پەرۋاسىز، مەن بەكمۇ بىچارە، سەن بەكمۇ بىپەرۋا، مەن بەكمۇ يىغلاڭغۇ، سەن شۇنچە خۇشال، سەن ھەممىدىن بىخەۋەر، كۆڭۈل ئوغرىسى، چۈنكى سەن ھېسياتسىز بىر بەندە ! ئازار يىگەن، تۇنجۇقۇپ قالغان بۇ كۆڭۈلدە نە جىلۋە، نە دىل تارىنى چەككۈدەك كۈي ياڭرىسۇن، چېقىۋاتقىنى نىمانچە ئاچچىق تىنىقلار-ھە، ئاڭلىغانسەن . يۈرەك كۈيى سەن ئۈچۈن ياڭرىغان، سەن ئۈچۈن جاھانغا تارالغان ئىدى، ھەممە بەربات بولدى، بىلسەڭ ھەممىسى بىر سەن ئۈچۈن ئىدى. قەلبىمدىكى مۇھەببەتنى چۈشەنسەڭ، سەنمۇ سۆيۈلۈشكە ھەقلىق، مەنمۇ شۇ ، مېنى ئۇنۇت دەپ يۈرىكىمگە بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيسەن، ھەم مېنى سۆيمە دىيەلمەيسەن، مەنمۇ سېنى سۆيمەيمەن دىيەلمەيمەن، بۇ پەقەت بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىكى ئوتلۇق ھېسلىرىمىزنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانلىرى... مۇھەببەت ئۈچۈن ھىجران كوچىسىغا كېرىپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ سېنى سۆيىمەن، ئىسىڭدە بولسۇن، مەن سېنىڭ "كۈلكەڭ" كۈلۈپ ياشايمەن، ھەم شۇنداقلا ساڭىمۇ "كۈلكە" بىرەلىسەم دەيمەن ...
2015.12.15
ئەسەر پەقەت ئوقوغۇچى مۇنبىرىغىلا مەنسۇپ، باشقا مۇنبەرلەردە تارقىتىلمايدۇ .
|