ناۋايىنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى
ناۋايى ھىراتتىن كەتتى، گۈلىگە قىيماي ئەمەس، بەلكى گۈلىگە زىيادە ئامراق بولغىنى ئۈچۈن كەتتى
بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى،
ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلەرى خۇمارىنى.
ئۈچ كۆرۈپ ئالدىدا جان بەرسەم شەھىدۇ ئىشقىمەن.
تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجەرى تەييارىنى.
بەش كۆرۈشمەكلىك بىلە يۈزىگە خالۇ جانغادۇر.
ئالتە كۆرگەندە تىلەرمەن قابىزۇل ئەرۋاھىنى.
يەتتە ئىقلىمدا سېنىڭدەك كۆرمىدىم نازۇك بەدەن.
سەككىز جەننەتكە بەدەل قىلغايمۇ سەندەك يارىنى.
توققۇز ئۆرگۈلسەم يېنىڭدىن، تاكى جانىم تەندە بار.
ئون قولۇم بىرلە تاۋاپ قىلسام نىگارىم يايىنى.
ئون بىر ئاي بولدى ناۋايى يارىدىن ئايرىلغالى،
ئون ئىككى ئاي – بىر يىل ئىچرە كۆرمىدىم غەمخارىنى.
ناۋايى ھاياتىغا دائىر تەتقىقاتلاردا ھازىرغا قەدەر بوشلۇق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقىنى – دەل ناۋايىنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىدۇر. شائىر نېمە ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئائىلە بەختىدىن بەھرىمەن بولالمىدى، شەرق رىۋايەتلىرىدىكى ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ يۈرەكنى لەختە – لەختە قىلىدىغان مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئۆلمەس داستانلارنى ياراتقان ناۋايى نېمىشقا ئۆزىنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشىنى سىر ھالىتىدە قالدۇردى؟... شائىر كىمنى سۆيگەن، شائىرنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلغان جانان قىزنىڭ ئىسم – شەرىپى نېمىشقا ھېچبىر مەنبەدە ئۇچرىمايدۇ؟!
بابۇر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ناۋايى پەرزەنىتسىز، ئايالسىز، بۇ ئالەمدىن يەككە – يېگانە ئۆتتى» دەپ يازىدۇ. ئەمما ناۋايىنىڭ كىمنى سۆيگەنلىكى ھەمدە نېمە ئۈچۈن ئائىلە قۇرمىغانلىقى ھەققىدە مەنبەلەردە ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرۇلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناۋايىنىڭ مىجەز – خاراكتېىرىدىكى نازۇكلۇق ۋە ئىچمايىل پىسخىكا ئۇنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە كەڭ – كۇشادە سۆز ئېچىشقا يول قويمىغان بولسا كېرەك. شۇڭا بابۇر يەنە: «ئەلىشىر بەگ نازۇك مىجەزلىكى بىلەن مەشھۇردۇر، كىشىلەر ئۇنىڭ نازۇكلىقىنى دۆلىتىنىڭ غۇرۇرىدىن بولغان دەپ بىلىشەتتى. لېكىن ئۇنداق ئەمەس ئىكەن، بۇ ئۇنىڭ تۇغما سۈپىتى ئىكەن» دەپ مەلۇمات بېرىدۇ.
ناۋايى بۇ ھەقتە ھېچبىر ئەسىرىدە ئوچۇق – ئاشكارا سۆزلىمەيدۇ. بەلكى بەزى ئەسەرلىرىنىڭ ئايرىم مىسرالىرىدا ئاز – تولا يوشۇرۇن ئىشارەتلەر بېرىدۇ، خالاس. شۇڭلاشقا ناۋايىشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل شۇغۇللانغان بەزى ئالىملار ناۋايىنىڭ مۇھەببەت تارىخى ئېھتىمال بىرەر پاجىئە بىلەن باغلانسا كېرەك دەپ قارايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، جۈملىدىن تۈركمەنلەر، تاجىكلار، ئۆزبېكلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان ناۋايى بىلەن گۈلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت پاجىئەسى تەسۋىرلەنگەن رىۋايەتلەرمۇ يۇقىرىقى پىكىرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
... سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن ئەلىشىر بىر كۈنى باغقا كېتىۋېتىپ تاسادىپىيلا بىر ئۆينىڭ ھويلىسىدا تۇرغان گۈزەل قىز – گۈلىنى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشىقى بىقارار بولىدۇ. گۈلىمۇ بۇ ياش ۋەزىرنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئەلىشىر بەگ قىزنىڭ ئاتىسىدىن نىكاھقا رازىلىق ئالىدۇ. ئەتىسى سۇلتان ۋەزىرى ئەلىشىرنى ئېلىپ شىكارغا ئاتلىنىدۇ. گۈلى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بولغۇسى ئېرى ئەلىشىرنى كۆرۈش ئۈچۈن باغنىڭ تېمىدىن يولغا قارايدۇ. دەل شۇ چاغدا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا قىزنى كۆرۈپ ئاشىق بولىدۇ ۋە ئۇنى ئەمىرىگە ئالماقچى بولىدۇ. ئەلىشىر قاتتىق ئازاب ئىچىدە ئۆز سۆيگۈسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە قىزنىڭ ئۆيىگە سۇلتاننىڭ ئەلچىسى بولۇپ بارىدۇ. قىز زار – زار يىغلاپ بىر شەرت بىلەن رازى بولىدۇ. يەنى، ئىككى خىل دورا كەلتۈرۈپ، بىرىنى ئۆزى ئىچىدۇ، يەنە بىرىنى ئەلىشىر بەگكە ئىچۈرىدۇ. بۇ دورا قىرىق كۈندىن كېيىن ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ گۈلىنىڭ جېنىنى، ئەلىشىرنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوق قىلاتتى. گۈلى ئۆلۈمىگە بەش كۈن قالغاندا ئەلىشىرنى سارايغا چاقىرتىدۇ. دەل بۇ چاغدا سۇلتان شىكاردىن قايتىپ گۈلىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ قالىدۇ. ئەلىشىر بۇنىڭدىن قاتتىق ئوڭايسىزلىق ئىچىدە قالىدۇ. قىرىق كۈن بولغاندا گۈلى ۋاپات بولىدۇ. ئوردا ئەھلى بۇ مۇسىبەتنى سۇلتان ھۈسەيىنگە يەتكۈزۈشنى ئەلىشىر ناۋايىدىن ئىلتىماس قىلىدۇ. ناۋايى سۇلتان ھۈسەيىنگە: «سەرۋىنىڭ سايىسىدە سۇلدى گۈل نە قىلماق كېرەك؟» دەيدۇ. سۇلتان بۇنىڭغا جاۋابەن: «سەرۋدىن تاۋۇت ياساپ، گۈلدىن كېپەن ئەتمەك كېرەك» دەيدۇ. ئۇلار كۆز يېشى تۆكۈپ گۈلىنى ئۇزىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەلىشىر ناۋايى ئۆمۈر بويى توي قىلمايدۇ، پەرزەنت يۈزىمۇ كۆرەلمەيدۇ.
ناۋايىنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشىگە دائىر بۇ تەسىرلىك رىۋايەت خەلق ئارىسىدىن باشقا بىر قىسىم پارىسچە قوليازمىلاردىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ رىۋايەتنىڭ ناۋايى ھاياتىدىكى رېئال كەچۈرمىشلەر بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە جىپىسلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ناۋائىشۇناسلىق ئىلمىدە ھازىرغىچە ئېنىق يەكۈن يوق.
