تامچىلايدۇ يۈرىكىمگە ئەقىدە
مەن ئايرىلماقچى بۇلۋاتاتتىم .بۇ مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ئەمەس، پەقەت ئۆتكۈنچى يامغۇردەك ئۆتۈپ كىتىدىغان ،ئەمما مۇھاببەتلىك يۈرەكلەرنى بىر قېتىم تىتىردىغان ،بىر -بىرگە تەشنا قەلىبلەرنى تېخمۇ چاڭقىتىدىغان پەسىل ئىدى .
شۇنداق مەن ئايرىلماقچى بۇلۋاتاتتىم ، مەن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان كىتابىمنىڭ ئارىسغا باھاردا ئېچىلغان بىر تال گۈلنى قىستۇرۇپ قويدۇم ، گۈلنىڭ ھەر بىر بەرگى بەخىتتىن دېرەك بېرۋاتقاندەك جۇلالىناتتى ،بىر بەرگى ۋىسال ،بىر بەرگى ساداقەت يەنە باشقا بەرگىلىرى قانداقتۇر مۇھاببەتنىڭ ئەڭ ئالىي مۇقامىغا يېتىدىغان خىسلەتلىرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ ئوتقاشتەك ،ياق يۈرۈكىمدەك قىپقىزىل تۇراتتى .بۇ گۈلنىڭ كىلەر يىلى باھارغىچە يەنە شۇ پېتى تۇردىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنەتتىم ، چۈنكى مېنىڭ ئوقۇغىنىم ئۇنىڭ يۈرىكى ئىدى .
مەن ئايرىلغاندا ئاچچىق ياش تۆكۈشنى ئويلاپ باقمىدىم ، چۈنكى بۇ ئايرىلىش مەڭگۈلۈك ئەمەس ئىدى ، ئەمما ئايرىلىش ئۈچۈن باسقان قەدىممنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشۋاتقانلىقنى ، بىر خىل كۈچ مېنى كەينىگە سۆرەۋاتقانلىقنى ھىس قىلدىم . ئەجىبا مۇھاببەت شۇمۇ ؟
‹‹مۇھەببەتكە ئىشەنمەيمەن ،ھەممىسى ساختا ›› دېيشىدىكەن بەزىلەر ،بىر ۋاقىتلاردا مەنمۇ شۇ توپنىڭ ئىچىدە ئىدىم ھە ؟ ئەمما ھازىر ئۇنداق دېيەلمىدىم . مۇھاببەت مەۋجۇت دىيىلسە مېنىڭ يۈرىكىمدە ھەم مەۋجۇت ئىكەن ،چۈنكى ئالىمىدەك كىچىككنە يۈرىكىم سۆيگۈ ھەققىدە ماڭا نىملەرنىدۇر شىۋىرلاۋاتتى . بۇ شىۋىرلاشلاردىن مەن مۇھاببەتنىڭ قىرتاق تەمىنى تېتۋاتاتتىم .
شۇنداق مەن ئايرىلماقچى بۇلۋاتتىم ، ئاسىي يوللار ،ئاسىي ماشىنا ماڭا ئاستا-ئاستا يىقىنلاۋاتتى ، مەن ئايرىلىشتىن بۇرۇن يۈرىكمنى ئۇنىڭ يۈرىكگە تىگشۋالدىم ، چۈنكى ‹‹يۈرەك ئوغرىسى يامان ›› دېگەن ئىدى ئۇ ماڭا ، سۆيگۈ نەقىشلەنگەن يۈرىكنى ماڭا تاپشۇرۇپ .
مەن ئايرىلدىم ،بۇ ئايرىلشىم مۇھاببىتنىڭ بىر قېتىملىق ئاچچىق سىنىقى بەلكىم . مەن ئايرىلغاندا يىغلىمدىم ،چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكى ماڭا ھەمراھ ئىدى .
مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلغان كۈن كىچىسى بىر پەرۋانىنىڭ دېرىزەمدىن ئايلىنىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقنى چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن ، مەن ئۆزۈمنى شام قىلىپ كۆيدۈرگىدەكمەن .
ئۇچ يۈرىكىم بەختىڭنى كۆزلەپ
ئۇچ يۈرىكىم ، بۈگۈن سېنى مەيلىگە قۇيۋىتەي ، پىغانلىرىڭ ئارا
ئەمەس ،خوشاللىقىڭ سايە تاشلىغان يوللار ئارا ئۇچ.
قانىتىڭنى بۇغۋالغان تارتىنچاق ھېسلىرڭنى تاشلا ، سۈكۈت قوينىغا كىرىپ كەتكەن ئارمان كەپتىرىڭ ئۈنلىسۇن بىر رەت ،سەن ئۇچقان يوللارنى كۆزلەپ .
ئۇچ يۈرىكىم ،بۈگۈن ئاشۇ جايغا بار … سۆزلىيەلمىگەن لەۋلەر پىچىرلاپلا قالمىسۇن ، ئىنتىلگەن كۆزلەردە شەبنەم يالتىرمىسۇن ھەم . تۇنۇش بىر ھىدنى شامالغا ھەدىيە قىلۋەتمىگىن ،قېنىۋال يۈركىم ،بۈگۈن سېنىڭ ئارزۇلۇق كۈنۈڭ .
ئۇچ يۈرىكىم ،سېغىنشىمنى يۈدىۋالغىن ،ھەسرىتىمنى چۆللەردە قالدۇر ،ۋىسال خېتىمنى يۈرىكمنىڭ يۈرىكىگە يەتكۈز.
ئۇچ يۈرىكىم ،قالدى مۇھاببەت ئاشۇ تۇنۇش جايدا ، تاپقىن شۇ جايدىن تېخىچە لاۋۇلداۋاتقان سۆيگۈ ئوتنى ،شۇ ئوتتا كۆيدۈر ئۆزۈڭنى ،بىر پارچە ئۆزۈڭ كەبى چوغقا ئايلان ، سىڭىپ كەتسۇن سەندىكى سۆيگۈ ،ئاسمان يۇلتۇز ئايلارغا ،دەل دەرەخ ،ئورمانلارغا ،ھەتتا بىر تال تاشقا قەدەر .
ئۇچ يۈرىكىم ،ھەممە كۆيىمەكچى سۆيگۈدىن چوغ سوراپ ،قانىتىڭغا مۇھاببەتنىڭ بىزەكلىرنى ئېسىپ قويدۇم ،ئۇنىڭدا ئۇنتۇشنىڭ سىماسىنى ،ئايرىلشنىڭ ئاچچىق قىسمىتىنى ، بولبۇل نىداھسنى ئاڭلىيالمايسەن ھەم كۆرەلمەيسەن ...
ئۇچ يۈرىكىم بەختىڭنى كۆزلەپ ،بەختىڭنى تاپقان ھامان سۇندۇرۋەتكىن بىر جۈپ قانىتىڭنى.
ئالىيە ئابلا
2015-5-6 |