ماياك ئللىقلىق فوندى پىدائىيلارئەترىتى ھال سوراش پائاليتى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى
ماياك ئىللىقلىق فوندى پىدائىيلار ئەترىتى 2015 -يىل 6 -ئاينىڭ 6 -كۈنى شەنبە گۈزەل ئالەم ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە بىر قېتىملىق "پىدائىيلاردىن ھال سوراش پائاليتى" ئۈتكۈزدى . پائالىيەت ئەھمىيەتللىك ۋە مەنىلىك ئۈتكۈزۈلدى .
پائالىيەتتە ماياك ئىللىقلق فوندى بارلىق ئالىي مەكتەپتىكى پىدائىيلاردىن ۋە گۈزەل ئالەم ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى بارلىق سېسترا يولداشلاردىن ۋە ياشانغان كىشلەردىن ھال سوردى .
پائالىيەت جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى شىمالى مەكتەپ پىدائىيلار مەسئۇلى ، ماياك ئللىقلىق فوندى تاشقى ئالاقە گۇرۇپپىسى مەسۇلى شىنجاڭ سەنئىتىم مەدەنىيەت تارقىتىش شىركتىنىڭ قۇرغۇچسى ئىلزات ئىلجان ئەپەندىم ھەرقايسى مەكتەپ پىدائىيلاردىن ھەمدە جاپاكەش سېستىرا يولداشلاردىن ۋە ساناتورىيەدىكى بارلىق ئاتا ئانىلاردىن ھال سوراش يۈزىسىدىن ھەربىر قېرنداشقا بىردىن كەشتلىك قول ياغلىق سوۋغا قىلدى .

پىدائىيلار ئىللىق باغرى بىلەن چوڭلارننى قوينىغا باسماقتا

پىدائىيلار چوڭلار بىلەن ئۇسۇلغا چۈشمەكتە

پىدائىيلىق يولىدا توختىماي كۆيۈۋاتقان قېرىنداشلار جاپا چەكىتڭلار
ئاخىرىدا گۈزەل ئالەم ياشانغانلار ساناتورىيەسدىكى بارلىق چوڭلار ۋە دوختۇر سىستىرالارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت كۈنلىرنىڭ خوشال -خوراملىق ئىچىدە ئۈتىشىنى چىن دىلمىزدىن ئۈمۈد قىلمىز . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق ئالىي مەكتەپ پىدائىيلارنىڭ بۇ مەۋسۇمدىكى پىدائىيلار خىزمىتىگە چىقارغان كۈچىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىتىمىز ، مەۋسۇملۇق ئىمتاھاندا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىنى ئۈمىد قىلمىز.
ئوقۇغۇچى تورى خەۋەرلىرى |