ناۋايىنىڭ زاماندىشى ۋاسىفى بۇ ھەقتە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «ئەلىشىر ئۆيلەنمىگەنىدى، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكى زاماننىڭ ھەممە كىشىلىرىنى قىزىقتۇرار ئىدى، سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا ئەلىشىرنىڭ ئۆيلەنمەسلىكىدىكى سەۋەب – ئۇنىڭ ‹ئېتىكى پاكلىقى› ۋە نەپسانە شەھۋەتكە مەيلى يوقلۇقى، يەنى ئەخلاقىي جەھەتتىن ناھايىتى يۈكسەكلىكى، ئىلىم – پەن ۋە شېئىرىيەتكە بېرىلگەنلىكتىن بولغان دەپ قارايتتى. سۇلتاننىڭ سۆيۈملۈك خوتۇنى خەدىچە بېگىم بولسا بۇنىڭ سەۋەبىنى باشقا تەرەپتىن چۈشىنەتتى. ھەقىقەتنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خەدىچە بېگىم ئۆزىنىڭ ناھايىتى گۈزەل كېنىزەكلىرىدىن دۆلەتبەختنى ئەلىشىرنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىدۇ. ياش كېنىزەك تۈرلۈك باھانىلەر كۆرسىتىپ ئەلىشىرنىڭ ئۆيىدە تۈنەپ قالىدۇ. كېچىدە قىز ئەلىشىرنىڭ قوينىغا كىرىدۇ... دۆلەت بەختى ئەتىسى خەدىچە بېگىمنىڭ ئالدىغا خۇشال قايتىپ پۈتۈن ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىدۇ. نەتىجىدە سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ پىكرى توغرا بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەدىچە بېگىمنىڭ ئەلىشرگە بولغان ھۆرمىتى ئاۋۋالقىدىن يۈز مەرتىۋە ئاشىدۇ.
مەلۇم بولدىكى، ناۋايىنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشى ۋە خۇسۇسى تۇرمۇشىدىكى ئىنچىكە تەرەپلەر، جۈملىدىن شائىرنىڭ پۈتكۈل ئەسەرلىرىدىكى بەزىدە يوشۇرۇن، بەزىدە ئاشكارا ئىپادىلىنىدىغان مۇڭ – زار بىزگە ئۇنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسىدىن دالالەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. ناۋايىنىڭ مىجەز خاراكتېرىدىكى ئىنچىكە ئالاھىدىلىكلەر ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇشىدىكى سىرلار كەلگۈسىدە ناۋايىشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تېما سۈپىتىدە داۋاملىق تەتقىق قىلىنغۇسى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى: يۇقارىقى رىۋايەت بىلەن ئەلىشر ناۋايىنىڭ مۇھەببەت غەزەللىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇڭا يۇقارىقى مۇھەببەتلىك رىۋايەتنى راست دېيەلمەيمىز. ئۇ چاغلاردا كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ھازىرقىدەك ئاشكارا ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ بىر مىسالى:
بىر كۈنى ئەلشىر ئۇستازى جامىنىڭ ھۇزۇىغا كېلىدۇ. ئۆيدە جامى يىرىم يالىڭاچ ھالەتتە تۇرۇپ بىر بىلىكىنىڭ لوق گۆشىنى ناھايىتى ئۇزاق ئاشىقانە سۆيۈپ كېتىدۇ. ئەلىشىر بۇ ھالغا تەئەججۈپ ئىلكىدە قاراپ قالىدۇ. دەم ئۆتۈپ جامى مەستلىكتىن يېشىلگەندەك ئېسىگە كېلىدۇ ۋە خىجالەت ئىلىكىدە پەرىشانلىشىپ كېتىدۇ. ئەلىشىر سورايدۇ:
− ئۇستاز، بۇ نېمە ۋەج؟
− بايا مەن شائىرانە روھ بىلەن بىر دىلبەرگە كۆڭۈل بايان ئەيلەۋاتاتتىم.
شۇنداق، ئەينى چاغدىكى مۇھەببەت شۇنداق ھايالىق ئىدى. بۇ ھالەتتە ئەلىشىرنىڭ بېرىپلا گۈلىگە كۆڭۈل ئېيتىپ كېتىشى، گۈلىنىڭمۇ «ماقۇل» دەۋېىتىشى ناتايىن. بۇنى مۇمكىن دېگەن تەقدىردىمۇ نېمىشقا ناۋايى ئۆز ئەسەرلىرىدە ياردىن رەنجىپ، ئۇنى ۋاپاسىز، مۇھەببەتسىز، قەدىرنى چۈشەنمەس، نادان، كۆرەڭ، تەكەببۇر، ئازاب سالغۇچى، ئەتەي قېينىغۇچى سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ كېتىدۇ؟ ئەگەر ئۇ رىۋايەت راست بولسا ئىدى، گۈلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەلىشىر گۈلىنىڭ ۋاپاتىغا ئىچىنىپ پۇشايمان يېيىشى، دۇئا قىلىشى، رازى بولۇشى، كۆڭلى سۇ ئىچىشى... كېرەك ئىدى. قىسقىسى، قىيداشنىڭ ئورنىغا بىر ئۆمۈر كۈيلىشى دۇرۇس ئىدى. ئەمما غەزەللىرىدە زار تولا. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭدىن ھېچكىم ئوچۇق خاتىرە قالدۇرمىغان. بىز بۇ يەردە رىۋايەتنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز، ئەمما راستلىقىغا ئاۋاز قوشۇشتا ۋاقتىنچە بىتەرەپتە تۇرىمىز.
مىلادىيە 1500 – يىلى يازدا سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئاسترابادتا ئىسيان كۆتۈرگەن ئوغلى مۇھەممەد ھۈسەيىنگە قارشى قوشۇن تارتىدۇ. ناۋايى ھىراتتا قالىدۇ. سۇلتاننىڭ بۇ يۈرۈشى شۇ يىلى دېكابىردا ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. سۇلتان ھۈسەيىن پايتەختكە قايتىدۇ. ناۋايى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بىر توپ جامائەتنىڭ ھەمراھلىقىدا سۇلتاننىڭ ئىستىقبالىغا چىقىدۇ. يىراقتىن داقا – دۇمباقلار ساداسى ياڭراپ سۇلتاننىڭ مەپىسى كۆرۈنۈشى بىلەن ناۋايى ئالدىراش ئاتتىن چۈشىدۇ – يۇ، بېشىنىڭ قېيىپ، پۇت – قوللىرىدا ماغدۇر قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شائىر ئالدىغا بىر قانچە قەدەم ماڭمايلا يىقىلىدۇ. شۇ يىقىلغىنىچە قايتا ھۇشىغا كېلەلمەيدۇ. كېسەل سەكتىگە ئايلىنىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. بۇ دەل ھىجىرىيە 906 – يىلى 12 – جامادىيەلئاخىر، يەنى مىلادىيە ھېسابى بويىچە 1501 – يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ھىرات شەھىرى ماتەم قايغۇسىغا چۆمدى. پۈتكۈل خۇراسان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋە سۆيۈملۈك كىشىسىدىن ئايرىلدى! ئەي تۇپراق، باغرىڭدا نېمە بارلىقى نەدىن بىلىسەن؟ ئاشۇ كېچىسى بۈيۈك سەئىدلەر ۋە ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ئاشۇ قەبرە تۆپىسىدە تۈنەپ چىقتى. قارىيلار تاڭ ئاتقۇچە تىلاۋەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى... سۇلتان ساھىبقىران ئۈچ كۈنگىچە ئۇ ئەھلى دىللار باشلىقى (ئەلىشىر)نىڭ ئۆيىدە ماتەم تۇتۇپ ئولتۇردى. بىز ھەزرىتى ناۋايىنى تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۈيۈك چوققا سۈپىتىدە ياد ئېتىمىز!
− ئابلەت ئەلى تەييارلىغان
ئەسكەرتىش:سۆيگۈئىزىم سالونىدىن ئېلىندى
|