تۇرمۇش يولىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللايلى
نۇرئامىنەم ئالىم
بىركۈنى ، دوستۇم بىلەن بازار ئايلىنىپ يۈرەتتۇق ، توساتتىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى –مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان بىر نەچچە دوستى ئۇچراپ قالدى . دوستۇم ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقىلى تۇردى . مەن ئۇلار بىلەن تۇرىۋېرىشنى بىئەپ كۆرۈپ ، سەل نېرىراقتا ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم .
دوستۇم كەلگەندىن كېيىن ، بايىقى دوسلىرىنىڭ ناھايىتى ئويۇنچى ، كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك ئۆيلىرىگە كىرمەي ئوينايدىغان ، نەدە ئويۇن-تاماشا بولسا ، شۇ يەرگە ئۈنۈپ بولىدىغان ئەركە قىزلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى . مەن ئويلىنىپ قالدىم : ئۆيگە كىرمەي ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتسا ، بارسا كەلمەس قالايمىقان يوللاردا ماڭسا ، ئۆزىنى سورىمىسا ، ئەركە ھېسابلىنامدۇ ؟ ئاشۇ « ئەركە » بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ باغرى ، جېنى ، جاھاننىڭ گۈلى ۋە كەلگۈسى دۇنيانىڭ خوجىلىرى بولمىش ئەركەكلەرنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟ ئاشۇ ئويۇننىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىدىغان ، شانىغا داغ تەگكۈزىدىغان ، روھىيىتىنى زەئىپلەشتۈرىدىغان ، ھايات بەتلىرىنى مەنىسىز ئىللەتلەر بىلەن تولدۇرۇشقا سەۋەبچى بولىدىغان زەھەرلىك دورا ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟
توغرا ، ھازىر دەۋىر ئۆزگەردى ، جەمئىيەت تەرەققى قىلدى ، ئادەملەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ئۆستى . كىشىلەر جەمئىيەتتىكى ھەرخىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرا ۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ياشلار ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە قىز-چوكانلارنىڭ كىيىم-كېچەك ، يېمەك-ئىچمەك، يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتلەردىكى ئىنتىلىشى ، ئەمەلىي تەلەپ-ئېھتىياجى ۋە كۆز قارىشىدا ھەقىقەتەن زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى . لېكىن ، بۇ خىل ئۆزگىرىش مىللىي ئەنئەنىۋىي ئەخلاق مىزانلىرىغا ، مىللىي ، ئەنئەنىۋىي ئەخلاقنىڭ ئىلغار ئامىللىرىغا مەلۇم خىرىسلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى . ئەقەللىيسى بەزى قىز-چوكانلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىمىگە قارىسا ناھايىتى پۇزۇر ، مودا ، چاچلىرىنى بولسا شامالدا قالغان چاكاندىدەك ھەر قىسما ياسىتىۋالغان ، يۈز-كۆزلىرىنى ئالا-يېشىل بوياقلار بىلەن بويۇۋالغان . بۇ خىل ئەھۋال كىشىلەردە 21 –ئەسىر مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغۇچىلار مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ ؟ دېگەندەك نارازىلىق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئەمما ، بەزى ياشلارنىڭ ئويۇنغا شۇنداق بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ، ئاشۇ خىل ياسىنىشىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغىنى ۋە كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغىنى ئاز ساندىكى قىز-چوكانلارنىڭ زەئىپ ، خۇنۈك سىماسىدۇر .
