ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 199|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆيۈنۈش ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مۇھەببەتنىڭ ئاساسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

                                         كۆيۈنۈش ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مۇھەببەتنىڭ ئاساسى

        كۆيۈنۈش ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مۇھەببەتنىڭ ئاساسى، ۋاپادارلىقنىڭ ئىپادىلىنىشى، قەلبلەرنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇرغۇچى ئۈزۈلمەس رىشتە بولۇپ، ئۇ ھاياتلىقنى ئەڭ گۈزەل مەنالارغا ئىگە قىلىدۇ.
        غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئېڭىمىزنىڭ كۈچىيىشى، تۇرمۇش، خىزمەت ھەلەكچىلىكىدىكى ئالدىراشچىلىق، ئۆزىمىزنىلا ئويلاش قارىشىمىزنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، بەزى كىشىلەر كۆيۈنۈشنى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تاپىدىغان ئىش، دەپ قارىماقتا، بەزىلەر ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، دەپ قارىماقتا، يەنە بەزىلەر بىكارغا ئىش قىلسا بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۇرمۇشىمىزغا ئۆزلىشىۋاتقان ياشاش ئۇسۇلىنى ھاياتلىقنىڭ ھەممىلا تەرىپىدە نامايەن قىلىپ، ئوزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى، كۆيۈنۈشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش ۋە قولدىن كەلسىلا ياردەم قولىنى سۇنۇشتەك ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىمىز ۋە ياخشى ئەنئەنىلىرىمىزدىن ياتلاشماقتا.
        يېقىندا بىر دوستۇمنى يوقلاش ئۈچۈن ئۇ تۇرۇۋاتقان ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كىرىۋىدىم، بىر بىنانىڭ ئالدىغا كىلىشىمگىلا ياشانغان بىر بوۋاي تاكسىدىن چۈشتى-دە، شوپۇر چۈشۈرۈپ بەرگەن بىر خالتا ئۇننى تۇتۇپ تۇرغىنىچە ئەتراپقا قاراپ تۇردى. ھېس قىلىشىمچە، بوۋاي ئۇننى مۇشۇ بىنادىكى مەلۇم ئۆيگە ئېلىپ چىقماقچى بولۇپ، بىرەرسىنىڭ ياردەم قىلىشىغا مۇھتاجدەك قىلاتتى. ئارىدىن بىر يىگىت ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدى، بوۋاي:
        -بالام، ماڭا ياردەم قىلىپ مۇنۇ ئۇننى ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئۆيۈمگە ئەچىقىپ بەرگەن بولساڭ...-دىدى.
        بوۋاينىڭ ئۆتۈنۈشلىرى يىگىتنىڭ "ساراڭمۇ بۇ، مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىكىنە" دىگەن غۇدىراش ئارىلاش سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتى.
        ئارىدا يەنە بىر ئوتتۇرا ياش كىشى ئۆتۈپ قېلىۋىدى، بوۋاي بايىقى سۆزىنى دەپ ئۇنىڭغا يىلىنىشقا باشلىدى.
        -ئۈچ كوي بەرسىلە ئەپچىقىپ بېرەي،-دىدى ئۇ كىشى ئالدىراشلا ئۇننى كۆتۈرمەك بولۇپ.
        -ئۇكام، بار پۇلۇمغا ئۇن ئېلىپ، ئاشقان پارچە پۇلنى تاكسىچى ئۇستامغا بېرىپتىمەن، شۇڭا...
        ئۇ كىشى قاپىقىنى تۈرۈپ:" مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىلا، مەن يا سىلىنىڭ بېقىپ قويغان بالىلىرى بولمىسام، " دەپ كايىغىنچە كېتىپ قالدى.
        بۇنى كۆرۈپ بوۋايغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى-دە، موتوسىكلىتىمنى بىر چەتتە توختىتىپ قويۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.
        -بوۋا، ئۇننى مەن ئەچىقىپ بېرەي،-دىدىمدە، ئۇننى ئۆيىگە ئەكىرىپ بەردىم. بوۋاي ماڭا رەھمەت ئېيتقاچ، بەزىلەردە مېھر-ۋاپا يوقمۇ نىمە، ھەممىلا ئىشقا پۇللا دەيدىكەن، ھەي...بۇ كىشىلەرگە نىمە بولغاندۇ دىگىنىچە ئېغىر ئۇھسىندى...
        بۇنداق مىساللار جەمئىيەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ."پۇل" بىلەن باغلانغان روھىيەتنى قانداق پاكىزلاشنى ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، باشقىلارنى ئادىمىيلىكنىڭ ۋە ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ جېنى بولغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆيۈنۈش، مېھىر-ۋاپانى ئۇنۇتماسلىق، قەدىرلەش ئارقىلىق يېتەكلىشىمىزگە، تېخىمۇ مۇھىمى، پۇلغا چوقۇنۇشنىڭ زىيادە كۈچىيىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن ئەسلىي تەبىئىيلىكتىن ياتلىشىش مەسىلىسىنى ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ تەرەپلەردىن ھەل قىلىپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى توغرا كىشىلىك قارىشى، قىممەت قارىشى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.
        كۆيۈنۈش مىننەتسىزدۇر. ئادىمىيلىكنىڭ ھەقىقىي ئىپادىلىنىشى شەرتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدۇر. كۆيۈنۈشنى بىلىش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش، شۇنداقلا كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش كىشىلەردىكى بىرخىل مۇكەممەللىكتۇر.
        كۆيۈنۈش ئۆچمەس چوغ، بۇ چوغلا ئۆز ھارارىتى بىلەن قەلبلەرنى ئۆزئارا ئىللىتىدۇ، كىشىلەرنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ، ئەڭ تەسىرلىك مىنۇتلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەربىر كۈنىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز مۇھەببەت مىلۇدىيەلىرىگە تويۇندۇرۇپ ئەڭ تەسىرلىك خاتىرىلەرنى، تارىخلارنى يازىدۇ.
        كۆيۈنۈشكە پۇل كەتمەيدۇ. پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان ياردەملەرمۇ ئەمەلىيەتتە كۆيۈنۈش ئەمەستۇر. شۇڭا دوستلارغا تەۋسىيەم شۇكى، ئەقىل كۆزىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش بىلەن ئەمەلىي ياردەم، كۆيۈنۈشلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەي، ھەقىقىي كۆيۈنۈشكە، ياردەم بېرىشكە تىگىشلىك ئىش، ئادەم، ئەھۋاللارغا تۇلۇققاندا ئىككىلەنمەي، قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىپ، جەمئىيەتنى مېھر-مۇھەببىتىمىز بىلەن ئىللىقلىققا تولدۇرايلى. بۇنداق ئىللىقلىق پۇلنىڭ كۈچىدىن نەچچە ھەسسە قىممەتلىكتۇر.

                                            "شىنجاڭ ياشانغانلار گېزىتى" دىن ئېلىندى
                                               ئەسلى ئاپتۇرى: دولقۇن تۇرسۇن
        
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-2-2 16:39:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزنى ئۇنتۇپ  قالساق بولمايدۇ .
ئىنسان دىگەن قولىدىن كىلىشىچە باشقىلارغا ياردەم بىرىشى كىرەك .
ئىسىل تىمىڭىزغا  تەشەككۈر ئۇستاز !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-2-2 19:32:25 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاۋاتىسىز ئاكا،مېھىر مۇھەببەتنى يەتكۈزۈشنىڭ شەكلى ھەر خىل بولىدۇ ئەمەلىيەتتە
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:51 , Processed in 0.124481 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش