بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-18 19:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن! 12-سان تەلەي يۇلتۇزى پىروگىراممىسىغا جاۋاپ بىرىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى بىلگۈڭىز كىلىۋاتىدۇ ھە؟ ئاۋال جاۋاپلار بىلەن ئورتاقلىشايلىمۇ؟قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تېمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن ...
12-سان سۇئاللىرىمىزنىڭ جاۋابى ھۇزۇرۇڭلاردا "
1-سۇئال: ئۇيغۇر تۇپراقلىرىغا قايتىپ قىزىمنى ئېلىپ ئەڭ ئاۋۋال بارغان يەرلىرىم مەسجىد ۋە جامەلەر بولدى. ھەممە يەردە قىزىمنىڭ ئاللاھنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن قوغلىنىشى بىزگە ئېغىر كەلدى..........
بۇ پارچە قايسى تېمىدىن ئېلىنغان؟شۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ ،ئۆزىڭىزنىڭ "تەلەي يۇلتۇزى"غا جاۋاپ يازغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ. بۇ پارچە ئابدۇۋېلى ئايۇپ گۈلەن يازغان "قىزىم ھەيرانە ھەيرانە"دىگەن ماقالىدىن ئېلىنغان.
2-سۇئال: ئىككى يىل بولدۇق بىز پەقەت بىر تىزىق... بۆلۈنمەي، ئۆكۈنمەي ياشىدۇق مەردان. تەبرىكلەر ھەممەيلەن، يۈرەك سۆزى جىق، تويلىرىڭ تويلارغا ئۇلاشقاي ھەر ئان. ئىككى يىل گۈل تىزدۇق كۆڭۈللەرگە لىق، سەمەرەڭ ئىنتىھا بولغۇسى بوستان.
بۇ شېئىر مۇنبىرىمىزدىكى ئەلبۇم يازغان بولۇپ :
ئىككى يىل گۈل تىزدۇق كۆڭۈللەرگە لىق
(مۇنبىرىمىزنىڭ ئىككى يىللىقىغا قۇت بولسۇن)
3-سوئال: ئەل-يۇرت توغرىسىدىكى ماقال-تەمسىلدىن بەشنى يېزىپ بېرىڭ. 1.ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە،
سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
2.ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا ،
رەڭگى -رويىڭ سامان بولماس.
3.كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
3.ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە،
كېچە -كۈندۈز غېمىنى يە.
5.يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس،
ئىناق ئەل ۋەيران (بولماس).
4-سۇئال: ئەڭ گۈزەل تىلەكنى قالدۇردۇم ساڭا -----------------------
بۇ مىسرانى داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ.
ئەڭ گۈزەل تىلەكنى قالدۇردۇم ساڭا،
گۈلدەك خۇشپۇراق ئىچىلسۇن بەختىڭ.
بارچە ھەسرەتلەرنى مەن ئىلىپ قالاي،
خۇرسەنلىكتە يورۇق چاقنىسۇن تەختىڭ.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەزالارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
|