ھېلىقى كۈنى ، دوستۇمنىڭ دوستلىرى مېنى غەلىتە ھېسلارغا چۆمۈلدۈرگەندىن باشلاپ ، مەن قىز-يىگىتلىرىمىزنى ، ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-ئاياللارنى ئالاھىدە كۆزەتتىم ، بەزىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئالاھىدە مودا قوغلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ خىلدىكى كىشىلەر جەمئىيەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن شۇنداق چىرايلىق كىيىم-كېچەكلەرنى ياراتماي ، يېرىم ئۇچۇق ئەينەكلىك رولىنى ئوينايدىغان قىسقا ۋە تار كىيىملەرنى كىيىۋالىدىكەن ؛ چاچلىرىنى كېسىپ ھەر خىل رەڭدە بوياپ «ئالتۇن چاچلىق پەرىلەر» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا ھېرىسمەن كېلىدىكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىگە يات ھالدا يۈز-كۆزلىرىنى قانداقتۇر ئالا-يېشىل بوياقلار بىلەن ھەدىدىن زىيادە بوياپ ، شەيتان سىياقىغا كىرىۋالىدىكەن . بىلسەم، بۇ ، ئۇلارنىڭ قانداقتۇر مەدەنىيەت قوبۇل قىلغىنى ، مەدەنىيەت تارقاتقىنى ، مودا قوغلاشقىنى ئىكەن ؟ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتا-ئانىلار ۋە چوڭلار ئالدىدا قىلچە ھېيىقماي ، ھەر قىسما قىلىقلارنى قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ «شادىمان بالىلار» ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن ؛ كىشىلەر بىلەن ئوچۇق-يورۇق ، ئەركىن-ئازادە ئالاقىلىشىشنى باھانەقىلىپ ، تاققا-تۇققا ، ئالا-تاغىل گەپلەرنى قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ چوڭلار ئالدىدىكى ئىززىتىنى يوقىتىپ قويىدىكەن . بەزى قىز-يىگىتلەر ئاممىۋى سورۇنلاردا ، كوچا-كويلاردا ، رەستىلەردە تەپتارتماستىن بىر-بىرى بىلەن قولتۇقلىشىپ مېڭىپ ، قولتۇقلىشىپ مېڭىش بىلەن بولدى قىلماي ، ناشايان سۆز-ئىبارىلەر بىلەن چاقچاقلىشىپ ، سەت قىلىقلارنى قىلىشىپ ، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە قالىدىكەن . مەن كۆپ ھاللاردا جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئېسىل سۈپەتلىك ، ئەخلاق-پەزىلەتلىك كىشىلەرنى كۆرۈپ ، بوۋىلارنىڭ كەمتەر ، ئېھتىياتچان بولۇش ، ئىرادىلىك ، تىرىشچان بولۇش جەھەتلەردىكى پەندى-نەسىھەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا ھېلىمۇ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىۋاتقانلىقىدىن مەغرۇرلانسام ، بەزىدە ھېلىقىدەك ئويۇنچى دوستلىرىمنى كۆرۈپ ، خىياللار قاينىمىغا غەرق بولىدىغان ، ھەتتا «تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقان» ھېلىقىدەك قىز-يىگىتلەرنىڭ «ئاشۇ خىل ئۇچۇق دەرس» لىرى دىققىتىنى تارتىپ قالغان بەزى نارەسىدە ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى نېمە بوپ كېتەر ؟ دەپ ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .
«كىيىمنى تازىلىقتا ساقلا ، ئابروينى ياشلىقتا» دەيدىغان گەپ بار . كىيىم ئادەمنىڭ سالاپىتىنى ، سالاپەت ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىنى گەۋدەلەندۈرۈپ بېرىدۇ ۋە ھەقىقى يارىشىملىق سالاپەت-ئېسىل ئالىيجاناپ پەزىلەت ، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە باشقا ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . لېكىن، ئەمدى بىلسەم ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ياشلارنىڭ «مودا» كەشلىكىنىڭ تېگىگە ئاجايىپ قاباھەتلىك چۈش يوشۇرۇنغانىكەن. مەن بەزىدە ئاشۇ ئويۇنچى دوستلىرىمنىڭ بەستىگە ، ھۆسنىگە ماس كەلمىگەن كىيىملەرنى كىيىشىپ ، يۈز-كۆزلىرىنى بويىۋالغان ھالدا قانداقتۇر كېچىلىك تۈتەكخانا ، سوغۇق ئىچىملىكخانا ، دېسكوخانا، تانسىخانا دېگەندەك ئىسىملىرى غەلىتە بولغان ھەر خىل «ئارامخانا» لار ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ، بىر-بىرىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىمەن-يۇ ، ئۇلارنىڭ قانداقلارچە ئاشۇنداق جاينىڭ مېھمىنى ، خېرىدارى بولۇپ قالغىنىنى ، شۇ جاينىڭ قانداق بولۇپ ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان ، دەردىنى چىقىرىدىغان ئورۇن بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيمەن . ئاشۇ «ئارامگاھ» لارنىڭ رەڭدار ئېلانلىرى ھەممىدىن كۈلكىلىك بولۇپ ، «قىزلاردىن پۇل ئېلىنمايدۇ ، ھەقسىز» دېيىشلىرىچۇ تېخى ؟! مۇشۇنداق بولغاچقا، ئويۇنچى دوستلىرىمنىڭ ئاشۇنداق سېسىق جايلارغا خۇمار بولۇپ قېلىشلىرى ، تېخى بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ-تالىشىپ ، سەندىن مەن قالامدىم دەپ ھۆركىرىشىپ يۈرۈشلىرى ۋە ئاشۇنداق سەت قىلىقلىرىنىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن . مەن ھەمىشە قىز دوستىنى يېتىلەپ ئاشۇندا يەرلەرگە سۆرەپ كېتىۋاتقان ئوغۇللارغا «ئەگەر سەن پۈتۈن سۈرۈك بىر ئوغۇل بالا ، ھەقىقى ئەركەك بولىدىغان بولساڭ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئاشۇ قىزنىڭ كەلگۈسى بەختىنى ، ئاشۇ قىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ۋاپادار ، كۆيۈمچان ، مېھرىبان ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلەيتتىڭ ، شۇندىلا ئۇنداق «خانا» لارغا ھەرگىز يولاتمىغان ۋە ئەپكىرمىگەن بولاتتىڭ !» دەپ خىتاپ قىلىمەن . كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ، بەزى ئوغۇللارنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ، ۋىجدانلىق ھەقىقى ئەركەكلىرىمىزمۇ ناھايىتى ئاز قالغان ئوخشايدۇ ، دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن . ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى ، بەزى ئوغۇللار تەپتارتماستىن ئۆزىنىڭ ئاچىسىدەك ، ھەتتا سىڭلىسىدەك قىز-چوكانلارغا قانات سۆرەپ ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان قىلىقلارنى قىلىپ يۈرمەكتە . تاپقان-تەرگىنىنى ئۇلارغا سېلىپ بەرمەكتە ، بەزىلەر ھەتتا ئوغرىلىق ، ئالدامچىلىق قىلماقتا . بۇنىڭ جەمئىيەتكە ، ئاتا-ئانا بولغۇچىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي ۋە روھىي بېسىمىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ .
كىتابلارنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، ئاياللار ، قىز-چوكانلارنىڭ سۈپىتى مەدھىيىلەنگەن ۋە ئۇلاردىن كۈتۈلىدىغان ئۈمىدلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېكمەتلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈمىز . ئەمما ، بۈگۈنكى دەۋىردىكى ياش ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا نەزەر سالساق ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى قىز-چوكانلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىمۇ ئايرىم ئۆزگىرىشلەر بولماقتا . «ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە ، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار بولۇپ ، بۇ سۆزدە ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئىخچام بايان قىلىنغانىدى . بىراق ، بەزى ئاياللارنىڭ دۇنيانى تەۋرىتىش تۈگۈل ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرىتىشكىمۇ ۋاقتى يوق : ئۇلار بالىلىرىنى زار-زار قاقشىتىپ ، يىغلىتىپ ، ئەرلىرىنى نارازى قىلىشىپ ، تۈگىمەس قاتار چاي ، توي-تۆكۈن چېيى ۋە قانداقتۇر مۇناسىۋەتلەردىن مېھرىنى ئۈزەلمەيۋاتىدۇ . بىكار ۋاقتىدا بولسا ، كېلەر قېتىملىق قاتار چايغا قايسى كىيىمنى كىيىپ بېرىش ، قايسى ماركىدىكىنى كىيىش ، چېچىنى قانداق پاسوندا ياسىتىش، قايسى خىلدا گىرىم قىلدۇرۇش ، دوست-دۈشمەنلىرى ئالدىدا قانداق قىلىپ «چېنىپ» قالماسلىق توغرىسىدا باش قاتۇرىدۇ : تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئېرىنى خىجىل قىلىپ ، ئاشۇ قاتار چايغا «دۈشمەننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكۈدەك» دەرىجىدە بېرىشنىڭ غېمىدە يۈرىدۇ . ئۇلار مانا مۇشۇنداق تېتىقسىز خىياللاردىن ، غەيۋەتخۇمارلىق كېسىلىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ .
