- جۇغلانما
- 273

بايلىق- 215 دانە
شۆھرەت- 5 سەر
ئوقۇغۇچى
|
ئەسىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، ياخشى ئەسىرىڭىزگە مىڭ تەشەككۈر، سىزدەك ۋاپادار يىگىتنىڭ ئاتا ئانىسى بولمىش قەدىردانلىرىمىزغىمۇ مىڭ -مىڭ تەسەننا . ئانىلارنى بىر قولىدا دۇنيانى بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرىتىدۇ دەپ تەرىپلەشتۇق، ئەمما چوڭ بولىۋىلىپ كىچىككىنە ئاق قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك بولغاندا، بىزنى دۇنيا بىلەن تەڭ تەۋرىتىپ چوڭ قىلغان ئانىمىزغا قارا قوي كۆزلىرىمىزنى ئالايتتۇق، بىزئۈچۈن ئىيتقان سۆزلىرى قۇلاققا ياقمىدى، قان تەر بەدىلىگە ئوقۇتۇپ ئۆزىمىزنىڭ يولىنى ماڭغىدەك قىلىپ قويغاندا ، ئويۇن تاماششاغا ۋاقىت چىقارساق چىقاردۇقكى، بىر ئاش پىشىم ۋاقىت چىقىرىپ جان ئانىمىزنىڭ مىھىرلىك قوللىرىدا ئەتكەن تاماقلىرىنى يىگەچ ھال مۇڭ بولماستىن ، تىلفۇنىمىزنى كۆتەرگەن پىتى قاتار چاي ،تۇغۇلغان كۈن ، يەنە ئاللىقانداق ئەھمىيەتسىز ، رەڭلىك ئولتۇرۇشلارغا چاپتۇق، توي قىلغاندىن تارتىپ تا بالىمىز يەسلىگە كىرگىچە ئانىمىزنى ھىلى يامانلاپ كەتكەن ئايالىمىزنىڭ كەينىدىن ماڭدۇرۇپ ھىلى بالىمىزنىڭ باققۇچىسىدەك ئىشلىتىپ كۈچىنى خوراتتۇق، شۇنداق بىركۈنلەر كىلىپ ،بالىمىز چۇڭ بولغاندا، ئاتا ئانا توغۇرلۇق ئويلانغان ۋاقتىمىزدا، ئانىمىزنىڭ ئەتكەن ئۈگرە لەڭمەنلىرىنى سىغىنىپ ، دادىمىزنىڭ سالغان كۆچەتلىرىنىڭ مىۋىسىگە ،پۇشايمان ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئىغىز تىگىپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆككەن ۋاقتىمىزدا ، باشقا كۈن چۈشكەندە كۈنلۈك بولىدىغان، يىقىلغاندا يۆلەنگىلى تاغ بولىدىغان ، ئەلەم يۇتۇپ قالغاندا تەسەللى بىرىدىغان، ئاشۇ قەدىردانلىرىمىزنىڭ بىزدىن ئۇزاپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز ،ھىس قىلىمىزيۇ ئەمما كىچىكىمىز … |
|
|
|
|
|
|