تۇرمۇش يولى-مۇرەككەپ ۋە ئەگرى-توقاي؛ بۇ يولدا قانداق مېڭىش ، قانداق ئىز قالدۇرۇش ، تۇرمۇشتىن نېمىلەرنى ئېلىپ نېمىلەرنى قايتۇرۇش – ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق . جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياشلار ، ئەر-ئاياللار ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەربىيىسى ۋە يېتەكلىشى ئارقىسىدا ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغا ھالدا قەددىنى رۇسلاپ ، باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسماي ، ئازغىنە پۇل ئۈچۈن غورۇرىنى يوقاتماي ، ئۆزىنىڭ ھالال كۈچىنى سەرپ قىلىپ كىچىك بولسىمۇ ئۆز قۇربىنىڭ يېتىشىچە ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئاخىرى ئۆزىگە يارىشا كارخانىچى ۋە تىجارەتچىلەرگە ئايلىنىپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ، جەمئىيەت ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا . بىراق ، يوقىرقىدەك بىر قىسىم كىشىلەرچۇ ؟ ھورۇنلۇق ، زەئىپلىك ۋە گادىرماچ خىياللارنىڭ قاينىمىغا شۇڭغۇپ كىرىپ ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ، دەۋرىمىز ئاتا قىلىۋاتقان تىرىكچىلىك پۇرسىتىنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتمەكتە . بۇ ، ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىنىڭ ، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ جاپادىن قورقۇش كېسەللىكىگە مۇپتىلا بولغانلىقىنىڭ روشەن بەلگىسىدۇر . ئەگەر ، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ئاشۇنداق ئۆتىۋېرىدىغان ، ئاشۇ پاتقاقتىن پۇتىنى تارتمايدىغان بولسا ، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى مەنىسز ، ھايات بوستانى چۆل ئۆتىدۇ، خالاس .
دۇنيا ئادەملەر بولغانلىقى بىلەن ئاۋات ۋە گۈزەل ، دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ تەربىيىلىنىش ، تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار . شۇڭا ، خالتا كوچىغا كىرىپ قالغانلارنى ئاشۇنداقلا تاشلىۋېتىش، نېمە بولساڭ بول دېيىش ، قارىغۇنى تار يەردە قىستىغاندەك ئىش قىلىش-مېنىڭچە ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس؛ بىز ئۇلارنى بۇ يولدىن قايتىشقا دەۋەت قىلىشىمىز ، روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشىمىز ، ياردەم قىلىشىمىز ، تاكى ئۇلار ئاشۇ يولدىن ئۆزىنى تارتىپ يېڭى بىر چىقىش يولىنى تاپقانغا قەدەر ياردىمىمىزنى ئايىماسلىقىمىز كېرەك . يەنە بىر جەھەتتىن ، دۇنيادا تۈگىمەيدىغان ئويۇن يوق ، ئاشۇ «ئويۇنچىلار» مۇ ھامان بىر كۈنى ئويۇننىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ ۋە بالدۇرراق قولىنى تارتمىغانلىقىغا ، كاللىسىنى ئىشلەتمىگەنلىكىگە ئۆكۈنۈشۈپ ، تېگىشلىك جازاسىنى تارتىشىدۇ . بىراق ، ئۇچاغدا باشنى تاشقا ئۇرغان ، يىغلاپ-قاقشىغان بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈرنى ، گۈزەل ياشلىقنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ، « ئويۇنچىلار » مۇ كاللىسىنى سىلكىۋېتىشى ،مەدەنىيەتنى ھەقىقىي مەدەنىيەت مەنىسى بىلەن قوبۇل قىلىشى ، تۇرمۇش يولىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش ئۈچۈن بىلىم ئىگىلىشى ، ئاشۇ « ئارامگاھ » لارغا ، ئېھتىياجدىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك ، گىرىم بويۇملىرىغا خەجلىگەن پۇلنىڭ ، ئىسراپ قىلغان ۋاقتىنىڭ ئازراق بىر قىسمىنى چىقىرىپ كىتابخانىلارغا كىرىپ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ، ھەقىقى تۇرمۇش قاينىمىغا چۇڭقۇر چۆكۈپ ، ھالال ئەمگىكى بىلەن بېيىۋاتقانلاردىن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشى لازىم . ئەنە شۇ چاغدىلا ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىنىڭ ئاشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ ، ئۆزلىرىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ . بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى ، ئۆز قىزلىرىدەك ، ھەدە-سىڭىللىرىدەك قىز-چوكانلارغا يامان نىيەتتە قارايدىغان، قارا قولىنى سۇنۇشقا ئۇرۇنىدىغان يىگىتلەرمۇ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ناشايان ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئويلىشى ، باشقىلارنىڭ قىز-چوكانلىرىغىمۇ خۇددى ئۆز سىڭىللىرىغا ، قىزلىرىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ۋاپادار ئايالىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى ، ئۇلار كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ، كەلگۈسى ئىزباسارلارنىڭ ئانىسى ، ئۇلارمۇ گۈل-چېچەكلەرگە ئوخشاش قەدىرلىنىشى لازىم، دېگەن قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇشى لازىم . ئازغىنە نام-مەنپەئەت ، ئازغىنە پۇل ، كىچىككىنە مەقسەتنى كۆزلەپ ئۆزىنى خورىتىپ ، باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بەختىگە ئولتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك .
مەن شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدە كېتىۋاتىمەن . ئالدىمدا بىر جۈپ قىز-يىگىت ، ئۇلار كوچىدا ئادەملەرنىڭ كۆپ بولىشىغا قارىماي ، بېزەپ چاقچاق ، ناشايان قىلىقلار قوينىغا غەرق بولغانىدى . مەن ئېغىر ئۇھ تارتتىم ، ئۇلارغا قاراپ شۇنداق خىتاپ قىلدىم : ئەي ئويۇنچى دوستۇم ، ئەمدى ئويۇنۇڭنى توختات، ئەسلىڭگە قايتالمىساڭمۇ ، تۇرمۇش يولۇڭنى ئويلاپ ، كەلگۈسىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭ ھەققىدە بولسىمۇ كاللاڭنى سىلكىۋەت . زېھنىڭنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا سەرپ قىل ۋە كەلگۈسى ئانىلىق ، ئاتىلىق بۇرچۇڭنى ئۇنتۇپ قالما . سەن ئىشنى ھازىردىن ، بۈگۈنىڭدىن ، ئويۇننى توختاتقان كۈنۈڭنىڭ بىرىنچى مىنۇتىدىن باشلا . ۋىجدانىڭ بويىچە ئىش قىل ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭ ئالدىدا يۈزۈڭ يورۇق بولسۇن . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزۈڭنىڭ ئاتا-ئانا بولىدىغانلىقىڭنى ، ئاتىلىق ، ئانىلىق بۇرچۇڭنىڭ بەكمۇ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالما . سەن تۇرمۇش دالىسىدىن بىر تال گۈلگە ئېرىشەلەيسەن ۋە تۇرمۇش ئۈچۈن بىر تال گۈل تەقدىم قىلالايسەن؛ پەقەت سەندە تەۋرەنمەس ئېتىقاد ، ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچ ، ئالغا ئىنتىلىش روھى بولسىلا ، ھەر قانداق ئىشنى قىلالايسەن ، سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە مەدەتكار بول ، غەيرەت قىل . تۇرمۇش يولىدا ساڭا روھىي مەدەت ، مەسلەكداش بولىدىغان دوستلىرىڭ ناھايىتى كۆپ.
ئومۇمەن ، تۇرمۇش ، ئۇ ، رەڭدار گۈل ؛ ئۇ ، ھاياتقا ، ھەر بىر ئىنسانغا ۋە ھەر بىر مەۋجۇداتقا رەڭ بېرىدۇ ؛ شۇنداقلا ، ئۇ ھاياتتىن ، ھەر بىر ئادەمدىن ۋە ھەر بىر مەۋجۇداتتىن ئۆزىگە رەڭ ئاتا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . بىز تۇرمۇش يولىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللايلى ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرەيلى ، تۇرمۇش بېغىمىز رەڭگا-رەڭ گۈللەرگە تولسۇن ؛ بىز مەرت-مەردانە ۋە ھالال ياشايلى ، تۇرمۇش گۈللىرىنىڭ پورىكى مەڭگۈ توزىمايدىغان بولسۇن !
« قەشقەر » ژۇرنىلى 2005 –يىل . 2 –ساندىن ئېلىندى |